Android ئۈچۈن ئىقتىدارلىق ھېسابلىغۇچ
بۇ Android تېلىفۇنلار ئۈچۈن يېزىلغان تۇنجى نۇسخىدىكى ئىقتىدارلىق ھېسابلىغۇچ دېتالى بولۇپ ئاساسلىقى ئىقتىدارى بۇرۇنقى ھېسابلىغۇچلاردا بولۇشقا تېگىشلىك ئىقتىدارلارنى ھازىرلاش بىلەن بىرگە ئارلاش ئەمەللەرنى ھېسابلاش(تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك) ئىقتىدارى قوشۇلغان.
دېتالنىڭ كۆرۈنىشى تۆۋەندىكىدەك:

ئىشلىتىش ئۇسۇلى:
چۈشۈرۈپ پىرىستىن يېشىپ ئىچىدىكى EraSuperCalc.apk ھۆجىتىنى Android سىستېمىلىق تېلىفۇنغا قاچىلاپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ، بۇ ئۇيغۇرچە تونۇتۇلمىغان تېلىفونلاردىمۇ نورمال ئىشلەيدۇ.
سان ۋە ئەمەل (كۆپەيتىش،بۆلۈش،ئېلىش، قۇشۇش) ۋە تىرناق كونۇپكىللىرىنى بېسىش ئارقىلىق ھېسابلاش رامكىسى(ئۈستىدىكى كۆرسىتىش رامكىسى) غا ھېسابلىماقچى بولغان ئەمەلنى كىرگۈزىسىز(رەسىمدە كۆرسىتىلگىنىدەك دىققەت:ئىپادىلەرنى تولۇق يېزىڭ،تىرناق ئارىسىدىكى قىسقارتىلغان كۆپەيتىش ئەمىلىنىمۇ چوقۇم تولدۇرۇڭ،مەسىلەن يۇقارقى ئىپادە
(12+4*3)*(2+2*5)
نى
(12+4*3)(2+2*5)
بۇنداق قىلىپ يېزىشقا بولمايدۇ.) ئەمەللەرنى توغرا كىرگۈزۈپ بولۇپ «=»(تەڭلىك) كونۇپكىسىنى باسسىڭىز نەتىجە كۆرسىتىش رامكىسى(ئاستىدىكى كۆرسىتىش رامكىسى) دا ھېسابلاش نەتىجىسىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
باشقا كونۇپكا چۈشەندۈرلىشى:
1) -› (ئۆچۈرۈش) كونۇپكىسى؛بۇ كونۇپكىنىڭ رولى كومپىيوتېردىكى BackSpace كۇنۇپكىسى بىلەن ئوخشاش بولۇپ ئەڭ ئاخىرىقى بىر ھەرىپنى ئۆچۈرىدۇ.
2) Cls (تازلاش)كونۇپكىسى؛بۇ كونۇپكىنىڭ رولى ھېسابلاش رامكىسىنى تازلاپ مەزمۇننى 0 ھالىتىگە قايتۇرىدۇ.
3) Sqrt (يىلتىزدىن چىقىرىش)كونۇپكىسى؛بۇ كونۇپكىنىڭ رولى ھېسابلاش رامكىسىدىكى مەزمۇننى ھېسابلاپ ئىككىنچى دەرىجىلىك يىلتىزىنى نەتىجە كۆرسىتىش رامكىسىدا كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
4) CM (ساقلاش) كونۇپكىسى؛بۇ كونۇپكىنىڭ رولى نەتىجە كۆرسىتىش رامكىسىدىكى مەزمۇننى ھېسابلاش رامكىسىغا يوللايدۇ.
5) ^ (دەرىجىگە كۆتۈرۈش بەلگىسى)كونۇپكىسى؛بۇ كونۇپكىنىڭ رولى دەرىجىگە كۆتۈرش بولۇپ ئىپادە 4^5 نىڭ مەنىسى بەشنىڭ 4 دەرىجىسى دېگەنلىك بولىدۇ.
بۇ دېتال ھەقسىز تارقىتىلغان بولۇپ،ئۆگىنىش مەقسىتىدە تۈزۈلگەن سىناق پروگىرامما بولغاچقا ئىقتىدارى ئاددىي،بەلكىم ئىشلىتىلىش قىمىتى يوق بولىشى ،تۇنجى نەشىرى بولغاچقا بەزى كەمچىلىلكلەر بولىشى مۇمكىن، تورداشلارنىڭ تەكلىپ پىكىرلارنى بېرىشىنى سورايمىز.
ھۆرمەت بىلەن:
يېڭى ئېرا يۇمشاق دېتال تەتقىقات مەركىزى
WWW.NewEra.CC
2011-يىل 11-ئاي (ئۈرۈمچى)
نەشىرى: |
1.0 سىناق نۇسخىسى(سىناق پروگىرامما) |
سىغىمى: |
48KB |
چۈشۈرۈش ئادرىسى؛ |
چۈشۈرۈش |
(ئەگەر سىز ئىشلىتىش جەريانىدا مەسلىلەرنى بايقىسىڭىز بىزگە ئۇقتۇرۇپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز!)