مەنزىلگە يەتمىگەن پاختا
ئاپتۇر، ئوپىراتۇر: ئابلىكىم مۇھەممەت
رىياسەتچى: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تېلېۋىزۇر كۆرگۈچى دوستلار، پروگراممىمىزنىڭ يېڭى مەزمۇنىنى كۆرۈشىڭلارنى قارشى ئالىمىز. رىئال تۇرمۇشىمىزدا «مال ئىگىسىدىن ئوغرى كۈچلۈك» دېگەن ماقال-تەمسىلنى جىق ئاڭلايمىز، سودا-سېتىق ئىشلىرىدىمۇ بۇنداق ئەھۋال كۆپ يۈز بېرىدۇ، مەسىلەن بۈگۈن سىلەرگە سۆزلەپ بەرمەكچى بولغان ھېكايىمىز دەل مۇشۇ ماقال-تەمسىلنىڭ دەلىلى بولالايدۇ. ئۇنداقتا بۇ قانداق دېلو؟ بۈگۈنكى پروگراممىمىزغا بىز دىن نى قانۇن تەھلىلچىلىققا تەكلىپ قىلدۇق، خوش، دېققىتىڭلار ئىكرانىمىزدا بولسۇن!
بايان: بۈگۈر ناھىيىسى يىڭسار يېزىسىدىكى تىجارەتچى ئەنۋەر ئوسمان كورلا شەھىرىدىكى تىجارەتچى بۇرھان قۇربان بىلەن پاختا تىجارىتى قىلىشاتتى، 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى بۇرھان قۇربان-ئەنۋەر ئوسمانغا تېلېفۇن قىلىپ، بىر تۈركۈم پاختا بارلىقى ۋە ئۇنى ساتىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئەنۋەر ئوسمان-بۇرھان قۇربان بىلەن تېلېفۇندىلا باھادا كېلىشىپ، ماشىنا بىلەن يېڭسار يېزىسىغا يەتكۈزۈپ بېرىشنى ئېيتتى.(تېلېفۇندا سۆزلىشىدۇ).
زىيارەت: ئەنۋەر ئوسمان، بۇرھان قۇربان (كېلشكەن سودا ھەققىدە)
بايان: شۇنداق قىلىپ بۇرھان قۇربان بىرسىنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن ياڭ يۇڭبىڭ ئىسىملىك بىر شوپۇرنى ئىزدەپ تېپىپ، 18510 كېلوگىرام پاختىنى يۈك ماشىنىغا بېسىپ يېڭسار يېزىسىغا بارىدۇ. ئەنۋەر ئوسمان پاختىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، بورھان قۇربانغا بېرىدىغان پۇلنى بېرىۋېتىپ ئۇنى كورلىغا يولغا سېلىۋاتىدۇ ھەم ئالغان پاختىنى شوپۇر ياڭ يۇڭبىڭغا تاپشۇرۇپ، كۇچار ناھىيىسى تەۋەلىگىدىكى شىنشىڭ پاختا پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىغا ئاپىرىپ، شىرىكى روزى ئابلىزغا تاپشۇرۇپ بېرىشنى تاپىلاپ كۇچارغا ماڭدۇرىدۇ. لېكىن ئەتتىگەندىلا ماڭغان ياڭ يۇڭبىڭ 10 نەچچە سائەتكىچە كۇچارغا يېتىپ بارمايدۇ.
زىيارەت: ئەنۋەر ئوسمان، روزى ئابلىز (تېلېفۇن قىلىپ ياڭ يۇڭبىڭ بىلەن ئالاقىلىشالمىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ)
بايان: ۋاقىت ئەنە شۇنداق ئۆتىۋەردى، ياڭ يۇڭبىڭ ئەنۋەر ئوسمان بىلەن روزى ئابلىزنىڭ تېلېفۇنىنى ئالمىدى، ئەنۋەر ئوسماننىڭ كۆڭلىدە بىرەر كېلىشمەسلىكنىڭ يۈر بېرىشىنى سەزدى بولغاي، دەرھال بۇرھان قۇربانغا تېلېفۇن قىلدى.
