مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1151|ئىنكاس: 12

قايتا كەلمەيدىغان نەسىل [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

!!!ئويغان !!!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89998
يازما سانى: 1051
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3871
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 463 سائەت
تىزىم: 2013-1-13
ئاخىرقى: 2013-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-24 03:20:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                        قايتا كەلمەيدىغان نەسىل



بىر كۈنى ئىككىنچى خەلىپە ھەزرىتى ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىر مەجلىستە ئىدى. ئىككى ياش يىگىت بىر ئادەمنى تۇتۇپ كەلگىنىچە ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىدۇ.
ئۆمەر ئۇلاردىن سورايدۇ: بۇ نېمە ئىش؟
ئۇلار جاۋاب بېرىپ: بۇ ئادەم ئاتىمىزنى ئۆلتۈرىۋەتتى، دەيدۇ.
ئۆمەر ئادەمدىن سورايدۇ: بۇ راستمۇ؟
ئادەم جاۋاب بېرىدۇ : ھەئە شۇنداق.
_ قانداق ئۆلتۈردۈڭ؟
_ تۆگىسى بىلەن مېنىڭ زېمىنىمغا كىرىۋىدى، توسسام قايتمىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر تاشنى ئېتىۋىدىم، بېشىغا تىگىپ ئۆلدى.
_ ئۇنداقتا، ساڭا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ.
_ ھەزرىتى ئۆمەر ئادەمنىڭ ئېتىراپىنى ئاڭلاش بىلەنلا ئۇنىڭ كىم ۋە قايسى قەبىلىدىن ئىكەنلىكىنى، ھەتتا ئىسمىنىمۇ سورىمايلا ئۇنىڭغا ئاللاھ تائالانىڭ قىساس ئېلىشتىن ئىبارەت ھۆكۈمىنى بىلدۈردى.
_ ئادەم ھەزرىتى ئۆمەرگە يېلىنىپ تۇرۇپ دەيدۇ: ئى ئەنىرۇل مۇئمىنىن! ئاسمان_زېمىننى تۇرغۇزغان ئۇلۇغ زاتنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ماڭا بىر كۈن مۆھلەت بەرسىڭىزكەن، مەن يېزامغا بېرىپ ئايالىم ۋە بالىلىرىمغا بىلەن رازىلىشىۋالسام. ئائىلەمنى ئاللاھ ئاندىن مەندىن باشقا باقىدىغان ھېچكىم يوق.
_ سېنىڭ ھازىر كېتىپ قايتا كېلىشىڭگە كىم كېپىللىق قىلالايدۇ؟_دەپ سورايدۇ ھەزرىتى ئۆمەر.
ئادەملەرنىڭ ھەممىسى سۇكۇتقا چۆككە بولۇپ، ھېچكىم بىر نەرسە دېمەيتتى. چۈنكى ھېچكىم بۇ ئادەمنى تونۇمايتتى، ئۇنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىنىمۇ بىلمەيتتى. ئۇنىڭ ئۈستىدە بۇ 10 ياكى 20 دىرھەم پۇلنىڭ ئىشى ئەمەس، بۇ جان مەسىلىسى ئىدى. جان كېتىدىغان بىر ئىشقا ھېچكىم ئۆزى تونۇمايدىغان بىر ئادەم ئۈچۈن كېپىل بولۇشنى خالىمايتتى.
ئادەمنىڭ ھالى ھەقىقەتەن ئىچ ئاغرىتىشقا تېگىشلىك ئىدى. چۈنكى بۇ ئادەمنىڭ ئۇششاق نارىسىدىلىرى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى ۋە ھەر ئىشى بۇ ئادەمنىڭ زىممىسىدە ئىدى. بۇ ئادەم ئۆلۈپ كەتسە ئۆيىدە قالغان چارىسىز نارىسىدىلىرىنىڭ ھاياتىمۇ خەۋپتە قالاتتى، ھەتتا ئاچلىقتىن ئۆلۈم كېتەتتى. ئەھۋال ھەقىقەتەن ئىچ ئاغرىتىشقا ۋە ھېسداشلىق قىلىشقا تېگىشلىك ئىدى. ئەمما ئاللاھ تائالانىڭ بەلگىلىمىسىگە كىم ئارىلاشىلىسۇن؟ كىممۇ ئۇنى ئۆلۈمدىن سوراپ قالالىسۇن؟ كىممۇ بۇ توغرىدا ئۆمەرگە ئېغىز ئاچالىسۇن؟ چۈنكى ھەممە بىلىدۇكى، ئاللاھ تائالانىڭ بەلگىلىمىسى، خۇسۇسەن قىساس قانۇنى باي_كەمبەغەل، رەئىس_پۇقرا، ئابرويلۇق_ئابرويسىز دەپ ئايرىمايدۇ. قىساستا شاپائەتمۇ قىلىنمايدۇ. چۈنكى مۇنداق قىلىش قىساس ئالغۇچىلارنىڭ ھەققىگە ئىشلەنگەن خىيانەت. ساھابىلار بۇلارنىڭ ھەممىنى ياخشى بىلگەنلىكتىن قاتتىق باش قاتۇرىدۇ ۋە سۇكۇت قىلىدۇ. ھەزرىتى ئۆمەرمۇ ھەيرانلىقتا قالىدۇ.
ئاندىن ئۆمەر ھېلىقى ئىككى ياشقا يۈزلىنىپ تۇرۇپ سورايدۇ: بۇ ئادەمنى كەچۈرەمسىلەر؟
_ ياق، چۈنكى ئاتىمىزنى ئۆلتۈرگەن قاتىل، ئۇنى بىز كەچۈرمەيمىز، ئاتىمىزنىڭ قىساسىنى تەلەب قىلىمىز_دەيدۇ ياشلار.
ئۆمەر كۆپچىلىككە قاراپ شۇنداق سورايدۇ: بۇ ئادەمنىڭ ئائىلىسى بىلەن رازىلىشىپ كېلىۋېلىشى ئۈچۈن كىم كېپىل بولىدۇ؟
ساھابىلارنىڭ كاتتىلىرىدىن ئەبۇزەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئورنىدىن تۇرىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ بۇ ئادەم ئۈچۈن كېپىل بولىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. مەلۇمكى، ئەبۇ زەر ساھابىلارنىڭ ياشتا چوڭلىرىدىن بولۇپ، تەقۋالىقى ۋە راستچىللىقى بىلەن تونۇلغان ساھابە ئىدى. ئۇنىڭ «مەن كېپىل بولىمەن»دەپ ئوتتۇرىغا چىققانلىقى ھەزرىتى ئۆمەرنى ھەيرانلىققا چۈشۈرۈپ قويىدۇ.
_ بۇ ئۆلۈم ئىشى_ دەيدۇ ئۆمەر ئەبۇزەرگە قاراپ.
_ مەيلى قاتىل بولسىمۇ مەن ئۇنىڭغا كېپىل بولىمەن_دەيدۇ.
_ سەن ئۇنى تونۇمسەن؟_دەپ سورايدۇ ئۆمەر ئەبۇزەردىن.
_ تونۇمايمەن.
_ ئۇنداقتا قانداق كېپىل بىلىسەن تونۇمىغان بىر ئادەمگە؟
بۇ ئادەمدە ھەقىقىي مۇسۇلمانغا خاس بىر يۈزنى كۆردۈم_دە، ئۇنىڭ يالغان ئېيتمايدىغانلىقىغا ئىشەندىم. ئۇ ئاللاھ خالىسا چوقۇم قايتىپ كېلىدۇ.
_ ئى ئەبۇزەر شۇنى بىلگىنكى، بۇ ئادەمنى سېنىڭ كاپالىتىڭدە مەن قويۇپ بېرىمەن. ئۇ ئۈچ كۈن ئىچىدە كەلمىسە، سەن بېشىمى بىلەن جاۋابكارسەن.
_ ئى ئەمىرۇلمۇئمىنىن! بۇ ئىشقا ئاللاھتىن ياردەم سورايمەن.
ئادەم كېتىپ قالىدۇ. چۈنكى ھەزرىتى ئۆمەر ئۇنىڭغا ئۈچ كۈنلۈك مۆھلەت بەرگەن بولۇپ، ئادەم ئائىلىسى بىلەن خوشلىشىپ ئۆزىدىن قىساس ئېلىنىشى ئۈچۈن ھازىرلىنىپ كەلمەكچى ئىدى.
ئۈچىنچى كۈنى ھەزرىتى ئۆمەر مەدىنە شەھىرىدە، پۈتۈن خەلقنى چاقىرتىپ تەييارلىنىدۇ. ئاتىسىنىڭ قىساسىنى تەلەب قىلىۋاتقان ھېلىقى ئىككى ياشمۇ كېلىپ بولىدۇ. ۋاقىت ئەبۇزەر ئۈچۈن ناھايىتى تىز ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى، ھەدېگۈچە ئۈچىنچى كۈننىڭ ناماز ئەسىر ۋاقتى كىرىپ قالغان ئىدى. ئۆمەر ئەبۇزەرگە قاراپ پات_پات سوراپ قوياتتى: قېنى ئۇ ئادەم كەلمەيۋاتىدىغۇ؟
_ ئاللاھ خالىسا چوقۇم كېلىدۇ، ئى ئەمىرۇلمۇئمىنىن!
ئەبۇزەر ئاسمانغا كۆپرەك قارايدىغان بولۇپ قالىدۇ، كۈن ناھايىتى تىزلىكتە پېتىش تەرەپكە ئىلگىرلىۋاتاتتى. ساھابىلار سۇكۇت ئىچىدە كۈتەتتى. چۈنكى ئاقىۋەتنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى بىر ئاللاھقىلا ئايان ئىدى.
توغرا، ئەبۇزەرنىڭ ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ قەلبىدىكى ئورنى چوڭ ئىدى، ئۇنى ياخشى كۆرەتتى، ھۆرمەتلەيتتى، ئۇنى ئۆزىدىن بىر پارچە دەپ بىلەتتى. ئەمما ئاللاھ تائالانىڭ شەرىئىتىنى ئىجرا قىلىشتا جازالانغۇچى كىم بولىشىدىن قەتئىينەزەر يۈز-خاتىرە قىلىنمايدۇ.
كۈن پاتقىلى ئاز قالغاندا، ئۆلۈمگە مەھكۇم بولغان ھېلىقى ئادەم يېتىپ كېلىدۇ. بۇنى كۆرگەن ساھابىلار ئاللاھۇ ئەكبەر! دەپ تەكبىر ئېيتىشىدۇ. ھەزرىتى ئۆمەرمۇ تەكبىر ئېيتىدۇ ۋە خوشاللىقىنى باسالماي ئادەمگە دەيدۇ: سەن يېزاڭدىن قايتمىغان بولساڭ، سېنىڭ بار يېرىڭنى بىلمىسەك بىز سېنى نەدىن تاپار ئىدۇق؟
_ئى ئەمىرۇلمۇئمىنىن! دەپ سۆزگە باشلايدۇ ھېلىقى ئادەم_ مانا مەن پەرزەنتلىرىمنى سۇسىز، دەل-دەرەخسىز چۆلدە خۇددى قۇشنىڭ بالىلىرىدەك تاشلاپ قويۇپ، ئۆلۈمگە ھارىز بولۇپ كەلدىم. ئىنسانلاردا ۋەدىگە ۋاپا قىلىش تۈگەپ كېتىپ دېيىلىشتىن قورقتۇم.
ھەزرىتى ئۆمەر ئەبۇزەردىن سورايدۇ: سەن نېمىشقا ئۆزەڭ تونۇمايدىغان بىر ئادەمگە كېپىل بولدۇڭ؟
_ ئىنسانلاردا ياخشىلىق تۈگەپ كېتىپتۇ دېيىلىشتىن قورقتۇم ئى ئەمىرۇلمۇئمىنىن!-دەيدۇ ئەبۇزەر.
ھەزرىتى ئۆمەر قىساس تەلەب قىلىۋاتقان ئىككى ياشقا قاراپ سورايدۇ: نېمە دەيسىلەر؟
-ئى ئەمىرۇلمۇئمىنىن! بىز بۇ ئادەمنى كەچۈرىۋەتتۇق. ئىنسانلاردا كەچۈرۈم قىلىش تۈگەپ كېتىپتۇ دېيىلىشتىن قورقتۇق-دەيدۇ ئىككى ياش كۆز يېشى قىلغان ھالدا.
بۇ مەنزىرىگە شاھىد بولغان ھەزرىتى ئۆمەر ھاياجاندىن يىغلاپ كېتىدۇ ۋە كۆزياشلىرى ئۇنىڭ ساقىلىنى ھۆل قىلىۋاتىدۇ.
قاتىل بولسىمۇ ۋەدىسىگە ۋاپا قىلغان ئادەمگە ئاللاھ تائالا رەھمەت قىلسۇن!
ئاتىسىنىڭ قاتىلىنى كەچۈرىۋەتكەن ئىككى ياشقا ئاللاھ تائالا رەھمەت قىلسۇن!
ئۆزى تونىمايدىغان بىر مۇسۇلماننىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلغان ئەبۇزەرگە ئاللاھ تائالا رەھمەت قىلسۇن!
ئادالىتى بىلەن تونۇلغان ھەزرىتى ئۆمەرگە ئاللاھ تائالا رەھمەت قىلسۇن!
ئامىين.......




مەنبە : ۋىسال تورىدىن ئىلىندى!

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئاردا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-24 03:20 PM  


ئۇخلىغان مىللەت يا ئۆلىدۇ ياكى قۇل ھالەتتە ئويغىنىدۇ !!!-_FETIH

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35040
يازما سانى: 443
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5926
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 350 سائەت
تىزىم: 2011-3-24
ئاخىرقى: 2013-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-24 06:13:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم ...
نېمە دىگەن ئادالەتپەرۋەر ئەمىر ھە!!!!!!!!!!!

‹‹ئاندىن (دۇنيادا سىلەرگە بىرىلگەن) نېئمەتلەردىن سۇئال-سوراق قىلىنىسىلەر›› تەكاسۇر سۈرىسى 8-ئايەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72418
يازما سانى: 775
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 773
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 468 سائەت
تىزىم: 2012-1-1
ئاخىرقى: 2013-5-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-24 06:19:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنىڭ ئۇلۇق ئىسلام دىنىمىز ئەنە ئاشۇنداق ئېسىل كىشىلىرمىزبىلەن پارلاق بولىدۇ.دىنىمىز ئىمانىمىز ھەق لىللالىغىمىز ،بىزنى ئىنسانلارنىڭ ئېسىلى قىلىدۇ .ئىمانسىز كىشى ئۆزىگىمۇ ئىشەنمەيدۇ .شۇڭا ئۇلار ئۆزىنى مايمۇندۇن يارالغان دەپ يالغانگەپ قىلىدۇ.شۇڭا مەن ھەق يولنى تاللىغىنىمدىن ئىمانىمدىن پەخىرلىنىمەن.رەھمەت قېرىندىشىم خۇشبولدۇم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79754
يازما سانى: 2267
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10146
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1769 سائەت
تىزىم: 2012-5-5
ئاخىرقى: 2013-5-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-24 06:20:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر جۈمە كۈنى مەسچىتتە ئاڭلىغانتىم ، بۇ يەردە يەنە بىر قېتىم ئۇقۇشقا مۇيەسسەر بولدۇم !

ئۈزىنىڭ مەدەنىيتىنى ، تارىخىنى ، ئەجدادىنى ، كىملىكىنى ، ئىتقادىنى بىلمەيدىغان ۋە ئەۋلاتلىرىغا كۈڭۈل بۆلمەيدىغان مىللەتتىنمۇ بىچارە مىللەت يوق ! بۇنداق مىللەتنىڭ ئاقىۋىنى ، ئۈزىدىن پەس پىسەندە مىللەتلەرگە سىڭىشىپ كىتىشتىن ئىبارەت ! ئويلان ، ئويغان ، ئۇيۇش ئەتراپقا باق !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90534
يازما سانى: 224
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4200
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 451 سائەت
تىزىم: 2013-1-24
ئاخىرقى: 2013-5-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-24 06:38:14 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم!  مۇشۇنداق ياخشى تىمىللىرىڭىز مۇنبەردىن ئۈزۈلمىگەي!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87102
يازما سانى: 553
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1032
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 608 سائەت
تىزىم: 2012-11-11
ئاخىرقى: 2013-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-24 06:42:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەجەپ قانماي ئۇقۇپ كىتىپتىمەن ،

ھەربىريىڭى قەدەم ئالغىنڭدا ، باسقان قەدەملىرىڭ ئۈچۈن پۇشايمان يەيسەن.

!!!ئويغان !!!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89998
يازما سانى: 1051
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3871
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 463 سائەت
تىزىم: 2013-1-13
ئاخىرقى: 2013-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-24 07:49:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆمەرنىڭ ئادالىتى ئۈچۈن ئاللاھ  پەيغەمبەر گە ۋەھىي قىلىش ئارقىلىق مۇسۇلمانلارغا ۋەدە قىلغان رۇم ۋە پارىسلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ ئۇلارنىڭ زىمىنلىرىنى فەتىھ قىلىشنى  ئۆمەرنىڭ خەلىپىلىك دەۋرىدە روياپقا چىقارغان ! ۋە مۇسۇلمانلارغا بۇ ۋەدە قىلغان غەلىبىلىرىنى  ئاتا قىلغان !

ئۆمەر ھەقىقەتەن بىر ئادالەتپەرۋەر ئەمىر! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئاردا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-24 07:50 PM  


ئۇخلىغان مىللەت يا ئۆلىدۇ ياكى قۇل ھالەتتە ئويغىنىدۇ !!!-_FETIH

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87293
يازما سانى: 240
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 435
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 138 سائەت
تىزىم: 2012-11-16
ئاخىرقى: 2013-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-24 07:50:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسلام دىنىمىز شۇنچىلىك مىھرىبانلىق ئاساسىدا قۇرۇلغان ئىدىكى ،ئاللاھ ھەممىمىزنىڭ ئىمانىنى مۇستەھكەم قىلسۇن .نىمىدىگەن تەسىرلىك ،تاس قالدىم يىغلىۋەتكىلى ....رەھمەت يوللىغىنىڭىزغا .......

بۇ ھايات بىر ئىمتاھان خالاس

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74275
يازما سانى: 97
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3919
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 27 سائەت
تىزىم: 2012-1-30
ئاخىرقى: 2013-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-25 05:25:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق ياخشى تىما يوللىغىنىڭىزغا رەھمەت

قوچقارنىڭ كەينىگە يانغىنى قورققىنى ئەمەس.
بۇ كۇنلەرمۇ ئۈتۈپ كىتەر ھە......................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24009
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6162
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 43 سائەت
تىزىم: 2010-12-27
ئاخىرقى: 2013-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-25 05:21:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاۋال ئىمان ،ئاندىن راستچىللىق ۋە سەممىيەت ،ياخشىلىق شۇنداق ئىسىل خسلەتلەر ئىكەن.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش