207.241.237.208 سىزنىڭ IP ئادرېسىڭىز :
دەرسخاناپروگرامما تۈزۈشكە كېتەرلىك يۇمشاق دېتاللار
يېڭى ئېرا ھۆججەت قىسقۇچقا شىفىر سېلىش دېتالى

بۇ بىر يېشىل نۇسخىدىكى ھۆججەت قىسقۇچقا شىفىر سېلىش پىروگگىراممىسى بولۇپ Alkatipخەت نۇسخىسى ئىشلىتىلگەن xp مەشغۇلات سىستېمىسىدا ئىشلەيدۇ،ئۇنىڭدىن يۇقىرى مەشغۇلات سىستېمىسىدا شىفىردىن يېشەلمەيدۇ،سىزنىڭ ھەرخىل باشقىلارنىىڭ كۆرىشىنى خالىمىغان ھۆججەتلىرىڭىزنىڭ بىخىتەرلىكىنى ساقلاشتا مۇھىم رولى بار.بىر قېتىم قوزغۇتىۋېتكەندىن كېيىن سىز شىفىر سالماقچى ياكى شىفىردىن يەشمەكچى بولغان ھۆججەت قىسقۇچنى مائۇس ئوڭ كۇنۇپكىسى بىلەن چەكسىڭىز  تۆۋەندىكىدەك 

 سېستىما ئوڭ كۇنۇپكا تېزىملىكى كۆرۈنىدۇ،سىز "加密/解密文件夹" دېگەننى چەكسىڭىز (شىفىرلاش ياكى شىفىردىن يېشىش مەشغۇلاتى قىلسىڭىز)،ئەگەر ھۆجىتىڭىزگە تېخى شىفىر ئورناتمىغان بولسىڭىز تۆۋەندىكى شىفىر ئورنىتىش كۆزنىڭى قوزغىلىدۇ

دىققەت؛سىز شىفىر سالغاندا شىفىرىڭىزنى ياخشى ساقلاڭ،شىفىرنى ئۇنتۇپ قالسىڭىز بىزمۇ يېشىپ بېرەلمەيمىز،شىفىرنى ئۇنتۇپ قېلىپ ھۆججەتلىرىڭىزنى ئاچالمىسىڭىز بىز مەسئۇل بولمايمىز،ھەم پەقەت xp شارائىتىدا نورمال ئىشلەيدۇ،دېتال بىلەن xp شارائىتىدا ھۆججەتلىرىڭىزگە شىفىر سېلىپ كېيىن ,win7 قاراتلىق باشقا سېستىمىلارنى قاچىلىسىڭىز،ئۇ شارائىتتا دېتال ھۆججەتلەرنى شىفىردىن يېشەلمەيدۇ،شۇڭا يېڭى سېستىمىغا كۆچمەكچى بولسىڭىز ئاۋال شىفىر سېلىنغان ھۆججەتلىرىڭىزنى شىفىردىن يېشىۋېلىڭ،ھەم xp دىن باشقا شارائىتتا تۇرۇپ شىفىر سالماڭ،بۇ ئەسكەرتمىگە دىققەت قىلماي كېلىپ چىققان ئاقىۋەتكە بىز مەسئۇل بولمايمىز.

ئەگەر سىز شىفىر ئورنىتىپ بولغان بولسىڭىز تۆۋەندىكى "شىفىردىن يېشىش"كۆزنىكى كۆرىنىدۇ

سىز كىرگۈزۈش رامكىسىغا توغرا شىفىر(شىفىرلىغاندا كىرگۈزگەن شىفىر) نى كىرگۈزۈپ "يېشىش"دېگەن كۇنۇپكىنى باسسىڭىز سىزنىڭ شىفىرلاپ قويغان ھۆججەت قىسقۇچىڭىز شىفىردىن يېشىلىدۇ،بىمالال كۆرگىلى بولىدۇ.

نەشىرى: Ver1.0
سىغىمى: 665KB
چۈشۈرۈش ئادرىسى؛

چۈشۈرۈش

(ئەگەر سىز ئىشلىتىش جەريانىدا مەسلىلەرنى بايقىسىڭىز بىزگە ئۇقتۇرۇپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز!)

بىزنىڭ ئورتاق نىشانىمىز؛يۇمشاق دېتالچىلىقىمىزغا تېگېشلىك ھەسسىمىزنى قوشۇش،ئىناقلىقنى تەشەببۇس قىلىش.ئۆز-ئارا ھۆرمەت قىلىش.
:يېڭى ئېرا دىن
               2010–12–31–كۈنى

7003 ئاۋاتلىقى: 2010-12-31 يوللانغان ۋاقتى:

2008-8-29