ئىلاۋە: توردىشىمىز «مازارغوجام» ئەپەندى ئىشخانامغا بىر كىشىنى باشلاپ كەلدى. مەمەت ساۋۇت ئىسىملىك بۇ بىمار تولىمۇ ئېغىر كۈندە قالغانلىقىنى ئېيتىپ كۆز يېشى قىلدى. مەن «مازارغوجام» ئەپەندى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، ئادەمگەرچىلىك يۈزىسىدىن مەزكۇرنىڭ تەلىۋى بويىچە تۆۋەندىكى مۇراجىئەتنامىنى چىقاردۇق:
مەمەت ساۋۇتنىڭ كۆزىنى قۇتقۇزۇپ قالايلى!
مەمەت ساۋۇت، بۇ يىل 28ياش. 2009-يىلى توساتتىن پۈتۈن بەدىنىگە ئەسۋە ئۆرلەش، تېرىلىرى سويۇلۇپ چۈشۈپ كېتىش سەۋەبلىك دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتكەندە:
1. زەھەرلىنىش خارەكتىرلىك تېرە ئۆلۈش تىپىدىكى دورا ئەسۋەسى يەنى
中毒性表皮坏死松解症型药疹
2. ئىككى كۆزىنىڭ مۈڭگۈز پەردە جاراھىتى يەنى双眼隔膜溃疡
3. ئىككى كۆزىنىڭ مۈڭگۈز پەردە پوستلاق قەۋىتى چۈشۈپ كېتىش يەنى
双眼隔膜上皮剥脱
4. ئېغىر تىپلىق دورا ئەسۋەسى يەنى 重症药疖
5. قاپارتقۇ تىپلىق تېرە يۈزى سويۇلۇش خارەكتىرلىك تېرە ياللۇغى يەنى
大疱型表皮剥脱性皮炎
قاتارلىق كېسەللەر بىلەن دىئاگنۇز قويۇلۇپ، كۇچا، شايار، ئاقسۇ خەلق دوختۇرخانىلىرى، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق دوختۇرخانىسى، ھاۋا ئارمىيە دوختۇرخانىسى قاتارلىق دوختۇرخانىلاردا قايتا-قايتا داۋالىنىپ بەدىنىدىكى قاپارتقۇلار ياخشىلانغان. ئەمما يېقىنقى مەزگىللەردىن باشلاپ ئىككى كۆزىدىكى كېسەللىك بارا-بارا ئېغىرلىشىپ كۆرمەس بولۇپ قېلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان. مەزكۇر ھازىرغىچە ھەرقايسى دوختۇرخانىلاردا داۋالىنىش جەريانىدا جەمئى 200 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا چىقىم تارتىپ ھازىر قولىدا ھېچقانداق ئىقتىسادى قالمىغان. ئايالىمۇ ئۇنى تاشلاپ كېتىپ قالغان. ئۇ 5 ياشلىق ئوغلى بىلەن يالغۇز قېلىپ تۇرمۇشتا ۋە كۆزىنى داۋالىتىشتا ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئېغىر قىيىنچىلىققا دۇچار بولغان. ناھىيىلىك خەلق ئىشلار ئىدارىسى سىياسەتكە ئۇيغۇن كەلگەن ھالەتتە 2000يۈەن ياردەم قىلغان. بۇ پۇل ئۇنىڭ كۆزىنى ئومۇمىيۈزلۈك تەكشۈرۈشكە ئاران يەتكەن. ئاخىرىدىكى خۇلاسىدە كۆزنىڭ مۈڭگۈز پەردىسى تېشىلىپ كەتكەن بولۇپ ئالماشتۇرۇش كېرەكلىكىنى ۋە بۇنىڭغا نۇرغۇن ئىقتىساد بولمىسا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. مەزكۇرنىڭ قولىدا 63 ياشلىق ئۆگەي ئاتىسى تەقسىملەپ بەرگەن 2 مو يەر بولۇپ، ئۆز نامىدا يەر يوق. ئاپىسى 2011-يىلى جىگەر راكى سەۋەبىدىن تۈگەپ كەتكەن. مەزكۇرنىڭ بىر قوساق تۇققانلىرى يوق.
ئۇ كۆزى ئاغىرغاندا بەك قىينىلىدىغانلىقىنى سۆزلەپ مۇنداق دېدى:« كۆزۈم ئاغرىپ كەتكەندە ئاغرىقىغا چىدىماي يىغلاپ كېتىمەن، ھەتتا چاچلىرىمنى يۇلۇپ كېتىمەن...ھەر 10 مىنۇتتا بىر قېتىم دورا قۇيۇپ تۇرمىسام كۆزۈم ئېچىلماس بولۇپ قالىدۇ. ئەتىگىنى ئويغانغاندا كۆزۈمنىڭ مەڭگۈلۈك يۇمۇلۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن قولۇمدا يىرىپ ئېچىپ دورا تېمىتىمەن. كۈنلىرىم مۇشۇنداق ئۆتىۋاتىدۇ...»
ئۇ بۇ ھالىنى ئېيتىپ يىغلاپ كەلگەندىن كېيىن، «مازارغوجام» ئەپەندى ۋە مېنىڭ بۇ كىشى بىلەن گەرچە ھېچقانداق ئۇرۇق-تۇققاندارچىلىق مۇناسىۋىتىمىز بولمىسىمۇ ئادەمگەرچىلىك يۈزىسىدىن، قولىدىكى بار نەرسىلىرىنى ۋە ئۆزىنى رەسىمگە تارتىپ خالىسانە ياردەم قاتارىدا بۇ مۇراجەتنامىنى چىقىرىش قارارىغا كەلدۇق. جەمىيەتتە ياخشى نىيەتلىك كىشىلەر تۈگەپ كەتكىنى يوق. تورداشلارنىڭ مەزكۇرنىڭ تۆۋەندىكى بانكا كارتا نۇمۇرىنى يېزىۋېلىپ، بانكا تەرەپلەرگە ئۆتكەندە ئازراق ۋاقتىنى چىقىرىپ، ئاتىغىنىنى سېلىۋېتىشىنى ئىلتىجا قىلىمىز ۋە مەزكۇر مەمەت ساۋۇت نامىدىن كۆپتىن-كۆپ رەھمەت ئېيتىمىز. رەھمەت سىلەرگە!
(ۋاقتى يار بەرگەن تورداشلاردىن بۇ تېمىنى بارلىق ئۇيغۇرچە توربەتلەرگە يوللاپ قويىشىڭلارنى ئۆمىد قىلىمىز)
مەمەت ساۋۇت(麦麦提.萨伍提)نىڭ يان تېلفۇن نومۇرى:
18799915248
سودا سانائەت بانكا كاتىسى
6222023014005276413
يېزا ئېگىلىك بانكا كارتىسى
6228483658005493772
ئوغلى بىلەن يالغۇز قالغان مەمەت ساۋۇت( ئىشخانىدا تارتىلغان سۆرەت)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ark-zat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-27 05:34 PM