Microsoft Office Access تىن پايدىلىنىپ سانلىق مەلۇمات ئامبىرى قۇرۇش
سانلق مەلۇمات ئامبىرى دىگىنىمىز ئۇچۇرلارنى جەدىۋەل شەكلىدە تىز سۇرئەتتە ساقلاش، ئىزدەش، ئۆزگەرتىش رولىغا ئىگە بولغان ھۆججەتتىن ئىبارە. سىز بۇ ھۆججەتكە ئۇچۇرلارنى جەدىۋەل شەكلىدە ساقلاپ قويسىڭىز ھەرخىل پىروگرامما تىللىرى ئارقىلىق تىز سۈرئەتتە ئۇچۇر ئوقۇش، يېزىش مەشغۇلاتىنى ئېلىپ بارالايسىز شۇنداقلا SQL نىڭ كۈچلۈك بولغان ئىزدەش، سىتاتىستىكىلاش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ نۇرغۇنلىغان سانلىق مەلۇماتلارنى نەچچە سىكونت ئىچىدىلا سىتاتىستىكىلاپ چىقالايسىز.
Microsoft Office Access سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنىڭ ھۆججەت قۇرۇلمىسى تۆت قاتلام مۇناسىۋەت بويىچە تۈزۈلگەن بولۇپ ئىشلىتىشكە ئىنتايىن قولايلىق، سۇرئىتى تىز بولۇش ئالاھىدىلىكى بولغاچقا ناھايىتى كۆپ قوللىنىلماقتا.
Microsoft Office Access سانلىق مەلۇمات ئامبار ھۆججىتى ھۆججەت، جەدىۋەل، سىتون، ئۇچۇردىن ئىبارەت تۆت قاتلام مۇناسىۋەتىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، ئۇنى بىر كاتاكچە دەپتەرگە ئوخشىتىشقا بولىدۇ. يەنى دەپتەرنىڭ ئۆزىنى بىر سانلىق مەلۇمات ھۆججىتى دىسەك ئۇنىڭ ھەربىر ۋارىقى سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنىڭ جەدىۋەللىرىگە، ھەربىر بەتتىكى تىك قۇرلار سانلىق مەلۇمات جەدىۋىلىنىڭ سىتونىغا، ھەربىر قۇرى سانلىق مەلۇمات ئامبىىرنىڭ ئۇچۇرلىغا ئوخشايدۇ. تۆۋەنىكى رەسىمدىكىدەك:

ئەمدى سانلىق مەلۇمات جەدىۋىلىدىن بىرنى قۇرۇپ كۆرەيلى(ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، ئىنگىلىزچە ئۈچ تىللىق لوغەت پىروگراممىسى دەرسىدىكى سۆزلۈك سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنىڭ قۇرۇش جەريانى)
سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنىڭ ئىسمى Dict.mdb
سانلىق مەلۇمات ئامبىرىدىكى جەدىۋەل 1 دانە، نامى: Words
Words جەدىۋىلىدىكى سىتونلار |
ئىزاھات |
تىپى |
سىتون نامى |
№ |
سۆزلۈك تەرتىپ نومۇرى |
ئاپتۇماتىك تەرتىپ |
ID |
1 |
ئۇيغۇرچ سۆز |
يېزىق(50ھەرپ) |
Uighur |
2 |
خەنزۇچە سۆز |
يېزىق(50ھەرپ) |
China |
3 |
پىنيىن |
يېزىق(50ھەرپ) |
Pinyin |
4 |
ئىنگىلىزچە |
يېزىق(50ھەرپ) |
English |
5 |
تىرانسىپىكسىيە |
يېزىق(50ھەرپ) |
Yindiao |
6 |
قوشۇمچە ئۇچۇر |
ئىزاھات |
Memo |
7 |
ID ئاپتۇماتىك تەرتىپ نومۇرى بولۇپ ئاساسىي سىتوق(主键) قىلىپ تەڭشەپ قويىمىز، سانىق مەلۇمات ئامبىرىدا چوقۇم بىر دانە ئاساسىي سىتون بولىشى كېرەك.
2~6 گىچە بولغان سىتونلار ئادەتتىكى يېزىق تىپلىق سىتون بولۇپ ئۇزۇنلىقى 50 ھەرپ بەلگە بولسا بولىدۇ(ئۇيغۇرچىدىكى مەن ئۇچىراتقان ئەڭ ئۇزۇن سۆز29 ھەرىپ بەلگە).
Memo ئىزاھات تىپلىق بولۇق سۆزلۈكنىڭ قوشۇمچە چۈشەندۈرۈش مەزمۇنى ساقلىنىدۇ، ئۇچۇر Html شەكلىدە ساقلىنىدىغان بولغاچقا ۋە ئىشلەتكۈچىنىڭ زادى قانچىلىق ئۇچۇر يازىدىغانلىقىنى مۇقىملاشتۇرغىلى بولمىغانلىقتىن ئىزاھات تىپلىق قىلىپ تەڭشەيمىز.
1. Microsoft Office Access نى قوزغۇتۇش
باشلاش(开始) تىزىملىكىدىن بارلىق پىروگرامما(所有程序) تۈرىنى ئاندىن Microsoft Office 2003 نى ئاندىن Microsoft Office Access20003 نى تېپىپ قوزغىتىمىز.
2. يېڭىدىن سانلىق مەلۇمات ئامبىرى ھۆججىتىنى قۇرۇش
ھۆججەت(文件) تىزىملىكىدىن يېڭىدىن قۇرۇش(新建) نى چېكىمىز، ئاندىن سول تەرەپتىكى ۋەزىپە سىتونىدىكى قۇرۇق سانلىق مەلۇمات ھۆججىتى(空数据库) دىگەن تۈرنى تاللايمىز.(تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك)

