207.241.237.208 سىزنىڭ IP ئادرېسىڭىز :
دەرسخاناپروگرامما تۈزۈشكە كېتەرلىك يۇمشاق دېتاللار
يېڭى ئېرا لۇغىتى 2.5 رەسمىي نەشىرى

يېڭى ئېرا لۇغىتى 2.5 ھەققىدە

مەزكۇر لۇغەت ھەققىدە توردا تۇنجى دوكىلات بېرىلگەندىن كېيىن ،لۇغەتكە ئىشلىتىلگەن ئىزدەش تېخنىكىسى-YIndex تېخنىكىسىنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈش نەتىجىسىدە تۇنجى قەدەمدە لۇغەتنىڭ 1.0 سىناق نەشىرى ۋە 2.0 رەسمى نەشىرى تارقىتىلدى ھەم تورداشلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى، تورداشلارنىڭ يېقىندىن قوللىشى،مەدەت بېرىشى ۋە ياخشى تەكلىپلەرنى بېرىش نەتىجىسىدە مانا تېخىمۇ مۇكەممەللەشكەن،ئىقتىدارى كۈچەيتىلگەن 2.5 رىسمىي نەشىرىمۇ پۈتتى،بۇ نۇسخىسىدا YIndex تېخنىكىسى ئاساسەن مۇكەممەللەشتى.

1)ئۇنداقتا YIndex دېگەن نېمە؟

ج؛ YIndex  بولسا مەركىزىمىز بىر قوللۇق تەتقىق قىلىپ چىققان ئىندېكىسلاش تېخنىكىسى.

2) ئۇنداقتا YIndex  نىڭ قانداق ئالاھىدىلىكى بار؟

ج؛بۇ تېخنىكىنى قوللىنىپ ئۇچۇر ئىزدىگەندە ئىزدەش سۈرئىتى پەۋقۇلاددە تېز بولۇپ نەچچە مېلىىيون سۆزلۈكتىن سىناق قىلىپ  ئىزدەتكەندە،ئىزدەشنى تاماملىغان ۋاقىت دەقىقە ئىچىدە بولغان،سىكۇنتقىمۇ يەتمىگەن،  لاھىيلىنىشتىلا كۆپ سۇپىلىقنى، بىخىتەرلىكنى،ئۇنۋېرساللىقنى ئاساسى نىشان قىلىپ لاھىيلەنگەن بولغاچقا بۇ تېخنىكا Mac ,Linux,Windos قاتارلىق مەشغۇلات سىستېمىلىرى ۋە بەزى يۆتكىلىشچان ئۈسكىنىلەردىمۇ ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

قوش قاتلاملىق شىفىرلىق پىرىسلاش تېخنىكىسى قوللىنىلغان بولغاچقا ئىندېكىسلانغان سۆزلۈكنىڭ بىخىتەرلىكى مۇتلەق بىخەتەر،ئارقىغان ياندۈرۈپ سۆزلۈككە ئېرىشىۋېلىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ ھەم ئىندېكىسلانغاندىن كېيىنكى ئامبارنىڭ سىغىمى كىچىك مۇشۇ لۇغەتتىكى 70 مىڭ سۆزلۈكنىڭ ئىندېلىسلانغاندىن كېيىنكى سىغىمى 2 mb غىمۇ بارمايدۇ.

خەلىقئارالىق يۇنىكود ئۆلچىمىنى ئاساس قىلىپ لاھىيلەنگەن بولغاچقا دۇنيادىكى ھەرقانداق يېزىققا ماس كېلىدۇ.

تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرنى ياردەم ھۆججىتىدىن كۆرۈڭ.

لۇغەت سۈرەت،رەسىم ۋە ئاۋاز بىر گەۋدىلەشكەن ئۇنۋېرسال لۇغەت بولۇپ،بۇ نۇسخىسىدىكى ئالاھىدىلىكلەر بولسا بۇرۇنقى نۇسخىسىدا ساقلانغان بەزى ئىچكى خاتالىقلار تۈزىتىلدى،ھەم ئەرەبچە-ئۇيغۇرچە سۆزلۈك ئامبىرىدىكى ئىندېسكىلاپ ساقلانغان سۆزلۈك 72 مىڭغا يەتكۈزۈلدى(20 مىڭدەك سۆزلۈك قوشۇلدى)،مۇشۇ لۇغەتنىڭ سۆزلۈك ئامبىرىنى تولۇقلاشقا قاتناشقان دوستلارغا لۇغەتنى ئىشلىتىپ پايدىلىنىۋاتقان ،كەڭ تورداشلار نامىدىن ئالاھىدە رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز.شۇنىڭ بىلەن بىرگە مەزكۇر لۇغەتنى سىناش خىزمىتىگە قاتناشقانلارغا رەھمەت ئېيتىمىز.

