بەدەن تەرلەش ۋە بەدەندىكى غەيرى پۇراقنى داۋالاش
سەۋەبى : خىلىتلار سېسىغانلىقتىن ، تېرىنىڭ تەرىپىگە ھەرىكەت قىلغانلىقتىن بولىدۇ . بولۇپمۇ جىددىي ھەركەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ تەرلىگەندە خىلىتلارنىڭ بۇيى زىيادە بولىدۇ .
يەنە جىنسىي ھەركەتتىن كىيىن يۇيۇنۇشنى كېچىكتۈرۈش ، بىلخاسىيەت مۇخالىپ ۋە تىز ماددىنى بەدەننىڭ سىرتقى تەرىپىگە ھەركەتلىنىدىغان نەرسىنى يېيىش مەسىلەن :ھىڭ ، ھۆلبە ، سامساق ، ھىڭ ئۆسۈملۈكىنىڭ يىلتىزى ۋە يۇپۇرمىقى ۋە شۇلارغا ئوخشاشلارنى يېيىش ، مەزكۇر كىسەللىككە سەۋەب بولىدىغان نەرسىلەردىندۇر . مەزكۇر كىسەللىك يۇشۇرۇن تۇرىدىغان جايلار مەسىلەن : قولتۇق ، يوتىنىڭ يىرىقى ، ئىككى تاشاقنىڭ ئاستى ۋە شۇلارغا ئوخشاش جايلاردا كۆپرەك پەيدا بولىدۇ . بەزىدە تامام بەدەندىن سېسىق بۇي كېلىدۇ . ئارقا تەرەت ، سۈيدۈك ، تەرلەرنىڭ سېسىق بولۇشى ھەم خىلىتلار سېسىغانلىقتىن بولىدۇ .
داۋالاش :سۈرگە ئارقىلىق بەدەننى تازىلاش ، خىلىتلارنىڭ تىزلىكىنى پەسەيتىش ، مىزاجىنى يۆتكەش ۋە ئۆزگەرتىش ئۈچۈن سۇۋۇتقۇچى شەربەتلەرنى سىركەنجىۋىلنى بېرىش ، مۇناسىپ تاماقلارنى مەسىلەن : چۈجىلەر ، ئۇچار - جانىۋارلارنىڭ گۆشلىرىنى سىركە بىلەن پىشۇرۇپ يېگۈزۈش ، مەزكۇر كىسەللىككە ياردەم بولىدىغان نەرسىلەردىن ساقلىنىش كىرەك . بەدەننى تازىلىغاندىن كېيىن قىزىق سۇ بىلەن يۇيۇنۇش لازىم . ئاس، سېرىقچىچەك ، سەۋسەن يۇپۇرمىقى سەندەللەرنى ئېزىپ سۇ بىلەن ياكى گۇلاب بىلەن خېمىر قىلىپ چېپىش كىرەك .
تۆۋەندىكى دورىلارنى قولتۇق ۋە باشقا بەدبۇي بولغان جايلارغا سۈركەش مەنپەئەت قىلىدۇ . بۇنىڭ ئۇسۇلى :
مۇردارسەڭنى ئاقارتىپ ئاندىن ئۇنى گۇلابقا چىلاپ سايدە قۇرۇتۇپ ، تۇتىيا ، بىر ئاز كاپۇرلار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ، گۇلابقا ياكى سۇدا ئېزىپ چېپىلىدۇ .
يەنە بىر خىلى :ئاس ، ئاق سەندەل ، پورتىخال پوستى ، مەرزەنجۈش ، قارا رەيھان ، ئۆشنە ، قىزىلگۈل ، سۇمبۇل ،زەمچىلەرنىڭ ھەممىسىنى باراۋەر مىقداردا ئېلىپ ، يۇمشاق سوقۇپ ، تاسقاپ قولتۇققا سېپىلىدۇ ياكى داكىغا ئوخشاش بىرەر رەختكە ئېلىپ قولتۇققا تۆكۈلىدۇ . تېرىدىكى ئۇششاق تۆشۈكلەرنى قورۇغۇچى ، تېرىنى قېلىنلاشتۇرغۇچى تەرنى توسقۇچى بولغان نەرسىلەرنى سۈركەش ۋە چېپىش مەنپەئەت قىلىدۇ .
مۇردارسەڭنى سۇ بىلەن ئېزىپ چېپىش تىز تەسىر قىلىدۇ .
