ئۆلۈم
(ھېكايە)
قايسى ۋاقىتتىن باشلاپ ھەسەن ئەپەندىگە كاتىپ بولۇپ كىرگىنىم ئىسىمدە يوق،ئېھتىمالىم باشلانغۇچنى پۈتتۈرەي دېگەن ۋاقتىمغا توغرا كەلسە كېرەك .بىر كۈنى مەكتەپتىن قايتىپ كەلسەم ئاتام ئەتىدىن باشلاپ مەكتەپكە بارمىساممۇ بولىدىغانلىقىنى ئىيتتى.مەن نېمە ئۈچۈنلىكىنى سوراپ يۈرمىدىم .شۇنداق قىلىپ ئۆيدە بىر –ئىككى كۈن ئوينىغان ،مەھەللىلەرنى ئارىلاپ كۆندۈرۈلمىگەن تايچاقتەك چاپقان بولدۇم بىر كۈنى ئاتام قولۇمدىن سۆيۈپ يات بىرئىشىككە باشلاپ باردى .ئىشىكتىن كىرىشىمگە ئەڭ ئاۋۋال قەغەز ۋە سىياھنىڭ پۇرىقىنى پۇرىدىم .ئاندىن جاھازىلارغا تېزىلغان ماتېرىياللارغا كۆزۈم چۈشتى .ھەيرانلىقىم شۇ بولدىكى ،ئاتام مېنى سالاپەتلىك بىر تاغىغا تاپشۇرۇپ كەتتى .قىلغان ئىشى شۇ بولدىكى ،يۈزۈمگە يېنىشلاپ سۆيدى .ئاندىن ھىلىقى تاغا بىلەن كۆز بېقىشىپ ئىپادە قىلىشتى .قارىغاندا بۇلارھېكايەمنىڭ خاتىمىسىنى يېزىپ بولغاندەك،مەن ئەمدى بىر-بىرلەپ بۇ سىرنى چېكىنمە بايان قىلىدىغاندەك تۇراتتىم.شۇڭا ،يا ئاتامدىن يا سالاپەتلىك تاغىدىن بىر نېمە سورىمىدىم .
ئاتام شۇ كەتكەنچە مېنى يوقلىغىلى كەلمىدى .
سالاپەتلىك تاغا بىردەم جىجىت تۇرغاندىن كېيىن ئۆزنىڭ ئىسمىنىڭ سالاپەتلىك ھەسەن ئەپەندى ئىكەنلىكىنى ئىيتتى .ئاندىن بىرەيلەنگە بۇيرۇق قىلىپ ماڭا ئورۇن راسلاپ بېرىشنى ئىيتتى ۋە ماڭا سەل تۇرۇپ ئۆزىدىن ماتېرىيال ئېلىۋىلىشنى جىكىلىدى .ھۇجرامغا كىردىم ،بۇ ئوپچە ياتاقتەك تۇراتتى .نەچچە بالا بارلىقىغا دېققەت قىلغۇم كەلمىدى .قارىسام ھەممىسى بىر خىل ئالدىراش ماڭا قاراشقا خوشى يوقتەك قىلاتتى. يېتىپمۇ ،ئولتۇرۇپمۇ بىر نەرسە يازاتتى .قوللىرى سىياھلار بىلەن بويۇلۇپ بوياقچىغا ئوخشاپ قىلىشقاندى.ھەتتا بىر ئىككىسىنىڭ يۈزىدە سىياھ دېغى تۇراتتى .ھەتتا بىرسىنىڭ قىزلارنىڭكىدەك يۇمران ئېغىزىنىڭ ئۈستىگە بۇرۇتتەك سىياھ دېغىغىمۇ ھېچكىم دېققەت قىلمايىتتى.كېيىن بىلدىمكى ،مەنمۇ ئۇزۇن ئۆتمەي شۇنداق بولۇپ قىلىش خەۋىپىم بار ئىدى .بىراق سالاپەتلىك ئەپەندىنىڭ كاتىپى بولۇش ئۇنچە ئاسان ئەمەسلىكىنى ئۇقمايىتتىم.
بىر كۈنى تۇيۇقسىز ئارقا ھويلىدىكى گەمىنى كۆرۈپ قالدىم .ئادەتتە بىزنى ئارقا ھويلىغا ئۆتكۈزمەيىتتى.مەن گەمە ئىشىكىنىڭ يۇچۇقىدىن ئىچىگە نەزەر تاشلاپ دەھشەت بىر مەنزىرىنى كۆردۈم.ئۇنىڭ ئىچىدە ساقاللىرى ئالا-پۇلىماچ سىياھلار بىلەن بويالغان قىرىلار تۇراتتى ،ئۇلارمۇ خۇددى ھىلىقى ياشلارغا ئوخشاشلا ئىشلەيىتتى.كۆزلىرى ئىششىپ كەتكەن ،ئەينەك تاقىۋالغان ،بەللىرى ئېگىلگەن ...ھەتتا قېتىپ قالغانلارنىڭمۇ ئىشلەۋاتقانلىقىنى كۆردۈم.
