207.241.237.208 سىزنىڭ IP ئادرېسىڭىز :
دەرسخاناپروگرامما تۈزۈشكە كېتەرلىك يۇمشاق دېتاللار
‹‹ئىللىق ئۆتەڭ›› مېھمانخانا باشقۇرۇش سىستېمىسى

كومپيۇتېر تېخنىكىسى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان بۈگۈنكى ئۇچۇر دەۋرىدە، سىز ئۆزىڭىزنىڭ مېھمانخانا ھېسابات ئىشلىرىنى كومپيۇتېر ئارقىلىق بىرتەرەپ قىلىشنى ئويلىشىپ باقتىڭىزمۇ؟

يېڭى ئېرا يۇمشاق دېتال تەتقىقات مەركىزىمىز سىزنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئېھتىياجىڭىزنى كۆزدە تۇتۇپ ‹‹ئىللىق ئۆتەڭ›› مېھمانخانا باشقۇرۇش سىستېمىسىنى ئىشلەپ چىقتى.

‹‹ئىللىق ئۆتەڭ››  مېھمانخانا باشقۇرۇش سىستېمىسى بولسا سىزنىڭ مېھمانخانىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان مېھمان تىزىملاش،رەنە ئېلىش ۋە قايتۇرۇش،ياتاق تىزىملاش ۋە قايتۇرۇش،ياتاق ئالماشتۇرۇش،باشقا كىرىم-چىقىملارنى خاتىرلەش، ياتاقلارنى تۈرگە ئايرىپ باشقۇرۇش ،كۈندىلىك ۋە مەلۇم مەزگىللىك ھېساباتنى خۇلاسىلەش،خېرىدار ئۇچۇرىنى باشقۇرۇش قاتارلىق ئاساسلىق ئىقتىدار ۋە باشقا قۇشۇمچە ئىقتىدارلارنى مەشغۇلاتچىنى ھوقۇق بويىچە تۈرگە ئايرىپ باشقۇرۇپ، ھېسابات ۋە ياتاق ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشلىرىڭىزغا نۇرغۇن قۇلايلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ.

‹‹ئىللىق ئۆتەڭ››   مېھمانخانا باشقۇرۇش سىستېمىسى ئارقىلىق نەچچە سېكونت ئىچىدىلا بارلىق ھېسابات ۋە ياتاق تىزىملىنىش، قايتۇرۇلۇش ،ھازىرقى بوش ياتاق ،مېھمانلار ئۇچۇرى قاتارلىق ئەھۋالىڭىزدىن خەۋەردار بولالايسىز.
سىستېما ئاپتوماتىك ھالدا سىزگە نېسى ياتاق ۋە مېھمان تېزىملىغاندا مېھماندا قالغان نېسى ھېسابات قاتارلىق ھېسابات ئىشلىرىنى تولۇق،توغرا ئەسكەرتىپ ،مەشغۇلات تەرتىپىنىڭ قولايلىقى ،چۈشۈنىشلىكى ھەم ساپ ئۇيغۇر يېزىقىدىكى كۆزنەك ۋە مەشغۇلات ئەسكەرمىسى بىلەن سىزنى توغرا،قولاي مەشغۇلاتقا يېتەكلەپ، ئاددىي تەرتىپ بىلەن مۇرەككەپ جەرياننى تولۇق ئاپتوماتېكلاشقان ئىقتىدارى بىلەن تاماملاپ،سىزنىڭ نۇرغۇن زېھنىڭىزنى ۋە ۋاقتىڭىز تېجەيدۇ.  


 

3407 ئاۋاتلىقى: 2010-10-14 يوللانغان ۋاقتى:

2008-8-29