ئەسكەرتىش: كۆپ سېمىز بولۇش ۋە شورلۇق تەر ئارقىلىق قولتۇق ، يىرىق ، قۇلاقنىڭ ئارقىسى ، ئۇششاق قوللارنىڭ ئارقىسى ياكى پۇتنىڭ ئاستى ، ئەمچەكنىڭ ئاستى قاتارلىق جايلاردا بەتبۇيلۇق پەيدا بولىدۇ .
داۋالاش : سۈرگە بېرىش ، بەدەننى ئورۇقلىتىشقا تىرىشىش ، ھەركەتلەردىن ساقلىنىش ، بولۇپمۇ ئىسسىق ھاۋادا ھەرىكەت قىلىشتىن ساقلىنش لازىم . بەدەننى تازىلىغاندىن كېيىن مەزكۇر جايلارنى قىززىق سۇ بىلەن يۇيۇش كىرەك .شۇنىڭ بىلەن مەزكۇر جايلاردىكى كىر ۋە يىغىلغان ئارتۇق ماددىلار يۇيۇلۇپ تازىلىنىدۇ . كىيىن تىرىنى چىڭىتىش ۋە قېلىنلاشتۇرۇش ، تىرىدىكى ئۇششاق تۈشۈكلەرنى بىكىتىش ئۈچۈن شۇ جايغا سۇغۇقلۇق نەرسىلەرنى ئىستىمال قىلىش لازىم . شۇنىڭ بىلەن تەرنىڭ ۋە سېسىق ماددىلارسىزىپ چىقىشى توسۇلىدۇ . بۇ جايدا تۆۋەندىكى زۈرۈرى ئەرەق (تەر ئۈچۈن سېپىلىدىغان دورا )بېرىلىدۇ .
تەركىبى : سەۋسەن يۇپۇرمىقى ، تۇتىيا ، مۇردارسەڭ ، گۈلنار ، قىزىلگۈل ، گىل ئەرمىنى ، كۆيدۈرۈلگەن خىنە (مەككە خېنىسى ) ، ئانار پوستىلىرىنى ھاجەتكە لايىق باراۋەر مىقداردا ئېلىنىدۇ، كاپۇردىن بىر ئاز مىقداردا ئېلىنىدۇ .
تەييارلىنىشى ؛ مەزكۇر دورىلارنى سىركىدە يۇمشاق ئېزىپ ۋە سالايە قىلىپ ، ئاندىن سايىدە قۇرۇتۇپ ساقلاپ ئىستىمال قىلىنىدۇ .
خۇسۇسىيىتى :قولتۇق ، يوتىنىڭ يىرىقى ، قۇلاق ئارقىسى ، ئەپچەكنىڭ ئاستى قاتارلىق جايلاردىكى بەدبۇيلۇقنى دەپئى قىلىش ۋە تەرنى يوقىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە .
تەبىئىتى : قۇرۇق سوغۇقتۇر .
ئىشلىتىلىشى : ھاجەت بولغاندا تەرگە ۋە بەدبۇي بولغان جايلارغا ئەھۋالغا قاراپ سېپىلىدۇ .
ئەگەر تەرنىڭ ۋە ماددىنىڭ تىزلىكىدىن شۇ جايدا ھارارەت پەيدا بولسا ، مەلھىمى سىركە (مەلھىمى خەل ) ، مەلھىمى سەپىتلەرنى چېپىش لازىم . ياكى ئاۋۋال شۇ جاي سىركە بىلەن يۇيۇلسا ، چاقىنىڭ پۈتۈشىگە توسالغۇ بولغان كىر ۋە ھۆللۈكلەر چىقىپ كىتىدۇ . ئاندىن كىيىن مەزكۇر مەلھەملەرنى ئىستىمال قىلسا ياخشىراق بولىدۇ .
ئەسكەرتىش :باشنىڭ تىرىسىدە بەتبۇيلۇق پەيدا بولىدۇ .بۇنىڭ سەۋەبى مىڭىدىن باشنىڭ تىرىسىگە چىققان مايلىق بۇخاراتتىن شۇ جايدا يىغىلغان ياغلىق ماددىدىن بولىدۇ . شۇنىڭ بىلەن كىسەللىك قېرىلار ۋە كىچىك بالىلاردا كۆپرەك ئۇچرايدۇ . چۈنكى سېسىقلىقنىڭ ماددىسى بولغان ھۆللۈك ئۇلارنىڭ بەدەنلىرىدە كۆپ بولۇپ ، سېسىقلىقنى توسىدىغان ھارارىتى تەبىئىي ئاجىز بولىدۇ .
داۋالاش :بەدەن مۇۋاپىق تازىلانغاندىن كىيىن ، سەۋسەن يۇپۇرمىقى ، مۇردارسەڭ ، تۇتىيا ، سەنۇبەر دەرىخىنىڭ پوستى ، سەرۋى دەرىخىنىڭ كۆيدۈرۈلگەن مىۋىسى دىقاقى كۇندۇر (كۇندۇرنىڭ ئۇۋاقلىرى )لارنى باراۋەر مىقداردا ئېلىپ يۇمشاق ئېزىپ ، شاراب بىلەن خېمىر قىلىپ چېپىش ، سامساق ۋە پىياز سېلىنغان تاماقلاردىن ساقلىنىش لازىم .
بارلىق بەدەننىڭ تەرلىرىنى خۇشبۇي قىلىدىغان درىلار : ئارچىنىڭ مىۋىسى ، (ئۇبھەل ) ، سەلىخە ، ئۆرۈك ، نۆشۈدۈرلەرنىڭ ھەر بىرى بۇ ھەقتە مەنپەئەتلىكتۇر بۇلارنى ئۆز مىقدارى ۋە قائىدىسى بويىچە يەيدۇ . تەرنى توختىتىش ئۈچۈن زەمچىنى سۇدا ئېرىتىپ سۈركىسە مەنپەئەت قىلىدۇ . سەۋسەن يۇپۇرمىقى ياكى يۇلغۇن يۇپۇرمىقى ياكى ئاسنىڭ سىقىپ ئېلىنغان سۈيى قاتارلىقلار ھەم شۇ تەسىرنى بېرىدۇ. قولنىڭ ئالقىنىنىڭ تەرلىشى ھەم شۇ دورىلار بىلەن ياخشى بولىدۇ .
نەپەسنى راۋانلاشتۇرۇش،تۇتقاقلىق دەم سىقىلىشنى داۋالاش
1.ئاپېلىسىن ئۇرۇقىنى سوقۇپ تاسقاپ،كۈندە مۇۋاپىق مىقداردا ئىستىمال قىلىنسا،نەپەسىنى راۋانلاشتۇرۇپ،دەم سىقىلشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
2.ئادىراسماننى سوقۇپ چوغ ئۈستىگە سېپىپ پۇرىتىلسا،گال ئاغرىقىغا ۋە تۇتقاقلىق دەم سىقىلىش كېسەللىكىگە شىپا بولىدۇ.
3.قارىمۇچ،ئاق شېكەرنىڭ ھەر قايسىدىن تەڭ مىقداردا ئېلىپ،يۇمشاق سوقۇپ تاسقاپ،مۇۋاپىق مىقداردىكى سۈت بىلەن مەجۈن تەييارلاپ ئىستىمال قىلسا،دەم سىقىلىش كېسەللىكىگە شىپا بولىدۇ.
4.خام بەلغەم خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن بولغان نەپەس سىقىلىشنى داۋالاشتا،زۇپا شەربىتى بىلەن بەلغەمنى تۇلۇق پىشۇرۇپ بولغاندىن كېيىن،ئۇنى تازلاش ئۈچۈن بىمارغا ھەببى غارىقۇن ئىچۈرۈلىدۇ ياكى تۇرۇپ سۈيى قاينىتىلمىسىغا ھەسەل قۇشۇپ بېرىپ قەي قىلدۇرۇلىدۇ.زۇپا شەربىتى(كۈندە 3 قېتىم ھەر قېتىمدا 10 مىللىلىتىردىن) داۋالاشنىڭ پۈتۈن جەريانىدا ئىستىمال قىلدۇرۇلىدۇ.بۇنىڭغا قۇشۇپ زىغىر يېغى،ئۆچكە بۆرەك ياغلىرىنىڭ ھەر بىرىدىن 30 گرامدىن،ئاق مومدىن 15 گرام ئېلىپ مەلھەم تەييارلاپ،كۆكرەك ساھەسى ياغلاپ بېرىلىدۇ.ئۇسسۇزلۇقىغا زىغىر دەملىمسىگە مەلۇم مىقداردا ھەسەل ئارىلاشتۇرۇپ ئاز-ئازدىن ئىچۈرۈلىدۇ.
