ئىمتىھان بەرگۈچى:
1. تاللاش سۇئالى تۆۋەندىكى سۇئاللارنىڭ ئىچىدە پەقەت بىرسىلا توغرا توغرىسىنى تاللاپ تىرناق ئىچىگە تولدۇرۇڭ. (ھەربىر تارماققا 2 نۇمۇر بىرىلدۇ جەمىئي 50نۇمۇر)
1) سېستىما تىزىملىكىدىكى مۇلازىمىترغا ئۇلاش تۈرىدىكى يېڭىلاش كۇنۇپكىسىنىڭ قانداق رولى بار؟ ( )
A. باشقىلارنىڭ ئۇچۇرىنى تورغا يوللاش. B. باشقا تارماق ئورۇنلارنىڭ ئۇچۇرنى كۈرۈش.
C. سېستىمىنىڭ نەشىرنى يېڭىلاش D. رولى يوق.
2) سېتىما تىزىملىكىدىكى مۇلازىمىتىرغا ئۇلاش تۈرىدىكى مۇلازىمتېر نامى دىگەن ئۇرۇنغا ‹‹\SQLEXPRESS.›› مۇنداق يىزىلىپ بەلگىلەش كۇنۇپكىسى بېسىلسا قايسى ئورۇنغا ئۇلىندۇ؟ ( )
A. مەزكۇر كومپىيوتېردىكى ئامبارغا ئۇلىندۇ. B. تارماق ئۇرۇندىكى خالىغان بىرىگە ئۇلىندۇ.
C. رېستۇرانغا ئۇلىندۇ. D. غەرىپچە تاماقخانىغا ئۇلىندۇ.
3) يەلتاپان يۇمشاق دىتالىنى تارماق ئۇرۇنغا ئۇلاش ئۈچۈن تۆۋەندىكى مۇلازىمتېر نامىنىڭ يىزىلىش شەكىلىنىڭ توغرىسى. ( )
IP\SQLEXPRESS,1066 .A B. كىرىش ئېغىزى192.168.1.1\SQLEXPRESS,
C. كىرىش ئېغىزى IP\SQLEXPRESS, D. SQLEXPRESS \.
4) ئاساسى ئۇچۇر تىزىملىكىدىكى ئۈستەللەرنى بەلگىلەش كۆزنىكىدىكى خىزمەتچى دىگەن ئورۇنغا خىزمەتچى تاللانسا قانداق ئەھمىيتى بار؟ ( )
A. تاماق سېتىش كۆزنىكىدە تىزىملىك تاپشۇرغۇچى تاللانسا ئۈستەلنى ئاپتۇماتىك تاللايدۇ.
B. ئۈستەل تاللانسا تىزىملىك تاپشۇرغۇچى ئاپتۇماتىك تاللىندۇ.
C. تاماق سېتىش كۆزنىكى ئېچىلسىلا تىزىملىك تاپشۇرغۇچىنى ئاپتۇماتىېك تاللايدۇ.
D. بىكار نەرسە رولى يوق.
5) تاماق تۈرلىرىنى بېكىتىش كۆزنىكىدىكى سېتىلمايدىغان تاماققا توغرا بەلگىسى ئۇرۇپ قۇيۇشنىڭ ئەھمىيتى بولسا ( ).
A. شۇ تاماقنى سېتىشنى چەكلەش. B. شۇ تاماق تاللانسا ئەسكەرتىش.
C. شۇ تاماقنى كۈرۈنمەيدىغان قىلىش. D. رولى يوق.
6) چىقىم تۈرلىرى كۆزنىكىدىكى چوڭ چىقىملارغا توغرا بەلگىسى قويغاننىڭ رولى ( ).
A. سىتاستىكىلاش كۆزنىكىدە ئايرىپ كۆرسىتىش. B. سىتاستىكىلىغىلى بولمايدىغان قىلىش.
C. توغرا بەلگىسى ئۇرغان تۈرگە چىقىم قىلغىلى بولماسلىق. D. رولى يوق.
7) پىرىنتېر بەلگىلەش كۆزنىكىدىكى ئۆچۈرۈش كۇنۇپكىسىنىڭ رولى بولسا ( ).
A. كۆك رەڭدە بويالغان تاماقلارنى ئۆچۈرۈش. B. كۆك رەڭدە بويالغان تاماقلارنىڭ تالونىنى چىقمايدىغان قىلىش. C. كۆك رەڭدە بويالغان تاماقلارنى سېتىلمايدىغان قىلىش. D. رولى يوق.
