شېئىردىكى قاراڭغۇلۇق بىزدىكى ئالدىراڭغۇلۇق
‹شىئىر- ئۇ بىر شاش ئاساۋ ئاتقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ئېگىرى يوق، ئۇنى مىنمەك تولىمۇ قېيىن بولغان بىر مۇساپە ۋە ئۆگىنىش جەريانىدۇر. ئۇ ئاتنى مىنگۈچە تالاي قىتىم يېقىلىپ، تالاي قېتىم ساغرىلىرىڭىزنى يېغىر قىلىپ، قانچىلىغان مۈشكۇلاتلارنى باشتىن كەچۈرىسىز. بىراق سىز ۋە چىدىشىمىز كېرەك. ئەگەر ئۇنىڭغا چىدىمىساق، بۇ ئاتتىن يېقىلىشىمىز تۇرغانلا گەپ. بۇ ئاتقا مېنىش تۈگۈن چۇلۋۇرىنى تۇتۇشقىمۇ ئۇزۇن مەزگىللەر كېتىدۇ. بۇ ئاتقا مىنگەنلەر تولا، ئەمما مېنىپ ئۇزاققا بارماي ھېرىپ ھالىدىن كەتكەنلەر ۋە ئاتتىن چۈشۈپ «دەسسىىلىپ» كەتكەنلەر، كىچىككىنە توساقلاردىن قورقۇپ ياشىغانلار نۇرغۇن بولغان.› ئۇنداقتا مەن سۆزلىگەن بۇ ئاتقا يىقىنلاشقان بىرسى توغۇرسىدا سۆزلەۋاتامدىم؟ مېنىڭچىمۇ شۇنداق. تور دۇنياسىدا ھۆرمەتكە سازاۋار، شائىرلىق تەختىدە بىزگە ئۇستاز بىر قەلەمكەش بار، ئۇنىڭ ھەر بىر يازمىسىدا تۇرمۇشنىڭ ئاچچىق تەملىرى بىزگە تاتلىق تۇيۇلدۇرۇپ بىرىدىغان خىسلىتى ناماياندۇر. ئاشۇ نامايەندىلەر ئىچىدە ساھىبجامالنىڭ يۈزىدىكى داغقا ئوخشاپ قالغانلرىىمۇ ئەلۋەتتە يوق دەپ قاراشقا بولمايدۇ. بۇ ئۇستاز مېنىڭمۇ ئۇزۇن يىللىق ئۇستازىم، ئۇنىڭ بىلەن گەرچە پىكىرلىشىپ، مۇڭداشمىغان بولساممۇ بىراق ئۇنىڭ ئۆتكۈر پىكىرلىك، شىئىرلىرىگە ساداقەتمەن ئۇستاز ئىكەنلىكى ماڭا مەلۇمدۇر. ئەدەبىياتتا بولۇپمۇ ئەدەبىي ئوبزۇر (مېنىڭ يازغىنىمنى ئۇنداق دېگىلى بولمىسىمۇ) لاردا تەنقىدلەشكە تىگىشلىكلىرىنى تەنقىدلەش، مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە تېگىشلىك دەپ قارالغانلرىنى مۇئەييەنلەشتۈرمەك زۆرۈردۇر. مەن ئۇستازىم بولىسمۇ ئۇنىڭ بىر ئەسىرى ئۈستىدە ئازراق تەنقىدلەشكە تىگىشلىك نۇقساننى چېلىقتۇردۇم، ئۇنى كۆزۈم كۆرمەي ئۆتۈپ كەتمەكچى بولىديۇ، بىراق ۋىجدان دەۋىتى مېنى ئازراق سۆزلەپ، پىكىرلىشىپ بېقىشقا ئۇرۇندۇردى. مېنىڭچە سۈپۈرگى ئۇستاز سۆزلىرىمگە ئىلمىي مۇئامىلە قىلالايدۇ ۋە مېنىڭ يازغانلىرىمدا نۇقسان بولسا ئۇنىمۇ كۆرسىتىپ بىرەلەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكى قۇرلار يىزىپ چىقىلدى.
«ئوبزۇرچى پاكىت ۋە ئەسەرنىڭ ئىچكى مەزمۇنى ئاساسىدا پىكىر يۈرگۈزۈشى لازىم. سۆزىدە ئاساس بولمىغان ئوبزۇرچى قۇرۇق گەپ قىلىدىغان ئوبزۇرچىدۇر!»
