مۇھەببەت
ئابدۇرۇسۇل سېيىت
مۇئەللىپكە بايرون شېئىرلىرىدەك گۈزەل كۆرۈنىدىغان بۇ ئائىلىدە يېقىندىن بۇيان چىنە - قاچىلارنىڭ قەستەن تېگىپ كېتىشىدەك بىنورمال ئەھۋال پات - پات يۈز بېرىدىغان بولۇپ قالدى . بۇ ئىش كۆپىنچە ئايالى تەرىپىدىن بولاتتى .
- ئەر كىشى دېگەن پۇل تېپىشى كېرەك - دە ، - دەيتتى ئۇ ، ھە دېسىلا ئېرىگە دوق قىلىپ ، - باشقىلارنىڭ ئەرلىرى پۇلنى - پۇلغا چېقىپ ، ئۆيلىرىنى زىلچا گىلەم بىلەن بېزىۋەتسۇن ، پەقەت بىزلا . . .
بۇنداق ھاقارەتكە ئاخىر ئۇنىڭ غورۇرى چىدىمىدى . ئايالىنىڭ كۈندىن - كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان ئاشۇ رەڭلىك قەغەزگە بولغان نەپسىنى تازا بىر قاندۇرۇش ئۈچۈن بىر ئوبدان خىزمىتى ۋە باش چۆكۈرۈپ ئىشلەۋاتقان ئىلمىي تەتقىقات ئىشلىرىنى بىر چەتكە تاشلاپ قويۇپ .ئوقەت قىلىشقا مەجبۇر بولدى .
مۇھەببەت - بىلگەن ئادەم ئۈچۈن ئات بېشىدەك ئالتۇنغىمۇ تەڭ قىلغىلى بولمايدىغان مۇقەددەس ۋە مەڭگۈلۈك بايلىق ، بىراق ئۇ يۈرىكىنى كونترول قىلالمايدىغان مۆتىدىل ئاياللار قولىدا بىر مەزگىل ئۆز قىممىتىنى يوقىتىپمۇ قويىدۇ . شۇنداق چاغدا پۇل دەپ ئاتىلىدىغان بىر تۇتام رەڭلىك قەغەزنى ئۈستەل ئۈستىگە تاققىدا تاشلاپ قويۇپ ، شۇنداق تۇرۇپ قارىساڭ ئاستىدىن ئەبجىقى چىقىپ كەتكەن قەدىرسىز مۇھەببەتنىڭ يېقىمسىز ھىجىيىپ تۇرغانلىقىنى كۆرىسەن .
ئۇ خېلى ئۇزۇن ۋاقىت يوقاپ كېتىپ ئۆيىگە كاتتا سودىگەر قىياپىتىدە كېلىۋىدى ، ئايالىنىڭ گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ ، ئاغزى قۇلىقىغا يەتتى . باشقىلارنى دوراپ ئۆيىنى زىلچا - گىلەم ، ئۈستىبېشىنى ئەڭ يېڭى مودا كىيىم ۋە ئالتۇن زىبۇ -زىننەتلەربىلەن پۈركىدى . ئايھاي . تۇتۇق ئاسمانغا ئاي چىقتى . بۇ ئاينىڭ كۈلۈمسىرىشى بەئەينى لوڭقىدىكى يالغان گۈلگىلا ئوخشايتتى ، مەيلى نېمىلا بولسا بولسۇن ئېرى ئۈنچىقماي ئوقىتىنى قىلىۋەردى ، ئۇ بىر چىقىپ كەتسە ئايلاپ - ئايلاپ يوقاپ كېتەتتى . ئايالى بولسا ئۆيدە ئېڭىكىنى سىلاپ تىكەندەك يالغۇز ئولتۇرۇپ قالاتتى ، كۈنلەر ئەنە شۇنداق ئۆتىۋەردى . بىراق،كۈنلەرنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئۇنىڭ ئاستىدىكى زىلچا - گىلەملەر نېمىشقىدۇر يانپېشىغا پاتىدىغان ، ئالتۇن سىرغىلىرى قۇلىقىنى ئاغرىتىدىغان بولۇپ قالدى . ئوچۇقراق قىلىپ ئېيتساق ، ئۇنىڭ ئەسلىدىكى گۈلگۈن چىرايىنى سۇلغۇن ، پەرىشان ، مۇڭلۇك ئالامەتلەر باسقىلى تۇردى ، گەرچە ئۇ ئۆزى كۈتكەن ۋە ئارزۇ قىلغان ھەممە نەرسىگە ئېرىشكەن بولسىمۇ ، ئۇنىڭدىنمۇ قىممەتلىك يەنە بىر نەرسىسىنىڭ كەملىك قىلىۋاتقانلىقىنى ، توغرىسىنى ئېيتقاندا ، مۇھىم نەرسىسىنى يوقىتىپ قويۇۋاتقانلىقىنى سېزىپ قالدى ۋە چۆچۈپ كەتتى .
- ئەمدى كەتمەڭ ، ئەمدى ھېچ يەرگە بارماڭ ، - دېدى ئۇ ئېرى قايتىپ كەلگەندە تاپىنىنى
سۆيگۈدەك بولۇپ .
- نېمىشقا ، ساڭا پۇل كېرەك ئەمەسمىدى خوتۇن ؟
- ياق ، - ئايالىنىڭ تەلەپپۇزى قەتئىي ئىدى ، - ماڭا كېرىكى . . .
- خوش ، ساڭا كېرىكى . . . ؟ ؟ ؟
- ماڭا . . . - ئۇ ئېرىنىڭ پىشىگە سۆيۈپ ئەلەم بىلەن يىغلىۋەتتى .
1993 - يىل 1- ئاي غۇلجا
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-26 02:34 PM