8) كۈندىلىك ئۈستەل كىرىمى كۆزنىكىدىكى تىزلەتمە بۇيرۇقلار دىن يانتو سىرىق ئاندىن سان يىزىلسا نىمىنى بىلدۈرىدۇ. مەسلەن (1/)( ).
A. تىزىملىك تاپشۇرغۇچىنى تاللاشنى. B. ئۈستەل تاللاشنى.
C. قۇشۇمچە تەلەپنى قۇشۇپ قۇيۇشنى. D. رولى يوق.
9) كۈندىلىك ئۈستەل كىرىمى كۆزنىكىدىكى تىزلەتمە بۇيرۇقلار دىن مىنوس ئالامىتى ھەمدە سان يىزىلسا نىمىنى بىلدۈرىدۇ. مەسلەن (3-)( ).
A. تىزىملىك تاپشۇرغۇچىنى تاللاشنى. B. ئۈستەل تاللاشنى.
C. قۇشۇمچە تەلەپنى قۇشۇپ قۇيۇشنى. D. رولى يوق.
10) كۈندىلىك ئۈستەل كىرىمى كۆزنىكىدىكى تىزلەتمە بۇيرۇقلار دىن سان قۇشۇلغان سان ھەمدە يۇلتۇز بەلگىسى يىزىلسا نىمىنى بىلدۈرىدۇ. مەسلەن(*5+10)( ).
A. 10- نۇمۇرلۇق تاماقتىن 5نى. B. 10- نۇمۇرلۇق تاماقتىن 5 نى ھەمدە ئېلىپ كىتىدۇ.
C. 5-نۇمۇرلۇق تاماقتىن 10 نى . D. 5- نۇمۇرلۇق تاماقتىن 10 نى ھەمدە ئېلىپ كىتىدۇ.
11) كۈندىلىك ئۈستەل كىرىمى كۆزنىكىدىكى تىزلەتمە بۇيرۇقلار دىن بىر تال چېكىت نىمىنى بىلدۈرىدۇ ( ).
A. ھىچنىمە تاللىمىغان ھالەتكە قايتىش. B.تاللانغان تاماقنى بىكار قىلىش.
C. ئۈستەل تاللانمىغان تاماق تاللانغان ھالەتكە قايتىش . D.ئۈستەل تاللانغان تاماق تاللانمىغان ھالەتكە قايتىش.
12) كۈندىلىك ئۈستەل كىرىمى كۆزنىكىدىكى تىزلەتمە بۇيرۇقلار دىن بىر تال پىلوس ئالامىتى يىزىلسا نىمىنى بىلدۈرىدۇ ( ).
A. ھىچنىمە تاللىمىغان ھالەتكە قايتىش. B.تاللانغان تاماقنى كۈچۈرۈش.
C. رامكىنى چوڭايتىش . D. رولى يوق.
13) كۈندىلىك ئۈستەل كىرىمى كۆزنىكىدىكى تىزلەتمە بۇيرۇقلار دىن نورىمال تىجارەت شەكلىدە ھىسابات بۇغۇشنىڭ بۇيرۇقى بولسا( ).
A.01. B.02. C.03 . D. 00.
14) كۈندىلىك ئۈستەل كىرىمى كۆزنىكىدىكى تىزلەتمە بۇيرۇقلار دىن ئىتبار قىلىپ ھىسابات بۇغۇشنىڭ بۇيرۇقى بولسا( )
A. 01 B.02 C. 03 D. 00
15) كۈندىلىك ئۈستەل كىرىمى كۆزنىكىدىكى تىزلەتمە بۇيرۇقلار دىن خاتىرلەپ قۇيۇشنىڭ بۇيرۇقى بولسا( )
A. 01 B.02 C. 03 D. 00
16) سان قۇشۇش ئالامىتى سان قۇشۇش ئالامىتى ئارقىمۇ – ئارقا يىزىلسا نىمىنى بىلدۈرىدۇ. مەسلەن(+3+9)( )
A. 9-نۇمۇرلۇق تاماقتىن يەنە 3 نى قوشقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
B. 9-نۇمۇرلۇق تاماقتىن جەمىئىي 3 بۇيرىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
C. 9- نۇمۇرلۇق تاماقتىن 3 نى ئالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ .
D. 9-نۇمۇرلۇق تاماقنىڭ ھەممىسىنى قالدۇرۇش.
17) تاماق سېتىش كۆزنىكىدە بەزى تاماقلار يېشىل رەڭدە كۆرۈندۇ بۇنىڭ مەنىسى ( ).
A.يېشىل رەڭدە كۆرۈنگەن تاماقنىڭ تاللانغانلىقىنى . B. يېشىل رەڭدە كۆرۈنگەن تاماقنىڭ تاللانمىغانلىقىنى. C. يېشىل رەڭدە كۆرۈنگەن تاماقنىڭ سېتىلمايدىغانلىقنى . D. ھىچقانداق مەنىسى يوق.
18) ئۆزىمىزنىڭ كومپىيوتېرنىڭ كىرىش ئېغىزىنى قانداق تاپىمىز؟ ( )
A.يەلتاپان دىتالىنىڭ سېستىما تىزىملىكىدىن تورغا مەلۇم قىلىش كۆزنىكىدىن تاپىمىز .
B. يۇمشاق دىتالنى ئىشلىگەن شىركەتتىن سورايمىز. C. سېستىما تىزىملىدىكى سېستىما تىزىملىتىش نۇمۇرى كۆزنىكىدىن تاپىمىز. D. ھىچقانداق مەنىسى يوق.
19) تاماق سېتىش كۆزنىكىنى قايەرلەردىن ئاچىقىلى بۇلىدۇ. ( )
A. ئاساسى مەشغۇلات تىزىملىكىدىن ئۈستەل كىرىمى دىگەن تۈردىن ۋە سېستىما كۈرۈنمە يۈزىدىكى ئاساسى مەشغۇلات تۈرىدىكى رەسىملىك ئۈستەل كىرىمىنى خاتىرلەش كۇنۇپكىسىنى بېسىش ئارقىلىق .
B. پەقەت ئاساسى مەشغۇلات تىزىملىكىدىن ئۈستەل كىرىمى دىگەن تۈردىن.
C. پەقەت سېستىما كۈرۈنمە يۈزىدىكى ئاساسى مەشغۇلات تۈرىدىن رەسىملىك ئۈستەل كىرىمىنى خاتىرلەش كۇنۇپكىسىنى بېسىش ئارقىلىق . D. كۆپ خىل ئېچش ئۇسۇلى يوق.
20) ئاساسى مەشغۇلات تىزىملىكىدىكى كۈندىلىك ھىسابات بۇغۇلمىغان ئۈستەللەردىكى تاماقلار ۋە ماللار بولسا ( ).
A. خېرىداردىن پۇل ئالمىغان تاماقلار. B. كاسسىر ھىسابات بوغمىغان تاماقلار.
C. كاسسىر ھىسابات بوغقان تاماقلار. D. بىكار نەرسە.
21) ئۈستەل كىرىمىنى تاماق تۈرلىرى بۇيىچە سىتاستىكىلاشتا 2008-3-13 كۈندىن 2008-3-17 گىچە 5 كۈنلۈك تاماق سېتىش ئەھۋالىنى كۆرمەكچى بولساق سىتاستىكىلاش كۆزنىكىگە تەلەپنى قانداق يازىمىز. (باشلىنىش ۋە ئاخىرلىشىش ۋاقتىنى ئۆز ئچىگە ئالىدۇ) ( ).
A. ۋاقت چوڭ 2008-3-13 ھەمدە ۋاقىت كىچىك 2008-3-17.
B. ۋاقىت چوڭ 2008-3-12 ھەمدە ۋاقىت كىچىك 2008-3-17.
C. ۋاقىت چوڭ 2008-3-12 ھەمدە ۋاقىت كىچىك 2008-3-18.
D. ۋاقىت چوڭ 2008-3-13 ھەمدە ۋاقىت كىچىك 2008-3-18.
22) ئۈستەل كىرىمىنى تاماق تۈرلىرى بۇيىچە سىتاستىكىلاشتا 2008-3-13 دىن 2008-3-17 گىچە 5 كۈنلۈك كاۋاپ تۈرىدىكى تاماقلارنىڭ سېتىلىش ئەھۋالىنى سىتاستىكىلاپ كۆرمەكچى بولساق سىتاستىكىلاش كۆزنىكىگە تەلەپنى قانداق يازىمىز. (ئاخىرلىشىش ۋاقتىنى ئۆز ئچىگە ئالىدۇ، لىكىن باشلىنىش ۋاقتىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.) ( ).
