شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى سىزنى كۈتىدۇ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا 383838 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-7-8 02:03ئەسلى بۇنداق تېمىنى قەتئىي يازماي دېۋىدىم، ئويلاپ باقسام يەنىلا شەخسىيەتچىلىك قىلسام بولمىغۇدەك... بۇ يىل ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بەرگەن ئىنى - سىڭىللىرىمىزغا ئازراق بولسىمۇ پايدىسى تېگىپ قالارمىكىن، دېدىم... شۇنداقتىمۇ، تېما يېزىش خۇش ياقماي مەكتىپىمىزنىڭ «بۇلاق كۆلى ياشلىرى» ئۈندىدار سالونىدا ئېلان قىلغان ماقالىلىرىدىن تېرىپ - تۆشۈپ تەرجىمە قىلىپ قويدۇم. شۇڭا، ئەڭ ئالدى بىلەن بىر ئاي بۇرۇن ھەرقايسى ئۆلكىلەرنىڭ سايلاپ چىقارغان ئۆلكە بويىچە ئالدىنقى بەش مەكتىپىنىڭ رەت تەرتىپىنى دەپ ئۆتكۈم كېلىپ قالدى...
1. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى (211 قۇرۇلۇشى، غەربنى كەڭ كۆلەمدە ئېچىشتىكى نۇقتىلىق مەكتەپ)
2. شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتى (211 قۇرۇلۇشى)
3. شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى (يېزا ئىگىلىك پەن تەتقىقاتى ئالدىنقى قاتاردا، كېلىپ چىقىشى ئەسلىدىكى شىنجاڭ بىرىنچى ئاۋغۇست يېزا ئىگىلىك ئىنىستىتۇتى)
4. شىنجاڭ تىببىي ئۇنىۋېرسىتېتى
5. شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى (پىداگوگ پەنلىرى ئالدىنقى قاتاردا)
ئەمسە تەرجىمەمنى باشلاپ كەتتىم، زېرىكىپ كەتسەڭلار مەندىن كۆرمەڭلار - ھە... ئۆزۈم يازمىغانكىن سەل زېرىكىشلىك چىقىپ قېلىشى مۇمكىن... ھى...ھى... ھى..
شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بەكلا چوڭكەن، ئايلىنىپ كەلگۈم بار
شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بەكلا چوڭ، ئەگەر مۇمكىن بولسا، سىز بىلەن بىللە بايراق چىقىرىش مۇراسىمىغا قاتناشقۇم بار. ئىللىق قۇياش نۇرىدا، كۆپكۆك ئاسمانغا دۆلەت شېئىرىگە ئەگىشىپ لەپىلدەپ چىقىۋاتقان بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنى كۆرگەندىكى ھېسسىيات چوقۇم ئاجايىپ ئىپتىخار ۋە ھاياجانغا تولغان بولىدۇ... (كەچۈر قىز ئۆزىمۇ كۆرۈپ باقمىغان بۇ مەنزىرىنى)http://i1.tietuku.com/04bb6e6beab985e8s.jpg
سىز بىلەن بىللە مەكتەپ ھويلىسىنى ئايلانسام، بېشىمىزنى كۆتۈرسەكلا كۆز يەتكۈسىز ئاسمان... ئۇ خىل تۇيغۇ چوقۇم بەك گۈزەل
http://i1.tietuku.com/a6e753bd2d1b33a9s.jpg
http://i1.tietuku.com/5b352672afd67922s.jpg
شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بەكلا چوڭ، مۇمكىن بولسا سىز بىلەن بىللە ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ تورۇسىدىن كۆككە قارىساق...http://i1.tietuku.com/ad86ad5de84bd982s.jpgسىزنى بۇلاق كۆلى بويىغا ئەكىلىشىم تۇرغانلا گەپ. دېڭىز سۈيىدەكلا كۆرۈنىدىغان كۆل سۈيى شامالنىڭ سىلىشى ئاستىدا كۆۋەجەيدۇhttp://i1.tietuku.com/1712f41e851287cas.jpghttp://i1.tietuku.com/fb967026bf4c8a75s.jpghttp://i1.tietuku.com/9095988f1203c609s.jpgكۆل بويىدىكى ئورۇندۇقلاردا، راۋاقلاردا ئولتۇرۇپ پاراڭلىشىمىز، چاقچاقلىشىمىز، رەسىملەرگە چۈشىمىز...http://i1.tietuku.com/d0541c9c3bf990ebs.jpghttp://i1.tietuku.com/e3667c829f411412s.jpgھاۋا ئىللىغانلاردا بۇ يەردىكى ياۋا غاز، بېلىقلارغا يەم بېرىمىز... (گەپ بولدىدە بۇمۇ)http://i1.tietuku.com/d413c55191921418s.jpgشىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بەكلا چوڭ، ئەگەر مۇمكىن بولسا سىز بىلەن بىللە مەكتەپ تەنتەربىيە سارىيى ۋە تەنھەرىكەت مەيدانىغا بارغۇم بار...http://i1.tietuku.com/97e2e6002529918es.jpghttp://i1.tietuku.com/ceb632a0c36e84abs.jpgمەيداندا ئادەم قالمىغاندا، كەچكى شەپەق نۇرىدىن ھۇزۇرلانغاچ سىز بىلەن مەيداننى ئاستا چۆگىلىسەم...http://i1.tietuku.com/b05048de2543d92es.jpghttp://i1.tietuku.com/c76dc575d01ac5fcs.jpgسىز بىلەن بىللە بويالغان تام تۈۋىگە كېلىپ، مەكتەپنىڭ ئۆزگىچە مەدەنىيىتىگە سىڭىپ كەتسەم...http://i1.tietuku.com/d857ce96adf8cd66s.jpghttp://i1.tietuku.com/0f0bcc23e7ea9bd1s.jpgشىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بەكلا چوڭ، مۇمكىن بولسا سىز بىلەن بىللە كۇلۇب ئىچىدىكى چوڭ سەھنىدە قويۇلغان ھەرخىل سەنئەت كېچىلىكلىرىنى بىللە كۆرسەم...http://i1.tietuku.com/dff4cf96b66cc2a6s.jpgشىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بەكلا چوڭ، ئەگەر مۇمكىن بولسا، سىز بىلەن بىللە مەكتەپ تارىخىي مۇزىيىغا كىرسەم. بۇ سىرلىق يەردە، يۇمشاق گېلەملەرنى دەسسىگىنىمىزچە مېڭىپ، يىللارنىڭ قوينىغا سىڭسەك، مەكتەپنىڭ شانلىق ئىزلىرىنى، بىردىنبىر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلساق...http://i1.tietuku.com/db49d8a1666d1eb5s.jpghttp://i1.tietuku.com/f809153ed180b0ads.jpg
شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بەكلا چوڭ، سىز بىلەن بىللە مەكتەپ كۇتۇبخانىسىغا كېلىپ بىللە ئۆگىنىش قىلسام... (سۈرەتتىكىسى يان ئىشىكى، ئالدى ئىشىكىنىڭ رەسىمىنى چىقارمىغان ئوخشايدۇ)http://i1.tietuku.com/caeffe9eda6f5451s.jpghttp://i1.tietuku.com/4e3b662d8ffa57d6s.jpghttp://i1.tietuku.com/b2e479ac74fb659cs.jpgشىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بەكلا چوڭ، گۈزەل ئاپرېلدا گۈللەر چېچەكلىگەندە سىز بىلەن بىللە تەبىئەتنىڭ بۇ نادىر ئەسىرىدىن لەززەتلەنسەم....http://i1.tietuku.com/f46c376fefbb7a37s.jpghttp://i1.tietuku.com/25eb31fef5ef4490s.jpgشىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بەكلا چوڭ، مەكتەپنىڭ خالىغان بىر يېرىدە سىز بىلەن بىردەملا ئولتۇرسام، چوقۇم ئۆزگىچە كىشىلەر، ئۆزگىچە ھېكايىلەردىن بىرمۇنچىنى ئۇچرىتالايمىز...http://i1.tietuku.com/43b8a694a1aa9fb2s.jpghttp://i1.tietuku.com/ace85222186f9f10s.jpgشىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بەكلا چوڭ، ئەگەر مۇمكىن بولسا، سىز كېلىڭ، مەن ساياھەت يېتەكچىسى بولاي... (بۇ ئۆزەمنىڭ قوشۇۋالغان گېپىم يالغانلاتىنلام)
_____________پۈتۈن ماقالىدىكى رەسىملەر ئاساسلىقى مەركىزىي مەكتەپ رايونىنىڭ ئىكەن، شىمالىي ۋە جەنۇبىي مەكتەپ رايونىنىڭكىدىن ئايرىم - ئايرىم بىر پارچە باردەك ھېس قىلدىم... ئەڭ ئاخىرىدىكى رەسىم شىمالىي مەكتەپ رايونى ئىچىدىكى يەسلى... ماقالىلەر بەك كۆپ ئىكەنتۇق، تەرجىمە قىلىش خۇش ياقمىدى.... (رەسىملەر كۆرۈنمەي قالغان بولسا، تەستىقلىماي شۇ پېتى قويۇپ قويساڭلار كەچلىكى ئوڭشىۋېتىمەن)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا 383838 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-7-8 02:21
ئۈچ مەكتەپ رايونىنىڭ خەرىتىسىنىمۇ يوللىۋېتەيمۇ، ئېزىپقۇ قالمايسىز، ئەمما چوقۇم كېرەك بولىدۇ...
مەركىزىي مەكتەپ رايونى
http://i1.tietuku.com/fa11d523afba2744s.jpg
شىمالىي مەكتەپ رايونى (ئوتتۇرىدىكى كۆكلىرى يول جۇمۇ... بۇ مەكتەپ يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدا تەڭ بار، بىر خىل ئاخسا - ھە)http://i1.tietuku.com/6bad18f8be13e7d7s.jpg
جەنۇبىي مەكتەپ رايونى (خەرىتىنى قولۇمغا تۇتۇپ كىرىپ كەتسەممۇ بەش مىنۇتقا قالماي ئېزىپ قالىدىغان مەكتەپ... شۇنداق كۆپ بارىمەن بولمىسا)http://i1.tietuku.com/cfed577b70d8a7cas.jpg
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا 383838 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-7-8 02:27
ئاپاڭنىڭ ئۆزۈڭنىڭ ئاپىسى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلا، دېگەن خەۋەر قىزىق نۇقتا بولۇپ كەتكەندىن كېيىن «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىلىق ئىكەنلىكىڭنى ئىسپاتلا» دېگەن يېڭى تېما بېشىمىزنى قاتۇردى. ئۇنداق بولسا، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىلىق ئىكەنلىكىمىزنى قانداق ئىسپاتلايمىز؟
1. مەكتەپ ئاشخانىسى، مەكتەپ ئىچىدىكى مارىي بروۋن، ئارمان تاللا بازىرى، مۇنچا، كۇتۇبخانا، تاللا بازىرى، قايناقسۇ ئۆيى، ياتاق بىناسى، مەكتەپ دەرۋازىسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىگە ئىشلەيدىغان ھەممىباب كارتا ياكى ھېلىقى كىچىك قىزىل دەپتەر... (ئوقۇغۇچىلىق كىنىشكىسى - ھە، خاتا چۈشۈنىۋالماڭلار)
http://i1.tietuku.com/6a01d15745dd7b0fs.jpg
http://i1.tietuku.com/47d3744f5c1820b3s.jpg
ھىم.. لېكىن بۇ كارتا، كىنىشكىلەر ئۈستىدىكى رەسىم سەل ئۆزىمىزگە ئوخشىماي قالامدۇ قانداق - ھە... ھىم، بولدىلا، بۇ كارتامنى ھېچكىمگە كۆرسەتكۈم يوق. شۇڭا يەنىلا باشقا ئۇسۇل تاپساق بولغۇدەك..
2. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىلىقلارنىڭ ئاساسەن دېگۈدەك بۇلاق بويىدا چۈشكەن بىر پارچە سۈرىتى بولىدۇ، ھا..ھا... بارمۇ؟ بولسا ئېلىپ چىقىڭ، قېنى. شۇ چاغدا ئىشىنىمىز...
http://i1.tietuku.com/b1e36de040a89068s.jpg
لېكىن... لېكىن، باشقا يەرلىكلەرمۇ كېلىپ بۇ يەردە رەسىمگە چۈشسە بولىۋېرەمدۇ قانداق - ھە... ھەي.. بۇمۇ بولمىغۇدەك
3. ئەقلىي ئىقتىدارىڭلارنى سىنايدىغان ۋاقىت كەلدى. مۇنەۋەر شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىسى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن كۇتۇبخانىغا مۇناسىۋەتلىك بىرەر مەخپىيەتلىكلەرنى بىلىشىڭىز كېرەكمۇ قانداق - ھە؟ مەسىلەن، مىللىيچە تىل - يېزىقتىكى كىتابلار نەچچىنچى قەۋەتتە، قايسى تەكرار ئۆيىگە سۇمباتلىق يىگىتلەر، ساھىبجاماللار كۆپرەك كىرىدۇ، ئېلىكتىرونلۇق كۇتۇبخانىغا كىرىشنىڭ ئەزا نامى، پارولى نېمە... دېگەندەك....
http://i1.tietuku.com/4dca7926112f27bes.jpg
http://i1.tietuku.com/78bc6243f274467bs.jpg
http://i1.tietuku.com/75e09684cc18659es.jpg
4. يەنىلا مەكتىپىمنىڭ ئۇزاققا سوزۇلغان تارىخىنى سۆزلەپ بەرسەم بەكرەك ئىسپاتلاپ بەرگىلى بولامدۇ قانداق - ھە؟ لېكىن، 1924 - يىلىدىن باشلاپ سۆزلىسەم قاچان تۈگەيدۇ... بولدىلا، يەنىلا باشتىكى تېمىدا تونۇشتۇرۇلغان تارىخىي مۇزىيغا كىرىپ چىقايلى...
http://i1.tietuku.com/ab708d2d1541ac80s.jpg
ئۇنى دېدۇق، بۇنى دېدۇق. مېنىڭچە، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىلىق ئىكەنلىكىمىزنى ئىسپاتلايدىغان ئەڭ ياخشى ئىسپات 11 خانىلىق ئوقۇش نومۇرىغۇ دەيمەن - ھە
http://i1.tietuku.com/0fd6837abc3090fes.jpg
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا كەچۈر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-7-7 20:38
ئەمدى، ئاچكۆزلەر ئۈچۈن مۇلازىمەتتە مەن... شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەزەلدىنلا «مەكتەپلەر ئىچىدىكى ئاشخانا» دەپ نامى بار... (بولۇپمۇ مەركىزىي مەكتەپ رايونىنىڭ...) مېنى تونۇيدىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك «مەكتىپىڭلارنىڭ تامىقى بەك ئوخشايدۇ - ھە. تاماقتىن قىينالمايدىغانسەن» دەپ سورايدۇ. (ئەمەلىيەتتە مەن بەزىدە راستىنلا تاماقتىن قىينىلىپ قالىمەن) مەكتەپكە تەۋە مۇسۇلمانچە ئاشخانىدىن تۆتى، ئۇنىڭدىن سىرت مەكتەپ ئىچىدە تاماق كارتىسى ئىشلەيدىغان مارىي بروۋن تاماقخانىسى، شىنيۈەن بازىرى ئىچىدىكى تاماقلىرى ئوخشايدىغان، كۈندە بىرىنى يېسىڭىزمۇ تاماقلىرىنى يەپ تۈگىتەلمەيدىغان بىرمۇنچە ئاشخانىلار بار.. ئۇنىڭدىن سىرت، مەكتەپ سىرتىغىلا چىقسىڭىزمۇ ئاشخانا دېگەن كۈرمىڭ، ئوڭ، سول تەرىپىدە بىردىن دولان، جەۋھەر تېز تاماقخانىسى، سەل تۆۋەنرەك ماڭسىڭىز كونسۇل كوچىسى... تاماقتىن قىينىلىمەن دېگىنىڭىز يالغان گەپ... (ئەمما، مېنىڭ بايا دېگىنىم راست)
1. 10 - ئوقۇتۇش بىناسى كەينىدىكى يوۋرەن ئەتكەنچايخانىسىنىڭ قېتىقى بىلەن قوش قەۋەت قايماقلىق سۈتى (双皮奶)
2. 10 - ياتاق بىناسى كەينىدىكى كالا گۆشى ئۈگرىخانىسى (ئەمەلىيەتتە، 1 - ئاشخانىنىڭكىمۇ بەك ئوخشايدۇ)
3. شىنيۈئەن بازىرى 3 - قەۋەتتىكى ئەزھەر تېز تاماقخانىسىنىڭ ھەر تۈردىكى بوسولىرى بىلەن ياغدالما گۆش قورۇمىسى بەك ئوخشايدۇ
4. ئەزھەر تېز تاماقخانىسىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى تەشنا تېز تاماقخانىسىنىڭ تۈگرىسى (جۇۋاۋا) بىلەن توخۇ قورۇمىلىق مىفەن، لەغمەنلىرى بەك ئوخشايدۇ. (بىر تونۇشۇم شۇ يەرنىڭ بەرەڭگە قەلەمچىسى قورۇمىسىغا ئامراق ئىدى)
5. شىنيۈئەن بازىرى 3 - قەۋەتتىكى ئاق ئەتىرگۈل راڭپىزىخانىسىنىڭ راڭپىزا، زىقلىق يېمەكلىكلىرى بەك ئوخشايدۇ. (ھېلىقى، تەكلىماكاننى كېسىپ ئۆتكەن ئاكاشنىڭ ئۆيىدىكىلىرى ئاچقان، تاملىرىدا رەسىملىرى بار)
7. شىنيۈئەن بازىرى 3 - قەۋەت، ئاجېن گۈرۈچ ئۇنى تامىقى. ئاھ... ھەپتىسىگە بىر يېمىسەك تۇرالمايمىز. شۇ تەرەپكە ئۆتۈپلا قالدۇقمۇ شۇنچىلىك پۇرايدۇكى، ئۆزىمىزنى تۇتالماي كىرىپ كېتىمىز... تەۋسىيە، شىنيۈئەن بازىرىنىڭ كىچىك پەلەمپىيىدىن ئۆتكەندىن كېيىنكى ئۇدۇلدىكى ناۋايخانىدىن بىر تال نېپىز نان ئالغاچ كىرىڭ.
8. شىنيۈئەن بازىرى ئائىلىكلەر قورۇسى تەرەپكە ماڭىدىغان يولنىڭ دوقمۇشىدىكى (7 - تۈردە دېگەن) ناۋايخانىنىڭ نانلىرى بەك پەيزى... قاتلىمىمۇ بار...
