VB.NET 2008 ئادەتتىكى باشقۇرۇش سىستېمىلىرى ياكى قوللىنىشچانلان يۇمشاق دېتاللارنى تۈزۈشكە بولۇپلا قالماي يەنە office ئائىلىسىدىكى يۇمشاق دېتللارغا ئىقتىدار سەپلىگىلىمۇ بولىدۇ، تۆۋەندە مەكتەپلەرنىڭ كۆرسەتكۈچ جەدىۋىلىنى word ئارقىلىق بېسىپ چىقىرىدىغان بىر ئاددىي پىروگراممىنى تونۇشتۇرىمىز، گەرچە پىروگرامما ئاددىي بولغىنى بىلەن پىروگراممىر دوسلارنىڭ ئىقتىدارىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ تېخىممۇ كۆپ يۇمشاق دېتاللارنى ئىشلەپ چىقالايدىغانلىغا ئىشىنىمىز. پىروگرامما تۈزۈشكە قىزىققۇچىلارنىڭ كۆرۈپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.
فىلىملىدىكى "نەتىجە كۆرسەتكۈچىنى كۆرىستىش" كونۇپكىسىنىڭ كودىنىڭ رولى يوق يېزىلىپ قاپتۇ، كۆپچىلىكنىڭ تۆۋەندىكى كودقا ئالماشتۇرىۋېتىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.
Globals.ThisDocument.ActionsPane.Clear()
Globals.ThisDocument.ActionsPane.Controls.Add(AcP)
غا ئالماشتۇرىۋېتىڭ.
ئەگەر بۇ فىلىم سىزگە ياققان بولسا ھەم كىچىك پىروگراممىلارنى تۈزىگەن بولسىڭىز بىزگە ئەۋەتىپ بېرىڭ، ھەممىمىز ئورتاق پايدىلىنايلى.
ئېكرانى پۈتۈن ئېكران قىلىپ 1284*1024 ئىنىقلىقىدا كۆرسىڭىز ئەڭ ياخشى، توردا قويۇش داۋامىدا قېتىلۋالسا چۈشۈرىۋېلىپ ئاندىن كۆرۈڭ، چۈشۈرۈش ئادرىسى؛ http://www.xjtsnews.com/normal/content/bak/down/t/WordVB2008.wmv
VB ئەسلى كودىنى چۈشۈرۈش؛ http://php.newera.cc/t/NatijaKorsatkuq.rar
#C ئەسلى كودىنى چۈشۈرۈش؛ http://php.newera.cc/t/NatijakorsatkuqC.rar
بۇ فىلىم پەقەت VB.NET 2008 نىڭ بىرقىسىم كىچىك ئىقتىدارلىرىنى كۆرسىتىش ۋە تورداشلارنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ئېلىنغان، فىلىمدىكى كۆرۈنۈش، گەپ– سۆز، چۈشەندۈرۈشلەر ھېچقانداق سۈزۈش، قايتا پىششىقلاپ ئىشلەش جەريانىدىن ئۆتمىگەن، شوڭا تورداشلارنىڭ توغرا چۈشۈنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.