چىققان قۇرۇش كۆزنىكىدىن ساقلايدىغان ئورۇننى تاللاپ ھۆججەت ئىسمى(文件名)غا Dict.mdb نى كىرگۈزۈپ قۇرۇش(创建) كونۇپكىسىنى باسىمىز.
3. سانلىق مەلۇمات جەدىۋىلىنى قۇرۇش.
يېڭىدىن جەدىۋەل قۇرۇش(新建) كونۇپكىسىنى چېكىمىز، ئاندىن چىققان كۆزنەكتىن لاھىيىلەش كۆزنىكى(设计视图) تۈرىنى تاللاپ مۇقىملاش(确定) كونۇپكىسىنى چېكىمىز.(تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك)

4.لاھىيىلەش كۆزنىكىدىكى سىتون نامى(字段名成)غا Idنى كىرگۈزۈپ سانلىق مەلۇمات تىپى(数据类型) تۈرىدىن ئاپتۇماتىك تەرتىپ(自动编号) نى تاللايمىز. (تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك)

سىتون نامى(字段名成)غا Uighurنى كىرگۈزۈپ سانلىق مەلۇمات تىپى(数据类型) تۈرىدىن يېزىق(文本) نى تاللايمىز. سىتون چوڭلىقى(字段大小)غا 50 نى كىرگۈزىمىز، سىتون چوڭلىقىنى ئۆزىڭىز ئەھۋالغا قاراپ بېكىتسىڭىز بولىدۇ. قانچە ھەرپ بەلگە قىلىپ بەلگىلىسىڭىز ئەڭ كۆپ بولغاندا شۇنچە دانە ھەرىپنى ساقلاشقا بولىدۇ، ئۇنىڭدىن ئېشىپ كەتكەندە خاتالىق چىقىدۇ. (تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك)

مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن
يېزىق(50ھەرپ) |
China |
يېزىق(50ھەرپ) |
Pinyin |
يېزىق(50ھەرپ) |
English |
يېزىق(50ھەرپ) |
Yindiao |
ئىزاھات(备注) |
Memo |
قاتارلىق سىتوننلارنى قۇرىمىز.
5. ھەرقانداق بىر سانلىق مەلۇمات جەدىۋىلىدە بىر ئاساسىي سىتون بولۇش كېرەك. بىز IDنى ئاساسىي سىتون قىلىپ بەلگىلەيمىز. يەنى ID سىتونىنىڭ ئۈستىدە ئوڭ كونۇپكىنى چېكىپ چىققان تىزىملىتىن ئاسسىي سىتون دىگەن تۈرنى تاللايمىز. تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك

6. سىتون لارنى بەلگىلەپ بولغاندىن كېيىن ھۆججەت تىزىملىكىدىن ساقلاش كونۇپكىسىنى چەكسەك بۇ سانلىق مەلۇمات جەدىۋىلىنىڭ نامىنى سورايدۇ بىز جەدىۋەل نامى دىگەن ئورۇنغا Words نى كىرگۈزۈپ مۇقىملاش كونۇپكىسىنى چېكىمىز. ئاندىن لاھىيىلەش كۆزنىكىنى ئېتىۋەتسەك بولىدۇ.

قارىساق بىز قۇرغان جەدىۋەل قوشۇلۇپ بولۇنغان بولىدۇ.

Words جەدۋىلىنى قوش چېكىپ ئېچىپ، ئىچىگە مەزمۇن كىرگۈسەك، ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارساق بولىدۇ.
|