بۇ نۇسخىسىدىكى ئىزدەش ئۇسۇلى ئالدىنقى نەشىرىگە ۋارىسلىق قىلغان ئاساستا تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلدى لېكىن يەنىلا بەزى نۇقسانلار بولىشى مۇمكىن،تورداشلارنىڭ سىناپ مەسىلىلەر بولسا ئۇقتۇرۇپ قويىشىنى،پىكىر-تەكلىپ بېرىشىنى سورايمىز.لۇغەتنىڭ بۇ نەشىرىنىڭ كۆرۈنمە يۈزى ۋە مەشغۇلات ئەسكەرتمىسى ئۇيغۇرچە.خەنزۇچە،ئېنگىلىزچە  3خىل تىللىق قىلىپ لاھىيلەنگەن بولۇپ،تەمىنلەنگەن تىل ھۆججىتىدىن پايدىلىنىپ يېڭى تىل قوشۇشقا بولىدۇ.

دېتالنىڭ كۆرۈنمە يۈزى بۇرۇنقى نەشىرىنى ساقلاپ قالغان ئاساستا  ئىقتىدارى مۇكەممەلشتۈرۈلگەن بولۇپ كۆرۈنىشى تۆۋەندىكىدەك:

بۇ نەشىرىدە ئىزدەش ئىقتىدارى بارلىق تاللانغان ئامباردىن،ئامبار بېكىتىشتىن بېكىتكەن تەرتىپ بويىچە ئىزدەيدىغان قىلىپ لاھىيلەندى،تۆۋەندىكى چۈشۈرۈلمىدىكى EraDict2.5.exe بولسا لۇغەت پروگىراممىسى، لۇغەت پىروگىراممىسنى بىر قېتىم قوزغىتىۋەتسىڭزى لۇغەت لۇغەت تۇنجى قوزغالغالغاندا ئۆزىگە كېرەكلىك مۇندەرىجىنى تەييار قىلىدۇ ھەم خەت نۇسخىسىنى قاچىلايدۇ شۇڭا بەزى ۋىروسخورلار تۇسۇپ بېقىشى مۇمكىن  تۆۋەندىكىدەك؛

 

لېكىن دېتالدا ۋىروس يوق سىز ۋىروسخوردىن  بىلەن ماۋۇ ئىككى تاللانمىنى تاللاپ (ۋىروسخورغا تونۇتۇپ)جەزىملەشنى بېسىپ خاتېرجەم ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ،ئىشلىتىشتىن بۇرۇن ياردەم ھۆججىتىنى تەپسىلى بىر كۆرىۋېتىشىڭىزنى تەشەببۇس قىلىمىز.

نەشىرى: Ver2.5 رەسمىي نۇسخىسى
سىغىمى: 4.5MB
لۇغەتنىڭ  ئادرىسى؛

چۈشۈرۈش        

بۇلۇغەتنىڭ تور نۇسخىسى ۋە ئاندروئىد نۇسخىسى تاماملاندى(مۇلازىمىتېر ھازىرلىنىپ بىللە تارقىتىلىدۇ)،كېيىنىكى قەدەمدە ئاللا خالىسا ئايفون نۇسخىسى ۋە Windows Mobile نۇسخىسى ،linux ,ئالما نۇسخىسى ياسىلىدۇ.

2.3 نۇسخىسىدا؛ ئىزدىگەن سۆزنى ئوقۇپ بېرىش ئىقتىدارى قوشۇلدى،قۇراللار تېزىملىكىگە "لۇغىتىم" قۇرالى قوشۇلدى،سىز بۇ قورال ئارقىلىڭ سىزدە بار بولغان mdb(ئېكسېس) ساندانىدىن ئىزدەش مەشغۇلاتى قىلالايسىز.يەنى ئەگەر بۇ ساندان لۇغەت ئامبىرى بولسا سىز بۇ قۇرال بىر لۇغەت بولىدۇ.