5.مىزاجنىڭ ماددىسىز بۇزۇلۇشىدىن بولغان نەپەس سىقىلىشىنى داۋالاشتا،نەپەس سىقىلىش ئىسسىقلىق كەيپىياتنىڭ تەسىرىدىن بولغان بولسا،بىمارغا مەجۈنى بىنەپشە ئىسپىغۇل لۇئابى بىلەن بىرگە ئىستىمال قىلدۇرۇلىدۇ.قۇرۇقلىق كەيپىياتنىڭ تەسىرىدىن بولغان بولسا،بىمارغا لۇئوقى چىلغۇزە،ئارپا سۈيى ۋە ئۆچكە سۈتى بىلەن بىرگە ئىستىمال قىلدۇرۇلىدۇ.قىز تۇغقان ئايالنىڭ سۈتى بىلەن بىمار كۆكرەك ساھەسى كۈندە 2 قېتىم ياغلاپ بېرىلىدۇ.سوغۇقلۇق كەيپىياتنىڭ تەسىرىدىن بولغان بولسا،بىمارغا زىرە ۋە تۇخۇم سېرىقى ئارىلاشتۇرۇلغان پىننە گۈلقەنتى،شۇمشا دەملىمىسى بىلەن بىرگە ئىستىمال قىلدۇرۇلىدۇ.ھاۋاسى ئىسسىق ئورۇندا ئارام ئالدۇرۇلۇپ،كۆكرەك ساھەسى ياسىمەن يېغى ۋە نەغەز گۈلى يېغى بىلەن ياغلاپ بېرىلىدۇ.
6.يۈرەكتىكى كېسەللىكلەرنىڭ تەسىرىدىن بولغان نەپەس سېلىشنى داۋالاشتا،بىماردا پەيدا بولغان يۈرەك كېسەللىكىگە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىش بىلەن بىرگە،نېلۇپەر شەربىتى،بىنەپشە شەربىتى،سەندەل شەربىتى،ئالما شەربىتى قاتارلىقلار ئىسپىغۇل لۇئابى بىلەن بىرگە ئىستىمال قىلىدۇ.
7.تاتلىق بادام مېغىزىدىن كۈندە 2 قېتىم،ھەر قېتىمدا 30 دانىدىن ئۇزاق مەزگىل ئىستىمال قىلسا،نەپەس سستىېمسسىنىڭ ھەر خىل كېسەللىلىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
8.ھۆل رەيھاننى سىقىپ،سۈزۈپ تەييارلانغان سۈيىگە مۇۋاپىق مىقداردا ھەسەل قۇشۇپ ئىستىمال قىلسا،نەپەس سىستېمىسى كېسەللىكلىرىگە شىپا بولىدۇ.
9.ئاق لەيلى ئۇرۇقىنى سوقۇپ،بادام يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ھەر كۈنى 5 گرامدىن ئىستىمال قىلسا،نەپەس يوللىرى ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
10.ياڭاق مۇرابباسىنى ئەتىگەن ۋە كەچتە تاماقتىن بۇرۇن ئىستىمال قىلسا،دەم سىقىلىش كېسەللىكىگە شىپا بولىدۇ.
11.كۆك تۇرۇپنى مۇۋاپىق مىقداردا ئېزىپ،300 مىللىلىتىر ئەتراپىدا سۈيىنى چىقىرىپ،ئۇنىڭغا 30 گرام ساپ ھەسەلنى ئارىلاشتۇرۇپ كۈندە ئۈچ قېتىم مۇۋاپىق مىقداردا قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە،دەم سىقىلىشنى ياخشىلايدۇ.
12.پالەك ئۇرۇقىنى ئوتتا سارغايتىپ قۇرۇتۇپ،يۇمشاق سوقۇپ،ئاز مىقداردا ئۇن قۇشۇپ گۈلە چوڭلۇقىدا كۇمىلاچ ياساپ،كۈندە ئۈچ قېتىمدىن يەپ بەرسە،دەم سىقىلشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
13. 100 گرام پالەكنى مۇۋاپىق مىقداردا سۇدا 10 مىنۇت قاينىتىپ،ئەتىگەن ۋە كەچتە ئىچىپ بەرسە،نەپەس يۇللىرى كېسەللىكلىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
14.چىڭسەي ئۇرۇقىنى قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە،دەم سىقىلىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
15.ئاق تۇرۇپنى ئېزىپ شۈيىدىن 100 مىللىلىتىرغا 30 مىللىلىتىر ھەسەل قۇشۇپ قاينىتىپ قىزىق ھالدا كۈندە بىر قېتىم ئىچسە،كانايچە مەنبەلىك دەم سىقىلىشقا شىپا بولىدۇ.
