گەرچە تېلفۇن شەخسلەرگىچە ئومۇملاشقان بۈگۈنكى كۈندە تېلفۇن دەپتىرى دېتالىنى ياساش بىرئاز ئارتۇقچە بولسىمۇ لېكىن يېڭى ئېرا يۇمشاق دېتال تەتقىقات مەركىزى ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتتا بۇ دېتالنى ياساپ كۆپچىلىكنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندۇق. بۇ دېتال ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكى بىلەن كەڭ دوستلارنىڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشىپ قېلىشى مۇمكىن.
بۇ تېلفۇن دەپتىرى 1،0 نۇسخىسىنىڭ تۆۋەندىكى ئاساسلىق ئالىلاھىدىلىكلىرىنى ساقلاپ قالغان ئاساستا:
1. يېشىل نۇسخىدىكى يۇنىكودلۇق دېتال بولۇپ،بىرلا EXE ھۆججەت بولۇپ ئېلىپ يۈرۈش ئەپلىك.
2. ئىشلىتىش قولاي،مەشغۇلاتى ئاددىي،سىغىمى كىچىك.
3. ئىشلىتكۈچىنىڭ رۇخسىتىسىز سىستېمىغا ھېچقانداق ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارمايدۇ،بىخەتەر دېتال.
4. كۆرۈنمە يۈزى ۋە مەشغۇلات كۆرسەتمىسى ساپ ئۇيغۇرچە.
ھازىرقى 2.0 نەشىرىدە ؛
بەزى خاتالىقلار تۈزۈتىلدى،ھەم تورداشلارنىڭ پىكرىگە ئاساسەن ئۇچۇرلارنى زاپاسلاش ۋە ئەسلىگە قايتۇرۇش ئىقتىدارى قوشۇلدى.
تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى بىلمەكچى بولسىڭىز،ياردەم ھۆججىتىگە قاراڭ.دېتالنىڭ كۆرۈنمە يۈزى تۆۋەندىكىچە؛

نەشىرى: |
Ver2.0 |
سىغىمى: |
4.60MB |
چۈشۈرۈش ئادرىسى؛ |
چۈشۈرۈش |
(ئەگەر سىز ئىشلىتىش جەريانىدا مەسلىلەرنى بايقىسىڭىز بىزگە ئۇقتۇرۇپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز!ئەگەر سىز بىزنىڭ تور بېتىمىزنىڭ ئۇقتۇرىشىدىن خەۋەرسىز بولسىڭىز ،كېيىنكى ئىشلارنىڭ ئاسان بولىشى ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئۇقتۇرۇشنى بىر ئۇقۇۋېتىشىڭىزنى تەشەببۇس قىلىمىز.)
ئۇقتۇرۇش
تور بېكىتىمىزگە تورداشلارنىڭ جاۋاب بېرىش ئىقتىدارى قوشۇلدى،تورداشلارنىڭ ئاكىپ جاۋاب بېرىشىنى قارشى ئالىمىز!
تۇنجى يازما يېزىشتىن بۇرۇن مۇشۇ سۆز قالدۇرۇش بېتىدىكى سۆزلەرنى بىر كۆرۈۋېتىپ ،بەزى جاۋابى بېرىلىپ بولغان سوئاللارنى يەنە سورىماسلىقىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمىز،يەنە "يوللاش" كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىملانى قايتا بىر تەكشۈرۈپ،ئىملاسى توغرا بولغان يازما يېزىشىنى ئۇقتۇرىمىز.
بىز بۇرۇنمۇ بىر ئەسكەرتكەن، يەنە تولۇقلىما سۈپىتىدە تۆۋەندىكىلەرنى ئەسكەرتىمىز:
بەزى يازمىلاردىكىدەك مەلۇم دېتالنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىنىڭ كودىنى يېزىپ بېرىش تەلەپ قىلىنغان،مەلۇم ئورگان مەخسۇس ئىشلىتىدىغان دېتالنىڭ ئىشلىتىش ئۇسۇلى سورالغان ياكى باشقا كارخانىلاردىن ھەقلىق سېتىۋالغان دېتاللاردىن كۆرۈلگەن خاتالىقلارنى بىزدىن سورىغان ھەم ئوڭشاش ئۇسۇلى تەلەپ قىلىنغان، توردا كەڭ تارقالغان دېتالللارنىڭ چۈشۈرۈش ئادېرسى سورالغان ،قالايمىقان سورالغان ،ئىملا خاتالىقى 15% تىن ئېشىپ كەتكەن، بىزنىڭ ياكى بەزى شەخسى كارخانىلارنىڭ تېخنىكا مەخپىيەتىلىكى سورالغان،باشقىلارنى زىيانغا ئۇچۇرتىشنى مەقسەت قىلغان،باشقىلارغا ئازار بېرىدىغان،مۇقىملىققا زىيان يەتكۈزىدىغان يازمىلار تەستىقلانمايدۇ،بىردەك ئۆچۈرىلىدۇ.
ئۇنىڭدىن سىرت بىز جاۋاب بېرىش ئىمكانىيىتىمىز يەتمىگەن سوئاللارنى تورداشلارنىڭ جاۋاب بېرىشى ئۈچۈن "ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام" دەپلا تەستىقلاپ قويىمىز،شۇڭا بۇنداق تەستىقلانغان سوئاللارنى يەنە سورىماي تورداشلارنىڭ جاۋابىنى ساقلاڭلار، شۇڭا تورداشلارنىڭ تەستىقلانمىغان سوئاللىرىنى يەنە داۋاملىق سورىماي "يازمام ئۆچۈرلۈپتۇ" دەپ چۈشۈنۈپ بىزنىڭ تەلىپىمىزگە ھۆرمەت قىلغان ئاساستا سورىشىنى ئۇقتۇرىمىز.
يەنە تورداشلارنىڭ بىزنى ئۆزىدە بار بولغان كومپىيوتېرغا ئائىت تېخنىكىلىق ماقالىلەر بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز.
دېتال يولىغاندا ؛ تولۇق پۈتمىگەن، كۆرۈنمە يۈزىنىڭ ئىملاسى خاتا،كۆرۈنمە يۈزى يۇنىكودلۇق بولسىمۇ ئىشلىتىلگەن خەت نۇسخىسى يۇنىكود ئۆلچىمىدە ئەمەس، ئىشلىتىش ئۇسۇلى ياكى دېتالنىڭ ئىقتىدارى قىسقىچە بولسىمۇ تۇنۇشتۇرۇلمىغان،ھەقسىز بولسىمۇ پارول سېلىپ ،پارول تەمىنلەنمىگەن،ھەقلىق بولسا سېتىۋېلىش ئۇسۇلى ۋە كېيىنكى مەسئۇلىيەتلەر ئېنىق توغرا تەمىنلەنمىگەن،لۈكچەك دېتالللار (باشقىلارنىڭ سېستىمىسىنى رۇخسەتىسز ئۆزگەرتىۋېتىدىغان)،سېستىمىغا خەۋىپى بولسا خەۋىپى ھەم ھەل قىلىش ئۇسۇلى ئەسكەرتىلمىگەن دېتاللار بىردەك چۈشۈرۈشكە ياكى ئۇلانما قىلىنىپ تەمىنلەنمەيدۇ.
بىزنىڭ تورداشلارغا تەمىنلىگەن چۈشۈرۈش ftp رىمىز(ئەسەر يوللاش FTP سىغا كىرىپ مائۇسنىڭ ئوڭ تەرەپىنى چېكىپ چىققان تېزىملىكتىن 登录نى بېسىپ كىرسىڭىز بولىدۇ)نىڭ ئىشلەتكۈچى ئىسىمى;Newera شىفىرى؛123456
تورداشلارنىڭ يېقىندىن ھەمكارلىشىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز.
بىزنىڭ ئورتاق نىشانىمىز؛يۇمشاق دېتالچىلىقىمىزغا تېگېشلىك ھەسسىمىزنى قوشۇش،ئىناقلىقنى تەشەببۇس قىلىش.ئۆز-ئارا ھۆرمەت قىلىش.
:يېڭى ئېرا دىن
2010–4–18–كۈنى