207.241.237.208 سىزنىڭ IP ئادرېسىڭىز :
دەرسخاناپروگرامما تۈزۈشكە كېتەرلىك يۇمشاق دېتاللار
UUS دەرس ئورۇنلاشتۇرۇش سىستېمىسى

سىز ئەگەر مەكتەپنىڭ ئىلمى بۆلۈم مۇدىرى بولسىڭىز مەۋسۇم بېشىدىكى دەرس جەدۋىلى تۈزۈش خىزمىتىنىڭ نەقەدەر جاپالىق ئىكەنلىكىنى بىز دېمىسەكمۇ بىزدىن ياخشى بىلىسىز . ئەگەر ئوقۇتقۇچى بولسىڭىز مەۋسۇم ئاخىرىغىچە رەتكە چۈشەلمەيۋاتقان شۇ دەرس جەدۋىلىگە قاراپ ھېلى ئىلمى بۆلۈمگە ھېلى ئىشخانىغا قاتراپ قانچىلىك جاپا تارتىۋاتقانلىقىڭىز بەلكىم ھازىرمۇ ئېسىڭىزدە بولسا كېرەك .

بىز سىزنىڭ مۇشۇ قىيىنچىلىقىڭىزنى كۆزدە تۇتۇپ نۆۋەتتىكى بۇ « UUS دەرس ئورۇنلاشتۇرۇش سىستېمىسى»نى تۈزۈپ چىقتۇق .

سىز پەقەت دەرس ئوقۇتقۇچىسى ، ئۆتۈلىدىغان دەرسلىكلەر ۋە ھەرقايسى يىللىقلارنى بەلگىلەپ بەرسىڭىزلا، سىستېما دەرسلەرنى ئۆز-ئارا بىر-بىرىگە تاقاشتۇرمىغان ئاساستا ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرەلەيدۇ.

ئەگەر مەلۇم دەرسنىڭ ئورنى مۇۋاپىق ئەمەس دەپ قارىسىڭىز قولدا ئالماشتۇرۇش قورالىدىن پايدىلىنىپ ئالماشتۇرسىڭىز بولىدۇ، بۇ سىستېمىنىڭ ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكى شۇكى Word قا ياكى Excel غا مەلۇم سىنىپنىڭ ، مەلۇم يىللىقنىڭ ھەتتا پۈتۈن مەكتەپنىڭ دەرس سېتكىسىنى جەدۋەل شەكىلدە ئۇزۇتۇپ بېرەلەيدىغان بولۇپ، سىز بۇ دەرس جەدۋىلىنى خالىغانچە تەھرىرلەپ قەغەزگە بېسىپ چىقىرىپ ئالسىڭىزلا بولىدۇ،

دېمەك، سىز پەقەت يۇقىردا ئېيتىپ ئۆتكەن ئوقۇتقۇچى ، دەرس تۈرلىرى ، سىنىپ تۈرلىرىنى بېكىتىپ بەرسىڭىزلا قالغان ئىشلارغا سىزنىڭ قول سېلىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق، پەقەت ئەڭ ئاخىرىدا دەرس سېتكىسى بېسىلغان قەغەزنى قولىڭىزغا ئالسىڭىزلا بولىدۇ، قالغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى سىستېما ئاپتۇماتىك تاماملايدۇ.

ئىجرا مۇھىتى:

Win7,Winxp,Win2000,Win2003

نەشىرى: Ver3.4
سىغىمى: 45.7 MB
چۈشۈرۈش ئادرىسى؛ چۈشۈرۈش

سىناق نۇسخىدىكى سىستېمىنى قاچىلاش باسقۇچىدا مەخپىي شىفىرغا DEMO نى كىرگۈزىسىز، قاچىلاپ بولغاندىن كېيىنكى ئىشلەتكۈچى نامى؛ 1 مەخپىي شىفىر؛ 1

13311 ئاۋاتلىقى: 2008-8-30 يوللانغان ۋاقتى:

2008-8-29