16.ھۆل رەيھاننىڭ سىقىپ سۈزۈپ تەييارلانغان سۈيىگە مۇۋاپىق مىقداردا ھەسەل قۇشۇپ ئىستىمال قىلسا،نەپەس سىستېما كېسەللىكلىرىگە شىپا بولىدۇ.
17.ھۆل بىنەپشىدىن 150 گرام ئېلىپ،700 مىللىلىتىر پار سۈيىگە بىر سوتكا چىلاپ،سۇس ئوتتا سۇنىڭ 3/1 قىسمى قالغۇچە قايناتقاندىن كېيىن دورا تىرىپىنى سۈزۈۋېتىپ،ئۇنىڭغا 150 گرام قەنت ئارىلاشتۇرۇپ شەربەت تەييارلاپ،كۈندە 3 قېتىم،ھەر قېتىمدا 30 مىللىلىتىردىن ئىستىمال قىلسا،نېرۋىنى كۈچلەندۈرىدۇ،نەپەس يۇللىرىنى سىلىقلاشتۇرىدۇ.
18.ھەمشىباھار ئۇرۇقىنىڭ قاينىتىلغان سۈيىنى مۇۋاپىق مىقداردىكى زۇپا شەربىتى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئىستىمال قىلسا،ئۆپكىنى تازىلاپ يۆتەلنى پەسەيتىدۇ،نەپەس ھەرىكىتىنى نورماللاشتۇرىدۇ.
19.گۈل سەۋسەندىن 5 گرام،توربۇتتىن 9 گرام،غارىقۇندىن 10 گرام،مۇقەلدىن 6 گرام،بىنەپشىدىن 5گرام ئېلىپ،يۇمشاق سوقۇپ،تاسقاپ،سوۋۇتۇلغان قايناق سۇدا ھەب(كۇمىلاچ) ياساپ،ھەر قېتىم 6 گرامدىن ئىستىمال قىلسا،بەلغەمدىن بولغان يۆتەل،دەم سىقىلىشلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
20.گۈل سەۋسەن يىلتىزى،ئارپىبەدىيان،چۈچۈكبۇيا يىلتىزى،چىڭسەي يىلتىزى،بەدىيان يىلتىزى،كاسىنە ئۇرۇقى،سۇمبۇل،ئاق لەيلى ئۇرۇقىنىڭ ھەر قايسسىدىن 6 گرامدىن،زۇپادىن 15 گرام،پىرسىياۋشاندىن 10 گرام ئېلىپ،دورىلانى چالا سوقۇپ،ئەنجۈردىن 10 دانە،ئۇرۇقسىز ئۈزۈمدىن 30 گرام سېلىپ قاينىتىپ،سۈزۈپ،شۈيىگە مۇۋاپىق مىقداردا شېكەر سېلىپ،ھەر قېتىم 20 مىللىلىتىردىن ئىستىمال قىلسا دەم سىقىلىش،ئىششىقلارنى ياندۇرۇش،يۆتەل،زۇكام قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
21.گۈل سەۋسەن يىلتىزىدىن 9 گرام،تاغ پىيىزىدىن 30 گرام،زۇفا،چۈچۈكبۇيا يىلتىزى،گاۋزىبان گۈلى،پىرسىياۋشان،ئۈستىقۇددۇسلارنىڭ ھەر قايسىسىدىن 15 گرامدىن،پىننە،ئارپىبەدىيانلارنىڭ ھەر قايسىسىدىن 9 گرامدىن،سىركىدىن 900 مىللىلىتىر،سوقۇشقا تېگىشلىك دورىلارنى چالا سوقۇپ،سۇ ۋە سىركىلەرگە بىر سوتكا چىلاپ،3/1 قىسمى قالغۇچە سۇس ئوتتا قاينىتىپ،سىقىپ،سۈزۈپ شېكەر ياكى قەنت بىلەن قىيام تەييارلاپ،ھەر قېتىمدا 15~30 مىللىلىتىردىن پىرسىياۋشان سۈيىدە تەڭشەپ ئىستىمال قىلسا،يۆتەل تۇختىتىش،دەم سىقىلىشنى داۋالاش،سەۋدا ماددىلىرىنى تەڭشەش،ئۈچەي يوللىرىنى ئېچىش،ئاشقازان كېسەللىكلىرىگە،مېڭىنى كۈچەيتىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
22.گۈل سەۋسەن يىلتىزى،زۇپادىن 60 گرامدىن،سۇدىن 1.000 مىللىلىتىر،ھەسەلدىن 250 گرام ئېلىپ،سەۋسەن يىلتىزى،زۇفالارنى بىر سوتكا سوغا چىلاپ 400 مىللىلىتىر قالغۇچە قاينىتىپ،سۈزۈپ،سۈيىگە ھەسەل قۇشۇپ،مۇۋاپىق مىقداردا ئىستىمال قىلسا،زۇكام،يۆتەل،دەم سىقىلىشلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ ياكى سەۋسەن يىلتىزى،زۇفالارنى سوقۇپ،تالقان تەييارلاپ،ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇپ،يۇغۇرۇپ ئىستىمال قىلسىمۇ بولىدۇ.
23.ئادىراسمان ئۇرۇقىدىن 6 گرام،زىغىر شىرسىدىن 20 گرام،ھەسەلدىن 100 گرام،ھەسەلدىن باشقا دورىلارنى 500 مىللىلىتىر سودا قاينىتىپ،150 مىللىلىتىر ئەتراپىدا قالغاندا سوۋۇتۇپ ھەسەلنى سېىلىپ،شەربەت تەييارلاپ،80 مىللىلىتىر ئەتراپىدا ئانار سۈيىگە قۇشۇپ كۈندە 2 قېتىم،ھەر قېتىمدا 40 گرامدىن ئىستىمال قىلسا،نەپەس قىيىنلىشىش،زىققە كېسەل،بەلغەم بوشىتىشتا مەنپەئەت قىلدۇ،بو دورىنىڭ تەبىئىتى ئىسسىق.
24.نەپەس سىقىلىپ قاتتىق ئازابلانغان ۋاقىتتا،گۈل بىنەپشىدىن 7 گرام،گاۋزىبان،ئاق لەيلى ئۇرۇقى،خۇببازى ئۇرۇقىدىن 5 گرامدىن،چىلاندىن 6 دانە ئېلىپ،قايناق سۇغا چىلاپ قاينىتىپ،سۈزۈپ،ناۋات بىلەن قۇشۇپ ئىچۈرۈلسە بولىدۇ.
25.ئاق لەيلىنىڭ ئۇرۇقىنى سوقۇپ،تالقان قىلىپ،بادام يېغىغا ئارىلاشتۇرۇپ،كۈنىگە 7 گرامدىن ئىستېمال قىلسا،نەپەس يۇللىرى كېسەللىكلىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
26.ئاق لەيلىنىڭ گۈلىنى قاينىتىپ،مائۇل ھەسەل تەييارلاپ ئىستېمال قىلسا،سوزۇلما خاراكتىرلىك دەم سىقىلىش ۋە نەپەس يوللىرىدىكى باشقا كېسەللىكلەرگە شىپا بولىدۇ.
27.ئىگىر،مەستىكى،بىلسان يېغى،زەپەلەرنىڭ ھەر قايسىسىدىن 9 گرام،سەبرى سۇقۇترىدىن 45 گرام،غارىقۇندىن 60 گرام،جۇڭگۇ رەۋىنى،قارىمۇچ،ھۇمامىدىن 6 گرامدىن،سۇمبۇل،قۇستە،ئەپتىمۇندىن 12 گرامدىن،مەھمۇدىدىن 18 گرام،ھەسەلدىن 3 ھەسسە ئېلىپ،يېرىك دورىلارنى پاراشوك ھالىتىگە كەلتۈرۈپ،بىلسان يېغىدا ياغلاپ،ھەسەلنى قۇشۇپ مەجۈن قىلىپ كۈدە 2 قېتىم،ھەر قېتىمدا 6 گرامدىن ئىستىمال قىلسا،باش ئاغرىقى،لەقۋا،پالەچ،تىترەش كېسەللىكلىرى،ھەر خىل ئاشقازان كېسىلى،جىگەر،تال كېسەللىكى،بۆرەك،بالىياتقۇ كېسەللىكلىرى،بەدەندىكى يەللەرنى ھەيدەش،سۈيدۈك،ھەيز راۋان قىلىش،باش قېيىش،نەپەس قىستاشلارغا شىپا بولىدۇ.بۇ دورا ياسىلىپ 4 يىلغىچە تەسىرىنى ساقلايدۇ.
28.گۈلى گاۋزىبان،پىرسىياۋشان،زۇفا،چۈچۈكبۇيا يىلتىزى،ئۈستىقۇددۇس،غارىقۇنلارنىڭ ھەر قايسىسدىن 15 گرامدىن،پىننە،ئارپىبەدىيان،سەۋسەن يىلتىزلىرىنىڭ ھەر قايسىسدىن 9 گرامدىن،تاغ پىيىزىدىن 30 گرام،سىركە بىلەن سۇدىن 900 مىللىلىتىردىن ئېلىپ،دورىلارنى چالا سوقۇپ سۇ ۋە سىركىگە بىر سوتكا چىلاپ،3/1 قىسمى قالغۇچە قاينىتىپ،سىىقىپ سۈزۈپ،مۇۋاپىق مىقداردا قەنت ياكى شېكەر بىلەن قائىدە بۇيىچە شەربەت تەييارلاپ،ھەر قېتىمدا 15~30 مىللىلىتىردىن پىرسىياۋشان سۈيىدە تەڭشەپ ئىستىمال قىلسا،يۆتەل،دەم سىقىلىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.بەلغەم،سەۋدا ماددىلىرىنى تەڭشەيدۇ.ئۈچەي يوللىرىنى ئېچىپ،ئاشقازان،مېڭىنى قۇۋۋەتلەيدۇ.
29.زاراڭزا چېچىكىدىن مۇۋاپىق مىقداردا(5 گرامدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك) ئېلىپ،ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇپ ئىچۈرۈلسە،نەپەس قىيىنلىشىش ۋە يۆتەلگە شىپا بولىدۇ.
30.گاۋزىبان ئەرەقىدىن ھەر قېتىمدا 15~20 مىللىلىتىردىن 3 قېتىم ئىستېمال قىلسا،يۆاتال،دەم سىقىلىشلارغا شىپا بولىدۇ
قان تۈكۈرۈشنى داۋالاش
1.پىننىنىڭ شىرنىسىنى چىقىرىپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىچىپ بەرسە،قان تۈكۈرۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
2.پىننىنى سىركە بىلەن ئىستىمال قىلسا،قان تۈكۈرۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
3.قىزىلبۇداشىنى قاينىتىپ،تىرىپلىرىنى سۈزۈۋېتىپ،سۈيىنى ئىچىپ بەرسە،قان تۈكۈرۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
4.يېڭى سامساقتىن ئىككى باشنى ئاقلاپ ئېزىپ،ئۇنىڭغا گۈڭگۈرت تالقىنىدىن 9 گرام،قوۋزاق دارچىن تالقىنىدىن 3 گرام قۇشۇپ يەكشى سۈركەپ تاپانغا چاپلاپ بەرسە،ئۆپكە ئاجىزلىقى خاراكتىرلىك قان تۈكۈرۈشنى داۋالىغىلى بولىدۇ.
5.بىنەپشە،زىغىر،شومشا ئۇرۇقى قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىرىدىن 6 گرامدىن،ئىسپغۇل،قەنتلەرنىڭ ھەر بىرىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ،شەربەت تەييارلاپ كۈندە 2 قېتىم،ھەر قېتىمدا 30 مىللىلىتىردىن ئىستىمال قىلسا،قان تۈكۈرۈش ۋە قان تۈكۈرۈش خاراكتىرلىك يۆتەلگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
6.كۈدە يىلتىزىنى سوقۇپ شىرنىسىىنى ئېلىپ،سوغۇق قايناق سۇ بىلەن ئىچىلسە،قان تۈكۈرۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
7. 31 گرام كىرپە تېرىسىنى كۆيدۈرۈپ،تەبىئىتىنى ساقلاپ تالقانلاپ،ھەر قېتىمدا 5 گرامدىن قايناق سۇ بىلەن ئىچسە،قان قۇسۇش،قان تۈكۈرۈشكە شىپا بولىدۇ.
8.كاۋا ساپىقىدىن 4 تالنى سۇدا قاينىتىپ،ئۇدا 3~4 قېتىم ئېچىپ بەرسە،قان تۈكۈرۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ
مۇھەممەد ئەكبەرئەرزانىنىڭ << تېببىي ئەكبەر >>دىن ئېلىندى .