بىز يېڭىدىن ئىشلەپ تارقاتماقچى بولغان سۆزلىكى مول « ئەرەبچە–ئۇيغۇرچە لوغىتى» ئاللا خالىسا مۇشۇ روزا ھېيتىغا ئۈلگۈرتۈپ تورداشلارغا سۇنۇلماقچى ئىدى،لېكىن كۆرۈنمە يۈز لاھىيلەش جەھەتتە قىينىلىپ،تا بۈگۈنكى كۈنگە قالدى.
ئاددىي بولسىمۇ ياساپ تارقىتىشنى ئويلىغان،لېكىن كۆرۈنمە يۈزىنى ھەممە ئادەمگە يېقىشلىق،ئىسلام پۇراققا ئىگە قىلىپ لاھىيلەش ئارزۇسى يەنىلا يول قويمىدى.يۇقارقىدەك سەۋەبلەر ھەم يېڭى ئېرا يۇمشاق دېتال تەتقىقات مەركىزىنىڭ كەڭ جەمىيەتتىكى تورداشلار بىلەن دوستانە ئالاقىسىنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە، بىز بىر قېتىملىق يېڭى ئېرا« ئەرەبچە–ئۇيغۇرچە لوغىتى»گە كۆرۈنمە يۈز لاھىيلەش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزمەكچى.بۇ لۇغەت ئەرەبچە –ئۇيغۇرچە قوش يۆلىنىشلىك،ئاللا خالىسا ئېكراندىن سۆز تۇتۇپ تەرجىمە قىلىش قاتارلىق ئاساسى ئىقتىدارلاردىن باشقا يەنە ھەدىس ھەمبەھىر(يەنى تورداشلارنىڭ ئۆزى لۇغەتكە ھەدىس قوشقاندىن كېيىن "تورغا يوللاش"ئارقىلىق بىزگە يوللاپ بەرسە، بىز بۇ ھەدىسلەرنىڭ توغىرلىقىنى ئالاقىدار زاتلارغا تەستىقلاتقاندىن كېيىن،تەستىقلىساق ،تورغا ئۇلانغان كومپىيوتېردىكى ھەممە لۇغەتتە قوشۇلىدىغان)،ۋە باشقا تورداشلارنىڭ مۇۋاپپىق تەلەپلىرىگە ئاساسان قوشۇلغان ئىقتىدارلار ئارقىلىق مۇكەممەللىشىدۇ ھەم ھەقسىز تارقىتىلىدۇ.
كۆرۈنمە يۈز لاھىيلەشكە قويۇلىدىغان تەلىپىمىز:
كۆرۈنمە يۈزى نەپىس،يېقىشلىق،ئىسلامىي پۇراققا ئىگە بولىشى كېرەك(ئاساسىي كۆزنەكنىڭ كۆرۈنمە يۈزىلا لاھىيلەنسىمۇ بولىدۇ،كېيىن مۇكاپاتلانسا باشقا كۆزنەكلەرنىڭ لاھىيىسى باش كۆزنەككە ماسلاشتۇرىلىدۇ).
نۇرغۇن تورداشلار ئۆلچىمىنى سوراپتۇ،شۇڭا قوشۇمچە قىلىشنى لايىق تاپتۇق،بۇ لۇغەت قوش يۆلىنىشلىك ئەرەبچە-ئۇيغۇرچە ۋە ئۇيغۇرچە- ئەرەبچە قىلىش نىيەت قىلىندى.چوڭ كىچىكلىكى ۋە باشقىلارغا ھېچ قانداق تەلەپ يوق،ئەسەرنى يەنىلە تورداشلار باھالايدىغانلىقى ھەم لاھىيلىگۈچىلەر تەپەككۇرىنى بوغۇپ قويماسلىق ئۈچۈن (كۆرۈنمە يۈزى نەپىس،يېقىشلىق،ئىسلامىي پۇراققا ئىگە بولىش كېرەك) تىن باشقا ھېچ قانداق چەكلىمە يوق،تەپەككۇرىڭىزنى تولۇق جارى قىلدۇرسىڭىزلا بولىدۇ.
مۇكاپات يوللاش ئۇسۇلى: ئەسەر يوللىغۇچىلار ئۆزىنىڭ تەپەككۇرى بويىچە بىر ياكى بىرقانچە ئەسەر يوللىسا بولىدۇ.ئەگەر ھەممە ئەسىرى مۇكاپاتقا تاللانسا دەرىجىسى بويىچە مۇكاپاتلىنىۋېرىدۇ،يوللىغاندا چ چ: 253836540 ياكى 408980097ۋە ياكى مۇشۇ چ چ لارنىڭ ئېلساندۇقىغا يوللىسا بولىدۇ،يوللىغاندا ئارلىشىپ كەتمەسلىك ئۈچۈن رەسىم ئىسىمىنى ئۆزىڭىزنىڭ ئىسىمى ياكى تورتەخەللۇسى بىلەن ئوخشاش قىلىپ، رەسىمگە ئۆزىڭىزنىڭ ئالاقىلىش ئادرېسىنى تامغا شەكلىدە ئويۇپ JPG شەكلىدىكىسىنى ئەۋەتىپ بېرىڭ.
مۇكاپات تاللاش ئۇسۇلى:
ئەسەرلەر يوللىنىپ ،تاكى باھالاشقا قەدەر ئاشكارلانمايدۇ،لېكىن يوللانغان ئومۇمىي ئەسەر سانى كۈندە 3 قېتىم توردا ئاشكارلىنىپ تۇرىدۇ،ئەسەر يوللاش ۋاقتى تاماملانغاندىن كېيىن،بىزنىڭ تور بېتىمىزگە قويۇلۇپ 5—10 كۈن ئەتىراپىدا كەڭ تورداشلارنىڭ ئاۋاز قويىشى ئارقىلىق باھالىنىدۇ،ئاۋاز سانىنىڭ ئاز كۆپلىكى بويىچە دەرىجىگە ئايرىلىدۇ.مۇسابىقە ۋاقتى تۇنجى ئەسەر يوللىنىپ ئومۇمىي ئەسەر سانى 60 قا يەتسە 1ئايغىچە بولىدۇ ئەسەر سانى60قا توشمىسا مۇۋاپپپىق ئۇزارتىلىدۇ.مۇكاپات باھالاش تاماملىنىپ 2كۈن ئىچىدە ئەمىلىلەشتۈرىلىدۇ.
ئەسەر تاللانغاندىن كېيىن ئەسەر ئاپتورى كۆزنەكتىكى كونتىروللارنىڭ ئورۇنلاشتۇرلىشىنى تەلىپىمىزگە ئاساسان ئۆزىدىكى PSD دىن ئۆزگەرتىپ بەرسە بولىدۇ.
مۇسابىقە مۇكاپاتى:
1– دەرىجە 1 نەپەر:
ئەمىلىي مۇكاپات: 500(بەش يۈز)يۈەن نەق پۇل بىلەن بىر دانە قوش تىللىق قانۇن قامۇسى+تىرىشچانلار مۇنبىرىنىڭ سوۋغىسى-ئېلىكتىرونلۇق ئېرپان لۇغىتى
قوشۇمچە:ئەگەر ھەقىقەتەن تەلەپكە لايىق ياخشى لاھىيلەنگەن بولسا ھەقسىز تارقىتىلىدىغان لۇغەتنىڭ ئەسلى ھالەت تېرىسى قىلىنىدۇ.
2– دەرىجە 1 نەپەر:
ئەمىلىي مۇكاپات :بىر دانە قوش تىللىق قانۇن قامۇسى+ تىرىشچانلار مۇنبىرىنىڭ سوۋغىسى--4Gلىق بارماق دېسكا
قوشۇمچە:ئەگەر ھەقىقەتەن تەلەپكە لايىق ياخشى لاھىيلەنگەن بولسا ھەقسىز تارقىتىلىدىغان لۇغەتنىڭ 1- قوشۇمچە تېرىسى قىلىنىدۇ.
3– دەرىجە 1 نەپەر:
ئەمىلىي مۇكاپات :بىردانە بىر تىللىق قانۇن قامۇسى+تىرىشچانلار مۇنبىرىنىڭ سوۋغىسى-2Gلىق بارماق دېسكا
قوشۇمچە:ئەگەر ھەقىقەتەن تەلەپكە لايىق ياخشى لاھىيلەنگەن بولسا ھەقسىز تارقىتىلىدىغان لۇغەتنىڭ 2-قوشۇمچە تېرىسى قىلىنىدۇ.
مۇكاپاتلانغۇچىلار بىلەن ئالاقا داۋاملىق ساقلىنىپ، كېيىنكى دېتال كۆرۈنمە يۈزى ياساش ئىشلىرى يۇقىرى باھادا بۇيرىتىلىدۇ.
بارلىق ئەسەر يوللىغان ئەزالارنىڭ ئىسىمى ۋە ئەسىرى تور بېتىمىز داۋاملىق ساقلىنىش بىلەن بىرگە،لۇغەتنىڭ سىناق نۇسخىسى ئۇلارغا تەمىنلىنىپ، ئۇلارنىڭ پىكرى بويىچە ئۆزگەرتىپ مۇكەممەلشتۈرلۈپ ھەقىقي مۇكەممەل نۇسخىسى پۈتتۈرلۈپ ئەسەر ئەۋەتكەن كىشىلەرگە تەمىنلىنىدۇ، لۇغەتنىڭ مۇكەممەل نۇسخىسى مۇشۇ كىشىلەر ئارقىلىق جەمىيەتكە تارقىلىدۇ.
ئورۇنلاشتۇرغۇچى ئورۇن:يېڭى ئېرا يۇمشاق دېتال تەتقىقات مەركىزى
تور ئادېرىسى:PHP.NewEra.CC
يېقىندىن ھەمكارلاشقان ئۇرۇن: تىرىشچانلار مۇنبىرى
تور ئادرىسى:www.tirish.cn
يېقىندىن قولىغان شەخسلەر:تورداش ياۋا كەپتەر
كەڭ تورداشلارنىڭ ئاكتىپ قاتنىشىشىنى قارشى ئالىمىز ھەم ھەرقايسى تور بېكەتلەردە كەڭ تەشۋىق قىلىپ قويىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز:ئالىي ئېھتىرام بىلەن يېڭى ئېرا ،تىشچانلار دىن.