207.241.237.208 سىزنىڭ IP ئادرېسىڭىز :
دەرسخاناپروگرامما تۈزۈشكە كېتەرلىك يۇمشاق دېتاللار
UUS يېزىق كىرگۈزۈش سىستېمىسى

كىرىش سۆز

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك دوستۇم !

ئالدى بىلەن مەركىزىمىز قۇرۇلغاندىن بۇيان بىزنى ئىزچىل قوللاپ كەلگەن بارلىق تورداشلارغا قىزغىن سالام يوللايمىز شۇنداقلا چىن دىلىمىزدىن رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز. مەركىزىمىز قۇرۇلغاندىن بۇيان ئىزچىل تىرىشىش ئارقىلىق بىر قىسىم ساپ ئۇيغۇر يېزىقىدىكى يۇمشاق دېتاللارنى ياساپ چىقتى. بۇ يۇمشاق دېتاللىرىمىز سىزنىڭ خىزمىتىڭىزگە، ئۆگىنىشىڭىزگە ئازراق بولسىمۇ قولايلىق ئېلىپ كەلسە شۇنىڭ ئۆزى بىز ئۈچۈن چەكسىز خوشاللىق!

يۇمشاق دېتالنىڭ ئاساسى چۈشەندۈرۈلۈشى

بىۋاستە يېزىق كىرگۈزۈش سىستېمىسى

يېزىق كىرگۈزۈش سىستېمىسى Windows 92 , Windows 98 , Windows Me Windows 2000 , Windows Xp , Windows 2003 , Windows Vista قاتارلىق مەشغۇلات سىستېمىسىدا بىۋاستە ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە كىرگۈزۈش سىستېمىسى بولۇپ، UNICODE نى قوللايدىغان ھەرقانداق بىر ئورۇنغا بىۋاستە ئۇيغۇرچە، قازاقچە يېزىق كىرگۈزگىلى بولىدۇ. خەت نۇسخىسى قايتا تەڭشەلگەن بولۇپ ، يېزىق نۇسخىسى كۆپ بولۇپ، بۇ يېزىق كىرگۈزۈش سىستېمىسى ئارقىلىق سۆزلەرنى سوزۇشقا ۋە بۇغۇم ئايرىشقا بولىدۇ. («ـ» (ئاستى سىزىق) ئارقىلىق سوزۇشقا بولىدۇ)


مەسىلەن: يــــــېــــــڭــــــى ئېــــــرا يۇمـــــــــشاق دېــتال تەتــقىـقات مەركىــزى.
ئۇيغۇر = ئۇيـ + ـغۇر

كۆزنەكلىك يېزىق كىرگۈزۈش سىستېمىسى

UUS كۆزنەكلىك يېزىق كىرگۈزۈش سىستېمىسى بولسا بىۋاستە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ئىمكانىيىتى بولمىغان سىستېمىلارغا (مەسىلەن: 3D MAX ، Photoshp ، Authorware قاتارلىقلار) ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ئۈچۈن تۈزۈلگەن بولۇپ ئۇيغۇرچە، قازاقچە، ئېنگلىزچە،سان، ھەرخىل ھەرپ-بەلگىلەر قاتارلىق ئارىلاشما يېزىقنى بىرلا خەت نۇسخىسىدا بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە. سىستېمىسىنىڭ ئاساسى كۆزنىكى تۆۋەندىكىدەك:

سىز يېزىق كىرگۈزمەكچى بولغان سىستېمىنى ئېچىپ يېزىق كىرگۈزمەكچى بولغان ئورۇنغا نۇر بەلگىنى تولۇقلىغاندىن كېيىن، UUS يېزىق كىرگۈزۈش سىستېمىسىنىڭ يېزىق كىرگۈزۈش ئورنىغا كىرگۈزمەكچى بولغان يېزىقنى كىرگۈزۈپ بوشلۇق كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىزلا سىز يېزىق كىرگۈزمەكچى بولغان سىستېمىغا ئاپتۇماتىك يوللاپ بېرىدۇ.

ئەگەر سىز بوشلۇق كۇنۇپكىسىنى بېسىپ يوللاشنى ياقتۇرمىسىڭىز «سىستېمىنىڭ يېزىق كىرگۈزۈش شەكىلنى بەلگىلەش» كۇنۇپكىسىنى بېسىپ يېزىق يوللاش شەكلىنى Enter كۇنۇپكىسىنى بېسىپ يوللاش شەكلىگە ئالماشتۇرىۋالسىڭىز بولىدۇ.

ھەرخىل تىللار ئوتتۇرىسىدا ئالمىشىش: سىز F2 كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز «ئۇيغۇرچە»گە، F3 كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز «قازاقچە» گە ئالمىشالايسىز. ئەگەر ئىنگىلىزچە ۋە باشقا ھەرپ بەلگىلەرنى كىرگۈزمەكچى بولسىڭىز Alt كۇنۇپكىسىنى بېسىپ ئالماشسىڭىز بولىدۇ. يەنى Alt كۇنۇپكىسىنى بىر باسسىڭىز ئىنگلىزچىگە، يەنە بىر باسسىڭىز ئۇيغۇرچە ياكى قازاقچىگە ئالمىشالايسىز.

سىستېمىنىڭ ئەسلى رەڭگە كۆپ رەڭدە بولۇپ، سىز سىستېمىنىڭ رەڭلىرىنى «سىستېمىنىڭ رەڭلىرىنى تەڭشەش» ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىڭىز ياقتۇرىدىغان رەڭگە تەڭشەپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.

ئەگەر سىستېمىنى ئىشلەتمىگەن ۋاقىتتا سىستېما كۆزنىكى بەك چوڭ ئورۇننى ئىگىلىۋالدى دەپ قارىسىڭىز «كىچىك ھالەتكە كەلتۈرۈش» كۇنۇپكىسىنى بېسىپ كىچىك ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويسىڭىز بولىدۇ، كىچىك كۆزنەكنى قوش چېكىش ئارقىلىق ئەسلى ھالەتكە كەلتۈرۈشكە بولىدۇ.

سىستېمىنىڭ خەت نۇسخىلىرىنى سوزۇشقا بولىدىغان بولۇپ سولىماقچى بولغان ھەرىپىنىڭ ئاخىرىغا نۇر بەلگىنى توكۇرلاپ «`» (1 نىڭ سول تەرىپىدىكى كونۇپكا) كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز بولىدۇ.

مەسىلەن : يــــــېــــــڭــــــى ئېــــــرا

 

نەشىرى: Ver3.3.3
سىغىمى: 16.2 MB
چۈشۈرۈش ئادرىسى؛ چۈشۈرۈش

15751 ئاۋاتلىقى: 2008-8-30 يوللانغان ۋاقتى:

2008-8-29