A. ۋاقىت چوڭ 2008-3-13 ھەمدە ۋاقىت كىچىك 2008-3-17 ھەمدە تاماق چوڭ تۈر نامى كىچىك كاۋاپ گوروپپىسى.
B. ۋاقىت چوڭ 2008-3-12 ھەمدە ۋاقىت كىچىك 2008-3-17 ھەمدە تاماق چوڭ تۈر نامى تەڭ كاۋاپ گوروپپىسى.
C. ۋاقىت چوڭ 2008-3-12 ھەمدە ۋاقىت كىچىك 2008-3-18 ھەمدە تاماق چوڭ تۈر نامى تەڭ كاۋاپ گوروپپىسى.
D. ۋاقىت چوڭ 2008-3-13 ھەمدە ۋاقىت كىچىك 2008-3-18 ھەمدە تاماق چوڭ تۈر نامى چوڭ كاۋاپ گوروپپىسى.
23) ئۈستەل كىرىمىنى سىتاستىكىلاش كۆزنىكىدە تەلەپ يازىدىغان بىر كۆزنەك بۇلۇپ تەسسادبى بۇ كۆزنەكنى ئۈچۈرۋەتسەك قايتا ئېچىش ئۈچۈن ئەڭ ئاددى ئۇسۇل ( ).
A. ئۈستەل كىرىمىنى سىتاستىكىلاش كۆزنىكىنى ئۈچۈرۋېتىپ قايتا ئېچىش.
B. ئۈستەل كىرىمىنى سىتاستىكىلاش كۆزنىكىنىڭ سول تەرەپ ئاستىدىكى سىتاستىكىلاش كۆزنىكى دىگەن كۇنۇپكىنى چىكىپ كۆزنەكىنى قايتا ئېچىش. C. يەلتاپاننى قايتا قوزغىتىش.
D. ھۇقۇقى چوڭراق بىرەرسىنىڭ ئېچىپ بىرىشىنى كۈتۈش.
24) خېرىدار مەلۇم بىر تاماقنى يىمەي چىكەتكەن ياكى قايتۇرۋەتكەن تاماقنى ئىناۋەتسىز قىلىش. ( )
A. كۈندىلىك ھىسابات بۇغۇلمىغان ئۈستەللەردىن خېرىدارنىڭ تامقىنى تاللاپ ئوڭ تەرەپتىكى ئىناۋەتسىز قلىش كۇنۇپكىسىنى چېكىش .
B. كۈندىلىك ھىسابات بۇغۇلمىغان ئۈستەللەردىن خېرىدارنىڭ تامقىنى تاللاپ سول تەرەپتىكى ئىناۋەتسىز قلىش كۇنۇپكىسىنى چېكىش.
C. كۈندىلىك ھىسابات بۇغۇلمىغان ئۈستەللەردىن خېرىدارنىڭ تامقىنى تاللاپ سول تەرەپتىكى ئىناۋەتسىز قلىش كۇنۇپكىسىنى ۋە ئوڭ تەرەپتىكى ئىناۋەتسىز كۇنۇپكىسىنىمۇ چېكىش.
D. ئىناۋەتسىز قىلىش مۇمكىن بولمايدىغان ئىش.
25) كۈندىلىك ھىساباتنى كۈرۈش ۋە كۈندىلىك ھىساباتنى بۇغۇش مەشغۇلاتىدىن توغرىسى. ( )
A. خولاسىلەش تىزىملىكىدىن كۈندىلىك ھىسابات كۆزنىكىنىڭ ئۈستىدىن كۈندىلىك ھىسابات ئەھۋالىنى كۆرگىلى بۇلىدۇ، ئاستىدىكى ھىسابات بۇغۇش كۇنۇپكىسىنى چىكىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرىمىز.