2.4 نۇسخىسىدا؛ "تەھرىرلەش" قورالىغا ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە كىشى ئىسىملىرىنى ئۆز-ئارا ئامبارسىز ئايلاندۇرۇش(سىناق نۇسخا) قوشۇلدى ۋە ئوڭ تەرەپتىكى يۇشۇرۇن ھالەتتىن ئەسلىگە قايتىشقا CTrl+Y تېزلەتمە كۇنۇپكىسى قوشۇلدى ۋە ھەقسىز ئامبار ئىندېكىسلاپ ھەمبەھىرلەش ئىقتىدارى ئېچىۋېتىلدى،ھەقلىق ئامبار ئىندىكىسلاش ئىقتىدارى سىز لۇغەتنى تېزىملاتقاندىن كېيىن ئېچىلىدۇ،ئامبار بەك چوڭ بولسا ئىندېكىسلىغاندا خاتالىق كۆرۈلىشى مۇمكىن،ئەگەر خالىسىڭىز ئامبارنى بىزگە يوللاپ بەرسىڭىز بىز مەخسۇس قورال ئارقىلىق ئىندېكىسلاپ بەرسەك بولىدۇ.

2.5 نۇسخىسىدا؛"تەھرىرلەش" قورالىدىكى ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە كىشى ئىسىملىرىنى ئۆز-ئارا ئامبارسىز ئايلاندۇرۇش مۇكەممەللەشتۈرۈلدى ۋە بەزى كىچىك خاتالىقلار تۈزىتىلدى،كېيىن لۇغەت ئىسىمى "ھەممىباب" دەپ ئۆزگەرتىلدى.

2.5 نۇسخىسىنىڭ 10-ئاينىڭ 24-كۈنى يېڭىلاپ تارقىتىلغان نۇسخىسىدا؛1)ھەقسىز ئامبارنى 1 كۈن سىناق ئىشلىتىش ئىقتىدارى ئېچىۋېتىلدى.2)ئىزدىگەن سۆزگە ماس نەتىجە بەك ئاز بولغاندا سۆزنى تاللانغان ئامباردىن ئوخشاشلىقى بويىچە ئىزدەش ئىقتىدارى ئېچىۋېتىلدى(تەڭشەكتىن تەڭشەپ قويسىڭىز بولىدۇ).3) VIP ئىقتىدارىدىكى بەزى خاتالىقلار ۋە تورداشلا مەلۇم قىلغان بەزى ئىچكى خاتالىقلار تۈزۈتۈلدى.

  (بۇ نەشىرى 2012-يىلى11–ئاينىڭ 1–كۈنى تۈزىتىلىپ قايتا  تارقىتىلدى)

تۆۋەندىكى لۇغەت قىستۇرمىسىنى قاچىلاپ لۇغەتنى قايتا قوزغاتسىڭىز ئېكراندىن سۆز تۇتۇپ تەرجىمە قىلىش،ip ئىزدەش ۋە xp شارائىتىدا خەنزۇچىنى قولدا يېزىپ كىرگۈزۈش ئىقتىدارى قوشۇلىدۇ.

قىستۇرما رەت نومۇرى ؛         1 -قىستۇرما رەسمىي نۇسخا  

سىغىمى   ؛                            12.3MB

قىستۇرمىنىڭ ئادېرىسى  ؛     چۈشۈرۈش      

  (2012-يىلى4–ئاينىڭ 8–كۈنى تۈزىتىلىپ قايتا  تارقىتىلدى)

چۈشۈرۈپ پىرىستىن يېشىپ ئۆزىڭىزگە كېرەكلىك تۈرنى قاچىلىسىڭىز بولىدۇ.(قاچىلىغاندا ۋىروسخور توسىشى مۇمكىن، بۇ چاغدىمۇ  يۇقارقىدەك ۋىروسخورغا تونۇتۇپ قاچىلىسىڭىز بولىدۇ)

ھازىغىچە ئىندېكىسلاپ تەييارلانغان سۆزلۈك ئامبىرى:

1)ئەرەبچە -ئۇيغۇرچە

2)خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە

3)ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە

 4)ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى

 5)ئەرەبچە ئىزاھاتلىق لۇغەت

6)ياپونچە خەنزۇچە لۇغەت

7) روسچە-خەنزۇچە لۇغەت

8)ئېنگېلىزچە -خەنزۇچە لۇغەت

يۇقارقىللىرى تولۇق ئىندېكىسلىنىپ بولغان سۆزلۈك بولۇپ لۇغەتكە قوشۇپ ئىشلىتىپ سىناقتىن ئۆتتى.

يەنە 30 نەچچە يۆلىنىشتىكى سۆزلۈك ئامبىرى تەييار بولغان بولۇپ ئىندېكىسلىنىشنى كۈتمەكتە.

