ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قەلبى ئىمان بىلەن يورۇغان،ئاللانى بىر دەپ تونۇغان بارلىق قىرىنداشلار،مەن تۆۋەندە ئالدىمىزدا يىتىپ كىلىۋاتقان ئاتالمىش ئاشىق مەشۇقلار بايرىمى توغۇرلۇق قىسقىغىنا توختۇلۇپ كەڭ تورداشلار بىلەن مۇشۇ مەسىلىنى ئورتاقلاشماقچىمەن.
بۇ تىمىنى يوللىشىمدا نۇرغۇن ئىشلار سەۋەپچى بولدى.
مۆھتەرەم ئەزىزلەر،تۆۋەندىكى بايانلارغا نەزەر سىلىشىڭلارنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن.ئالدى بىلەن بۇ بايرام توغۇرلۇق كۆرگەن بىلگەنلىرىمدىن تەكىتلەپ ئۆتەي:
مىلادى 566-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى بولسا بىر خىرىستىئان پوپىنىڭ ۋاپات بولغان كۈنى ئىكەن.شۇ مەزگىللەردە ئۇرۇش كۆپىيىپ كەتكەچكە ئەركىشى ئۇرۇش ئۈچۈن يارالغان دەپ توي قىلىش چەكلەنگەن.ئەمما ئۇ پوپ،شۇ ۋاقىتلاردا ياش قىز-يىگىتلەرگە يوشۇرۇن نىكاھ ئوقۇپ قوياتتىكەن.شۇ سەۋەپتىن 2-ئاينىڭ 14-كۈنى ئۆلتۈرۈلگەنئىكەن.
شۇنىڭدىن كىيىن ھەر يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى خىرىستىئان مۇرتلىرى شۇ پوپقا سىغىنىش،ھەم ياش يىگىت-قىزلارغا نىكاھ ئوقۇپ بىرگە قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتىنى بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن مۇشۇ كۈننى ئاشىقلار كۈنى دەپ بايرام قىپتىكەن.
ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە بىزنىڭ بىرقىسىم نادان ئۇيغۇرلىرىمىز خىرىستىئانلارغا ياردەملىشىپ شۇ پوپنىڭ ۋاپاتىنى خاتىرىلەپ،مۇشۇ كۈننى ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى دەپ مۇھىم بىر كۈن قىلىۋالماقتا !
بىز ئۆزىمىزنى مۇسۇلمان دەپ تۇرۇپ، ئىسلام دىنىغا زىت بولغان مۇشۇنداق بىر بايرامنى ئۆتكۈزسەك ئاللاھنىڭ غەزىپى كەلمەسمۇ؟ بىز ئاللاھقا سىغىنماي شۇ پوپقا سىغىنغاندەك ،شۇ كۈننى،شۇ بايرامنى ئۆتكۈسەك ئىسلامىيەتكە خائىنلىق قىلغان بولماسمىزمۇ؟ئىسلامىي كىتابلاردا <<ئىسلام دىنىغا زىت بولغان ھەرقانداق بىر دىن،مۇراسىم، بايرام،خاتىرە كۈنلىرىنى تەبرىكلەشكە،چوقۇنۇشقا بولمايدۇ.ناۋادا چوقۇنغۇچىلار بولسا دوۋزىخى بولىدۇ>> دىيىلگەنئىكەن.
ئۈستىدىكى پايدىلانمىلارنىڭ مەنبەسى:تور دۇنياسى
--------------------------------------------------------------------------------
تۆۋەندىكى مىنىڭ شەخسىي كۆز قاراشلىرىم
ئالدىنقى يىلى يىڭى توي قىلغان بىر دوستۇم مۇشۇ بايرام سەۋەبلىك بىخ ھالەتتىكى ئائىلىسىنى ۋەيران قىلدى،تۈپكى سەۋەبى:ئايالى ئىرىنىڭ خەۋىرى يوق ھالەتتە ئۆزى تويدىن بۇرۇن يىقىن ئۆتكەن دوستلىرى بىلەن 2-ئاينىڭ 14-كۈنى يىغىلىپ زىياپەت ئۆتكۈزمەكچى بولۇشۇپتۇ.لىكىن دوستۇم جىق ئىش كۆرگەن ھەم مۇئەييەن مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە مائارىپچى بولغاچقا بۇنى رەت قىپتۇ،شۇنىڭ بىلەن كۆڭۈلسىزلىك يۈز بىرىپ ئايالى يامانلاپ كىتىپتۇ،ھەپتىدىن كىيىن ئەكەلگىلى بارسا كىلىننىڭ ئاتا-ئانىلىرى ھەم ئۆزى يىگىتكە زامانغا ماسلىشالمايدىغان،ئاسارە ئەتىقە،ئىددىيسى قاتمال،جەمىيەتنى چۈشەنمەيدىغان،بىخىل،رومانتىك ئەمەس......دىگەندەك بىر تالاي يامان گەپلەرنى قىپتۇ.ھەر قانچە قىلىپمۇ ئۇلارنى قايىل قىلالماپتۇ،ئاخىرى بىر ئائىلە ۋەيران بولدى،بەلكىم بۇنداقلار يەنە بار بولۇشى مۇمكىن.
ئارىمىزدا ئابلەت ئابلىكىم ئاكىدەك ئەل سۆيگەن،ئەلنى سۆيگەن،ھەممە ئىتىراپ قىلغان پەخىرلىك سەنئەتكارلىرىمىز ئەنئەنىۋى بايراملىرىمىزدىن بولغان نەۋرۇز بايرىمى،ھەم روزى ھىيىت،قۇربان ھىيتلىرىمىزنى كۈيلەپ ناخشىلارنى ياڭراتسا يەنە بەزى ئاۋاز ئىلىش ئۆيىدىن چىقىپ باقماي ناخشىچى بوپقالغان پىيەنچۈك <<ناخشچى>>لىرىمىز ھىچكىم ئاڭلىمىىسمۇ <<ئالماس ماتا،زورلاپ ساتا>> قىلىپ ئاتالمىش <<ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى>>غا ئاتاپ تۈرلۈك مەزمۇندىكى ناخشىلارنى ئىيتىپ تورلاردا تارقىتىپ يۈرۈشمەكتە!
مۇشۇ بايرامغا ھەپتە قالغان ۋاقىتتىن باشلاپ رىستۇران،كەچلىك كۇلۇپ،دىسكوخانىلاردا ئورۇن زاكاز قىلىدىغانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەي مۇشۇ بايرام ئۈچۈن تەييارلق قىلىشماقتا! ئۇنداق ئورۇنلارمۇ مۇشۇ كۈندە ئادەتتە ئانچە مىھمان باشلىمايدىغان
بۇلۇڭ پۇچقاقتىكى ئايرىمخانىلىرىنىمۇ بىزەپ ياساپ مۇشۇ كۈندىكى ئازغۇچىلار ئۈچۈن سورۇن ھازىرلىماقتا!
باغچا،خەلىق مەيدانلىرىدا قىلچە ھىيىقماستىن قولتۇقلىشىپ گۈللەرنى كۆتۈرشىۋالغان ئازغۇنلارنىڭ يىلدىن يىلغا شىددەت بىلەن كۆپىيىشى ھەقىقەتەن ئادەمنى ئىچىندۇرىدۇ.ئۇلارغا جور بولۇۋاتقان رومانتىك قىرى ئاشىق مەشۇقلار قاتتىق ئەپسۇسلاندۇرىدۇ.توۋا دەيمەن،قىز ئانىدىن ھەم ئانىسىدەك ئاياللاردىن،ئوغۇل دادىدىن ھەم دادىسىدەك ئادەملەردىن نومۇس قىلماي،تەپتارتماي،چوڭلار بالىلاردىن ھايا قىلماي ئولتۇرۇپ ئىچىشىۋاتقان،چىكىشىۋاتقان،ئويناۋاتقان.مۇشۇنداق ئۆزىنىڭ ئەنئەنىسىگە يات ھالەتتىكى ئەنئەنىلەرنى ئەۋلادلىرىغا مىراس قالدۇرۇپ مىللىتىمىزگە <<تۆھپە>> قوشۇۋاتقان <<ئالدىنقى ئورۇندىكى مەدەنىيەتلىك>>لەر كۆپەيمەكتە!
دەل مۇشۇ كۈندە تالايلىغان قىزلىرىمىز،غورۇر ۋىجدانىنى پايپىقىنىڭ ئاستىغا قىستۇرىۋەتكەن يىگىتلىرىنىڭ ئورۇنسىز تەلەپلىرى ئۈچۈن قىزلارنىڭ ئەڭ چوڭ گۆھىرى بولغان-قىزلىق ئىپپىتىدىن ئايرىلىپ قىلىشماقتا!
بەزى غەرپكە چوقۇنۇش ئىددىيسىنىڭ كۈچلۈكلىكىدە كاللىسىنى <<مودا دەۋىر باكتىرىيەلىرى>> قاپلاپ كەتكەن قىز-ئاياللىرمىز ئەرلىرىدىن،يىگىتلىرىدىن بايرامدا قانداق سوۋغا تەييارلايدىغانلىقىنى تەمە قىلىشماقتا !
بەزى ئەقلىنى ئەۋرەز يولىدا ئىقىتىۋەتكەن زەيپانە،كور قىز-يىگىتلىرىمىز مۇشۇ كۈننى ئۆزىنىڭ جۈپ تاللايدىغان،ئوينايدىغان،دەستە-دەستە گۈللەرنى كۆتۈرشۈپ كوچا ئايلىنىدىغان،ئۆزىنىڭ مۇھەببىتىڭ <<مەرد>>لىكىنى كۆز-كۆز قىلىشىدىغان،ھەر قانداق بىرئىشنى قايرىپ قويۇپ بايرام ئۆتكۈزىدىغان مۇقەددەس كۈنىدەك بىلىشمەكتە!
كاللىمىزنى سىلكىۋىتەيلى قىرىنداشلار! بىزدە، ھازىرقى توي قىلىش ئالدىدىكى بىر جۈپ ياش مۇشۇ بايرامنى ئۆتكۈزدى دەيلى،بۇلار تويدىن كىيىنمۇ ھەر يىلى مۇشۇ كۈننى خاتىرىلەپ ماڭىدۇ،ئۇنىڭ بالىلىرىچۇ؟
بۇنداق ئائىلىدە چوڭ بولغان بىر بالا خۇددى بىز ئاتا بوۋىمىزدىن قالغان مۇقەددەس بايراملىرىمىزنى ئۆتكۈزۈپ يۈرگىنىمىزدەك كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپلا مۇشۇ بايرامنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ تۇرغاچقا ،بۇ كۈنى ھەريىلى چوڭ تەييارلقلار بىلەن قازا قىلماي تەبرىكلەيدۇ.مانا بۇ-بىشى بولغانغان سۇنىڭ ئاخىرىمۇ بۇلغانغان كۆرۈنۈشى.
ئەي ئەزىز قىرىنداشلار،بۇ بايرام شۇنچىۋالا مۇھىممۇ؟ئەجىبا بىرسى سىزگە يات بىر ئادەمنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ <<ئاناڭنىڭ ئىرى ماۋۇ شۇ،يەنى سىنىڭ داداڭ بولىدۇ>> دىسە سىز خوشاللىق بىلەن <<دادا>> دەپ بوينىغا گىرە سالامسىز؟
ياق ئۇنداق قىلمايسىز،مىنىڭچە ئۇنداق قىلمايسىز،ئەكسىچە شۇنداق گەپنى قىلغان ئادەم بىلەن تۇتۇشۇپ قىلىشىڭىز،ھەتتا قان تۆكۈشىڭىز مۇمكىن،بۇ سىزنىڭ ۋىجدانىڭىزنىڭ كۈچلۈكلۈكىدىن بولىدۇ.
لىكىن نىمىشقا ياتلارنىڭ ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىشنى شۇنچىۋالا چوڭ بىلىپ كىتىسىز؟مۇشۇ كۈندە قولىڭىزدا تەبرىك گۈللىرىنى كۆتۈرۈپ يۈرۈشتىن نومۇس قىلمامسىز؟باشقىلارنىڭ ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىش ئۇلارنىڭ بالىلىرىنىڭ ئىشى،لىكىن سىزنىڭمۇ ئۇلارغا بالا بولغۇڭىز بارمۇ؟ نىمە ئۈچۈن بۇ كۈننى تەبرىكلىشىپ بىرىسىز؟
مۇشۇ كۈننى تەبرىكلىسىڭىز قانچىلىك يوغىناپ كىتەرسىز؟ئۇلارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىشىپ بەرگىنىڭىز،ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلغىنىڭىز ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا شۇلارنىڭ بالىلىرى ئەۋلادلىرى ئىكەنلىكىڭىزنى ئىتىراپ قىلغىنىڭىزدۇر!!!!
--------------------------------------------------------------------------------
ئويلاپ باقايلى:بىزنىڭ بۈيۈك جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىمىزدە داۋاملىشىپ كىلىۋاتقان بايراملار مۇئەييەن خاسلىقلارغا ئىگە،مەسىلەن:خانىم قىزلار بايرىمى،كۆچەت تىكىش بايرىمى،ئەمگەكچىلەر بايرىمى،ياشلار بايرىمى،بالىلار بايرىمى،ئارمىيە بايرىمى،دۆلەت بايرىمى...ھەممىسى ئۆزىگە خس ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە،ھەم شۇنداقلا تارىخىي خاراكتىرىمۇ ئورۇنسىز ئەمەس.جۈملىدىن دىنىمزدىكى قۇربان ھىيىت،روزا ھىيىت،ئەنئەنىۋى بايرىمىمىز بولغان نورۇز بايرىمى ھەقىقەتەن داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈشكە ئەرزىيدىغان بايراملار.ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئەنئەنىمىزگە سوقۇنۇپ كىرىۋالغان پارازىت قۇرتقا ئوخشاش بۇ ئاتالمىش <<ئاشق-مەشۇقلار بايرىمى>> تىلغا ئىلىشقا ئەرزىگۈچىلىكى يوق بىر ساراڭلار بايرىمى خالاس.
بۇنداق ياتلارنىڭ ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىدىغان بايراملار كۆپەيگەنسىرى بەتخەجلىك،شۆھرەتپەرەسلىك،ئابرۇيپەرەسلىك تەبىئىي ھالدا ئىڭىمىزغا سىڭىپ كىرىدۇ.چۈنكى سىز ھەر قتىملىق بايرامدا يىڭى كىيىم كىيگۈڭىز،ھەم شۇ بايرامنى تەبرىكلىگۈڭىز،ئولتۇرۇش قىلغۇڭىز،زىياپەتكە قاتناشقۇڭىز كىلىدۇ.شۇنداق بولغاندىكىن ئەلۋەتتە ئورۇنسىز ئىسراپچىلىقلار كىلىپ چىقىدۇ.
بۇ خىل ھالەتتىكى مىللەتنىڭ روناق تىپىشى مۇمكىن ئەمەس،مىللەت روناق تاپالمايدىكەن دۆلەت تىخمۇ تەرەققىي قىلالمايدۇ.ئومۇمەن ئيتقاندا قارىغۇلارچە ياتلارغا چوقۇنۇش ئىددىيسى ئەۋج ئىلىپ كەتسكەن ھەر قانداق بىر قەۋم ھالاكەتكە يۈزلىنىدۇ.بىر دۆلەت،جۈملىدىن بىر مىللەت بىراۋغا چوقۇنماستىن بەلكى ئەجدادىغا ۋارىسلىق قىلغان ،ئەنئەنىلىرىنى داۋاملاشتۇرغان ئاساستا قۇدرەت تىپىشى كىرەك.شۇنىڭ ئۈچۈن كاللىسىدىن ياتلارغا ھەۋەس قىلىش،دوراش،چوقۇنۇش ئىددىيلىرىنى سۈپۈرۈپ تاشلىشى كىرەك.56 مىللەتكە ئىگە بۈيۈك ئائىلىمىز-جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىدە ھىچبىر مىللەتنىڭ ئەنئەنىسىدە بۇ بايرام مەۋجۇت بولغان ئەمەس.
مەۋجۇت بولغان تەقدىردىمۇ بىزدە يوق.شۇڭا ئەجدادىمىزدىن قالمىغان ئەنئەنىلەرگە ياتلاردىن ئىزدەپ-سوراپ يۈرۈپ ۋارىسلىق قىلماي مۇشۇ ئاشىق مەشۇقلار بايرىمى دىگەن ئاتالغۇنى ھەممىمىز تەڭ كۈچ چىقىرىپ بىرلىكتە ئارىمىزدىن تۈپ يىلتىزىدىن يوقۇتۇشنى ئۈمىد قىلىمەن،دۆلىتىمىزنى،مىللىتىمىزنى قوغداش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتە ھەممەيلەننىڭ مەسئۇلىيتى ۋە مەجبۇرىيتى بار.ئاشۇنداق مىكروپلارنى ۋاقتىدا تازىلاپ تۇرمىسا ئۇ كۈندىلىك تۇرمۇش ئادىتىمىزگە ئايلىنىپ قىلىشى،ھەم ئەۋلادلىرىمىزغا مىراس،تەۋەررۈك بوپ قىلىشى مۇمكىن،بۇنداق ئاقىۋەت بىزنى قاتتىق ئەپسۇسلاندۇرىدۇ!!!!
شۇنىڭ ئۈچۈن ھازىردىن باشلاپ بىزگە سىڭىپ كىرگەن بۇ نىجىس بايرامنى دىيارىمىزدىن يوقىتىۋىتەيلى!!!! كەلگۈسى ئەۋلادلارغا زەھەرلەرنى مىراس قالدۇرمايلى!!!! ئەزىز قىرىنداشلار،گۈزەل كىلەچەك ئەۋلادلىرىمىزغا باغلىق،ئۇلارنىڭ تەقدىرى بىزگە باغلىق!!!!
--------------------------------------------------------------------------------
بىر ئادەم بولسىمۇ ھەقىقەتكە قايتسۇن،بىر ئادەم بولسىمۇ ئازمىسۇن،بىر ئادەم بولسىمۇ توغرا يولدا ماڭسۇن.بىر ئادەم بولسىمۇ بۇ تىمىنى كۆپرەك كۆرسۇن.
مەزكۇر تىمىنى مۇنبەرلەردە،كىكىيۇ توپلىرىدا،مىكرو بىلوگلاردا ،ھەم كەڭ ئامما خەلق ئارىسىدا تارقىتىپ قويۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. ئاللا ھەممىزگە تەۋپىق،ھىدايەت ئاتا قىلغاي،ئىمانىمىزنى ساغلام،ئەقىدىمىزنى پاك قىلغاي،ئىسلام دىنىنى مەڭگۈ يولباشچىمىز قىلغاي،بىزنى ئازغۇچىلارنىڭ،غەپلەتتە قالغۇچىلارنىڭ قاتارىدىن قىلمىغاي.بارلىق گۇناھلىرىمىزنى مەغفىرەت قىلغاي.ئامىن!!!!
كامالى ئىھتىرام بىلەن: نۇرئەھمەدجان روزى سۇلتاننۇر
--------------------------------------------------------------------------------
يەنە ۋاقتىڭلار بولسا تۆۋەندىكى تور بەتلەردىكى مەزمۇنلارنى تولۇق ئوقۇپ چىقىپ جىقراق بىلىمگە ئىگە
بولۇشۇڭلارنى تەشەببۇس قىلىمەن.
تەربىيۋى ئەھمىيىتى يۇقىرى،پايدىلىق مەزمۇنلار،مۇنۇ تور ئادرىسلارغا نەزەر سىلىڭلا قىرىنداشلار
http://www.muzat.net/forum.php?mod=viewthread&tid=216
بۇنىمۇ كۆرۈڭلا
http://sayna.salamurumqi.com/read.php?tid=477
بۇنىمۇ كۆرۈڭلا
http://aydil.cn/show_news.asp?mid=549
بۇنىمۇ كۆرۈڭلا
http://www.kroran.net/bbs/thread-5216-1-1.html
بۇنىمۇ كۆرۈڭلا
http://aydil.cn/show_news.asp?mid=548
http://www.husnigul.com/uqur_show.asp?hid=17
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:تىما سىزنى قايىل قىلالىغان بولسا تارقىتىڭ.
يارىمىغان بولسا ئوڭ-تەتۈر جۆيلۈمەي قىسىپ چىقىپ كىتىڭ.تارقىتىلىش جەريانىدا ئىپادىلەنمەكچى بولغان مەركىزى ئىددىينىڭ بۇرمىلىنىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ھەر بىر سۆز،جۈملە،ھەتتا پەش-چىكىتلىرىگىچە ئۆزگەرتىلىشكە،تەھرىرلىنىشكە بولمايدۇ.
ئەسلى مەنبە
http://bbs.alkin.cn/read.php?tid=12208