____________ يالقۇن روزى
ھىسسىياتسىزلىق بىلەن ئىيتىلغان،بۇ ھىكايىۋىيلىق تۈسىنى ئىلىپ قالغان تۆت چاسا شەكىللىك بۇ لىرىكىنى ھەممەيلەن «راستىنلا مەكتەپتە ئوقۇغۇم يوق دادا» دەپ ماۋزۇ قويۇشتى، بۇ چاسا سۆزلەر بىز بىلەن ئۇچراشقاندىن بىرى ھەممەيلەن ئۇنىڭغا خۇددى بازارد ناۋاي داڭلىق بولسا نان چىققۇچە ئۆچرەت ساقلىغاندەك ھەممەيلەن شۇ بىر تىمىغا ئىشتىھا ساقلاپ تۇرۇپتۇ. تىما تەستىقلىنىپلا ماختاشلار چۈشۈپ كەتتى. مېنىڭچە بۇ ماختاشلاردىن سۈپۈرگى ئۇچۇپ كەتمىدى، بىراق ئۆزىنىڭ يازغان ئەسىرىنىڭ ھىسسىياتسىزلىق بىلەن ئىپادە تاپقۇزغانلىقى ھەققىدە ئۇ ئانچە ئويلىنىپ كەتمىدىغۇ دەيمەن؟ ئۇنداقتا مەن بۇ شىئىردىكى قاراڭغۇلۇقنى ئازراق كۆرسىتىپ باقسام بەلكىم كىيىنچە نۇر چاچقۇزۇشقا ئازراق بولسمۇ پايدىسى تېگىپ قالار دېگەن ئۈمىدتە مەن! بۇ قاراڭغۇلۇق ئىچىگە يوشۇرۇنغان لىرىكىنىڭ ئىسمىنى «راستىنلا مەكتەپتە ئوقۇغۇم يوق دادا» دەپ قويدۇق.
كىيگەن بولساممۇگەر<سىتۇدىنىت >تونىنى
بۇيەردىن تاپالمىدىم ھىچ ھەقىقەت يولىنى.
بۇزۇپ چىچىپ ئويناپ سەن بەرگەن پۇلنى
ئۆزۇم كولاپ ئۆتەرمەنمۇئۆزەمنىڭ ئۇلىنى. ،
ئۆزپۇتۇمغا پالتاچىپىپ ئوقۇغۇم يوق دادا،،!
بۇ كۇبلىت ھەققىدە قاراپ باقايلى، بۇ شىئىرنىڭ بىرىنچى مىسراسىنىڭ قاپىيىسى تون، ئىككىنچىسىچۇ يول، ئۈچىنچىسى پۇل، تۆتىنچىسى ئۇل ئۇنداقتا قېنى دەپ بىقىڭلار تون بىلەن يول، پۇل، ئۇل قاپىيىداشمۇ؟ ئاپتۇر شىئىرىدا نى دېگەننى قاپىيىداش شەكىلدە قىلىپ ئىشلەتكەن، ئەمەلىيەتتە شىئىردا قاپىيە دېگەن تۈ] سۆزلەردىن تەشكىل تاپىدۇ، كەينىدىكى ئۇلانما قوشۇمچىلار سۆزلەرنى ياسىغۇچى خالاس، ئۇنداقتا نى دېگەننى قاپىيە قىلىشقا بولمايدۇ. تونىنى بولغاندىكى خۇنىنى، ئۇنىنى دېيىشكە بولىدۇ، ئەمما تونىنى ، يولىنى دېيىشكە بولمايدۇ، بۇ خۇددى چېچىڭنى، گىپىڭنى دېگەنگە ئوخشاش قاپىيە شەكلىدۇر، چېچىڭنى دىگەننى تۈپ سۆزى چاچ، گېپىڭنىڭ بولسا گەپ ئۇنداقتا بۇلار قاپىيىداش ئەمەس. بۇنىڭدىن ئاپتۇرنىڭ مۇشۇ يەردە كەتكۈزۈپ قويغانلىقى مەلۇم!
يەنە بۇ كۇبلىتتا سەن بەرگەن پۇلنى بۇزۇپ چېچىپ ئۇلۇمنى كولىدىم دېيىلگەن، ئۇنداقتا مەكتەپتە ئوقۇپ بىر تەرەپتىن ئىشلىگەنلەرچۇ؟ ئۇلارمۇ ئوخشاشقۇ؟ سىتۇدىنىت تونىنى كەيگەن تۇرۇقلۇق بۇ يەردىن ھەقىقەت تونىنى تاپالمىدىم دەپتۇ، ئۇنداقتا ئۇنىڭغا دەرس ئۆتكەن ئوقۇتقۇچىلار ھەممىسى نادانمۇ ياكى بۇ بالا ھەددىدىن زىيادە ئەقىللىقمۇ؟ ھەممەيلەن بىلىدۇكى داڭلىق ئالىم، ئۇستازلارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك سىتۇدىنىت تونىنى كىيىدۇ، ئۇ يەردە ھەقىقەت يولى بار دېيىلمىسە ئۇلار ئۇ يەردە نىمە ئىش قىلىدۇ؟ شۇڭا شىئىر يازغاندا بۇرمىلاش ئارقىلىق قايمۇقتۇرۇش ئۇسۇلىنى ھەم مەجبۇرىي قاپىيىلەشتۈرۈپ، ھىسسىياتنى بوغۇشلاش تېخنىكىسىنى قوللانغانلىق شىئىرنىڭ مەغلۇبىيىتىدۇر. گەرچە ئاپتۇرنىڭ دېمەكچى بولغىنى ئۆزىنى ئەمەس بىر قىسىم شۇنداقلارنى دېمەكچى بولسىمۇ ئەمما ئۆزىنى ئۆزى ياخشى دىيەلمەي تۇرۇپ يەنە مەكتەپتە ئوقۇمايمەن دېسە، مەكتەپتە شۇنداق ئىسراپچىلىق، كاتتا «بىلىمى» بىلەن يۈرسە جەمىيەتكە چىقسا مەكتەپتە ئوقۇماي ئۇنداقتا ئۇ قانداق ئادەم بولماقچى .
سورىشىڭ مۇمكىن مەندىن قايتا-قايتىلاپ،
ئۆزۈڭنى باسالماي ۋەياكى شۇندا ئاچىقلاپ.
نە،سەۋەپ مەن بۇنى بىرەي ئىزھلاپ،،،،
سۆزلۈرۇمگەقۇلاق سىلىپ باققىن بىرئاڭلاپ.
راستىنلا مەكتەپتە ئوقۇغۇم يوق دادا،،،،،!
بۇ كۇبلىتتىكى بىردىنبىر خاتالىق شۇكى كۆپ چېكىت سەل جىق، يەنە كىلىپ خاتا. بۇ بىر كۇبلىت شىئىردا شىئىردا بولۇشقا تىگىشلىك شەرتلەردىن بىرەرسىمۇ قانائەت تاپمىغان، پەقەت ئەڭ تاتلىق مىسرا نە سەۋەپ مەن بۇنى ئىزاھلاپ بىرەي تولىمۇ ئوتلۇق مىسرادۇر، ئەپسۇسكى ئاپتۇر بىر مىسرانى 11 بوغۇم، بىر مىسرانى 11~14~13 ھالىتىدە بۇ بىر كۇبلىتنى ناھايىتى زورۇقۇش ئىچىدە پۈتتۈرۈپ چىققان، بۇ بىر كۇبلىتقا ياخشىراق بىر قاراپ باقساق ھېكايىنىڭ بىر ئابزاسى چاىققان، ئەلۋەتتە. يەنە بىرسىگە شۇنى دەيمەنكى راستىنلا مەكتەپتە ئوقۇغۇم يوق دادا دېگەن بۇ ئون ئىككى بوغۇملۇق مىسراشىئىردىكى ئەڭ چوڭ خاتالىق، بۇ بىر ۋارقىراپ گەپ قىلىشمۇ ياكى ئۆتۈنۈپ گەپ قىلىشمۇ؟
تۈزۇملەرچىڭ ئالدى ئىشىكتىن يىڭنە پاتمايدۇ،
ئارقا ئىشىكتىن رىلىس بىلەن پويىزلار قاتنايدۇ.
قورساق كۆتۇرۈپ تۇغساڭمۇ رۇخسەت كەتمەيدۇ،
قورساق گوللاپ جان باقساڭمۇھىچكىم كۈلمەيدۇ.
گۇناھلارغا شېرىك بولۇپ ئوقۇغۇم يوق دادا،،!
بۇ كۇبلىتقا قاراپ باقايلى: بۇ قانداق گەپلەر ئەمدى ئۇستاز، ئۈستىدىكىسى بولسا خەلق ماقالى، بۇ تىرناق ئىچىگە ئېلىنمىغان. بۇنىڭدىن بۇنى ئۆزۈمنىڭ دېگەنلىكىڭىز چىقىپ تۇرۇپتۇ، يەنە كىلىپ ئىككىنچى مىسرادا پويىز قاتنايدۇ دېيىسلە ئەلۋەتتە بولاتتى، ئەمما پويىزلار دەپ بۇزۇپ قويۇپسىز. كەينىدىكى مىسرالارغا قاراپ باقسام بۇ مەكتەپ بىزنىڭ رايۇنلىرىمىزدا مەۋجۇت ئەمەسقۇ دەيمەن، ھەم سەل ئېشىپ كەتكەندەك ھىس قىلىۋاتىمەن. ئۇنداق ئىشلارنى يوق دېگىلى بولمايدۇ، ئەلۋەتتە. لىكىن بىزنىڭ مەكتەپلىرىمىزدە ئۈچىنچى مىسرادىكىدەك ئەھۋاللاردا مەكتەپتىن چېكىندۈرۈلىدۇ، لىكىن ئاپتۇر دېگەندەك رۇخسەتسىزلا يوقاپ كەتسە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالدۇرىدىغان ئالىي مەكتەپلەر دەپ بىزنىڭ مەكتەپلەردۇر، ئەمما شىئىردىكى مەكتەپ بولسا بەلكىم چەتئەلنىڭ مەكتىپىدۇر. گۇناھ دېگەننى خەق قىلسا سىز توسۇشقا قادىر بولالىسىڭىز توسۇڭ، بولمىسا دەپ قويۇپلا ئۆتۈپ كېتىڭ، سىز گۇناھقا شىرىك بولمايسىز . يەنە كىلىپ گۇناھقا شىرىك بولۇپ ئوقۇمايمەن دېسىڭىز، سىز نېمە ئىش قىلماقچى، ھەممەيلەننىڭ ئېسىدە بولسۇنكى بىر مىتىر شورلۇق يەرنى دەپ بىر مو يەرنى تىرىماي تاشلىۋەتسەك زىيان تارتىپ قالارمىزمىكىن؟
‹تاۋارلىشىپ ›جەمىيەتتە ھوقۇق ۋە پۇرسەت،
بىرپۇڭسىزيۇرۇشمەس بولدى تىجارەت-ئوقەت،
كۆتۇرلۈپ كىتېشىپ ئۆزئارامېھرى-شەپقەت.
دەپسەندەبولماقتا ئىنسانىي قەدىر-قىممەت.
ماڭقۇرۇت بولۇپ مەكتەپتە ئوقۇغۇم يوق دادا،،!
بۇ كۇبلىت ھەققىدە جىق سۆزلىگۈم يوق، ئاپتۇر جەمئىيەتنى مىھىر-مۇھەببەتسىز دەپ ئەيىپلەيدۇ ھەم ئىنساني قەدىر - قىممەتنىڭ دەپسەندە بولغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، يەنە نىمىشقا شۇ جەمئىيەتتىن ئازراق بولسىمۇ يىراق بولغان مەكتەپنى تاللىمايدۇ، جەمىيەتنى سۆكۈپ تۇرۇپلا ئارقىدىن ماڭقۇرت بولۇپ مەكتەپتە ئوقۇغۇم يوق دادا،،! دەپ پەشنى قويۇۋىتىپ ھىسسىياتلىنىپ قالغان. بۇ كۇبلىت ھەققىدە قالغىنىنى ئۆتكۈر كۆزلۈك قىرىنداشلىرىمىز نىمە دېيىشنى ئويلىشىپ بولدىغۇ دەيمەن؟ مەكتەپتىمۇ ئوقۇماڭ، جەمىيەتتىمۇ ياشىماڭ ئۇنداقتا چەتكە چىقىپ كىتەمسىز يا ئەزرائىل جاننى ئالسا دەپ كۈتۈپ تۇرامسىز ئەلۋەتتە مارستا ئولتۇرغىلى بولمايدۇ، بۇ تىرىك ئىنساننىڭ جازاسىدۇر.