زىيارەت: بۇرھان قۇربان-(ياڭ يۇڭبىڭ ئەنۋەرنىڭ تېلېفۇنىنى ئالمىغىنى بىلەن مېنىڭ تېلېفۇنىمنى ئېلىپ ماشىنىنىڭ چاقى ئېتىلىپ كەتكەنلىكى، ياساۋاتقانلىقىنى دەيدۇ)
بايان: كەچمۇ كىرىپ كالدى، كۇچاردا ساقلاپ تۇرۇۋاتقان روزى ئابلىز ماشىنىنىڭ تېخى يېتىپ كەلمىگەنلىكىدىن ئىچى تىت-تىت بولۇپ، ئەنۋەر ئوسمانغا توختىماي تېلېفۇن قىلىپ سۈيلىدى،
زىيارەت: روزى ئابلىز-ياڭ يۇڭبىڭغا نەچچە قېتىم تېلېفۇن قىلساممۇ ئۇنىڭ بىلەن ئالاقە قىلالمىدىم.
زىيارەت: ئەنۋەر ئوسمان-مەن سەل گۇمان قىلىپ، پاختىنى باشقا يەرگە سېتىۋاتقانمىدۇ دەپ ئويلاپ، روزى ئابلىزنى يېقىندىكى پاختا زاۋۇتلىرىنى ئىزدەپ بېقىشنى بۇيرىدىم.
بايان: شۇ ئەسنادا كۇچارغا ئاللاقاچان بېرىپ بولغان ياڭ يۇڭبىڭ بۇرھان قۇرباننىڭ تېلېفۇنىنى ئېلىپ پاختا زاۋۇتىغا كىرىپ بولغانلىقىنى ئېيتىدۇ.
زىيارەت: بۇرھان قۇربان-كەچ بولغاندا ياڭ يۇڭبىڭغا تېلېفۇن قىلسام كۇچارنىڭ دۆڭقوتان يېزىسىدا پاختىنى ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى ئېيتتى، شۇنىڭ بىلەن دەرھال ئەنۋەرگە خەۋەر قىلدىم.ھەم ئۆزەممۇ دەرھال كۇچارغا يولغا چىقتىم.
بايان: پاختا باسقان ماشىنىنىڭ كۇچار ناھىيىسى دۆڭقوتان يېزىسىغا بېرىپ بولغانلىقى ۋە پاختىنى ئۆتكۈزىۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپقان ئەنۋەر ئوسمان دەرھال كۇچاردىكى روزى ئابلىزغا تېلېفۇن قىلىپ، نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىشنى تاپىلىدى.
زىيارەت: روزى ئابلىز-مەن 50 كىلومېتىر يول يۈرۈپ دۆڭقوتان يېزىسىدىكى پاختا زاۋۇتىغا يېتىپ بارغىنىمدا، ياڭ يۇڭبىڭ پاختىنى سېتىپ بولۇپ ماشىنىغا چىقاي دەپ تۇرۇپتىكەن، مەن ئالدىنى توستۇم، ئىككىمىز ئۇرۇشۇپ كەتتۇق.ئۇ بۇ پاختا سېنىڭ ئەمەس دەيدۇ، مەن ساڭا تېلېفۇن قىلغان ۋە مالنى تاپشۇرۇپ ئالغۇچى مەن شۇ دېدىم. لېكىن ئۇ پۇلنى بەرگىلى ئۇنىمىدى.
بايان: ئەنۋەر ئوسمان بىلەن بۇرھان قۇربانمۇ كۇچار ناھىيىسى دۆقوتان يېزىسىدىكى پاختا زاۋۇتىغا يېتىپ كېلىپ شوپۇر ياڭ يۇڭبىڭ بىلەن يۈزلەشتى.
زىيارەت: ئەنۋەر ئوسمان، روزى ئابلىز، بۇرھان قۇربان.-شۇ ۋاقىتتىكى ئەھۋالنى بايان قىلىدۇ.
بايان: كۇچار ناھىيە دۆڭقوتان يېزىلىق ج خ ساقچىخانىسى دېلو مەلۇماتىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، نەق مەيدانغا كېلىپ تەكشۇردى، ھەم ماشىنىنىڭ نۇمۇرى، شوپۇرنىڭ تېلېفۇن نۇمۇرى ۋە دەۋالاشقۇچىلارنىڭ سالاھىتىنى بىر بىرلەپ يۈزلەشتۈرگەندىن كېيىن، دېلو تۇرغۇزماسلىقنى ئېيتتى.
زىيارەت: ئەنۋەر ئوسمان، روزى ئابلىز، بۇرھان قۇربان-نېمە ئۈچۈن دېلو تۇرغۇزماسلىقىنى بايان قىلىدۇ.
بايان: مۇشۇ دېلونىڭ ھەقىقىي يۈز بەرگەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ج خ ساقچىخانىسىنىڭ ئىسپاتى ئەنۋەر ئوسمان ئۈچۈن تولىمۇ موھىم ئىدى. چۈنكى ئەنۋەر ئوسمان ياڭ يۇڭبىڭنىڭ پاختىنى تۆۋەن باھادا سېتىۋەتكەنلىكىدىن كېلىپ چىققان زىياننى تۆلىتىۋېلىش ئۈچۈن سوتقا ئەرز سۇنمىسا بولمايتتى.
زىيارەت: ئەنۋەر ئوسمان-ج خ ساقچىخانىسىغا بارسەم ئىسپات چىقىرىپ بەرمىدى، ج خ ئىدارىسىغا بەردىم، ئەرزىيەتكە باردىم، ھېچ ئامالى بولماي، يەنە ج خ ئىدارىسىغا بارسام ج خ ئىدارىسىنىڭ بىر باشلىقى دۆڭقوتان يېزىلىق ج خ ساقچىخانىسىغا ئىسپات چىقىرىپ بېرىشنى بۇيرىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئاران دېگەندە دېلو يۈز بەرگەنلىكىنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلايدىغان بىر پارچە ئىسپات چىقىرىپ بەردى.
بايان: ياڭ يۇڭبىڭنىڭ قىلمىشى ۋە ج خ ساقچىخانىسىنىڭ بۇ دېلونى قۇبۇل قىلىپ تەكشۈرمىگەنلىكى ھەققىدە ئەنۋەر ئوسماننىڭ دەۋا ۋاكالەتچىسى تۇرسۇنجان داۋۇت مۇنداق قارىدى.
زىيارەت: تۇرسۇنجان داۋۇت (شىنجاڭ شۇۋباڭ ئادۋۇكاتلىق ئورنىنىڭ ئادۋۇكاتى)
رىياسەتچى: دېلو ئەھۋالىنىڭ مۇشۇ يېرىگە كەلگىنىدە مۇنداق بىر قانچە سۇئال سورىغۇم كېلىۋاتىدۇ،.
(1)-ئەنۋەر ئوسمان گەرچە پاختىنىڭ پۇلىنى قايتۇرۇۋالغان بولسىمۇ، ياڭ يۇڭبىڭنىڭ مال ئىگىسىدىن بىسوراق پاختىنى ئەرزان سېتىۋاتقانلىقى، ئەنۋەر ئوسمانغا نۇرغۇن زىيان سالغانلىقى جىنايى قىلمىشقا ياتامدۇ.
(2)-كۇچار ناھىيە دۆڭقوتان يېزىلىق ج خ ساقچىخانىسى دېلو تۇرغۇزماسلىقى توغرىمۇ؟
(3)-ياڭ يۇڭبىڭنىڭ قىلمىشىنى قايتا سۈرۈشتۇرۇش كېرەكمۇ يوق؟
(4)-ئەنۋەر ئوسمان بۇ زىيانلىرىنى قانداق تىرىلدۇرۇۋېلىشى كېرەك؟
رىياسەتچى: ئۇنداقتا بىز دېلونىڭ ئەھۋالىغا داۋاملىق قاراپ باقايلى.
بايان: دېلو كۇچاردا يۈز بەرگەنلىكتىن، ئەنۋەر ئوسمان كۇچار ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇندى. لېكىن دېلو كۇچار ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىدە بىر يىل ياتتى.
زىيارەت: ئەنۋەر ئوسمان-بىر يىل ساقلاپ كۇچار سوتقا بارسەم، دېلو بىزنىڭ دائىرىمىزدا سادىر بولغىنى بىلەن، جاۋاپكار ياڭ يۇڭبىڭنىڭ نوپۇسى كورلىدىكەن، كورلا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇڭلار دەپ قايتۇرۇۋەتتى.
بايان: كورلا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى ئەنۋەر ئوسماننىڭ ئەرزىنى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن، سوت ئورۇنلاشتۇردى، لېكىن كۇچار ناھىيە دۆڭقوتان يېزىلىق ج خ ساقچىخانىسىنىڭ قانۇن تەرتىپكە دېققەت قىلمىغانلىقى ۋە دېلونىڭ كۇچار ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىدە ئۇزاق تۇرۇپ كەتكەنلىكى سەۋەپلىك جاۋاپكار ياڭ يۇڭبىڭنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنىدىن ئىز-دېرىكىنى قىلالمىدى،
زىيارەت: تۇرسۇنجان داۋۇت (شىنجاڭ شۇۋباڭ ئادۋۇكاتلىق ئورنىنىڭ ئادۋۇكاتى)-ياڭ يۇڭبىڭغا چاقىرىق ئۇقتۇرۇشى ئەۋەرتىش، سوت ئېچىش، ئىسپات توپلاش قاتارلىق ئىشلاردا قېيىنچىلىق تۇغۇلدى، ئاخىرىدا گېزىتتا ئېلان چىقىرىش ئارقىلىق چاقىرىقنى يەتكۈزدۇق.
بايان: كورلا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى جاۋاپكار ياڭ يۇڭبىڭغا گېزىتتە ئېلان چىقىرىپ چاقىرىق ئەۋەتكەن بولسىمۇ، سوتقا كەلمىگەچكە، مۇناسىۋەتلىك قانۇن بەلگىلىمىلەر بويىچە سوت ئېچىپ دېلونى قاراپ چىقتى.ھەم: 1-جاۋاپكار ياڭ يۇڭبىڭ توختامغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشى سەۋەبىدىن ئەنۋەر ئوسمانغا كەلتۇرگەن باھا پەرقى زىيان 17 مىڭ 913 يۇەن ۋە ياتاق، قاتناش چىقىمى 1000 يۇەن جەمئىي 18 مىڭ 913 يۇەننى ھۆكۈم كۈچكە ئىگە بولغان كۈنى تولىسۇن. 2-دەۋاگەر ئەنۋەر ئوسماننىڭ باشقا دەۋا تەلىپى رەت قىلىنسۇن، دەپ ھۆكۈم چىقاردى.
زىيارەت: گۈلزىرە ياسىن (كورلا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ سوتچىسى)-ھۆكۈمنىڭ قانۇن ئاساسىنى سوزلەيدۇ.
رىياسەتچى: خوش، ھۆكۈممۇ چىقتى، لېكىن ياڭ يۇڭبىڭ قېچىپ كەتتى، ئىجرا قېيىنغا چۈشتى، مۇشۇنداق ئەھۋاللاردا، سودا-سېتىق بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان پۇقرالار زادى نېمىلەرگە دېققەت قىلىش كېرەك؟
(قانۇن تەھلىلچى دېققەت قىلىدىغان ئىشلارنى بايان قىلىدۇ)
رىياسەتچى: كونىلار«قىيان كەلگىچە تۇغان سال» دەپ ناھايىتى ياخشى ئېيتقان، ھەر قانداق بىر ئىشنى قىلغاندا «يەتتە ئۆلچەپ بىر كەس» بولمىسا مانا مۇشۇ دېلوغا ئوخشاش ئورۇنسىز زىيان كېلىپ چىقىدۇ، شۇڭا بىز سودا-تىجارەتتە چوقۇم توختام قانۇنى بويىچە ئىشەنچلىك مال توشۇش ئورۇنلىرى ۋە قانۇنلۇق قاتناش تىرانسپورت شىركەتلىرى بىلەن توختام ياكى كېلىشىم تۈزۈشۈپ مال توشۇشىمىز كېرەك. شۇنداق قىلغاندا ئورۇنسىز زىياننىڭ ئالدىنى ئالالايمىز، قانۇننى ئىجرا قىلغۇچى ئورۇنلارمۇ مەسئۇلىيەتتىن ئۆزىنى قاچۇرماي، ئۆزىنىڭمۇ ئادا قىلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش كېرەك! بۈگۈنكى پروگراممىمىز مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى، كۆرگىنىڭلارغا رەھمەت، خەير-خوش!
بۇ پروگرامما-شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ "قانۇن ۋە پۇقرا" پروگراممىسىدا كۆرسىتىلمەكچى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا -Ruslan- تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-28 11:43 PM