يېڭى ئىزدەش تېخنىكىسى YIndex ۋە ئەرەبچە لۇغەتتىن دوكىلات(2)
(1)دوكىلات
بىز بۇرۇن بىر يازمىغا ئىنكاس شەكلىدە بىز تورداشلارغا ۋەدە قىلغان "ئەرەبچە-ئۇيغۇرچە لۇغەت" نىڭ ياسىلىش باسقۇچلىرى ۋە تاماملىنىش ئەھۋالى توغۇرلۇق قىسقىچە چۈشەنچە بەرگەن ئىدۇق.
ھەم خالايدىغان تورداشلارنىڭ گورۇپپىغا قاتنىشىپ بىرلىكتە پۈتكۈزۈشنى ئېيتقان، مەقسەت تېخنىكا ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىق ئورنىتىش ئىدى، لېكىن بىرمۇ ئادەم چىقمىدى،
ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە لۇغەتنىڭ ئېكراندىن سۆز تۇتۇش، ئاپتۇماتىك تىل تۇنۇپ ئىزدەش قاتارلىق قوشۇمچە ئىقتىدارلىرى تاماملانغاندىن سىرت، ئامبار باشقۇرۇش، ئىملا تەكشۈرۈش، لۇغەتنىڭ ئەڭ مۇھىم بولغان ئىزدەش قىسىمىمۇ ئاللا خالىسا تاماملاندى.
يەنە كەم قالغان قىسىمى؛ سۆزلۈكنى موللاشتۇرۇش(ھازىرقى سۆزلۈك 25 مىڭ ئەتىراپىدا،ئەرەبچە -ئۇيغۇرچە،تېخى تولۇق يىغىلمىدى،تورداشلاردا سۆزلۈك بولسا تەمىنلەپ بېرىشىنى قارشى ئالىمىز)،تور باشقۇرۇش(ھەدىس ھەمبەھىر،توردىن سوئال-جاۋاب) ۋە گۈزەللەشتۈرۈش قىسىمى قالدى.
(2)تېخنىكا
بىز نۇرغۇن تورداشلارنىڭ ئىنكاسلىرىدىن بۇ لۇغەتنىڭ كۆپ كىشىلەرگە لازىم ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، لۇغەتنى راۋرۇس پۈتكۈزۈپ چىقىشنى كۆڭلىمىزگە پۈككەن ئىدۇق، بۈگۈن 2011-يىلى 1-ئاينىڭ20-كۈنى لۇغەتنىڭ ئەڭ مۇھىم بولغان سۆزلۈك ئىندېكسلاش ۋە ئىزدەش قىسىمى تاماملاندى.
لۇغەتنىڭ ئىزدەش تېخنىكىسىغا ئىلغار ئىزدەش تېخنىكىسى YIndex(ئۆزىمىزگە خاس) قوللىنىلغان بولۇپ دۇنيادىكى ئىلغار سەۋىيەگە يەتكەن.
بۇخىل ئىزدەش ئۇسۇلى بۇرۇنقى لۇغەتلەرگە ئوخشاش تەييار سانداندىن ياكى قوزغۇللۇشتىن بۇرۇن سانداننى ئىچكى ساقلىغۇچقا ساقلىۋېلىپ ئىزدەش ئۇسۇلى قوللىنىلمىغان بولۇپ، لۇغەتنىڭ قوزغىلىش سۈرئىتى تېز، ئىزدەش جەريانىدا ئىشلىتىدىغان ئىچكى ساقلىغۇچ ئەڭ تۆۋەن، ئىجىرا بولۇش ۋە خىزمەت قلىشى يېنىك، پۈتۈنلەي يېڭىچە تەپەككۈر بىلەن باشتىن باشلاپ يېزىپ چىقىلدى.
YIndexئۇسۇلىدا سۆز ئىزدىگەندە نەچچە مىلىيون سۆز ئىچىدىن، سىز ئىزدىمەكچى بولغان سۆز ياكى شۇنىڭغا ماس سۆزنى سىكۇنتقا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ئىزدەپ كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ. (كۆرسىتىشكىلا ۋاقىت كېتىدۇ)،
ئىندېكىسلىغاندا ئۆزىمىزنىڭ پىرىسلاپ شىفىرلىق ئىندېكىسلاش تېخنىكىسى قوللىنىلغان بولۇپ،ئېندېكسلانغان ھۆججەتنىڭ بىخەتەرلىكى يۇقىرى سىسىغىمى كىچىك، باشقىلارنىڭ قانۇنسىز پايدىلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
بۇخىل ئىزدەش ئۇسۇلى قوللىنىلغان لۇغەتلەردە داڭلىق بولغان StarDict ھازىرقى ئۇيغۇرچە "ئانا تىلىم" لۇغىتىگە ئوخشاش، ئىشلەتكۈچى ئۆزىدىكى تەييار سۆزلۈك ھۆججىتنى لۇغەت ئاپتۇرى تەمىنلىگەن ئىندېكىسلاش قورالىدىن پايدىلىنىپ لۇغەت مۇندەرىجىسىگە تاشلاپ قويسىلا، ئىشلەتكۈچى ئۆزىگە خاس ئىلغار لۇغەت ھاسىل قىلالايدۇ. پۈتكۈل ھېسابلاش ئۇسۇلى يۇنىكود ئۆلچىمىدە لاھىيلەنگەن بولۇپ ھەر قانداق يېزىققا ماس كېلىدۇ،سۆزلىكنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ سۈرئەت ئاستىلاپ كەتمەيدۇ.
ئۇنداقتا سىزنىڭ كۆرۈپ باققۇڭىز بارمۇ؟
تۆۋەندىكىسى ئۇنىڭ 1 مىللىيون سۆزلۈكتىن ئىزدەش مەشغۇلاتىنىڭ كەسمىسى(رەسىم ھاسىل قىلغان دېتال سەۋەبىدىن سەل قاتقاندەك كۆرۈنىدىكەن، ئەمىلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس)

بۇ تېخنىكا ئېھتىياجى بارلارغا بۇ ھەقلىق ئۆتۈنۈپ بېرىلىدۇ ياكى شەرتلىك تەمىنلىنىدۇ ۋە باشقىلارغا ياساپ بېرىلىدۇ.
بۇخىل ئىزدەش تېخنىكىسىنى بىز 0 دىن باشلاپ يېزىپ چىققان، بۇ تېخنىكىنىڭ بارلىق ھوقۇقى پەقەت ئۆزىمىزگە تەۋە.
دەپ؛ يېڭى ئېرا يۇمشاق دېتال تەتقىقات مەركىزى
بۇگۈندىن باشلاپ تېخىمۇ كۆپ تېخنىكىلار داۋامىق ھەقلىق ئۆتۈنۈپ بېرىلىدۇ ۋە ھەمكارلاشىشىنى خالايدۇ ئۇنداقتا داۋامىق تور بېكىتىمىزنى ئارلاپ تۇرۇڭ.