ئارىدىن خىلى ۋاقىت ئۆتتى بولغاي ،بىلمەيمەن .بۇيەردە سائەت يوق ئىدى .بىراق بىر نەرسىلا سائەتكە قاراپ ئىشقا سالاتتى .بىز ھەممىمىز سالاپەتلىك ئەپەندىنىڭ كاتىپلىرى ئىدۇق .ئۇنىڭ يازىدىغان ،رەتلەيدىغان ماتېرىياللىرى شۇنچىلىك كۆپ ئىدى .توغرا،مەن مەكتەپتىكى ۋاقتىمدا ،نۇرىمان مۇئەللىمنىڭ كاتىپى ئىدىم .خېتىم شۇنچىلىك چىرايلىق ئىدى .بىراق نېمىشقىكىن تاپشۇرۇقنى ئون قېتىم قايتا ئىشلىگىنىم ئېسىمدە ؛يەنە تەنتەربىيە دەرىسىدە ئۇزۇنغا يۈگىرەشتە قائىدە بويىچە يۈگىرسەممۇ جازالانغانلىقىم ،بىرىنچى بولۇپ كېلىپمۇ نەتىجەم 59.9 بولغانلىقى ئېسىمدە ؛يەنە چوڭ يىللىقتىكى بىرسىدىن تاياق يەپ ئاگاھلاندۇرۇلغانلىقىم ئېسىمدە .
چوڭ بىر زالدا ئەتىدىن كەچكىچە ئالدىراش يۈرىمىز ،بىرسىمىزنىڭ ئىشى بىلەن يەنە بىرسىمىزنىڭ كارى بولمايدۇ ،خۇددى«ئىت –توخۇلىرىنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇرسىمۇ ،ئۆلگىچە باردى-كەلدى قىلماسلىق »قا ئوخشاپ قالاتتى .كېىم –كىچەكلىرىمىز،يۈز-قوللىرىمىز سىياھ بىلەن بويالغان ،بۇ يەردە ئەينەك يوق ئىدى .شۇنداق بولغاندا ھېچكىمنىڭ يۈزىنى يۇيۇشقا ھاجىتى چۈشمەيىتتى .كەچتە ياتاققا قايتاتتۇق .ياتاقمۇ چوڭ زالدەك ئالدىراش كۆرىنىدۇ .ماتېرىيال رەتلەيمىز ،بىر نەرسە يازىمىز .خۇدا ھەققى ،بۇ يەردە بىركېچە ئۇخلاپ باققىنىمنى بىلمەيمەن .كېيىن پەرەز قىلىشىمچە،بۇ يەردىكى كاتىپلارنىڭ ھەممىسى مەندەك خېتى چىرايلىق بالىلارنى ئىزدەپ تېپىپ ،كۈندە مۇشۇنداق ماتېرىيال رەتلەش ،بىر نەسە يېزىشقا سېلىشقا ئېلىپ كېلىنىدىكەن .مەن تۇنجى كىرگەن كۈنى سالاپەتلىك ئەپەندى بىر توپ ماتېرىيال ۋە يېزىشقا بىرنەرسە بەرگەن شۇنى ھازىرغىچە قولۇمدىن چىقارمىدىم ،قايتا ئىشلەيمەن .مەن ھازىر چوڭ ئىشخانىدىن كۆچۈپ چىقىپ ئارقا ھويلىدىكى گەمىدە ئىشلەيدىغان بولدۇم .كۆزۈم تورلىشىدىغان بولۇپ قالدى ،راسىت گەپنى دېسەم ،مەن ئۆزۈمنىڭ نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقمنى تازا ئۇقۇپ كەتمەيمەن .بېشمىنى ياستۇققا تىرەپ قويۇپ ماتېرىيال رەتلەۋەتىمەن ،ياستۇق دېسەم ئەمدى ئۇخلىيالايدىغان بولغان ئوخشايسەن دەپ قالماڭلار ،بۇ تاش ياستۇق .
مەن سىلەرگە دېسەم ئاتامنى سىغىندىم .سالاپەتلىك ئەپەندىنى سىغىندىم ،ئۇنى ئاتام قايىتىپ كەتكەن كۈنى بىر كۆرگەن شۇندىن كېيىن بۇ يەردە پەيدا بولۇپ باقمىدى .ئۇنى كۆرسەم بولاتتى .مەن ئۇنىڭغا ئۆزۈمنىڭ ئۇنىڭ كاتىپى ئىكەنلىكىمنى ئىيتاتتىم .
مەنبە: ئۆزۈم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا NiJaSat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-11 10:40 PM