يىتەر،،!بولدى بەس ئۆزۈمنى بۇنچە قىينىماي،
ئادىمىيلىك خەرىتەمنى باشتىن بىر سىزاي.
ھالال ئىشلەپ تەرتۆكۈپ ئەركەكتەك ياشاي،
توسمىغىن سەن بۇتۈرمىدىن قۇتۇلۈپ چىقاي.
<ئەرمەك ئىت>بولۇپ مەكتەپتەئوقۇغۇم يوق دادا،!
قاراڭ بۇ كۇبلىتقا بۇ كۇبلىتتا گۇمانىتارلىق قاراش شۇكى بېشىدىكى كۇبلىتتا دېيىلگەندەك قورساق كۆتۇرۈپ تۇغساڭمۇ رۇخسەت كەتمەيدۇ، دېگەن مىسراسىغا زىت كىلەمدۇ كەلمەمدۇ؟ شۇنداق ئەركىن جاھاننى ئاپتۇر بىردەمدە ئۇنتۇپ تۈرمىدىن قۇتۇلۇشنى ئىزدەيدۇ. تۈرمە دېگەندە شۇنداق ئەركىنلىك بارمۇ يا؟ شۇڭا ئەسەر يازغاندا بېشىدا نىمىنى يازدىم، ئاخىرىدا نىمىنى ئىپادە تاپقۇزماقچى دېگەننى ئەستىن چىقارمىساق.
مەن مۇشۇنچىلىك سۆزلەي، شىئىردا بىر پۈتۈن خاتالىق بوغۇم بىردەكلىكى يوق، بۇنىڭ بىلەن ھىسسىيات ئەركىنلىكى يوق، قەلەم ئەركىنلىكى بىلەن مەجبۇرلاپ يىزىلىپ قالغان بۇ شىئىر ھېچكىمنىڭ كۆزىگە چېلىقمىغان، بەلكىم دوستلار چېلىقتۇرغان . بىراق ھەممىسى ئۇستاز دەۋاتقان بىر قەلەمكەشتىن قۇسۇر ئىزدىسەم بولماس دېگەن ئويدا پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويماي، بىر يىىللىق ساقلاپ قويغان ماختاش سۆزلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقارغان. بۇ تىمىنىڭ تەربىيىۋى ئەھمىيىتى زور بولسىمۇ ئەمما ئاپتۇر ئۇنى ئىپادىلەشتە پۈتۈنلەي قەلەمنى مەجبۇرلىغان. بۇ ئەسەر ئاپتۇرنىڭ قېنى بىزنىڭ ئەركەكلىرىمىز دېگەن ئەسىرى بىلەن سېلىشتۇرۇلغاندا ئىگىز- پەسلىك مەۋجۇت بولۇپ قالغان. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئەسەر قاراڭغۇلۇققا يۈزلەنگەن، ئاپتۇرمۇ بۇ ئەسەرنى پىششىقلىمايلا بىزنىڭ ھوزۇرىمىزغا سۇنغان، شۇنىڭ بىلەن بۇ پىشمىغان تاماق «پادىشاھنىڭ يېڭى كىيىمى» گە ئوخشاش ھېچكىم سۆزلىيەلمەي، مەندەك بىر كىچىك بالىنىڭ ئاشكارىلىشى بىلەن دوستلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇنۇلغان. سۆزلىرىمدە زىتلىق ۋە خاتالىقلارنى بايقىغانلار ئۇچۇرىنى بەرسەك، مەنمۇ تۈزەتسەم، سۈپۈرگى ئۇستازنىڭمۇ بۇ تىمامنى كۆرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. ھەمدە ئۆزىنىڭ تەھلىلى پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، سۆزلىرىمنىڭ دەلىلسىز ياكى مەنتىقىسىز جايلىرى بولسا كۆرسىتىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىىلمەن. چۈنكى مەنمۇ ھەممىنى توغرا كۆرسىتىپ بىرەلىدىم دەپ قارىمايمەن.