ئۇندىن باشقا قولىدا سۆزلۈك ئامبىرى بار،لۇغەت ياساش ئارزۇسى بار لېكىن تېخنىكا جەھەتتىن قىينىلىۋاتقان تورداشلار بولسا،لۇغەتنى تىزىملاتسىلا(ھەقلىق) ئۆزىنىڭ سۆزلۈك ئامبىرىنى لۇغەتتىن پايدىلىنىپ ئىندېكىسلاپ ئۆزىنىڭ نامىدا ھەقلىق ياكى ھەقسىز تارقىتالايدۇ.ھەقلىق تارقاتقان بولسا ئىشلەتكۈچى تېزىملاش نومۇرىنى شۇ سۆزلۈك ئامبىرنىڭ ئەسلى ئىگىسىدىن ئالىدۇ،مۇشۇنداق ئارزۇسى بار تورداشلارنىڭ بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىنى قارشى ئالىمىز.

تەمىنلەنگەن سۆزلۈكلەر:

(سۆزلۈكنى چۈشۈرگەندىن كېيىن پىرىستىن يېشىپ "لۇغەت تاللاش "تىكى "قوشۇش " تىن قوشسىڭىز ياكى يېشىلگەن ھۆججەتنى

 D:\Program Files\EraDict\DATA غا كۆچۈرۈپ لۇغەتنى قايتا قوزغاتسىڭىز بولىدۇ)

ھەقسىز سۆزلۈكلەر:

1)ئېنگىلىزچە-خەنزۇچە                        يوللانغان ۋاقتى؛ 2012-2–1–كۈنى      چۈشۈرۈش 

2)روسچە-خەنزۇچە                               يوللانغان ۋاقتى؛ 2012-3–28–كۈنى     چۈشۈرۈش

3)ياپونچە-خەنزۇچە                              يوللانغان ۋاقتى؛ 2012-3–28–كۈنى     چۈشۈرۈش

4)خەنزۇچە خەت ئىزاھاتى                     يوللانغان ۋاقتى؛ 2012-4–1–كۈنى       چۈشۈرۈش

5)خەنزۇچە ئېدىيوم                            يوللانغان ۋاقتى؛ 2012-4–18–كۈنى          چۈشۈرۈش

6)ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى                  يوللانغان ۋاقتى؛ 2012-9–5–كۈنى          چۈشۈرۈش

ھەقلىق سۆزلۈكلەر:

 

1)ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى      يوللانغان ۋاقتى؛ 2012-4–1–كۈنى       چۈشۈرۈش        50 يۈەن

2)ئېنگىلىزچە ئۇيغۇرچە                      يوللانغان ۋاقتى؛ 2012-5–25–كۈنى       چۈشۈرۈش        50 يۈەن

3)ئۇيغۇرچە ئەرەبچە                           يوللانغان ۋاقتى؛ 2012-5–25–كۈنى       چۈشۈرۈش        50 يۈەن

4)خەنزۇچە قازاقچە                         يوللانغان ۋاقتى؛ 2012-9–25–كۈنى       چۈشۈرۈش        50 يۈەن

سۆزلۈكلەر داۋاملىق تولۇقلىنىدۇ....

سەمىمىي ئەسكەرتىش:خاتالىق بولسا ۋاقتىدا تۈزۈتۈپ،تۈزىتىلگەن نۇسخىسىنى تېخىمۇ كۆپ تورداشلارغا ۋاقتىدا تەمىنلەش ئۈچۈن بۇ دېتال باشقا تور بەتلەردە تارقىتىلسا چۈشۈرۈش ئادرېسى ئۆزگەرتىلمىسە(بىزنىڭ مۇقىم بوشلۇقتىنلا چۈشۈرسە) ھەم سۆزلۈك ئامبىرى ئايرىم چۈشۈرۈشكە تەمىنلەنمىسە.

چاغاتايچە ئۇيغۇرچەلۇغەتنى ھەمكارلىىشپ تولۇقلىساق.بىز خام ماتېرىيال ۋە سۆزلۈك كىرگۈزۈش قورالىنى تەمىنلەپ بەرسەك،تولۇقلاشقا قاتنىشىشنى خالايدىغان تورداشلار 1843791748؛QQ نى hamkarliq دەپ قوشۇۋالساڭلار، 20 دىن 30 غىچە ئادەم بولسا بولىدۇ،پۈتكەندە قاتناشقانلار ھەقسىز تەڭ بەھىرلەنسەك)

(ئەگەر سىز ئىشلىتىش جەريانىدا مەسلىلەرنى بايقىسىڭىز بىزگە ئۇقتۇرۇپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز!)

  
               2012–11–1–كۈنى

5909 ئاۋاتلىقى: 2012-3-5 يوللانغان ۋاقتى:

2008-8-29