B. ئۇمۇمىي ھىسابات سىتاستىكىدىن بۇغۇش ۋە كۈرۈش .
C. بۇنى پەقەت ئىشخانىدىكىلەر قىلالايدۇ.
D. تاماق سېتىش كۆزنىكىدىكى ھىسابات بۇغۇش كۇنۇپكىسىنى چىكىش ئارقىلىق بۇغۇش.
2. توغرا خاتانى ئايرىش. (ھەر بىرىگە 2 نۇمۇر جەمىئىي 30 نۇمۇر)
1) مال تۈرى خاتا بولسا ئالماشتۇرغىلى بۇلىدۇ. ( )
2) تاماق تۈرى ياكى تاماق ئىسمى خاتا بولسا ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ. ( )
3) تاماق تۈرلىرىدىكى سېتىلمايدىغان تاماق دىگەن تارماق تۈرگە توغرا بەلگەىسى ئۇرۇلسا توغرا بەلگەىسى ئۇرۇلغان تاماقنى ساتقىلى بولمايدۇ. ( )
4) تاماقنىڭ چوڭ تۈرىنىڭ تىز كۇنۇپكىسىنىڭ ھىچقانداق رولى يوق. ( )
5) مالنىڭ چوڭ تۈرىنىڭ تىز كۇنۇپكىسىنى Ctrl كۇنۇپكىسى بىلەن قۇشۇپ باسىمىز. ( )
6) تاماقنىڭ چوڭ تۈرىنىڭ تىز كۇنۇپكىسىنى Ctrl كۇنۇپكىسى بىلەن قۇشۇپ باسىمىز. ( )
7) ئىتبار قىلىش ھۇقۇقى يوقلارنىڭ ئىتبار چىكىنى بەلگىلەش ھاجەتسىز. ( )
8) ھەر بىر ئىشلەتكۈچى ئۆزىنىڭ مەخپى نۇمۇرنى ئۆزى ئۆزگەرتەلەيدۇ. ( )
9) ئىشلەتكۈچى مەخپى نۇمۇرنى ئۇنتۇپ قالسا باشقۇرچى قايتا بېكىتىپ بىرەلەيدۇ. ( )
10) ئۆزىمىنىڭ ئۇچۇرنى تورغا يوللاشتا سېستىما تىزىملىكدىن تورغا مەلۇم قىلىش دىگەن كۆزنەكتىن قالدۇرۇش كۇنۇپكىسىنى چەكسەك تورغا يوللاش مەغلۇپ بولدى دىگەن ئۇچۇر چىقسا تورغا يوللىغان بولىمىز. ( )
11) تاماق سېتىش كۆزنىكىدىكى ياردەم كۇنۇپكىسىنىڭ ئۈستىدىكى توغرا بەلگىسى ئۇرۇلدىغان كاتەكچىگە توغرا بەلگىسى ئۇرۇلسا تاللانغان تاماقنى كۈرۈش رامكىسى كىچىكلەيدۇ. ( )
12) مالنى كىرگۈزۈپ بولغاندىن كېيىن باھاسى ئۆسسىمۇ مال باھاسىنى ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ دىيىش توغرىمۇ؟ ( )
13) مەلۇم كۈنلۈك ياكى مەلۇم ۋاقىت ئارلىقىدىكى ئۈستەل كىرىمنى سىتاستىكىلىغاندا ئىناۋتسىز قىلىنغان ۋە ئىتبار قىلىغان پۇلىنى چىقىرۋېتىپ ھەقىقى سوممىغا ئىرىشىمىز. ( )
14) قايتا تىزىملىتىشنىڭ تىزلەتمە كۇنۇپكىسى بولسا Ctrl + L دىن ئىبارەت. ( )
15) سېتىلىپ بولغان تاماقنى ئىناۋەتسىز قىلغىلى بۇلىدۇ، ئىناۋەتسىز قىلىنسا كۈندىلىك ھىساباتقا كىرمەيدۇ.
3. ئەمەلىي مەشغۇلات (جەمىئي 20)
1) مۇلازىمتېرغا ئۇلاش (3 نۇمۇر) بۇ تۈردە ئېرىشكەن نۇمۇر ( )
2) تاماق سېتىش ۋە تاماق سېتىشتىكى تىزلەتمە بۇيرۇقلاردىن سۇئال سورىلدۇ. (6 نۇمۇر) بۇ تۈردە ئېرىشكەن نۇمۇر ( )
3) مال كىرگۈزۈش (3 نۇمۇر) بۇ تۈردە ئېرىشكەن نۇمۇر ( )
4) سىتاستىكىلاش (مەلۇم كۈنلۈك ياكى مەلۇم ۋاقىت ئىچىدىكى ئامبار ھىسابات ئەھۋالى ياكى ئۈستەل كىرىمىنى سىتاستىكىلاش)(6نۇمۇر) بۇ تۈردە ئېرىشكەن نۇمۇر ( )
5) ئالدىنقى بىر نەچچە كۈنلۈك ھىسابات ئەھۋالىنى كۈرۈش (ئاۋال مۇلازىمتېرغا ئۇلاپ يىراقتىن كۈرۈلدۇ.)(2 نۇمۇر) بۇ تۈردە ئېرىشكەن نۇمۇر ( )
سۇئاللار |
ئېرىشكەن نۇمۇر |
1- سۇئال |
|
2- سۇئال |
|
3- سۇئال |
|
ئۇمۇمىي ئىرىشكەن نۇمۇر |
|