207.241.237.208 سىزنىڭ IP ئادرېسىڭىز :
دەرسخاناپروگرامما تۈزۈشكە كېتەرلىك يۇمشاق دېتاللار
كومپىيوتېر تىللىرىنىڭ تەرەقىيات تارىخى

كومپىيوتېرتىللىرىنىڭ تەرەقىيات تارىخىنى تۆۋەندىكى ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈشكە بولىدۇ.

1.     ماشىنا تىلى(机器语言):

ئېلىكتىرونلۇق ھېسابلاش ماشىنىللىرىنىڭ  ھەممىسى ئىشلىتىدىغىنى ھەم تۇنۇيدىغىنى ئەملىيەتتە '0' ۋە '1'دىن ئىبارەت ئىككىلىك سىستېما.ئىككىلىك سىستېما بولسا كومپىيوتېر تىلىنىڭ ئاساسى.

كومپىيوتېر ئىجاد قىلىنغان دەسلەپكى مەزگىللەردە ،كىشىلەر پەقەت مۇشۇ ئىككىلىك سېستىمىغا قاتتىق بويسۇنۇپ،ئوخشىمىغان تەرتىپتىكى '0'،'1'  تىزمىسى ئارقىلىق كومپىيوتېرغا بۇيرۇق بېرىپ،ئىجىرا قىلغۇزاتتى.مانا بۇ خىل تىل دەل بىز دائىم ئاڭلاپ كېلىۋاتقان "ماشىنا تىلى".

ماشىنا تىلىنى ئىشلىتىش ناھايىتى ئاۋارىچىلىق ئىدى،بولۇپمۇ پىروگىراممىنى ئۆزگەرتىش.

(ئەمىلىيەتتە تۈزۈش جەريانىمۇ ناھايىتى ئاۋارىچىلىق،ئەينى ۋاقىتتا ماشىنا تىلى پروگگىراممىسى ھازىرقىدەك كۇنۇپكا بېسىپ ئەمەس توك يولىنى ھەرخىل ئۇلاش ئارقىلىق تۈزىلەتتى،پروگگىراممېرلار ئۇستا توكچى ھەم ماتىماتىكىچى بولىشى،ئاشۇ نەچچە ئونمىڭلىغان سىملارنى توغرا ئۇلىشى كېرەك ئىدى،ئېنىقكى نەچچە سىكۇنتلۇق ھېسابلاشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن نەچچە ئاي ھەتتا يىل كېتەتتى—ئاپتۇردىن)

  ھەرخىل كومپىيوتېرلارنىڭ بۇيرۇق بېرىش شەكلى ئوخشاش بولمىغاچقا ، مۇشۇنداق ئاۋارىچىلىقتا تۈزىگەن پروگگىراممىنى پەقەت بىرلا كومپىيوتېردا ئىجىرا قىلىشقا بولاتتى،باشقا كومپىيوتېردا ئىجىرا قىلماقچى بولسا چوقۇم قايتىدىن تۈزۈپ چىقىشى كېرەك ئىدى .لېكىن بۇ پروگگىرامما كومپىيوتېر تىپىغا ئاساسەن تۈزۈلگەن پروگگىرامما بولغاچقا ھېسابلاش بولۇش سۈرئىتى باشقا ھەرقانداق تىلىدىن تېز،ماشىنا تىلى بولسا بىرىنچى ئەۋلات كومپىيوتېر تىلى.

2.     ئاسسېمبىل تىلى(汇编语言):

ماشىنا تىلىنى ئىشلىتىش ئاۋارىچىلىقىنى ئازايتىش ئۈچۈن،كىشىلەر بىرخىل قولايلىق ئۆزگەرتىش:بىرقىسىم ئاددى ئېنگىلىزچە ھەرىپلەرنى، ئالاھىدە بېكىتىلگەن ئىككىلىق سېستىمىدىكى بۇيرۇقلارنىڭ ئورنىغا دەسسەتتى،مەسىلەن 'ADD' نى ئىشلىتىپ قوشۇش ئۇسۇلىنى ئىپادىلىدى،' MOV' نى ئۇچۇر ئۇزىتىشقا ۋەكىللىك قىلدۇرۇش قاتارلىقلارنى ئېلىپ باردى،مۇشۇنداق قىلىپ كىشىلەرنىڭ  پىروگگىراممىنىڭ نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىنى ئوقۇپ چۈشۈنىش ۋە ئۆزگەرتىش ئىشلىرى ئاسانلاشتى،بۇ خىل پىروگگىرامما تىلى دەل بىز ئېتيىپ كېلىۋاتقان ئاسسېمبىل تىلى– ئىككىنچى ئەۋلاد كومپىيوتېر تىلىدۇر.

دەرۋەقە كومپىيوتېر كىشىلەر بەلگىلىۋالغان بەلگىلەرنى تۇنىمايدۇ،بەلكى مۇشۇ ھەرىپلەرنى تەرجىمە قىلىپ ئىككىلىك سىستېمىغا  ئايلاندۇرۇپ بېرىشكە مەسئۇل بولىدىغان بىر پىروگگىراممىغا ئېھتىياجلىق،بۇ خىل تەرجىمىلىك پىروگگىرامما ئاسسېمبىل پىروگگىراممىسى دەپ ئاتىلىدۇ.

ئاسسېمبىل تىلىمۇ ئوخشاشلا ماشىنا قاتتىق دېتال(زاپچاس)لىرىغا ناھايىتى بېقىنغان بولۇپ،يۆتكلىشچانلىقى ناچار،لېكىن ئۈنىمى دەرۋەقە ناھايىتى يۇقىرى،كومپىيوتېرنىڭ ئالاھىدە قاتتىق دېتاللىرىغا قارىتىلىپ تەھرىرلەنگەن ئاسسېمبىل پىروگگىراممىسى توغرا ،ئۈنۈملۈك ھالدا كومپىيوتېر قاتتىق دېتاللىرىنىڭ رولى ۋە ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرالايدۇ،ئاسسېمبىل تىلى ئىخچام ۋە سۈپىتى ياخشى بولغاچقا تاھازىرغىچە كۆپ ئىشلىتىلىدىغان ھەم ئىقتىدارى يۇقىرى بولغان يۇمشاق دېتال ئېچىش دېتالى بولۇپ تۇرماقتا.

كومپىيوتېر تىللىرىنىڭ تەرەقىيات تارىخى

3.يۇقىرى دەرىجىلىك تىل(高级语言):

تۇنجى قېتىملىق كومپىيوتېر ئالاقىسى ئاۋارىچىلىقىنى باشتىن كەچۈرۈش جەريانىدا كىلشىلەر چۇقۇم مۇشۇنداق بىرخىل تىلنىڭ بولىشى كېرەك ئىكەنكى ،بۇ خىل تىل ماتىماتىكا تىلى ۋە ئادەم تىلىغا ئەڭ يېقىن تىل بولىشى ھەم كومپىيوتېر قاتتىق دېتالىغا بېقىنمايدىغان بولىشى،بۇ تىلدا تۈزۈپ چىققان پىروگگىراممىلارنىڭ باشقا كومپىيوتېردىمۇ ئىجىرا بولىشى كېرەكلىكىنى تۇنۇپ يەتتى.

تىرىشىش ئارقىلىق 1954–يىلى كومپىيوتېر قاتتىق دېتالىغا بېقىنمايدىغان تۇنجى يۇقىرى دەرىجىلىك تىل–FORTRAN بارلىققا كەلدى.

50 نەچچە يىل مابەينىدە ئىلگىرى كېيىن بولۇپ نەچچە يۈز خىل يۇقىرى دەرىجىلىك تىل مەيدانغا كەلدى.مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگىللىرى نەچچە ئون خىل ،تەسىرى كۈچلۈك ،دائىم ئىشلىتىپ ئومۇملاشقانلىرى FORTRAN、ALGOL、COBOL、BASIC、LISP、SNOBOL、PL/ 1、Pascal、C、PROLOG、Ada、C++、VC、VB、Delphi、JAVA

قاتارلىقلار.

يۇقىرى دەرىجىلىك تىللارمۇ دەسلەپكى تىللاردىن تەرەققىي قىلىپ  قۇرۇلمىلاشقان پروگگىرامما لاھىيلە تىللىرىغا،ئوبكتىپكا يۇزلەنگەن جەريانىدىن تەرەققىي قىلىپ  .جەريانسز پروگىرامما لاھىيلەش تىللىرىغا ئايلىنىشتەك تارىخنى باشتىن كەچۈردى،ماس ھالدا يۇمشاق دېتال ئېچىشمۇ دەسلەپكى قولدا ئىشلەش تىپىدىكى بېكىنمە ئىشلەپ چىقىرىش  ھالىتىدىن مەسھۇلاتلىشىشقا،ئاقما لىنىيە شەكلىدىكى سانائەتلەشكەن ئىشلەپچىقىرىشقا تەرەققىي قىلدى.

ھازىرقى كومپىيوتېر تىللىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى بولسا:

1.     ئاددىيلىق:ئەڭ نېگىزلىك ئۇسۇلنىلا تەمىلەش ئارقىلىق بەلگىلەنگەن ۋەزىپىنى تاماملىغىلى،پەقەت بەزى ئاساسلىق ئۇقۇملارنى بىلسىلا ھەرخىل ئەھۋاللارغا ماس كېلىدىغان پىروگگىراممىلارنى لاھىيلىگىلى بولىدۇ.

2.     ئوبىكتىبقا يۈزلىنىش:ئاددىي تۈر مىخانىزىمى ۋە دىينامىكىلىق ئۇلىنىش ئېغىزى مودىلى(动态的接口模型)لا تەمىنلىنپ،ئوبىكتىبتىكى ئۆزگىرىشچان مىقدارلار،ھەم مۇناسىپ ئۇسۇللارنىڭ بۆلەكلىشىشى(模块化) ۋە يۇشۇرۇنچانلىقى ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ؛بىر تۈردىكى ئوبىكىتنىىڭ ئەسلى شەكلى تەمىنلەنسە، ۋارىسلىق قىلىش(继承) مىخانىزىمى ئارقىلىق باشقا بالا تۈرلەر(子类) دادا تۈر(父类) تەمىنلىگەن ئۇسۇللارنى ئىشلىتىپ،كودنىڭ تەكرار ئىشلىتىلىشچانلىقى ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان.

3.     بىخەتەر: نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ سىنىقىدىن ئۆتكەن ،پىششىقلاپ ئىشلەنگەن تۈر ۋە ئۇسۇللار بىخىتەرلىك مىخانىزىمىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ .

4.     سۇپاسىزلىق(平台无关性):تەييارلانغان پىروگگىراممىلار تور ئارقىلىق تارقىلىپ ئوخشىمىغان ماشىنا ۋە ئوخشىمىغان سۇپىدا خىزمەت قىلالايدۇ.

2100 ئاۋاتلىقى: 2010-10-26 يوللانغان ۋاقتى:

2008-8-29