207.241.237.208 سىزنىڭ IP ئادرېسىڭىز :
دەرسخاناپروگرامما تۈزۈشكە كېتەرلىك يۇمشاق دېتاللار
VB دىن پايدىلىنىپ MS-DOS نى ئىشلىتىش

    VB ئىنتايىن قولايلىق بىر تىل بولۇپ  باشقىلارنىڭ پىروگراممىلىرىدىنمۇ پايدىلانغىلى بولىدۇ. مەسىلەن بىز تۆۋەندە VB دىن پايدىلىنىپ MS-DOS نى تارتىپ ئەكىرىپ مەلۇم بىر دىسكىنى فورماتلاپ باقايلى.

    ئەسلى كودى مۇنداق:

Shell "cmd /c format x: /q > c:\uqur.txt"

    ھەممەيلەنگە تونۇشلۇق بولىشى مۇمكىن Shell بولسا سىرىتقى پىروگراممىلارنى قوزغىتىدىغان بويرۇق. بىز بۇ بويرۇقتىن پايدىلىنىپ CMD يەنى MS-DOS ھالىتىنى قوزغىتايلى يەنە كەينىگە MS-DOS نىڭ دىسكىنى فورماتلاش بوۇرۇقىنى قوشۇپ قويايلى.

مەسىلەن:

Shell "cmd /c format x: /q"

ئاندىن بىز يەنە ئازىراق ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ كەينىگە

> c:\uqur.txt

نى قوشۇپ قويساق ئىجرا بولۇش نەتىجىسىنى  c:\uqur.txt ھۆججەتكە چىقىرىپ بېرىدۇ.

قېنى ئۆزىڭىز قول سېلىپ ئىشلەپ كۆرۈڭ، لىكىن دېققەت قىلىڭ بۇ بويرۇق دىسكىڭىزدىكى بارلىق ھۆججەتلەرنى يۇيىۋېتىدۇ.

3212 ئاۋاتلىقى: 2009-12-5 يوللانغان ۋاقتى:

2008-8-29