ئوبزۇر تالاش-تارتىشنى تەلەپ قىلىدۇ، ئوبزۇر قايناق مۇنازىرە ئۈچۈنلا يىزىلماستىن، ھەقىقەت ئۈچۈن يېزىلىشى كېرەك. ___----- يالقۇن روزى
ھەممەيلەنگە شۇنى تەۋسىيە قىلىمەنكى: شىئىردىن ئىبارەت بۇ ئاتقا يىقىنلايمەن دەيدىكەنمىز، چوقۇمكى ئەسەرلىرىمىزنى پىششىق قىلىشىمىز، كىلاسسىك شىئىرلارنى كۆپرەك ئوقۇپ يادلاپ، ھازىرقى زامان شائىرلىرىمىزنىڭ كىتابلىرىنى كۆپرەك كۆرەيلى! ھە دېسىلا بىر ئەسەرنى مەشىقى قىلىپ يېزىپلا ياخشى چىقتى دەپ مۇنبەرگە يوللاش ئارقىلىق شائىرلىق ئېتىنىڭ ھىدىنى پۇرىماقمۇ تەس. ھەممەيلەن ئۈگەنگۈچى شۇڭا تىرىشايلى! ئەسەرنى ئاۋۋال خاتىرىگە يازايلى، كۆزىمىز ئۇنىڭدىكى ئەخلەتلەرنى سۈزۈۋىتىشكە ياردەم قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن يوللايلى! مانا شۇندىلا ئېسىل ئەسەرلەر تور ئەدەبىياتىمىزدىمۇ كۆپلەپ بارلىققا كىلىدۇ ھەم كەلگۈسىدۇر. مەنمۇ شۇنداق قىلاي سىزمۇ شۇنداق قىلىڭ! ئەدەبىياتنىڭ پايانى چەكسىز!
8- ئاينىڭ 14- كۈنى تاماملاندى.
ئەلبۇم بارىكاللائەلبۇم،مەن شېئىرلارداپەقەت مەزمۇنلا مۇھىم ئەمەسدەپ سۈپۈرگىنىڭ ئالدىنقى قىتىملىق تىمىسىدائەسكەرتىش بەرگەنتىم، ئۇ ئەسكەرتىشىم كۆزىگە چىلىقماي قالدىمۇ بىلمىدىم، شۇنىڭ ئۈچۈن مۇشۇ تىمىنىڭ ئالدىدىلا ‹شېئىر توغرىسىدا قىسقىچە چۈشەنچە› دىگەن تىمىنى يوللىدۇم، شۇ تىمىنىڭ بىشىدا ئەسكەرتىپمۇئۆتتۈم، ئەلۋەتتە خاتالىقنى سەزدىم، لىكىن ئۇ خاتالىقنىدەلىل سۆزلەپ كۆرسەتكۈدەك مەندە سەۋىيە يوق، شۇ سەۋەپ جىمىپ قالغان ئىدىم، قايتا قايتا ئوقۇپمۇ بوغۇم بىردەكلىكىنى تاپالمىدىم، سىز تىخىمۇ ئىنچىكە تەھلىل قىلىپ ھەر جەھەتتىن بۇنى تەكىتلەپ ئۆتۈپسىز، شېئىرنىيازغۇچىيىزىپ ھوزۇرلانسائوقۇغۇچىلارمۇ ئوقۇپ ئۇنىڭدىن بەلگىلىك مەنانى ھىس قىلىپ ھوزۇرلىنالىسا ھەقىقەتەن ياخشى، بىراق قارغۇلارچە ھوزۇر تويغۇسى پەيدا قىلىش كۆزنى يۇمۇپ تۇرۇپ قەدەم ئالغان بىلەن باراۋەر...
بۇ خىل پىكىر تەكلىپلەرنىڭ كۆپلەپ چۈشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، ئاپىرىن! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا كەچۈر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2013-8-14 14:57
بۇ ئوبروزىرىڭىز ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ... نۇرغۇن سەۋەبلەر تۈپەيلى گاس - گاچىلارغا ئايلىنىپ، ئاۋازىمىز بوغۇزىمىزدىن چىقماي قالىدىكەندە، مۇشۇنداق تېمىلارغا قەلەم تەۋرىتىشكە ئاجىزلىق قىلىدىكەنمىز. مەن بۇ ھەقتە نەچچە قېتىم سۆزلەي دېسەممۇ قورساقتا بەلگىلىك ئۇماچ بولمىغانلىقتىن قۇسۇرچىلىقىمنى سېستىمىلىق ھالدا قىلالمىغان ئىدىم. ئارزۇلىرىم ئۇشبۇ ئوبزورىڭىز بىلەن ھاسىل بوپتۇ، قەلەم تۇتقان قوللىرىڭىز ھارمىغاي.
ئەمدى سىز ئوبزورىڭىزدا تىلغا ئالغان «راستىنلا مەكتەپتە ئوقۇغۇم يوق دادا» دېگەن شېئىرغا كەلسەك، بىرىنچىدىن بۇ شېئىرنىڭ ماۋزۇسىلا شېئىرىيلىقتىن ئورۇن تاپالمىغان. ئاھاڭدارلىقى كەمچىل، ۋەزىن، تۇراق، بوغۇملارغا سەل قارالغان.
ئىككىنچىدىن سىزنىڭ مىسالغا ئېلىپ سۆزلىگىنىڭىزدەك قاپىيە ئىشىغا سەل قارىغان. قوشۇمچە ئارقىلىقلا قاپىيەلىككە زورمۇزور قوغلىۋەتكەن.
ئۈچىنچىدىن شېئىردىكى بوغۇم مەسىلىسى كىشىنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ. بىر مىسرانى ھاياجانلىنىپ شۇنداق ئوقۇپ كېلىپلا، بوغۇم كەمتۈك مىسراغا پۇتلىشىمىزدە، ئاھاڭدارلىقىنى تولدۇرالماي گاڭگىرايمىز.
تۆتىنچىدىن مەزمۇنى كىشىنى تالاي كۈن ئويلاندۇرغۇدەك يېزىلغان بۇ «شېئىر»نىڭ تۇغۇلىشىدىنلا پىروزا كاتىگورىيەسىگە تەۋە بىر ئەسەر بولۇشى نۇرغۇن ئوقۇرمەنلەرنى تەخىرسىز ھېسلاردا ئەللەيلەيدۇ. بەلكىم، بۇ شېئىر ئۆز مەزمۇنىنى ساقلاپ قېلىپ، ھېكايە ژانېرىغا تەۋە بولغان بولسا تېخىمۇ كۆپ ئالقىشلارغا سازاۋەر بولۇشى مۇمكىن ئىدى.
ئەمدى سىزنىڭ ئوبزورىڭىزغا كېلەيلى:
« كەينىدىكى مىسرالارغا قاراپ باقسام بۇ مەكتەپ بىزنىڭ رايۇنلىرىمىزدا مەۋجۇت ئەمەسقۇ دەيمەن، ھەم سەل ئېشىپ كەتكەندەك ھىس قىلىۋاتىمەن. ئۇنداق ئىشلارنى يوق دېگىلى بولمايدۇ، ئەلۋەتتە. لىكىن بىزنىڭ مەكتەپلىرىمىزدە ئۈچىنچى مىسرادىكىدەك ئەھۋاللاردا مەكتەپتىن چېكىندۈرۈلىدۇ، لىكىن ئاپتۇر دېگەندەك رۇخسەتسىزلا يوقاپ كەتسە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالدۇرىدىغان ئالىي مەكتەپلەر دەپ بىزنىڭ مەكتەپلەردۇر، ئەمما شىئىردىكى مەكتەپ بولسا بەلكىم چەتئەلنىڭ مەكتىپىدۇر.» دېگەن تەنقىدىڭىزگە شەخسەن مەن قايىل ئەمەس. شېئىرنىڭ ئۈچىنچى مىسراسىدا ئېيتىلغان ئىشنى بىر يىللىق ئالىي مەكتەپ ھاياتىمدىلا ئۇچراتتىم، بۇنىڭدىن كېيىن يەنە قانچىلىك ئۇچرىتىمەن ئۇنى بىر ئاللاھ بىلىدۇ. تەكشۈرمىگەنلەرنىڭ پىكىر قىلىش ھوقۇقى يوق، دەپتىكەن يولداش ماۋ زېدۇڭ. ئۆز كۆزۈمدە كۆرگەن ئىش بولغانلىقى سەۋەبلىك بۇ يەردە شېئىرنى ياقلاپ قالدىم.
كەچۈر يوللىغان ۋاقتى2013-8-14 14:55 static/image/common/back.gif
بۇ ئوبروزىرىڭىز ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ... نۇرغۇن سەۋە ...
پىكىرىڭىزگە قوشۇلىمەن، ھەم تۈزىتىش بەرگىنىڭىزدىنمۇ خۇرسەنمەن، مەكتەپلىرىمىزدە ئۇنداق ئىشلارنىڭ بولۇشى ھەقىقەتەن كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ. ئەلبۇم يوللىغان ۋاقتى2013-8-14 15:56 static/image/common/back.gif
پىكىرىڭىزگە قوشۇلىمەن، ھەم تۈزىتىش بەرگىنىڭىزدىنمۇ...
ئەپسۇسلاندۇرىدۇ ئەلۋەتتە، لېكىن بىز توسۇپ بولالايمىزمۇ...
ئەڭ يېقىن دوستۇمنىڭ ياتاقدېشى (بىزنىڭ ياتاق بىناسىنىڭ يېنىدىكىلا بىنادا ياتاتتى) شەنبە، يەكشەنبە ئىككى كۈن تۇيۇقسىزلا يوقاپ كەتتى، دۈشەنبىدىن چارشەنبىگىچە ئاغرىۋاتقانلىقىنى باھانە قىلىپ رۇخسەت سورىدى، ھەممە ئىش شۇنداق كەم - كۈتىسىزلا تۈگەپ كەتتى.
ھەممە قىز - يىگىتلەرنىڭ قەلبىگە يەنە بىر قېتىم ئىنساب - دىيانەت ۋە ھىدايەت تىلەيمەن مەن بىلمەيدىغان نىمانچە جىق گەپلەردۇ بۇ ،بولۇپمۇ سۈپۈرگى ئۇستازنىڭ شىئېرى ئۈستىدە تەھلىلىڭلار جايىدا ، ئۇستازنىڭ قەلىمى كۈچلۈك ، مەزمۇنى ياخشى ، لىكىن دىگىنىڭلاردەكلا تۇراق ۋە بوغۇمدا مەسىلە بار ئىكەن ، مۇنبەرگە ئوبزۇر سەھىپىسى قوشۇلدى، سىلەرگە ئۇتۇق تىلەيمەن .. مەن كۆرۈپ بولۇپ بىرنەرسە دەي،قەلىمىڭىزگە تەشەككۈر... قاراخان يوللىغان ۋاقتى2013-8-15 00:10 static/image/common/back.gif
مەن كۆرۈپ بولۇپ بىرنەرسە دەي،قەلىمىڭىزگە تەشەككۈر...
بولىدۇ ئۇستاز، سىلىنىڭ پىكىرلىرى تولىمۇ تىرەن، قايىل قىلارلىق، مۇنبەر دېگەندە مۇنازىرىنىڭ قايناق بولۇپ تۇرغىنى ياخشى. پىكىر تەكلىپلىرىنى ئايىمىغايلا ئۇستاز. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا كۈلكە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2013-8-15 12:54
تەھلىللەر ھەقىقەتەنقايىل قىلارلىق ،جايىدا بوپتۇ.سۈپۈرگە ئۇستازنىڭ يازمىلىرى قامچىلاش خاراكتىردىكى تىملاردا بەكرەك ئۆز قىممىتنى تاپالايدۇ،مەنمۇ شۇتەرەپلەرگە بەكرەك دېققەت قىلىپ قەلمىگە قايىل بۇلۇپ قالمەن.ئەمما يۇقىردا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەندەك بەزى ئەھۋاللار ھەقىقەتەن مەۋجۇدكەن. سۈپۈرگە ئۇستازنىڭ بۇنى كۆرۈپ ئۆزىدكى يېتەرسىزلىكلەرنى ۋاقتىدا تۈزتىۋالايدىغانلىقغا ئىشىنمەن.
مۇنبىرمىزنىڭ ئەينىكى سۈپتدەتىملار ئۈستىدە مۇلاھزە ئېلىپ بارغىنڭىزدىن بەك خۇش بولدۇم،مۇشۇنداق تەنقىدى پىكىرلەرنى كۆپرەك ئاڭلاپ تۇرساقمۇنبىرمىزنىڭ تەرەققىياتىقىسقىسى ئۆزىمىزنىڭ يېزىقچىلىق جەھەتتكى بىلمىمىزنى تېخمۇ مۇكەممەلشتۈرۈشكەزور پايدىسى بار دەپ قارايمەن.
رەھمەت ،كۆپ ئەجىر قىلىپسىز. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەرتېكىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2013-10-30 16:15
مېنى ئوبزورنىڭ ماۋزۇسى جەلىپ قىلدى.
بەت:
[1]
2