ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 1418|ئىنكاس: 25
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئىنسانلار(ئۆزخان)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

98

تېما

1143

يازما

6769

جۇغلانما

مۇنبەر شاھزادىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 84
يازما سانى:
1143
تىللا:
4825
تۆھپە:
237
جەۋھەر يازما:
6
توردا:
413 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-2

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر ئاتىسىتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

ئىنسانلار

(ھېكايە)

پەرىشتە بىلەن شەيتان ئۇچىرىشىپ قالدى.
-خوش نەگە ماڭدىڭ؟-سوردى شەيتان.
-بەندىلەرنىڭ ياخشى ئىش، خەيىرلىك ئەمەللىرىنى خاتىرلىگىلى ماڭدىم،-دەپ جاۋاپ بەردى پەرىشتە.
-ھازىرمۇ ياخشى ئەمەللەرنى قىلدىغان ئىنسانلار بارمىكەن؟-مەنسىتمىگەندەك كۈلدى شەيتان.
-ئەلۋەتتە بار، تېخى سېنىڭ يولۇڭغا ئەگەشكەنلەردىن خېلىلا كۆپ،-شەيتان بۇ گەپكە ئىشەنمىدى.
-قانداق ئىسپاتىڭ بار؟-سورىدى شەيتان.
-ئۇنداقتا مەن بىلەن ماڭ ساڭا كۆرسىتەي،-دىدى پەرىشتە. شەيتان بۇ سۆزگە قوشۇلدى. شۇنىڭ بىلەن ئىككىسى يوشۇرۇن ھالدا ئىنسانلار ئارىسىغا كەلدى. ئەلۋەتتە ئۇلارنى ئىنسانلار كۆرەلمەيتى.
چاچ-ساقاللىرىغا ئوبدانلا ئاق كىرگەن، يېشىمۇ بىر يەرگە بېرىپ قالغان بىر كىشى يول ئۈستىدە ياش بىر يىگىتتىن 1750 يۈۋەنگە بىر قوينى ئالدى،ۋە بازارغا يېتىلەپ ماڭدى.شۇ تاپتا چىڭقى چۈش بولغاندى. ئۇلار قايناق بىر مال-چارۋا بازىرىغا كەلدى . بۇ يەردە سودا قايناپ كەتكەن ئىدى. ئۇلار
-بۇ قوينى خۇدا ھەققى 2000 مىڭغا ئالغان 150 يۈۋەن پايدا بەرسەڭ ساتىمەن،-دىدى بوۋاي ساقاللىرىنى ئۇرۇق ،گۆشسىز قوللىرى بىلەن سىلاپ تۇرۇپ، شەيتان پەرىشتىگە مەنسىتمەسلىك نەزىرى بىلەن قاراپ دىدى،-مانا كۆردۈڭمۇ ئەرزىمەس نەپسىنىڭ كەينىگە كىرىپ شۇنچىلىك ئىشلارغىمۇ تەڭرىمىزنى شىرىك قىلىپ يالغان سۆزلىشىدۇ. بىر-بىرىنى ئالدايدۇ. ئۇلارنىڭ قايسى ياخشى ئەمەللىرنى خاتىرلىمەكچىسەن؟ پەرىشتە تولىمۇ ئازاپلاندى. لىكىن شەيتانغا قايىل بولمىدى. چۈنكى ئۇ يەر يۈزىدە يەنىلا ياخشى كىشىلەرنىڭ بارلىقىغا شەكسىز ئىشىنەتتى.
-ئالدىرىماي تۇر، ئىش تېخى تۈگكىنى يوق،-دىدى پەرىشتە،-يەنە قاراپ باقايلى. ئۇلار ئايلىنىپ بىر قىمار سورۇنىغا كەلدى. بىر نەچچە قىمارۋازلار دۈگىلەك بولۇپ ئولتۇرشۇپ ھەدەپ ئوشۇق ئىتىۋاتاتتى. ھەر قايسىنىڭ ئالدىدا كىرىلشىپ كەتكەن پۇللار تۇراتتى. شۇ تاپتا ئۇلار ھەممىنى ئۇنۇتقان ھالدا قىمارغا كىرىشىپ كەتكەن ئىدى. پەرىشتە بىلەن شەيتان ئۇن-تۈنسىز ھالدا ئۇلارنى كۆزىتىپ تۇراتتى. بىر دەمدىن كىيىن بويى پاكار، ۋىجىڭ بېشىدا سانىۋالغىدەك بىر نەچچە تاللا چېچى بار بىرسى ئالدىدىكى پۇللارنى ئۇتتۇرۇپ بولدى. قايىل بولماي ئۇچىسىدىكى چاپاننى ئوتتۇرغا تاشلىدى. ئۇتتۇرۋەتتى. ئارقىدىن تامبىلىنى سالدى. ئۇنىمۇ بىرلا ئېتىپ ئۇتتۇرۋەتتى. ئەمدى ئۇنىڭ ئۇچىسىدا كىر-قاسماقلىشىپ كەتكەن ئاسما مايكا بىلەن كالتە ئىشتىنلا قالغان ئىدى.
-قاسىم تاز يەنە نىمەڭ بار ، قېنى چىقار،-دىيىشتى باشقا قىمارۋازلار.
-يەنە ...يەنە...،- قاسىم تاز گەپ قىلالماي ئىككى يېنىغا قاراپ قالدى. لىكىن تىككىدەك بىر نەرسە تاپالمىدى.
-قاسىم تاز بولمىسا خوتۇنۇڭنىڭ بىر كېچىلىكىنى ...،-دەپ قالدى بىر قىمارۋاز. بۇ گەپنى ئاڭلاپ قاسىمنىڭ غۇژژىدە ئاچچىغى كەلدى بولغاي ئەسلىدىمۇ قارا چىراي تېخىمۇ قارىداپ ، كۆزلىرىگە قان تولغاندەك بولدى.
-نىمە دەۋاتىسەنۇي مەن ساڭا ئوخشاش سولامچى ئەمەس جۇمۇ؟
-ھەي تاز كىمنى سولامچى دەۋاتىسەن؟ ھېلىقى بەستىلىك يىگىت ئورنىدىن تۇرۇپ ۋىجىك يىگىتنىڭ ياقىسىدىن ئالدى. شۇنىڭ بىلەن ئىككىسى مۇشلىشىپ كەتتى. باشقىلار ئۇلارنى ئاجرىتىپ قويماقتا يوق، ئەكىسچە خۇددى بىر قىزىقارلىق ئويۇننى كۆرىۋاتقاندەك خاتىرجەم قاراپ تۇراتتى. شەيتان پەرىشتىگە ‹‹بۇنىڭغا نىمە دەيسەن›› دىگەندەك قاراپ قويدى. ئۇلار يولىنى داۋام قىلىدى. بۇ جەريانىدا ئۇلار مەسچىتلەردە ئىخلاس بىلەن ئىبادەت قىلىۋاتقان كىشىلەر توپىدىن ئۆتتى. پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئۆز ھۆنەرلىرى بىلەن مەشغۇل بولىۋاتقان كىشىلەر توپىدىنمۇ ئۆتتى. كېچلىرى دەقىقە كۆز يۇمماي ئىنسانىيەتكە بەخىت يارىتىش ئۈچۈن ئىزدىنىۋاتقان ئالىملار توپىدىنمۇ ئۆتتى. ئاقكۆڭۈل ،تىرىشچان ئۆز ئەمگەكلىرى بىلەن دۇنيا ئەھلىنى يىمەك -ئىچمەك بىلەن تەمىللەۋاتقان دىھقانلار توپلىرىدىنمۇ ئۆتتى. بۇنداق كىشىلەر ھېلىقىدەك ئازغۇن كىشىلەردىن زور دەرىجىدە كۆپ ئىدى. بۇ جەرياندا شەيتاننىڭ دېمى ئىچىگە چۈشۈپ خۇددى ئوتقا چۈشكەن قىلدەك تولغىنىپ كەتتى. ئەكىسچە پەرىشتىنىڭ قەلبى يايراپ كەتتى.
يەنە بىر قېتىم كەچ كىردى ئۇلار شەھەرنىڭ سەل چېتىگىرەك جايلاشقان بىر كوچىغا كەلدى. بۇ يەردە بىر قاتار دۇكانلار بولۇپ كۆپىنچىلىرى ھاراق -تاماكا دۇكانلىرى ئىدى. كىشىلەر ئۇ دۇكانلارغا كىرىپ -چىقىپ تۇراتتى. شەيتان بىلەن پەرىشتە كىشىلەر ئەڭ كۆپ كىرىپ چىقىۋاتقان بىر دۇكانغا كىردى. پەرىشتە شۇنىڭغا ھەيران قالدىكى بۇ يەر بىر پاھىشخانا ئىدى. ھەممە يەردىن ھاراق ۋە تاماكىنىڭ قاڭسىق پۇرىقى كېلەتتى. ھاراق بوتۇلكىسى، تاماكا قالدۇقلىرى، مىۋە-چىۋە شۆپۈكلىرى ھەممىلا يەردە چېچىلىپ تۇراتتى. ئاددى رەخىتلەر بىلەن توسۇپ قويۇلغان كىچىك ‹‹ئايرىم خانە››لەردىن ئىڭرىغان، ھاسىراشقان، پىچىرلاشقان ئاۋازلار پات-پاتلا ئاڭلىنىپ تۇراتتى. پەرىشتىنىڭ يۈرىكى ئىغىپ كەتتى. شەيتان بولسا قاقاقلاپ كۈلىۋاتاتتى. دەل شۇ چاغدا بىر ھوجرىدىن چىققان ئاۋاز ئۇلارنىڭ دىھقىتىنى بۆلدى. پەرىشتە بىلەن شەيتان ئاستا ھېلىقى ئاۋاز چىققان ھوجرىغا كىردى. يۈزلىرى يۇمىلاق، ئوتتۇرا بوي ، سەل سىمىز، ئاقپىشماق بىر قىز بۇلۇڭدىكى كارۋاتتا تۇغما يالىڭاچ ھالەتتە ئولتۇراتتى. ياندىكى ھوجرىدىن بىر ئەر بىلەن بىر ئايالنىڭ ئىنجىقلىغان ، ھاسىراشقان ئاۋازى ئوبدانلا ئاڭلىنىپ تۇراتتى.
-تىزراق بولۇڭ مېنىڭ يەنە ئىشىم بار ،-دىدى ‹‹قىز›› سەل توڭلۇق بىلەن.
-ياق مەن كەتمىسەم بولمايدۇ،-دىدى يىگىت بىر نەرسىدىن سەل ئەنسىرەپ،
-نىمىشقا ئەمدى؟
-بىلەمسىز يان ھوجرىدىكى دادام ئىكەن،-دىدى يىگىت بوش ئاۋازدا ‹‹ قىز›› قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى.
-ھە ، ‹‹ئالا ئىنەكنىڭ بالىسى چالا قۇيرۇق›› دەپ ئاتا-بالا ئىككىڭلار ئوخشاش ئىكەنسىلەردە.
-بولدى مەن چىقىپ كەتتىم،- ‹‹يىگىت ›› ئىشىك تەرەپكە ماڭدى.
-پۇلنى بېرىۋىتىپ مېڭىڭ›-دىدى قىز بۇيرۇق تەلەپپۇزى بىلەن.ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ يىگىتىنىڭ ئالدىنى توستى.
-قايسى پۇلنى مەن تېخى ھېچ ئىش قىلمىغان تۇرسام،-‹‹يىگىت ››غەزەپ بىلەن ئالايدى.
-شۇنداقمۇ تېخى، ئۇنداقتا مەن ۋارقىرايمەن. ئۇ چاغدا ئاتا-بالا ئىككىڭلار تەڭلا شەرمىسار بولىسىلەر قانداق؟- دىدى ‹‹قىز›› بوش ئەمما تەئەددى ئاۋازدا. بۇ گەپ بىلەن يىگىتنىڭ بايىقى كۆرەڭ ھالىدىن ئەسەرمۇ قالمىدى. ئۇ ئارتۇق گەپ قىلمايلا يېنىدىن 50 يۈۋەننى  چىقىرىپ ‹‹قىز››غا تەڭلىدى.
-500 يۈۋەن ،-دىدى ‹‹قىز›› قاشلىرىنى سۈزۈپ تۇرۇپ.
-نىمە..نىمىگە،- ‹‹يىگىت›› ئوبدانلا ھۇدۇقتى.
-ئەمسە ۋارقىرايمەن جۇمۇ،- ‹‹ قىز ››شۇنداق دەپ ئاغزىنى ئۆمەللىۋىدى ‹‹يىگىت›› دەرھال ئۇنىڭ ئاغزىنى تۇتىۋالدى.
-بولدى مەن بېرەي. بەرسەملا بولىدىغۇ؟- ئۇ يەنە يېنىنى ئاختۇرۇپ بىر تۇتام پۇلنى ئېلىپ قىزنىڭ قولىغا تۇتقۇزدى. ئاندىن ئىشىكىتىن چىقپ كەتتى.  ۋە بوش ئاۋازدا ‹‹جالاپ››دەپ قويدى.قىز قاقاقلاپ كۈلۇپ كەتتى.‹‹ھۇ ماز پاينەك››.
شۇ تاپتا پەرىشتىنىڭ ۋۇجۇدى ئازاپتىن تەۋرەپ كەتتى. ‹‹ئىنسانلار مۇشۇنچىلىك دەرىجىدە تاپتىن چىقىپ، ھەقىقەتتىن چەتنەپ كەتكەن تۇرۇپمۇ يەنىلا ھالاك قىلنمايدۇ›› دەپ ئويلىدى پەرشىتە. شەيتان بولسا غادىيىپ كەتكەندى. ئىنسانلار ئۇ كۆرسەتكەن يوللاردا شۇنچىلىك بىخارامان ماڭماقتا . شۇ تاپتا ئۇنىڭغا قىلغىدەك ئىشمۇ قالمىغان ئوخشايدۇ.
پەرىشتە دېڭىزغا قارىدى. دېڭىز غەزەپتىن تاشقىنلىماقتا. قىرغاقلارغا ئۇرۇلماقتا. يەر قاتتىق سىلكىنمەكتە. باغرىدىن ئوتلۇق ماگمىلارنى ئېتىپ چىقارماقتا. شاماللار غەزەپ بىلەن گۈركىرەپ ئۆزنى ھەر قايان ئۇرماقتا ئىدى. لىكىن ئۇلارغا ئىجازەت بېرىلمىگىنى ئۈچۇنلا ئۆز غەزەپ-نەپرىتىنى زورىغا بېسىپ تۇراتتى.
پەرىشتە بىلەن شەيتان تەكشۈرۈشنى داۋام قىلدى. تاڭ سۈزۈلدى.  قانچىلىغان مەسچىتلەردىن تەڭلا ياڭرىغان ئەزان ئاۋازى شەيتاننى ئىنسانلار ئارىسىدىن يىراقلارغا قېچىشقا مەجبۇر قىلدى. پەرىشتە شۇنچىلىك ئاقكۆڭۈل ئىنسانلارنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن قىلغان گۇناھلىرى ئۈچۈن تۆۋە قىلىپ يىغا-زار قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى . ئەمدىلەتتىن قايتىپ كەلگەن شەيتانمۇ كۆردى. ئۇ كىشىلەر ئارىسىغا كىرىپ ئۇلارنىڭ ئىخلاسىنى بۇزۇشقا ئۇرۇنۇپ باقتى. ئەمما مۈرىنى-مۈرىگە تىرەپ قىيامدا تۇرۇشقان بۇ كىشىلەرنىڭ ئارىسىغا ھەر قانچە قىلىپمۇ كىرەلمىدى. شەيتان قاتتىق ئۆمىدسىزلەندى. ‹‹قارىغاندا بۇلار ماڭا بويسۇنمىغىدەك، كۈندۈزى گۇناھلارنى قىلسىمۇ، كېچىسى يىغلاپ تۇرۇپ تۆۋە قىلىدىكەن›› شەيتان بىردىنلا ئۆزنىڭ قاتتىق چارچاپ كەتكەنلىكىنى بىلدى.
‹‹دىمەك كىشىلەرنىڭ كۆپ سانلىقى يەنىلا ھەقىقەت تەرەپتە ئىكەن. ئۇلارنى ئازدۇرۇش ئۈچۈن قىلمىغان ھۆنەرلىرىم قالمدى. ئەمدى يەنە قانداق قىلىشىم كېرەكتۇ؟؟››
شۇنداق قىلىپ پەرىشتە خۇشال -خورام ھالدا جامائەت ئارىسىغا قېتىلدى. شەيتان بولسا ئۆمىدسز ھالدا غايىپ بولدى.
ئۇ ئەمدى يەنە قانداق ھېلە-مىكىرلەرنى ئويلاپ چىقار؟
يەنە قانداق كىشىلەر ئۇنىڭغا مۇرىت بولۇپ ئازغۇن يوللاردا تىڭىرقاپ يۈرەر؟


ئاپتۇر ئۆزخان. 2013.11.7


باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1شۆھرەت +5 بايلىق +5 تۆھپە +5 يىغىش سەۋەبى
سابا + 5 + 5 + 5 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
ساڭا دەيدىغىنىم يەنىلا مەغرۇر ياشاۋەر. يۈرىكىمدىكى مۇ ...
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

31

تېما

814

يازما

4254

جۇغلانما

مەكتەپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 11
يازما سانى:
814
تىللا:
3344
تۆھپە:
30
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
280 سائەت
ئاخىرقى:
2016-8-27

كۆيۈمچان ئەزائالاھىدە شەرەپ

دېۋان
ۋاقتى: 2013-11-8 14:07:44 | ئايرىم كۆرۈش
بەكمۇ ياخىشى يىزپسىز .قايتا قايتا ئوقۇپ چىقتىم .ئەمما كۇندۇزى يامان ئىش قىلىپ كچسى تۆۋە قىلىش مىنى ئازراق ئەندىشىگە سىلىپ قويدى ..
قىرىنداشلار ،تارىخمۇ مۇھىم تارىخ توغىرلىق تىمىلار چولدۆرەپ قالمىسۇن!

12

تېما

162

يازما

1224

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 198
يازما سانى:
162
تىللا:
802
تۆھپە:
80
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
39 سائەت
ئاخىرقى:
2016-12-15

سادىق ئەزاكۆيۈمچان ئەزاسۆيۈملۈك ئەزا

ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2013-11-8 14:54:27 | ئايرىم كۆرۈش
يۈرۈكۈمنى ئىزىۋەتتى، تىنىم نەچچە جۇغۇلدام، نەچچە سىلكىندى.

152

تېما

4864

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

باش دىرىكتور

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 2
يازما سانى:
4864
تىللا:
8527
تۆھپە:
697
جەۋھەر يازما:
8
توردا:
1814 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-4

مۇنبەر باشلىقىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسى

يەر
ۋاقتى: 2013-11-8 15:03:17 | ئايرىم كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز  ، يەنە بىر نادىر تىمىڭىزنىڭ ۋۇجۇتقا چىققىنىدىن تولىمۇ خۇرسەنمەن ، بۇ توغرىسىدە جىق سۆزلىمىسەممۇ مۇشۇ ئەسىرىڭىزنىڭ ئۆزىدىلا بىزدىكى ناچار قىلمىشلار تولۇق قامچىلىنىپ بوپتۇ ، ئىجادىيەتلىرىڭىزنىڭ مۇنبىرىمىزدىن مەڭگۈ ئۈزۈلمسلىكىگە تىلەكداشمەن.. ئاللا ئالتۇن تىنىڭىزنى ئامان قىلسۇن.
ھەممىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بەرسۇن .

30

تېما

684

يازما

3468

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 46
يازما سانى:
684
تىللا:
2754
تۆھپە:
10
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
103 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-4

سادىق ئەزاكۆيۈمچان ئەزاسۆيۈملۈك ئەزائىسىل ئەزا

5#
ۋاقتى: 2013-11-8 18:17:00 | ئايرىم كۆرۈش
ھەقىقەتەن نادىرلىنىشقا تىگىشلىك تىما بوپتۇ ، ئىجادىيەتلىرىڭىزگ ە ئۇتۇق تىلەيمەن ، مەن چۇڭقۇر ئويدا قالدىم .....

10

تېما

1410

يازما

6225

جۇغلانما

مەكتەپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 3
يازما سانى:
1410
تىللا:
4585
تۆھپە:
65
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
232 سائەت
ئاخىرقى:
2016-4-3

سادىق ئەزائالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر مەلىكىسىيازما يوللاش ئۇستىسىمۇنبەر رىياسەتچىسى

6#
ۋاقتى: 2013-11-8 18:53:04 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ تىمىنى ئوقۇغانلىكى ئادەمنى بىرخىل بىئارامسىزلىق ، نەپرەت ، تەگسىز خياللار قاپلايدۇ ..........
مۇشۇنداق كىتىۋەرسەك كەلگۈسىمىزدىن  ئۈمىد كۈتۈش ھاجەتسىز .............
ئويلىنىش قىممىتى يۇقىرى مۇشۇنداق بىر ئىسىل تىما ئۈچۈن ئەجىر قىلغىنىڭىزغا كۆ تەشەككۈر ئۇستاز ...ھارمىغايسىز ..... ئالتۇن تىنىڭىز ئامان بولسۇن ............كىيىنكى ئىجاەدىيەتلىرىڭىز بەرىكەتلىك بولسۇن !!!!!!!!1111

98

تېما

1143

يازما

6769

جۇغلانما

مۇنبەر شاھزادىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 84
يازما سانى:
1143
تىللا:
4825
تۆھپە:
237
جەۋھەر يازما:
6
توردا:
413 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-2

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر ئاتىسىتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

7#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-11-8 19:11:34 | ئايرىم كۆرۈش
بۇلبۇل يوللىغان ۋاقتى  2013-11-8 18:53
بۇ تىمىنى ئوقۇغانلىكى ئادەمنى بىرخىل بىئارامسىزلىق ،  ...

ياقتۇرغنىڭىزغا كۆپ رەھمەت .
ساڭا دەيدىغىنىم يەنىلا مەغرۇر ياشاۋەر. يۈرىكىمدىكى مۇ ...

46

تېما

3294

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

مەكتەپ مۇدىرى

تەشۋىقات ئەلچىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 77
يازما سانى:
3294
تىللا:
10210
تۆھپە:
35
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
1778 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-4

كۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسىئالاھىدە شەرەپ

8#
ۋاقتى: 2013-11-9 00:19:41 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ  تىمنى  كوروپ  قايتىدىن  ئوزومنى تەشكۇرشۇم  كىرەكلىكىنى بىلدىم  ھەي  شايتان دىگەن لەنىتى  
سوزلىمسەڭ يوق ھىچكمنڭ كارى.
سوزلىسەڭ دەلىلى بىلەن ئارى.

98

تېما

1143

يازما

6769

جۇغلانما

مۇنبەر شاھزادىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 84
يازما سانى:
1143
تىللا:
4825
تۆھپە:
237
جەۋھەر يازما:
6
توردا:
413 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-2

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر ئاتىسىتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

9#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-11-9 10:40:20 | ئايرىم كۆرۈش
مەرھابا يوللىغان ۋاقتى  2013-11-9 00:36
ئەسسالامۇ  ئەلەيكۇم  ئۇستاز
نادىر   تېمىڭىز  ئۈچۈن   تە ...

سىزگە كۆپ رەھمەت . مانا بۇنى ئىنكاس دەيمىز. سىزگە كۆپ رەھمەت. مەن بۇ تىما ئۈستىدە قايتىدىن بىر ئويلىنىپ باقاي.
ساڭا دەيدىغىنىم يەنىلا مەغرۇر ياشاۋەر. يۈرىكىمدىكى مۇ ...

0

تېما

92

يازما

1137

جۇغلانما

سىنىپ باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 203
يازما سانى:
92
تىللا:
954
تۆھپە:
30
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
41 سائەت
ئاخىرقى:
2014-1-13

سادىق ئەزاكۆيۈمچان ئەزا

10#
ۋاقتى: 2013-11-9 12:12:55 | ئايرىم كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم   ئۇستاز ،
مۇنبەردە   داۋاملىق مۇشۇنداق ئىتقاد ،ئەخلاق توغۇرسىدىكى نادىر تېمىلىرىڭىزنىڭ ئۇزلۇپ قالماسلىقىنى ئۇمۇد قىلمەن .ئەجىرىڭىز   ئاللىكىملەرنىڭدۇر ياشاش يولىدا مەشئەل بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-27 12:49 , Processed in 0.142052 second(s), 32 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش