| 
 مۇزلىدىم  
 
قامىتىم كاللەك پېتى ،جىسمىم تېشىمدا مۇزلىدىم ، 
قىسمىتىم ھەيكەل سىياق ،مەش بار قېىشىمدا مۇزلىدىم . 
 
قامچىسى قالدى قوزۇقتا كەتكەچ يىراققا جان ئاتام ، 
بىمەھەل تېنەپ چىغىر يول قىممەت يېشىمدا مۇزلىدىم . 
 
قېرىنداش ئشىقى ئاقالماي قالدى يولىدا مۇز تۇتۇپ ، 
شاھلىقىم كەتكەچ يامانلاپ ،گاداي ئېشىمدا مۇزلىدىم . 
 
مېھرى يوق ھويلام ئۈچۈن ،كەتتى چۆمىلەم  جان ئۈزۈپ ، 
تۇزى كەم بىر لوقما ئاش ،ئالتۇن چىشىمدا مۇزلىدىم . 
 
تاز دىدى تاللاپ رىئاللىق ،ئىززىتىم كەتتى سولۇپ ،  
شاھادەت ئالماي  تۇرۇپ پاينەك بېشىمدا مۇزلىدىم . 
 
دوستلىرىم بولدى گويا مەركەزدىن قاچقان يۈز سىزىق،  
ئۆتمۈشۈم ئەمەس رىۋايەت ، ئېنىق يېقىندا مۇزلىدىم . 
 
 مۈگدىسە تۇيغۇلىرىم ،نۇردا لەپىلدەر چۈشلىرىم ، 
ئويلىسام سوغۇق ھايات ، رەڭدار چېقىندا مۇزلىدىم . 
 
ھۆرمىتى يوق باغلىرىم گۈلدىن ياسايدۇ پاجىئە، 
روھلىرىم دولقۇنسىراپ ،بىر خىل ئېقىمدا مۇزلىدىم . 
 
 
ئاپتۇرى : ئابلەت مۇھەممەت باغۋەن   |