ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم يىڭى ئېرا تورىدىكى تورداشلار ياخشىمۇ سىلەر؟
مەن ئەكبەر(STop) بۈگۈن سىلەرگە vb6.0 ئارقىلىق يىراقتىن كونتىرول ياساش دەرىسلىكىنى سۇنماقچىمەن،ئۆتكەندە يېڭى ئېرا تورىدىكى ئۇستازلارنىڭjava ئارقىلىق يىراقتىن كونتىرول ياساش دەرسىلىكىنى كۆرگەندىن كېيىن نۇرغۇنلىغان تونۇشلۇرۇم مەندىن vb6.0 ئارقىلىقمۇ يىراقتىن كونتىرول ياسىغىلى بولامدۇ دەپ سورىغانىدى،شۇڭا مەن كۆپ ئىزدىنىش ئارقىلىق بۇ دەرىسلىكىنى ئىشلەپ تورداشلارغا سۇنۇشنى قارار تاپتىم،كودتىكى خاتالىقلار ياكى بەزى نۇقسانلار بولسا ۋە ياكى بۇنىڭدىن ياخشىراق ئاماللار بولسا تورداشلارنڭ ماڭا يول كۆرسىتشىنى سورايمەن !!!
بىزنىڭ يىراقتىن كونتىرول ياساشتىكى 1-سائەتلىك دەرىسىمىز بولسا يىراقتىكى كومپۇيوتېرنىڭ ئېكرانىنى كۆزىتش
تۈزۈش قائىدىسى:
1. كونتىرول قىلىنغۇچى تەرەپ
كونتىرول قىلىنغۇچى تەرەپ ئالدى بىلەن كونتىرول قىلغۇچى تەرەپكە توختىماستىن ئۇلۇنىش ئۇچۇرىنى ئەۋەتىشى كېرەك ئەگەر ئۇلنىش مۇۋاپىقىتيەتلىك بولسا كونتىرول قىلىغۇچى تەرەپتىن ekran دېگەن سۆزنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن توختىماستىن ئېكراننى سۈرەتكە تارتىپ بۇنى 2لىك ھۆججەت بويىچە كونتىرول قىلغۇچى تەرەپكە يوللاش كېرەك
2. كونتىرول قىلغۇچى تەرەپ
كونتىرول قىلغۇچى تەرەپ كونتىرول قىلىنچى تەرەپنىڭ ئۇلۇنىشىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا ekran دېگەن بۇيرۇقنى ئەۋەتىپ قارشى تەرەپتىن كەلگەن 2 لىك ھۆججەتنى تاپشۇرۋېلىپ ئۇنى ئېكراندا كۆرسىتىشى كېرەك
بۇ دەرسلىك سۈرەتلىك دەرسلىك ۋە ئەسلى كودنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ،سىز بۇدەرسلىكنى تەپسىلىي كۆرگەندىن كىيىن VBدا يىراقتىن كونتىروللىغۇچ ياساش ھەققىدىكى دەسلەپكى ساۋاتقا ئىگە بولالايسىز.ئەگەر تەپسىلاتىغا قىزىقسىڭىز مۇنۇ ئادىرىستىن چۈشۈرۈپ كۆرۈڭ.
چۈشۈرۈڭ.