مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 350|ئىنكاس: 0

بۇ كېچە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24797
يازما سانى: 384
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15242
تۆھپە نۇمۇرى: 1059
توردا: 557 سائەت
تىزىم: 2011-1-2
ئاخىرقى: 2013-6-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-11 04:43:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بۇ كېچە

قىلدى «ئاھ!»ىم ئۇيقۇنى كۆزدىن يىراق ،بۇ كېچە،
«ئاھ!»قا ئۈندەپ بىمەھەل باشلاپ پىراق ،بۇ كېچە.
ھەر تىنىقتا نالىدىن تولغاندى تېنىم ئاھ، بىتىنىم،
مىڭ  ئىشتىياق جەبرىدە مەجنۇن سىياق، بۇ كېچە!


زۇلفىدە باغلاپ مېنى ياغدۇردى باشقا مىڭ بالا ،
كى يۈرەكنى قىلدى يارا ئىشقى- قىيناق،بۇ كېچە.
تەننى پارە قىلدىلەر قانچە-قانچە تىغ سېلىپ،
يار جامالى مەن ئۈچۈن بولدى ياراق، بۇ كېچە!


يۇلتۇزلىرى كۆز قىسىپ، ئايمۇ تارتتى پەردىسىن،
«ئاھ!»لىرىمدىن ئۆچتى بەلكى يانماس چىراق،بۇ كېچە.
ياقا يىرتىپ نالىلەر قىلسام ئىشقى –پىراقىڭدا،
«ئاھ!»لىرىمدىن تولغۇنۇپ، يىغلايدۇ تۇپراق بۇ كېچە.


ئول نىگار ئىشقى بىرلە يەتسە بۇ ئەجەل بىۋاقىت،
مەن كەبى ئاشىق گاداغا دەردى ئورتاق، بۇ كېچە.
سۆيگۈ شامالىڭ مۇڭلىرى كەلدى شىۋىرلاپ كۈي ئارا،
بىر شاخىدىن تۆككىلى مىڭلارچە  ياپراق، بۇ كېچە.


مەي كەبى مەست ئەيلىدى ئەنبەر،ئىپارنىڭ ھېدلىرى،
جان چىقار ئوخشايدۇ ۋاھ، يار يوق، بىراق، بۇ كېچە...
قەلەندەرىڭ كۆرمىدى چۈشتىن بۆلەك ھېچبىر ۋىسال،
ئىشق يولىدا زەرداپ يۈرەك بولدى بايراق، بۇ كېچە.


ئىشقىچۈن ۋەيرانە بولدى گۈل-گۈلىستانۇ باغلىرىم،
زەخمىلەردىن چەكتى پىغان،باغرى قايناق،بۇ كېچە.
يىغلىبان ھەق ۋىسالىن ئىستىسەم باشىم قويۇپ،
ئول تىلەك، ئارمانلىرىمغا بەلكى يانتاق بۇ كېچە...


مەنبە : مەن

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-11 05:41 PM  


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش