207.241.237.208 سىزنىڭ IP ئادرېسىڭىز :
دەرسخاناپروگرامما تۈزۈشكە كېتەرلىك يۇمشاق دېتاللار
بىخلان Visual Basic6 ئۆگىتىش يۇمشاق دېتالى

Visual Basic يۇمشاق دېتالى ئامېرىكا مىكروسوفت شىركىتى ئىشلەپچىقارغان بىرخىل پروگرامما لايىھەلەش يۇمشاق دېتالى بولۇپ، ئىشلىتىش قولايلىق ۋە ئۆگىنىش ئاسان بولغاچقا، پۈتكۈل دۇنيادىكى پروگرامما لايىھىلىگۈچىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن، ئۇنىڭ دەسلەپكى نۇسخىسى ئەينى ۋاقىتتىكى MS-DOS دەۋرىدىن باشلانغان، كېيىنچە مىكروسوفت شىركىتى Windows مەشغۇلات مۇھىتىنى بازارغا سالغاندىن كېيىن، VisualBasic نىڭمۇ Windows قا ماسلاشقان نۇسخىسىنى بازارغا سالدى. شۇندىن تارتىپ ئۇ كومپيۇتېردا پروگرامما لايىھىلەشكە قىزىقىدىغان كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدىن كەتمەيدىغان مۇھىم سىستېما قورالىغا ئايلاندى. دۇنيا بويىچە ئەڭ ئىلغار ئۇچۇر ئىزدەش تور بېكىتى Google نىڭ «سۆز ئىزدەش چاستوتىسى» ئىقتىدارىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ھازىرغىچە مەيدانغا كەلگەن پروگرامما لايىھىلەش تىللىرى ئىچىدە ھالقىلىق سۆز ئىزدەش چاستوتىسىدا VB ياكى VisualBasic دېگەن سۆزنىڭ ئىزدەش چاستوتىسى باشقا پروگرامما لايىھىلەش تىللىرىغا قارىغاندا ئەڭ كۆپ بولۇپ، بۇ VisualBasic نىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئىشلىتىلىشچانلىقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
يېڭى پروگرامما لايىھىلەش ھەۋەسكارلىرىنىڭ قارىشىدا، مەلۇم بىر پروگرامما تىلى «ياخشى»، يەنە مەلۇم بىر پروگرامما تىلى «ئاددىي» بولىدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ بىر خاتا قاراش بولۇپ، بىر پروگرامما تىلىنىڭ ياخشى-يامانلىقى ئۇنىڭ مۇرەككەپ ياكى ئاددىيلىقىدا ئەمەس، چۈنكى، ھەرقانداق بىر تىلنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلىرى بولىدۇ، شۇنداقلا كەمچىلىكىمۇ بولىدۇ، بۇ ئارتۇقچىلىق ياكى كەمچىلىكلەر بەلكىم پروگراممىنىڭ ئىجرا بولۇش سۈرئىتى، ئىقتىدارى، ئۆگىنىشكە كېتىدىغان ۋاقىت، پايدىلىنىش ماتېرىياللىرىنىڭ ئاز-كۆپلۈكى ۋەياكى ئۇنى مەيدانغا كەلتۈرگۈچىلەرنىڭ كەلگۈسىدىكى مۇلازىمىتى.... قاتارلىق تەرەپلەرنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. دەرۋەقە، كومپيۇتېر بىر ئالاھىدە ئېلېكترون ئۈسكۈنىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇنىڭدا تۈرلۈك-تۈمەن خىل «پروگرامما تىلى» مەۋجۇد بولىدۇ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ تۆۋەن قاتلامدىكى تىل «ماشىنا تىلى» دېيىلىدۇ، ماشىنا تىلى ئۆگىنىش ئەڭ قىيىن بولغان تىللارنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ تىلنى ياخشى ئۆگىنىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن فىزىكا ۋە كومپيۇتېرنىڭ تۈزۈلۈش پىرىنسىپلىرىنى ياخشى ئىگىلەش كېرەك، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بۇ جايدا سۆزلەپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان نۇرغۇن مۇناسىۋەتلىك بىلىملەر بار، شۇلارنى بىرلىكتە ئۆگەنگەندىلا ئاندىن «ماشىنا تىلى» ئارقىلىق كومپيۇتېرنى باشقۇرغىلى بولىدۇ.
تەتقىقاتچىلار ماشىنا تىلىنىڭ ئۆگىنىش قىيىنلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، كېيىنچە «ئاسسېمبېل تىلى»نى بارلىققا كەلتۈردى، بۇ تىل ماشىنا تىلىغا قارىغاندا بىرقەدەر ئاددىيراق بولۇپ، ماشىنا تىلىدا بىۋاسىتە «كود» مەۋجۇد بولسا، ئاسسېمبىل تىلى (Assembler)دا ئانچە-مۇنچە قىسقارتىلغان ئېنگلىزچە بۇيرۇقلارنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ، ئەمما، كومپيۇتېر ئۈسكۈنىلىرى (مەسىلەن مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ)ئاسسېمبېل تىلىنى «چۈشەنمەيدۇ»، كومپيۇتېر پەقەت «ماشىنا تىلى»نىلا چۈشىنىدۇ، شۇڭلاشقا، ئاسسېمبېل تىلى بىلەن ماشىنا تىلى ئارلىقىدا مەلۇم بىر «تەرجىمان» مەۋجۇد بولۇپ، بۇ تەرجىمان ئاسسېمبېل تىلىدىكى بۇيرۇقلارنى ماشىنا تىلىدىكى بۇيرۇقلارغا ئايلاندۇرۇپ بېرىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئىنسانلار ئاسسېمبېل تىلى بىلەن كومپيۇتېرغا بۇيرۇق چۈشۈرۈش مەقسىتىگە يېتەلەيدۇ.
يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئاسسېمبېل تىلىنى ئۆگىنىشمۇ ئەمەلىيەتتە ئانچە ئاسان ئەمەس، كومپيۇتېر يۇمشاق دېتال تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، تەتقىقاتچىلار يەنە نۇرغۇنلىغان تىللارنى ۋۇجۇدقا كەلتۈردى، بازاردا كۆپلىگەن مەھسۇلاتلار بىرلىكتە مەۋجۇد بولۇپ تۇرغىنىدەك، ئوخشىمىغان تەتقىقاتچىلارنىڭ مەيدانغا كەلتۈرگەن پروگرامما تىللىرىمۇ بىر-بىرى بىلەن پەرقلىنىدۇ، ئەمما، ھەرقانداق بىر تىل بىلەن ماشىنا تىلى ئارىسىدا ھامان بىر «تەرجىمان» چوقۇم مەۋجۇد بولۇپ تۇرىدۇ، ئادەتتە كەسپىي ئاتالغۇدا بىز بۇ «تەرجىمان»نى Compiler دەپ ئاتايمىز.
ماشىنا تىلىدىن باشقا ھەرقانداق تىل، مەسىلەن C تىلى، Pascal تىلى، Java، CSharp..... ۋە مەيلى باشقا تىل بولسۇن، ھامان ئۇلارنىڭ «تەرجىمان»ى بار، بۇ تىللار ئەنە شۇ «تەرجىمان»نىڭ ياردىمى بىلەن، ئىشلەتكۈچىلەر يازغان پروگرامما بۇيرۇقلىرىنى «ماشىنا تىلى»غا ئايلاندۇرۇپ ئىجرا قىلىپ بېرىدۇ، بۇ جەريان ئىنتايىن مۇرەككەپ باسقۇچلاردىن ئۆتىدۇ، ئەلۋەتتە.
بىز بۇ جايدا چۈشەندۈرۈۋاتقان VisualBasic تىلىمۇ ئەنە شۇنداق «تەرجىمان» ئارقىلىق كومپيۇتېرغا بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ، ناۋادا Basic تىلىدا قىلىش «مۇمكىن بولمايدىغان» ئىشلارغا دۇچ كەلسەك، ئالدى بىلەن باشقىلار تەييار قىلىپ قويغان «تەييار فۇنكسىيە»لەردىن پايدىلانساقلا بولىدۇ، بۇنداق تەييار فۇنكسىيە ۋە ئىقتىدارلار نۆۋەتتە بىزنىڭ بىر ئۆمۈر ئىشلىتىشىمىزگە يېتىدىغان ھالەتكە يەتتى، بولۇپمۇ مىكروسوفت شىركىتىنىڭ NetFrameWork سۇپىسىنى غايەت زور بولغان «ئىقتىدار ئامبىرى» دېيىشكە بولىدۇ، نەچچە خىل تىللار ئارقىلىق NetFrameWork قا بۇيرۇق چۈشۈرگىلى بولىدۇ، NetFrameWork بولسا كومپيۇتېرغا بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ، دېمەك، NetFrameWork بارلىققا كەلگەندىن كېيىن، VisualBasic ۋە C#.... قاتارلىق تىللارنىڭ ئۆزئارا «ئىقتىدار پەرقى قالمىدى» دېيىشكە بولىدۇ، ئەگەر سىز كۈنلەرنىڭ بىرىدە C# تىلىدا يېزىپ چىقىلغان مەلۇم بىر يۇمشاق دېتالنى VisualBasic تىلىدا يازغىلى بولمايدىغانلىقىنى بايقىسىڭىز، ئۇنداقتا بۇنى چوڭ بايقاش دېسەك ئارتۇق كەتمەيدۇ. مەيلى C# كوچىسىدا مېڭىڭ ياكى VisualBasic كوچىسىدا مېڭىڭ، ھامان ئوخشاش مەنزىلگە يېتەلەيسىز.
بۇ ئىشلارنى بىر پارچە ماقالە بىلەن چۈشەندۈرۈپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ، شۇڭا قىزىققۇچىلار مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى ئۆزى ئىزدەپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.
بىز بۇ جايدا تەشۋىق قىلىۋاتقان VisualBasic پروگرامما لايىھىلەش يۇمشاق دېتالى ئەمەلىيەتتە ئەڭ دەسلەپكى Basic تىلىدىن تەرەققىي قىلىپ ھازىرقى ھالەتكە يەتكەن. VisualBasic نىڭ دەسلەپكى 1.0 نەشرى ھازىرغا قەدەر 9.0 نەشرىگە يېتىپ كەلدى. ئەمما مەيلى قايسى نەشرى مەيدانغا چىقسۇن، بىز يەنىلا Basic تىلىدىن ئايرىلالمايمىز. شۇڭلاشقا، سىز مەيلى VB5.0 ياكى VB6.0 نى ئىشلىتىڭ، ۋەياكى VB7.0 ياكى .... VB9.0 نى ئىشلىتىڭ، يەنىلا Basic تىلىدا «سۆزلىشىڭىز» كېرەك. شۇندىلا كومپيۇتېر سىز بۇيرىغان ئىشلارنى بېجىرىپ بېرەلەيدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، Basic تىلى پەقەت پروگرامما لايىھىلەش تىللىرىدىلا ئىشلىتىلمەستىن بەلكى يەنە نۇرغۇن قوللىنىشچان دېتاللارنىڭ قوشۇمچە تىلىغا ئايلانغان، مەسىلەن، مىكروسوفت شىركىتىنىڭ Office ئائىلىسىدىكى Word, Excel, PowerPoint.... قاتارلىق يۇمشاق دېتاللىرىغىمۇ Basic تىلى سىڭدۈرۈۋېتىلگەن، بۇنى بىز Visual Basic Application دەپ ئاتايمىز، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇن قورال يۇمشاق دېتاللارنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئىقتىدارلىرىنى ئىشلەتكەندە يەنىلا Basic تىلىنى بىلىشكە توغرا كېلىدۇ.
دېمەك، Basic تىلىنى ئۆگىنىش پەقەت پروگرامما لايىھىلەش ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى، يۇمشاق دېتاللارنىڭ ئەڭ ئىلغار ئىقتىدارلىرىنى ئىشقا سېلىش ئۈچۈنمۇ ياخشى ئەسقاتىدۇ.
ئەمدى بۇ «بىخلان VisualBasic6.0 ئوقۇتۇش دېتالى» توغرىسىدا چۈشەنچە بېرەيلى:
بۇ ئوقۇتۇش دەرسلىكى جەمئىي ئىككى قىسىم بولۇپ، بىرىنچى قىسمىدا Basic تىلىنى ئاساس قىلىپ، VisualBasic6.0 نى مەشغۇلات مۇھىتى قىلىپ تۇرۇپ پروگرامما تىللىرىنى چۈشەندۈرۈش ئاساس قىلىنغان. ئىككىنچى قىسمىدا پروگرامما لايىھىلەشتە زۆرۈر بولىدىغان بىرقىسىم تېخنىكىلار ئاددىي مىساللار بىلەن جانلىق چۈشەندۈرۈلگەن بولۇپ، ئومۇمىي دەرس سائىتى 30 نەچچە سائەت، دەرسلىك جەمئىي 90 پارچىدىن ئاشىدۇ. سىز بۇ 90 پارچىدىن ئارتۇق دەرسلىكنى كۆرۈپ تۈگەتكەندىن كېيىن، ئۆزىڭىزنىڭ پروگرامما لايىھىلەش سەۋىيىسىنىڭ تېزلىكتە ئۆسۈپ كەتكەنلىكىنى بايقايسىز، ھەمدە ئازراق تىرىشچانلىق كۆرسەتسىڭىزلا مەلۇم تۈردىكى قوللىنىشچان دېتاللارنى لايىھىلەش سەۋىيىسىگە يېتەلەيسىز.
دەرسلىك ئاممىباب تىلدا ئىختىيارىي ھالەتتە سۆزلەنگەن بولۇپ، سۆزلىنىدىغان مەزمۇنلار كۆپ بولغاچقا، بىر قىسىم ئۇششاق خاتالىقلاردىن ساقلىنىش تەس، شۇڭا سېتىۋالغۇچىلارنىڭ شەكىلگە ئەمەس، مەزمۇنغا ئەھمىيەت بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
ئىشىنىمىزكى، بۇ دەرسلىك سىزنىڭ يۇمشاق دېتالچىلىق ساھەسىگە قەدەم بېسىشىڭىزدىكى ئەڭ ياخشى يېتەكچىڭىز بولالايدۇ!
ئالاقىلاشقۇچى: ئالىمجان ئابدۇكېرىم (توردىكى تەخەللۇس بىخلان)
تېلېفون: 15909987676   (2227676-0998)
دەرسلىك باھاسى: ئىككى قىسىمنى بىراقلا سېتىۋالسىڭىز 150 يۈەن (ئايرىم سېتىۋېلىشتا بىرىنچى قىسىم 80 يۈەن، ئىككىنچى قىسىم 100 يۈەن).

ئاخىرىدا «يېڭى ئېرا يۇمشاق دېتال تەتقىقات مەركىزى»نىڭ بۇ دەرسلىكنى توردىن چۈشۈرۈش بوشلۇقى بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە كۆپ رەھمەت ئېيتىمىز!

ئىش ئۆملۈكتە، كۈچ بىرلىكتە دەپتىكەن كونىلار، پروگرامما لايىھىلەش ساھەسىگە قەدەم باسقانلار قانچە كۆپ بولسا، تەرەققىيات شۇنچە تېز بولىدۇ، يېڭىلىقمۇ شۇنىڭغا قارىتا كۆپ بولىدۇ، بىز سىلەرنىڭ تېخىمۇ تېز ۋە ياخشى ئۆگىنىپ، كەلگۈسىدە خەلقئارا ئىلغار سەۋىيەلىك يۇمشاق دېتاللارنى لايىھىلەش سەۋىيىسىگە يېتىشىڭلارنى، ھېچ بولمىغاندا كۆز ئالدىڭلاردا تۇرغان بۇ كومپيۇتېردىن ئىبارەت جانسىز قورالنى ھەقىقىي "قۇل" قىلالايدىغان سەۋىيىگە يېتەلىشىڭلارغا تىلەكداشمىز!

چۈشۈرۈش ئادرىسى: http://www.xjtsnews.com/normal/content/bak/down/Bihlan_VB6.0.rar

http://www.xjtsnews.com/normal/content/bak/down/VB6CAIDemo2.rar

http://www.xjtsnews.com/normal/content/bak/down/Bihlan_VB6.0_2.rar

9546 ئاۋاتلىقى: 2010-1-23 يوللانغان ۋاقتى:

2008-8-29