ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 142|ئىنكاس: 6
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

سېغىنىشنىڭ تولغاقلىق كېچىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

153

تېما

845

يازما

7406

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 44
يازما سانى:
845
تىللا:
5703
تۆھپە:
249
جەۋھەر يازما:
3
توردا:
703 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-20

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىكۆيۈمچان ئەزاپەخرى ئەزا ئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزا

سېغىنىشنىڭ تولغاقلىق كېچىسى

سېنى سېغىنماقتىمەن ئەي مېنى سېغىنمايدىغان قىز.
يۈرىكىڭنىڭ جىگدىلىكلىرىدە تۈنەپ قالىمەن، سېنى چۈشەپ قېلىشنى ئويلاپ. دولقۇنلۇق چاچلىرىڭدا ئېقىپ كېتىشنى ئويلايمەن تاھىر دەريادا ئاققاندەك، تاكى سەن مېنى سۈزۈۋالغۇچە ئاقماقچىمەن...
توققۇز تال قىپقىزىل ئەتىرگۈلدەك مەڭىزلىرىڭدە بارماقلىرىمنىڭ قانىشى سايە تاشلىغاندا كۆزلىرىڭنى يىراقلارغا تىكىسەن، مېنى يىراققا كەت دېمەكچىمۇ سەن؟

سەن بىلەن ئۇدۇلمۇ - ئۇدۇل قارىشىپ ئولتۇرغان دەملىرىمنى ئېسىڭگە ئالدىڭمۇ؟ ئارىمىزنى پەقەت بىر ئۈستەللا ئايرىيالاتتى، ئەمما قەلبىمىزنىمۇ ئايرىۋېتىشىنى سىغدۇرالمىدىم. كىيىكتەك ئۈركۈپ تۇرغان قويۇق قاشلىرىڭدا بارماقلىرىمنىڭ ئالتۇن ئۈزۈكلىرى ئىز سالماستىلا سېنى يوقىتىپ قويدۇم، كۆڭلۈمنىڭ ئەڭ سۈزۈك كەھرىۋالىرىمۇ سېنى ماڭا كۆرسىتەلمەيتتى.
تۇنجۇقۇپ قالاتتىم، مۇشۇ دەقىقە كۆزلىرىڭنى ئۇچراتقىنىمدا. ئۇجۇقتۇراتتىڭ ئالتۇن بېلىقتەك بارماقلىرىڭ يۈرىكىمدەك دىر-دىر تىترىگەن ئەسنالىرىدا.
قۇچاقلاۋاتقىنىم سېنىڭ ماڭا تىكىلىپ قاراپ تۇرغان مەسۇم سۈرىتىڭ ئىدى، ماڭا نېمىلەرنى دېمەكچى بولغانسەن، نېمىلەرنى دېيەلمەيۋاتقانسەن.
ماڭا ئېيىتقىن تامچىلاۋاتقان كۆز ياشلىرىمنى سۈرتۈپ قويىدىغان قولياغلىقىڭنى كىملەرگە يادىكار ئەتتىڭ، توققۇز تال ئەتىرگۈلنىڭ چوغلىرىنى قايسى تۇيغۇلىرىڭدا ئۆچۈرگەنسەن.

ئوت تۇياق چاغلىرىمنى يېمەكتىسەن،
قاراڭغۇ كەزلىرىمنى كەزمەكتىسەن.
يىراقتا كۆزلىرىڭنى يۇمۇپ تۇرۇپ،
مېنى ھىجران بازغىنىدا ئەزمەكتىسەن.

چېقىلدىم پىيالىدەك، قەدەھلەردەك،
سېغىنىش تولغاقلارغا تولغان كېچە.
كۆزۈمدە ئۇيۇپ قالغان بىر چىنە سۇ،
كۆرۈنىسەن شۇ سۈپسۈزۈك سۇ ئەكسىدە.

سول كۆكسى ئاغرىيدىكەن ئاشىقلارنىڭ،
چوغ بولۇپ يانغىنىدا يار خىيالى.
يوقىلىمەن، كۆرەلمەستىن دىدارىڭنى،
كۈل بولۇپ پاك سۆيگۈنىڭ تىلتۇمارى.

ئەلبۇم
بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
خۇدا خار قىلغاننى بەندىسى بار ئېتەلمەس.
خۇدا يار قىلغاننى بەندىسى خار ئېتەلمەس.
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

14

تېما

551

يازما

2529

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 403
يازما سانى:
551
تىللا:
1858
تۆھپە:
40
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
117 سائەت
ئاخىرقى:
2016-12-31

كۆيۈمچان ئەزا

دېۋان
ۋاقتى: 2016-12-28 20:08:07 | ئايرىم كۆرۈش
يار دىسە يۈرىكىمىز ئوت بولۇپ يانار ئىكەن،
جەبرى-كۈلپەت كۆپ بولۇپ يولىدا تىكەن،
ئامالىمىز يوق چىدىماسلىققا نە چارە.
چىن يۈرەكتىن سۆيگەن يارىمىز شۇ .ئىكەن.



قەلەملىرىم راس گاللىشىپ كىتىپتۇ

5

تېما

176

يازما

541

جۇغلانما

ئۈگۈنۈش باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 928
يازما سانى:
176
تىللا:
365
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
100 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-2

كۆيۈمچان ئەزا

ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2016-12-29 14:52:24 | ئايرىم كۆرۈش
ئاھ جانىم  مىنى يالغۇز  قويۇپ نەلەردە  يۈرىيدىغانسەن.مەندەك  بىچارە .ئاشىقىڭنى شۇنداقلا تاشلاپ كىتىشكە  يۈرۈكۈڭ چىدامدىغاندۇ.قېنى ئېيتقىنە جانىم  مىنى شۇ ئازاپلارغا تاشلاپ كىتىپ قانچىلىك خۇشال  بولارسەن ھە. سەنمۇ ئەسلەمسسەن جانىم  .كۈز پەسلىدىكى ئاشۇ سارغايغان  ياپراقلار  ئاستىدا بىللە ماڭغىنىمىزنى.لەپىلدەپ يېغىۋاتقان  قارلارنىڭ چىراق نۇرىدا چۇشكەن ئاشۇ گۈزەل مەنزىرلەنى،  بىللە ماڭان ئاشۇ كوچىلارنى،سىنى ھەمىشە ساقكايدىغان ئاشۇ تۆت  كوچا دوقمۇشىنى .ھەي ئاشۇ  كۈنلە نىم دىگەن گۈزەل ھە، سىنى ھەر ئاخشام ئەسلەيمە جانىم .بىچا رە ئاشىقڭ ئوتۇڭدا قىينىلىۋاتىدۇ.
خاتىرەمدىن بىر بەت.
سەن ئوزۈڭنى  جاھاندا بىر سانىساڭ  ، بىلىپ قال بىزمۇ ئككى ئەمەس.

11

تېما

570

يازما

2845

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 707
يازما سانى:
570
تىللا:
2073
تۆھپە:
200
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
178 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-21

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

يەر
ۋاقتى: 2016-12-30 17:30:49 | ئايرىم كۆرۈش
ئېسلكەن،مەنمۇ شۇنداق يازالىسام دەيمەن.
بۇ سىرلىق ئالەمدە كۆپ ئېرۇر ئادەم،ئادەملەر ئىچىدە بار سەرخىل ئادەم،بولسام دەيمەن مەڭگۈگە ئارمىنىم شۇدۇر،سەرخىللار ئىچىدىكى ئاددىي بىر ئادەمئ

14

تېما

2110

يازما

6412

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 162
يازما سانى:
2110
تىللا:
4287
تۆھپە:
2
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
271 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-23

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزاتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

5#
ۋاقتى: 2016-12-30 17:37:54 | ئايرىم كۆرۈش
لىرىكىڭىزنى بەكمۇ ياقتۇردۇم  ،  داۋاملىق يوللاپ تۇرغايسىز !
مۇھەببەت - ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنمايدىغان سىرلىق ياخشى كۆرۈش تۇيغۇ...

53

تېما

2256

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر مەلىكىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 32
يازما سانى:
2256
تىللا:
7544
تۆھپە:
729
جەۋھەر يازما:
10
توردا:
354 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-27

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىكۆيۈمچان ئەزائالاھىدە شەرەپ

6#
ۋاقتى: 2016-12-30 21:19:25 | ئايرىم كۆرۈش
بەخىت ئىچىدە تۇرۇپمۇ يەنە شۇ بەخىتتىن لەززەتلىنەلمەسلىك نۇرمال ئادەمنىڭ ئىشى ئەمەستۇر بەلكىم، ئەمما  روھى، جىسمى ھەممە ھەممىسى  مەشۇقىنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتكەن ئاشىقنىڭ ياش تۆكىشى مۇقەررەر!

152

تېما

4864

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

باش دىرىكتور

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 2
يازما سانى:
4864
تىللا:
8527
تۆھپە:
697
جەۋھەر يازما:
8
توردا:
1814 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-4

مۇنبەر باشلىقىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسى

7#
ۋاقتى: 2017-1-4 17:24:14 | ئايرىم كۆرۈش
يوقىلىشىڭنى خالىمايدىغان قىز نىسىپ بولسۇن دوستۇم ، يازماڭنى ياقتۇردۇم . ئاپرىن .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-27 13:21 , Processed in 0.202573 second(s), 32 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش