مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 661|ئىنكاس: 20

ھەققانىي: ئادىل جاۋاپ (ساتىرا) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3577
يازما سانى: 629
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 33021
تۆھپە نۇمۇرى: 2703
توردا: 5427 سائەت
تىزىم: 2010-7-8
ئاخىرقى: 2013-10-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-26 04:51:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


ئادىل جاۋاپ (ساتىرا )
(مەنسەپتىن چۇشكەن مەنمەنچى ئەمەلدار تىلىدىن )
ئاپتۇرى :ئابدۇۋەلى راخمان ھەققانى

قىن-قىنىمغا پاتماپتىمەن ئەمەل تەككەندە،
ئاچماپتىمەن ھاجەتمەنلەر ئىشىك چەككەندە،
پەرۋا قىلماي مېڭىپتىمەن كۆككە گېدىيىپ،
نى-نى موھتاج بىچارىلەر دەرت-ھال تۆككەندە.

ئامەت ئەمدى ئۆمۇر بۇيى ماڭا مەنسۇپ دەپ،
كۇنۇم راھەت ئۆتتى خەقتىن ئېلىپ-يۇلۇپ نەپ،
كۆزلىرىمگە ياغ تولۇپتۇ توۋا شۇ چاغدا،
كۆنۇپ قاپتۇ يامان نەپسىم دايىم ھارام يەپ.

ياۋاشلارغا سوقۇپتىمەن يولسىز بۇيرۇقنى،
نەشتىرىمدىن ئاياپ قويماي يېقىن-يۇرۇقنى،
يۇزتۇرانە داڭلاپ ئەمما ئارقىدىن پۇتلاپ،
ئىشلەتتىم مەن تۇلكىلەرچە ھىلە -قۇۋلۇقنى.

يۇقىرىنى ئالداپتىمەن تۆۋەننى بېسىپ ،
ئارامىدا قويماپتىمەن ياخشىنى چېقىپ،
ئۆزگىلەرنى دۆت ھىساپلاپ ئۆزۇمنى دانا،
كەتكەنكەنمەن شۇ چاغ بىلسەم ھەددىمدىن ئېشىپ.

ئەمدى بىلسەم مەنسەپ دىگەن مەڭگۇ ئەمەسكەن،
ئاتمىش ياشتا ئەمەلدارلىق كىبرىم خالاسكەن،
كۆزۇم قىيماي ئاخىر چۇشتۇم ئىگىز پەشتاقتىن،
ئەمەل ئەمەس ئادىمىلىك بىزگە مىراسكەن.

ئەپسۇس چۇشسەم قاچتى مەندىن ئەل-يۇرت يېراقلاپ،
(مەنمۇ كەتكەچ ئەينى چاغدا بەكرەك تاراقلاپ،)
بەرمەي شۇ چاغ ھېچ پۇخراغا سۆزلەش پۇرسىتى،
مىنىڭ ھەق راس دەپتىكەنمەن دايىم ۋالاقلاپ.

بۇگۇن قالدىم ئەل-ئاۋامدىن ئايرىلىپ يىتىم،
مەن بار جايدىن جىمى قاچتى ئۆتمىدى گىپىم،
يېڭى چىققان مەنسەپدارغا ئىبرەتلەر بولسۇن،
غادايغانغا تۆۋە قىلدىم ئەمدى مىڭ قېتىم.

قاتارچاي دەپ يېڭى بىر ئىش چىقمىسا ئەگەر،
ئىچەركەنمەن يالغۇزلۇقتىن ھەتتاكى زەھەر،
كىرىۋالدىم ئاشۇ چايغا خەشلەپ-يالۋۇرۇپ،
مەنمەنچىنىڭ كۇنى شۇنداق خەتەركەن-خەتەر.

تۇغۇلغاندا ئۆلمەكلىكنى ئويلاش كېرەككەن،
كۆكتە ئۇچۇپ چۇشمەكلىكنى بىلگەن زىرەككەن،
ئويلاپ باقسام تەكەببۇرلۇق ئىللەتلىرىمگە،
خەلقىم بەرگەن مۇشۇ جازا ئادىل جاۋاپكەن.

مەنبىئەسى؛ئۆزۇم .




ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
XERHAN + 55 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 55   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78829
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3130
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 62 سائەت
تىزىم: 2012-4-14
ئاخىرقى: 2013-9-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-26 05:54:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەخمەت . ياخشى يېزىپسىز

بۈگۈنكى قەدىمىڭ تۈنۈگۈن ئۈچۈن جاۋاپ،ئەتىكى قەدىمىڭ  ئۈچۈن قەرز.
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91997
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 95
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 16 سائەت
تىزىم: 2013-2-21
ئاخىرقى: 2013-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-26 06:02:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85728
يازما سانى: 937
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3501
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 320 سائەت
تىزىم: 2012-10-5
ئاخىرقى: 2013-10-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-26 06:03:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىكارغا يىگەن نەرسە ھامان كانايدا تۇرۇپ قالىدىغان گەپ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86068
يازما سانى: 431
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1738
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 254 سائەت
تىزىم: 2012-10-14
ئاخىرقى: 2013-8-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-26 07:08:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن.

پەي يەڭگىل بولغاچقا ئۇچارھاۋادا،
تاش ئېغىر بولغاچقا تۇرار قىيادا.
پەيدىنمۇ قەدىرسىز بولىدۇ ئىنسان،
يەڭگىللىك ئىللىتى بولسا ناۋادا.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 1414
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 7003
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1255 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2013-10-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-26 07:35:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قالتىس يېزىلغان ساتىرا ئىكەن،بۇ ھارمىغايسىز؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78403
يازما سانى: 1308
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8787
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 445 سائەت
تىزىم: 2012-4-5
ئاخىرقى: 2013-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-26 07:46:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن سىزنىڭ شېئېرلىرىڭىزنى بەكلا ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78403
يازما سانى: 1308
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8787
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 445 سائەت
تىزىم: 2012-4-5
ئاخىرقى: 2013-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-26 07:48:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن سىزنىڭ كۆپۈنچە شېئېرلىرىڭىزنى رامكىلاپ زىننەتلەپ قويغان ئىدىم ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 3544
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 23673
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 2259 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2013-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-27 12:03:51 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

كەاسسىد ەدااسھسققددھ  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 3544
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 23673
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 2259 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2013-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-27 02:35:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    ئادەمنىڭ تەكتى بىر قىسمىتى باشقا،
   ئويولغان ئەمەستۇر قىممىتى تاشقا.
   سەن باشلىق مەن پۇقرا بۇ بىر ئېھتىياج،
  ئەمەس ئۇ يۇقۇر-تۆۋەن بەلگىمىز قاشقا.

كەاسسىد ەدااسھسققددھ  
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش