207.241.237.208 سىزنىڭ IP ئادرېسىڭىز :
دەرسخاناپروگرامما تۈزۈشكە كېتەرلىك يۇمشاق دېتاللار
پەرۋاز ئۇيغۇرچە ،خەنزۇچە ۋە ئېنگىلىسچە لۇغەت 1.05 نۇسخىسى

چۇشۇرۋىلىڭ ؛ پەرۋاز ئۇيغۇرچە ،خەنزۇچە ۋە ئېنگىلىسچە لۇغەت 1.05 نۇسخىسى

مەزكۇرلۇغەت خەنزۇچىنى ئۇيغۇرچىغا ۋە ئېنگلىزچىغا تەرجىمە قىلىشنى ئاساس قىلغان بولۇپ، خەنزۇچە- ئۇيغۇرچە سۆزلۈك 40 مىڭدىن ئارتۇق، خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە، ئېنگلىزچە سۆزلۈك 30 مىڭدىن ئارتۇق كىرگۈزۈلگەن، سىز بىرلا ۋاقىتتا خەنزۇچە سۆزگە قاراپ، بىرسىكۇنتقا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە شۇ سۆزنىڭ ئۇيغۇرچە ۋە ئېنگلىزچە مەنىسىنى تېپىپچىقالايسىز، ئۇندىن باشقا يەنە سۆزلۈك مەنىسى ئارىسىدىن ئۇيغۇرچە ۋە ئېنگلىزچەيۆنىلىشتىمۇ خەت ئىزدەش ئىقتىدارى قوشۇلغان، خەنزۇچىدىن ئۇيغۇرچە ۋە ئېنگلىزچەيۆنىلىشكە قاراپ خەت ئىزدەش نىسبىتى %100 بولۇپ، سىز پەقەت ئىزدىمەكچى بولغانخەنزۇچە خەتنى توغرا يازالىسىڭىزلا بولىدۇ، ئەگەر ئۇيغۇرچە ياكى ئېنگلىزچە سۆزئىزدىمەكچى بولسىڭىز، ئىزدىمەكچى بولغان سۆز تومۇرىنى يېزىپ ئىزدىسىڭىز ئۈنۈمى ئەڭيۇقۇرى. مەسىلەن: «ئۇخلىماق» دېگەن ئۇيغۇرچە سۆزنى ئىزدىمەكچى بولسىڭىز، ئالدىبىلەن تىل يۆنىلىشىنى توغرا تاللاپ، ئاندىن سۆز تومۇرى بولغان «ئۇخلى» دېگەن سۆزنىئىزدەيسىز، مۇنداق بولغاندا پروگراممىنىڭ خەت تېپىش نىسبىتى يۇقۇرى كۆتۈرۈلىدۇ، ئەگەر سىز ئىزدىگەن سۆز تېپىلمىسا، شۇ سۆزنىڭ قوشۇمچىسى بولغان «-ىماق، - ىمەك، - ىش» دېگەندەك قوشۇمچىنى يازماي تۇرۇپ ئىزدىسىڭىز، سۆز ئىسكىلاتىغا كىرگۈزۈلگەنلا سۆزبولسا چوقۇم تېپىپ چىقالايدۇ، خەنزۇچە سۆز ئىزدىگەندە، ئوخشاش خەتلەر تىزىملىكىدەسىز ئىزدىگەن سۆزگە ئوخشاپ كېتىدىغان سۆزلۈك تىزىملىكى كۆرسىتىلىدۇ، سىز بۇتىزىملىكلەردىن پايدىلىنىپ تېخىمۇ كۆپ سۆزلەرنى تەرجىمە قىلىش پۇرسىتىگە ئىگەبولالايسىز.

گورۇپىمىزنىڭئەمگەك مېۋىسىنى قوغداش ۋە ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتال ساھەسىگە تېخىمۇ كۆپ تۆھپەقوشۇش، شۇنداقلا يۇمشاق دېتالنى قالايمىقان، ھەقسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشنىڭ ئالدىنىئېلىش ئۈچۈن، مەزكۇر يۇمشاق دېتالنى پەقەت تىزىملاتقان قانۇنلۇق ئىشلەتكۈچىلەرئۈچۈنلا تولۇق خىزمەت قىلىدىغان قىلدۇق، يەنى، سىز مەزكۇر يۇمشاق دېتالنىكومپيۇتېرغا قاچىلىغان، بىراق تىزىملاتمىغان بولسىڭىز، پەقەت ئۈچ خەتتىن تۈزۈلگەنخەنزۇچە سۆزلەرنىلا تەرجىمە قىلالايسىز، بۇ ئارقىلىق سىز مەزكۇر لۇغەتنىڭ ئىقتىدارىبىلەن تونۇشۇپ چىقسىڭىز بولىدۇ، ئەگەر تىزىملاتقان بولسىڭىز لۇغەتنىڭ بارلىقئىقتىدارلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشىسىز.

تىزىملىتىشئۇسۇلى ئالاھىدە بولۇپ، سىز پروگرامما قوزغالغاندىكى دەسلەپكى كۆزنەكتە، «تىزىملاش» كونۇپكىسىنى باسقاندىن كىيىن پروگرامما سىزنىڭ كومپيۇتېرىڭىزنىڭ نۇمۇرىنى كۆرسىتىپبېرىدۇ. دىققەت: بۇ نۇمۇر كومپيۇتېرىڭىزنىڭ قاتتىق دېسكىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك! شۇڭا تىزىملاتقان ۋاقىتتا پروگراممىنى قايسى كومپيۇتېردا ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز شۇكومپيۇتېرنىڭ نۇمۇرىنى ئەستە تۇتۇۋېلىپ، تۆۋەندە كۆرسىتىلگەن بانكا كارتىسىغا 50 يۈەن پۇلنى سالغاندىن كىيىن، شۇ نۇمۇرنى ۋە قولىڭىزدىكى پۇل سالغانلىقئىسپاتنامىدە كۆرسىتىلگەن «ئالدىن ساقلانغان پۇل سانى، سىز پۇل سالغاندىن كىيىنكىپۇل سانى» نى تېلىفون، ئېلىكترونلۇق يوللانما، تېز پوچتا ۋەياكى ھەرقانداق ئۇسۇلبىلەن بىزگە ئۇقتۇرۇپ قويسىڭىز، بىز ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كومپيۇتېرىڭىزنىڭنۇمۇرىغا ماس كېلىدىغان «تىزىملىتىش نۇمۇرى» نى سىزگە ئەۋەتىپ بېرىمىز، بۇ نۇمۇرپەقەت سىزنىڭ كومپيۇتېرىڭىزغىلا ماس كېلىدۇ، شۇڭا كومپيۇتېر نۇمۇرىڭىزنى بىزگەئەۋەتكەندە چوقۇم ئۆزىڭىز ئىشلەتمەكچى بولغان كومپيۇتېرغا قاچىلىغاندىن كىيىنكىنۇمۇرنى بىزگە توپتوغرا ھالدا ئەۋەتىپ بېرىڭ، چۈنكى بىز شۇ نۇمۇرغا ئاساسەن سىزنىڭكومپيۇتېرىڭىزغا تىزىملىتىش نۇمۇرى ھاسىل قىلىپ بېرىمىز. يۇمشاق دېتالنىڭ قانۇنسىزكۆچۈرۈلۈپ تارقىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن مۇشۇنداق تەدبىر قوللاندۇق، ئاۋارە قىلغىنىمىزنى كەچۈرۈڭ!

ئالاقىلاشقۇچىلار:

قەشقەرپەرۋاز كومپيۇتېر مۇلازىمەت مەركىزىدىن نۇرمەمەتجان، مەمەتسىدىق ھاجىم

ئالاقىلىشىشتېلىفون نۇمۇرلىرى:

ئىشخانا: 2901877-0998

يانفون: 2213367-0998 (مەمەت سىدىق ھاجىم)

يانفون: 2222176-0998، 13999647788 (نۇرمەمەتجان)

ئادېرىسى: قەشقەر «سەيگې» كومپيۇتېر شەھەرچىسى 39- نۇمۇر، پەرۋاز كومپيۇتېر مۇلازىمەتمەركىزى.

 

5348 ئاۋاتلىقى: 2009-12-7 يوللانغان ۋاقتى:

2008-8-29