9. مارىي بىروۋن ھەرقانداق ۋاقىتتا كىرىشىڭىزگە ماس كېلىدۇ. ئون يۈئەنلىك ئوقۇغۇچىلار كارتىسى ھەم ئەرزان ھەم يېيىشلىك... مارۇژنىسىمۇ بەك پەيزى... ھەممىدىن مۇھىمى ھەممىباب كارتا قوللايدۇ
10. مېۋە - چېۋىگە ئامراقلار 1 - ئاشخانىنىڭ يېنىدىكى كىچىك مېۋە - چېۋە دۇكىنىدىن ئالساڭلارمۇ، شىنيۈئەن يەر ئاستى بازىرىدىن ئالساڭلارمۇ بولىدۇ... ياز كۈنلىرى، شىنيۈئەن بازىرىنىڭ دوقمۇشىدىكى تاۋۇز - قوغۇننىڭ كۆپلىكى، ئەرزانلىقى، تاتلىقلىقى تازا ياقىدۇ
10. ئەمدى مەكتەپ ئاشخانىلىرىنى سۆزلەمدۇق...
1 - ئاشخانا مۇسۇلمانچە ئەمەس...
2 - ئاشخانىدىكى قورۇمىلارنىڭ تۈرى كۆپ، باھاسى مۇۋاپىق. ئەنجان پولو، كالا گۆشى ئۈگرىسى، سامسا، قاتلىما، قۇرۇق قورۇلغان بوسو، مەرۋايىت بوسو، جۇۋاۋا (تۈگرە)، توخۇ قوردىقى (خېمىرىمۇ چوڭ تەخسىلىك توخۇ قوردىقىنىڭكىگە ئوخشاش) قاتارلىق تاماقلىرى بەك نوچى.
3 - ئاشخانىنىڭ يېنىدا يەنە بىر كىچىك ئاشخانا بار ئىدى راست، ئىسمىنى ئېسىمگە ئالالمىدىم... ئۇ يەرنىڭ ھەر خىل كاۋاپلىرى، ساماۋەر قورۇمىسى، سامسىسى، سۇيۇقئېشى بەك نوچى.
3 - ئاشخانىنىڭ قۇم قازان شورپىسى، پولوسى، ھەرخىل تاتلىق - تۈرۈم، تورتلىرى، سوغۇق، ئىسسىق قورۇمىلىرىمۇ بەك ياخشى.
4 - ئاشخانىنىڭ سۇيۇقئاش، قۇرۇق قورۇلغان بوسو، نان قايناق، چۈچۈرە، ئۆپكە - ھېسىپ، شورپا قاتارلىق تاماقلىرى بەك ئوخشايدۇ. تۇرۇپ - تۇرۇپ تاماق چىقىرىدىغان قازاق داداشنىڭ بوغۇرساق، ئەتكەن چايلىرىمۇ ئۆزگىچە.
ئاندىن، يەنە بىر ئاشخانا ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئاشخانىسى. ئۇ يەردىن ھازىرغىچە بىر قېتىممۇ تاماق يەپ باقماپتىمەن، ئەمما تونۇشلىرىمنىڭ ھەممىسى بەك ماختايدۇ.
روزا - رامىزانلىقتا رەسىملىرىنى يوللاپ يۈرمىدىمغۇ... (ھەممىسى ئۆزۈم تارتىۋالغان ئۇششاق - چۈششەك رەسىملەركەن بەرىبىر، بىرىنىڭ بار، بىرىنىڭ يوق...)
رەسىملەرنى مەن كۆرەلمىدىممۇ يا باشقىلارمۇ كۆرەلمىدىڭلارمۇ؟كەچۈرنى كۆرەلمەيدىغان ھالەتتىكى رەسىمنى يوللىدى دىسە 200% ئىشەنمەيمەن.چوقۇم منىڭ تور كۆرگۈچۈم قوللىمىدى {:5_124:} ئاي بەرگى يوللىغان ۋاقتى2015-7-8 01:18
رەسىملەرنى مەن كۆرەلمىدىممۇ يا باشقىلارمۇ كۆرەلمىدىڭ ...
كۆرۈنمىدى دېسەڭ مەن ئىشىنىمەن، چۈنكى، يوللاش سىغىمىم توشۇپ كېتىپتىكەن...
شۇڭا باشقا ئۇلىنىشتىنلا يۆتكەپ كەلگەن ئىدىم...
——
تېمىدا ئەسكەرتىپ يېزىپ قويغان شۇڭا... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئاي بەرگى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-7-8 08:38
كەچۈر يوللىغان ۋاقتى2015-7-8 01:21
كۆرۈنمىدى دېسەڭ مەن ئىشىنىمەن، چۈنكى، يوللاش سىغىمىم ...
بىرسىمۇ كۆرۈنمىدى شۇ .....رەسىم يوللايدىغان يەنە بىر قىستۇرما قوشقان ئىدى.دىققەت قىلمىدىڭمۇ نىمە ھە؟شۇ يەرگىلا چاپلىسا ھېچقانداق شەرتى يوقلا تۇنۇپ كىتىمىش مۇنبەر ،تىلسىم ئۆتكەندە شۇنداق دەۋاتقان.(ئۆزۈممىغۇ بىرقېتىملا ئىشلىتىپ باققان ئۇ يەرنى )
مەن يەيدىغان ئىچىدىغانغا دائىر يەرلىرىنىلا شۆلگىيىمنى ئېقىتىپ ئولتۇرۇپ تەپسىلى ئوقۇۋەتتىم .ماروژنى يىگۈم كىلىپ {:5_123:}
يەنە كىلىپ تەستىقلاش ھالىتىدە رەسىمنى تۇنۇدىمۇ يوق بىلگىلى بولمايدۇ.پەقەت تەستىقلاپ بولغاندىن كېيىنلا ئاندىن بىلگىلى بولىدۇ .تەستىق كۈتكەندە رەسىم ئادىرىسى كود ھالەتتە ئەمەسمۇ؟ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، سۆزۈمنى يەردە قويمىغىنىڭدىن ئالەمچە خۇشال بولدۇم ،بەكلا كۈچەپسەن ، جاپا چىكىپسەن .
مەن باشتىن يەنە بىر كۆرۈپ چىقاي ... رەھمەت ساڭا .
شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتىغا گەرچە بىر ئىككى قىتىم كىرىپ باققان بولساممۇ جىق يەرلىرىنى بىلمەيدىكەنمەن ئەمەسمۇ؟
ئاخىردىكى گەپنى يالغانلاتىن دىمىگەن بولساڭ بىرۋالاركەنمەن كۈندە .{:5_138:} ئالىي مەكتەپ دېسە تولىمۇ ھەۋەس قىلىمەن. ئەينى ۋاقىتتا ئۈچ ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەن بولساممۇ ئەمما ئەدەبىيات كەسپى ئۈچۈن يەنىلا توغرا تاللاشنىڭ خوتەن پىداگوگىكا ئالىي تېخنىكومى ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىپ شۇ بويىچە ئوقۇشقا كىرگەن. ئەمما ئىقتىساد سەۋەبىدىن يالغۇز ئانامنى بەكلا جاپاغا سېلىۋېتىدىغانلىقىمنى ئويلاپمۇ باقماپتىمەن. ئاخىرى مەكتەپتىن چىكىنگەن ئىدىم، ئالىي مەكتەپ بوسۇغۇسىدىن ئاتلىغان ئەزىز قېرىنداشلىرىمنىڭ ئەڭ گۈزەل كەلگۈسىنى كۈتۈۋالىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. تىلسىم يوللىغان ۋاقتى2015-7-8 08:52
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، سۆزۈمنى يەردە قويمىغىنىڭدىن ئالە ...
شۇنى دەيمەن، كۈتكىنىڭدىن راۋۇرۇس گىرادۇس ئاشۇرۇپ يوللىۋېتىپتىمەن تېخى، دەپ قالدىم ئۆزۈمچە
———————
ۋاي كېلىۋەرەي تەلۈ، باشلىق ئۈچۈن ھەرۋاقىت ھەقسىز مۇلازىمەتتىمەن...
بەت:
[1]
2