207.241.237.208 سىزنىڭ IP ئادرېسىڭىز :
دەرسخاناپروگرامما تۈزۈشكە كېتەرلىك يۇمشاق دېتاللار
ئوۋچى

سىز تۇرمۇشىڭىزدا، كومپيۇتېر دۇنياسىدا بولۇپمۇ تور دۇنياسىدا نۇرغۇنلىغان ئەھمىيەتلىك، قىممىتى بار مەزمۇنلارنى ئۇچرىتىسىز، بەزىلىرىنى ئېسىڭىزدە تۇتىۋالىسىز، بەزىلىرىنى بىرەر نەرسىگە خاتىرلىۋالىسىز، لېكىن مىڭ ئەپسۇس ئېسىڭىزدىن كۆتۈرلۈپ قېلىش، خاتىرىڭىزنى تاپالماسلىق سىز ئۈچۈن ئەڭ زور دۈشمەن «يوقىتىش» بولىدۇ. شۇ ئەھمىيەتلىك نەرسىلىرىڭىزنى تاپالمىغاندا نۇرغۇن ۋاقتىڭىز ئىسراپ بولىدۇ، نۇرغۇن پىسخىك بېسىملارغا ئۇچرايسىز.

ئەمدى سىزنىڭ بۇنداق ئەندىشە قىلىشىڭىزنىڭ ۋاقتى توشتى، بارخان شىركىتىمىز مەخسۇس مۇشۇ قىيىنچىلىقلارنى كۆزدە تۇتۇپ «ئوۋچى» يۇمشاق دېتالىنى تۈزۈپ چىقتى.

«ئوۋچى» يۇمشاق دېتالى سىزنىڭ ئەشۇ مەزمۇنلىرىڭىزنى تەرتىپلىك باشقۇرۇپ ساقلاپ بېرىشكە كاپالەتلىك قىلالايدۇ.

ھازىرقى ئىقتىدارلىرى:

1. مەزمۇنلارنى 3 قاتلام مۇناسىۋەتتە ساقلاش.

2. ئۇچۇرلارنى Html كودى بويىچە ساقلاش.

3. تور بەت، Word قاتارلىق يۇمشاق دېتاللاردىكى كۆچۈرۈلگەن مەزمۇنى ئەينەن ساقلاش.

4. مەزمۇننىڭ خەت رەڭگى، ئۇلانما، جەدۋەل قاتارلىقلارنى قوللاش.

5. ئۇچۇرلارنى زاپاسلاش.

6. ئۇچۇرلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش.

قوشۇلماقچى بولغان ئىقتىدارلار:

1. مەزمۇنلارنى چەكسىز قاتلام مۇناسىۋەتتە ساقلاش.

2. ئۇچۇرلارنى ئىزدەش.

3. سىستېما مەخپىي شىفىرى ئورنىتىش.

4. كۆپ ئىشلەتكۈچىلىك قىلىش.

5. تور نۇسخىلىق قىلىپ ئۆزگەرتىش.

 

نەشىرى: Ver1.1
سىغىمى: 1.35MB
چۈشۈرۈش ئادرىسى؛ چۈشۈرۈش

سىستېمىغا بولغان تەلەپ؛ تور بېكىتىمىزدىن Net2 نى چۈشۈرۈپ قاچىلاپ ئىشلىتىڭ. (Net2 نى چۈشۈرۈش)

13281 ئاۋاتلىقى: 2008-8-30 يوللانغان ۋاقتى:

2008-8-29