207.241.237.208 سىزنىڭ IP ئادرېسىڭىز :
دەرسخاناپروگرامما تۈزۈشكە كېتەرلىك يۇمشاق دېتاللار
تېخنىكا(3)_باسما يېزىق پەرىقلەندۈرۈش(OCR)

باسما يېزىق پەرىقلەندۈرۈش(OCR)

ئالدىنقى تۇنۇشتۇرۇلغان تېخنىكىللىرىمىز سىزنى قىزىقتۇرالىدىمۇ؟

قانداق بولىشىدىن قەتئىنەزەر دىققىتىڭىز داۋاملىق تور بېتىمىزدە بولسۇن، يېڭى ئېرا يۇمشاق دېتال تەتقىقات مەركىزىمىزنىڭ ئۆزىگە خاس يېڭى تېخنىكىللىرى  باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشىش ئۈچۈن  داۋاملىق تۇنۇشتۇرلىدۇ ھەم مەسھۇلاتلاشتۇرلىدۇ شۇنىڭ بىلەن بىرگە تورداشلارنىڭمۇ بىزنىڭ تېخنىكا مەخپىيىتىمىزگە ياتىدىغان سوئاللارنى سورىماسلىقىنى ئۈمۈد قىلىمىز.

تۆۋەندە تۇنۇشتۇرماقچى بولغىنىمىز دەسلەپكى قەدەمدە تاماملانغان، تېخى تولۇق مەشىقلەندۈرۈلمىگەن" باسما يېزىق پەرىقلەندۈرۈش تېخنىكىسى OCR" (رەىسىمدىكى يېزىقنى پەرىقلاندۈرۈش) تېخنىكسى بولۇپ نەچچە يىللار  بولدى، ۋاقىت يار بەرمەسلىك سەۋەبىدىن كومپىيوتېردا ساقلاقلىق تۇردى، بۇنداق بولسا باشقىلارغىمۇ ئۆزىمىزگىمۇ پايدىسى بولمايدىكەن، شۇڭا بۇ تېخنىكىمىزنى تۇنۇشتۇرۇشنى لايىق تاپتۇق.

بىزنىڭ "باسما  يېزىق پەرىقلەندۈرۈش"كە ئۆزىمىزنىڭ چېكىتلىك پەرىقلاندۈرۈش بىلەن قىسمى سۈنئى نېرۋا تورى تېخنىكىمىز قوللىنىلغان بولۇپ، ئەگەر ياخشى مەشىقلەندۈرۈلسىلا تۇنۇش ئۈنۈم يۇقىرى بولىدۇ.

بىزنىڭ  تۆۋەندە كۆرسەتمەكچى بولغان سىناق پروگىرامىمىزدا ساپ يېزىق رەسىمىدىن ياكى ئارلاش (رەسىم ۋە يېزىق بىللە كەلگەن)رەسىمدىن تاللاپ بەرگەن دائىرىنى پەرىقلەندۈرۈش ئىقتىدارى ھازىرلانغان بولۇپ، "باسما  يېزىق پەرىقلەندۈرۈش"نىڭ ئاساسلىق تېخنىكىلىق قىسىمى تاماملىنىپ بولغان، پەقەت رەسىم ئىچىدىن  يېزىق رايونىنى ئاپتۇماتىك تاللاش ئىقتىدارى قوشۇلسا ۋە مۇۋاپپىق مەشىقلەندۈرۈلسىلا مۇكەممەل OCR پۈتۈپ چىقىدۇ.

ئۇنداقتا سىزنىڭ بىزنىڭ بۇ يېڭى تېخنىكىمىزنىمۇ كۆرۈپ باققۇڭىز بارمۇ؟

تۆۋەندىكىسى ئۇنىڭ ساپ يېزىقلىق رەسىمدىن ئۇيغۇرچە تېكىستنى پەرىقلەندۈرۈپ كۆرسىتىش جەريانىنىڭ كەسمە رەسىمى

يۇقارقى رەسىمدە ئۈستىنى تاللاپ قويۇشىمىزدىكى سەۋەب كۆرگۈچىلەرگە ئۈستىنىڭ رەسىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن. 

بۇ تېخنىكىغا ئېھتىياجى بارلارغا ھەقلىق تەمىنلىنىدۇ ياكى مەبلەغ سېلىشنى خالايدىغانلارغا ياساپ بېرىلىدۇ. ئۆزىمىزنىڭ مەھسۇلاتى سۈپىتىدە  مەھسۇلاتلاشتۇرلىدۇ.

(تورداش؛نېمە ئۈچۈن باشقىلارغا تەمىنلەپ بېرىش تەشەببۇس قىلىنىدۇ؟ئۆزەڭلار ياسىساڭلار بولمامدۇ؟

ج؛ دېتالچىلىقتا ئورتاق تەرەققىي قىلىش ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش)

ئالاقىلىشىش؛چ چ ؛253836540 (خىزمەت ۋاقتىدىن سىرت ۋاقىتلاردا تېلفۇن قىلماڭ)

2932 ئاۋاتلىقى: 2011-1-24 يوللانغان ۋاقتى:

2008-8-29