ئانا
ئىززەت غۇجابدۇللا
ئانا!
مېھرىبان ئانا، ھەر قېتىم ئىسمىڭىزنى تىلغا ئالغىنىمدا قەلبىمدە چەكسىز بىر ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى پەيدا بولىدۇ. دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر ئانا ئۆز پەرزەنتى ئۈچۈن مىھنەتسىز ئەجىر قىلىدۇ. لىكىن ئانا، سىز قەلبىمدە دۇنيادىكى ھەممە ئانىلاردىن ئۇلۇغ، مۇقەددەس ھەم بۈيۈكسىز. سىز بولغاچقا مىنىڭ بۈگۈنۈم بولغان، سىز بولغاچقا مەندە بەخت تۇيغۇسى بولغان، سىز بولغاچقا پەقەت سىز بولغاچقىلا قانداقلا قىيىنچىلىققا ئۇچراي مەندە يەنە خاتىرجەملىك تۇيغۇسى بولىدۇ. سىز مېنى، يەنە ئاكا-ئاچىلىرىمنى قاتارغا قوشۇش جەريانىدا تالاي جاپالارنى تارتتىڭىز، پىشانىڭىزغا چۈشكەن يول-يول قورۇقلار بۇنىڭ دەلىلى ئەمەسمۇ ئانا. ھەر بىر پەرزەنتىڭىز ئۈچۈن شۇنچە جان كۆيدۈرىسىز، گەرچە بىز مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرۈش، سىزنىڭ ھالىڭىزدىن خەۋەر ئېلىش شارائىتىغا ۋە ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولغان بولساقمۇ سىز يەنىلا بىز ئۈچۈن غەم يەيسىز، بىزنى پەقەت بىزنىلا ئويلايسىز، ئۆزىڭىز ئۈچۈن بىرەر قېتىم ۋايىم يەپ باققىنىڭزنى بىلمەيمەن، ھەر زامان بالام، بالام دەپلا كەلدىڭىز. قانداقلا بىر ئىشنى قىلماقچى بولسىڭىز باشتا ئويلايدىغىنىڭىز يەنىلا بىز، يەنىلا بىز پەرزەنىتلەر....
ھەردائىم مىھرىبانلىق چىقىپ تۇرغان شۇ چىرايىڭىز ئىسىمگە كەلگىنىدە، شۇ ئىسسىق قوللىرىڭىز بىلەن يۈزۈمنى سىلىغىنىڭىزدا، پىشانەمگە سۆيگەن ۋاقتىڭىزدا، مېنى ئىللىق قۇچاقلاشلىرىڭىزدا ۋۇجۇدۇمنى چەكسىز بەخىت ھىسى قاپلايدۇ. ئۇلۇغ ئاللاھتىن مېنى سىزدىن ئايرىماسلىقىنى تىلەيمەن. ھەم ئاللاھتىن سىزنىڭ سالامەتلىكىڭىزنى، ئۇزۇن ئۆمۈر كۈرىشىڭىزنى تىلەيمەن، ئانا.
مىھرىبانىم، قەدىردانىم ئانا، سالامەتلىكىڭىزنى ئاسراڭ، بىز پەرزەنتلەر ئۈچۈن بولسىمۇ ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ ئانا. خۇددى بىز سىزگە مۇھىم بولغانغا ئوخشاش سىزمۇ بىز ئۈچۈن بەكلا مۇھىم، ھەمىشە يېنىڭىزدا تۇرۇپ ھالىڭىزدىن خەۋەر ئېلىشىمىزنى دىگىنىمىزدە «ئىشىڭلاردىن قالماڭلار، مەندىن ئەنسىرىمەڭلار» دەيسىز. لىكىن ئانا، بىز ئۈچۈن مۇھىم بولغان، بەكمۇ مۇھىم بولغان شۇ ئىشلار، ھەتتا ھەممە پەرزەنتىڭىزنىڭ مۇھىم ئىشلىرىنى يىغىپ ئېيتقاندىمۇ شۇ ئىشلار بىز ئۈچۈن سىزدىن مۇھىم ئەمەس، بىزگە ئەڭ مۇھىم بولغىنى يەنىلا سىز ئانا!
ئانامسەن مۆھتىرەم ئۇلۇغ، پاسىبان،
ئانامسەن جاپاكەش، دىلكەش مىھرىبان.
ئانامسەن پەرزەنتڭ ئوتىدا كۆيگەن.
ئانىنى ئۇلۇغلار ھەممىلا ئىنسان.
تىلەيمەن جان ئانا سالامەت بولغىن،
سېنىڭسىز بۇ ھايات بىزگە نە كېرەك.
سەن بىلەن كۈلىمىز بەختىمىزدۇرسەن،
ئانا! دەپ سۇقىدۇ بىزدىكى يۈرەك.
جان ئانا! تىلەيمەن ئۇلۇغ ئاللادىن،
ئۆمرۈڭنى ساقلىقىڭ، شادلىقىڭنى ھەم.
ئەزىزسەن قەلبىمنىڭ تۆرىدە ئانا،
سەن ھۆرمەت بېغىدا تەنھا مۆھتەرەم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا IZZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-22 12:00 PM