مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2603|ئىنكاس: 25

ئىنسانىيەت قاتىلى ـ گېن قورالى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78863
يازما سانى: 287
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5553
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 451 سائەت
تىزىم: 2012-4-15
ئاخىرقى: 2013-10-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-23 07:01:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                       گېن قورالى

  گېن قورالى(基因武器،genetic weapon ) يەنە ئېرسىي قۇرلۇش قورالى ياكى DNA قورالى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.گېن قورالىدا ئەڭ يۇقۇرى دەرىجىدىكى ئىرسىيەت قۇرلۇش تېخنىكىسى قوللىنىلدىغان بۇلۇپ،قۇرلۇش لاھىيىسى بۇيىنچە ئىنسانلارنىڭ گېن تەركىبىنى قايتىدىن گۇرۇپپىلاش،كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى باكتىرىيە ياكى ۋىروس ئارقىلىق ئادەتتىكى ۋاكسىنىغا ياكى دۇرىغا قارشى تۇردىغان ياكى ئەزەلدىن كېسەللىك پەيدا قىلمايدىغان مىكروئورگانىزىمنى بەدەن ئىچىگە كىرگۈزۈپ كېسەللىك پەيدا قىلىدىغان بىئولوگىيىلىك قورال.بىرىكمە بىئولوگىيىنىڭ تەرەققىياتى ئىنسانلارغا ئەززەلدىن تەبىئەت دۇنياسىدا بولمىغان ۋىرىسلارنى سىنتىزلاپ يېڭىدىن ۋېروس پەيدا قىلدىغان مۇمكىنچىلىكنى مەيدانغا چىقاردى.گېن بومبىسى كېسەللىك پەيدا قىلمايدىغان مىكروئوگانىزىمدىكى ئېرسىيەت ماددىسىنى ئۆزگەرتىپ،شۇ ئارقىلىق كېسەل باكتىرىيسىنى پەيدا قىلىدۇ،ئادەملەردىكى گېن پەرقىدىن پايدىلىنىپ،يوپاتماقچى بولغان مىللەت ياكى قۇۋۇمغا نىشانلىق ھۇجۇم قىلىپ،دۇشمەننىڭ ھاياتى كۈچىنى يوقىتىدۇ.

1.زەرىچە گېن قورالىنىڭ ئېنىقلىمىسى
  گېن قورالى بولسا گېن قۇرلۇش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ يېڭىدىن مايدانغا كېلىدىغان بىئولۇگىيىلىك ئۇرۇش قورالى،ئۈچىنچى ئەۋلاد بىئوئۇرۇش قورالى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
2.تۈرلىرى
  مىكروئورگانىزىملىق گېن قورالى بىئولوگىيىلىك قورال ئامبىرىدىكى كۆپ ئۇچىرايدىغان ئەزا،ئۇ گېن ئۆزگەرتىش ئارقىلىق بىئوئۇرۇش قورالى ياساش،گېننى قايتىدىن گۇرۇپپىلاپ كېسەللىك پايدا قىلغۇچى گېننى مەيدانغا چىقىرىش ۋە گېن يوتكەشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
  ۋىروسلۇق گېن قورالى تەبىئەت دۇنياسىدا تەبىئىي پەيدا بولىدىغان بىئولوگىيىلىك تېخنىكا ئارقىلىق تېخىمۇ كۈچلەندۈرۈلگەن زەھەرلىك ۋىروس.
  گېنى يۆتكەلگەن يىمەكلىك گېن تېخنىكىسى ئارقىلىق گېنى يۆتكەلگەن يىمەكلىك ئارقىلىق ئادەملەرنىڭ ۋە ئەسكەرلەرنىڭ تەن-سالامەتلىكىنى تۆۋەنلەش تۈرۈپ جەڭگىۋارلىقىنى يوقىتىدىغان قورالنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
  كىلون قورالى گېن تېخنىكىسى ئارقىلىق ھۇجۇم قىلدىغان ۋە ئۆلتۇردىغان (ئادەم ئۆلتۈردىغان ھەرە)،(ئادەم يەيدىغان چۈمۈلە)ياكى (ئادەمخور پاقا) قاتارلىق سىنتىزلانغان ھايۋانلار ئارقىلىق كەلگۈسى ئۇرۇشتا دۇشمەننى ئەجەللىك مەغلۇبىيەتكە ئۇچۇرتىدىغان قورال.
3.ئالاھىدىلىكى
  زەررىچە گېن قورالىنىڭ كۈچ-قۇددىرىتى تۆۋەندىكى مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
  1.ئىنتايىن يۇقۇرى بولغان پەرىق ئىتىش ئىقتىدارى،يەنى پەقەت دۇشمەنگىلا ئەجەللىك زەربە بىرىش.
   2.ئالدىنى ئالالماسلىق،دۇرىغا قارشى تۇرۇش،تارقىلىشچانلىق خۇسۇسىيەتكە ئېگە.گېن قورالىنى يۇشۇرۇن قۇيۇپ بېرىدۇ،دۇشمەن تەرەپ ھېس قىلالمايدۇ؛كىشىلەر پەقەت ئەتىراپىدىكى ئوخشاش گېن سېستىمىسىغا ئېگە كىشىلەرنىڭ بىر خىل كېسەل ئارقىلىق تۇيۇقسىز كۆپلەپ ئۆلگەندىلا ئاندىن شۇ خىلدىكى گېن قۇرالىنىڭ ئىشلىتىلگەنلىكىنى ھېس قىلالايدۇ.
  3.ئۆلتۈرۈش كۈچى يۇقۇرى،ياسىلىش باھاسى تۆۋەن،گېن تېخنىكىسى ئارقىلىق كۆپلەپ گېن بومبىسى ياساشقا بولىدۇ.(مىليۇن دوللار سەرىپ قىلىپ ياسىغان گېن قورالىنىڭ ئۆلتۈرۈش كۈچى مىليارت دوللار خەجلەپ ياسىغان ئاتوم بومبىسىنىڭ ئۆلتۇرۇش كۈچىدىن نەچچە ئون ھەسسە،ھەتتا نەچچە يۈز ھەسسە يۇقىرى،ھەم پەقەت دۇشمەن مىللەتنىلا يوقىدىغان ئالاھىدىلىكى بار)
  4.دۇشمەنگە نىسبەتەن ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان پىسخىك بېسىمى پەيدا قىلالايدۇ.
  4.ئىشلىتىلىشى
  گېن قورالىنى ئىشلىتىش ئىنتايىن ئاددىي ۋە كۆپ خىل ئىشلىتىش ئۇسۇللىرى بار.ئۇنى ئادەم كۈچى،ئايرىپىلان،باشقۇرۇلدىغان بومبا ۋەياكى راكىتا ئورنىتىپ ئاتسىمۇ بولىدۇ.ياكى گېن قورالىنى دۇشمەن دۆلەتنىڭ دەريا كۆللىرىگە،چوڭ-كىچىك شەھەرلىرىگە،قاتناش-تۈگۈنلىرىگە قۇيۇپ بەرسە،زەھەرلىك ۋىروس تەبئىي تارقىلىدۇ ھەم تارقىلىش جەريانىدا كۆپلەپ كۆپىيىدۇ.زەھەرلەنگەن ئادەم ئىنتايىن قىسقا ۋاقت ئىچىدە ساقايماس كېسەلگە گىرىپتار بولىدۇ-دە،تىزلا ئۆلىدۇ.شۇنىڭ بىلەن دۇشمەن دۆلەتتە تىزلا جەڭگىۋار كۈچ قالمايدۇ.ئۇنى بايقاش ۋە ئالدىنى ئېلىش مۇمكىنچىلىكى ئىنتايىن تۆۋەن بولىدۇ.شۇڭا گېن قورالىنىڭ تەھدىت كۈچى يادىرو قورالىنىڭ تەھدىت كۈچىدىن غايەت زور چوڭ بولىدۇ.
  ئەمەلىي ئۇرۇشتا گېن قورالىنى ئىشلەتسە ئۇرۇش ۋەزىيىتىدە ئىنتايىن تىزلا زور ئۆزگىرىش بولىدۇ،ئۇنى پەقەت ئۇرۇش بۇلۇشتىن بۇرۇن دۇشمەن تەرەپكە ئاپىرىپ تارقىتىپلا قويسا،ئۇ ھاۋادا كۆپلەپ تارقىلىدۇ ۋە تارقىلىش جەريانىدا تىز كۆپىيىدۇ،ھەتتا بىر پاي ئوق ئاتماي تۇرۇپ بىر دۆلەتنى بېسىۋېلىش تامامان مۇمكىن.
  نۆۋەتتە،ئامىرىكا،روسىيە ۋە ئىسرائىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر گېن قورالىنى تەتقىق قىلىۋاتىدۇ.ئامىرىكنىڭ تېخنىكىسى ئەمەلىي ئۇرۇشتا ئىشلىتىش باسقۇچىغا يىتىپ بولدى.ئامىرىكنىڭ بىر قىسىم گېن قوراللىرى ئوتتۇرا شەرىق ۋە ئافرىقىدا سىناق قىلىندى.
  سۇۋىت ئىتپاقى ئۆز ۋاقتىدا ياسىغان زەھەرلىك توكسىننىڭ 20 مىللىي گىرامى 5مىليارت ئادەمنىڭ ئۈلىشىگە يېتىدىكەنتۇق.
5.گېن قورالىنىڭ كەلگۈسى ئۇرۇشقا كۆرسىتىدىغان تەسىرى
  گېن قورالى ھازىرقى ئۇرۇش قوراللىرىغا قارىغاندا ياسىلىش تەنەرخى ئەرزان،ھەجمى كىچىك بۇلۇشتەك ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولغاچقا،زور بولغان ھاۋا ئارمىيە كۈچى لازىم بولمايدۇ.بۇرۇنقى ئۇرۇشلارغا ئوخشاش ئاۋۋال ھاۋادىن بومباردىمان قىلىپ ئاندىن قۇرۇقلۇقتىن تانكا ۋە ئەسكەر ئارقىلىق شەھەرمۇ-شەھەر ئۇرۇش قىلىشنىڭ زۆرۈرىيتى بولمايدۇ.ئەگەر دۈشمەن تەرەپ قارشى تەرەپنىڭ گېن بومبىسىغا ئېگە ئىكەنلىكىنى بىلسە،بەلكىم ئۇرۇش قىلمايلا تەسلىم بۇلىشى مۇمكىن.ئەگەر ئۇرۇشتا راسلا گېن قورالى ئىشلەتسە ئۆزىنىڭ ئادەملىرىگە تەسىرى بولماي،پەقەت دۇشمەن تەرەپنىڭ ئادەملىرىنى نىشانلىق يوقىتىدۇ،شۇڭا بۇ قورالنىڭ ئۆزگە نىسبەتەن بىخەتەر بولىدۇ.

  كىيىنكى گېن قورالى مەيدانغا كەلگەندىن كىيىنكى ئۇرۇش شەكلىدە زور ئۆزگىرىش بولىدۇ،تانكا،ئايرىپىلان،بىرونىۋىك،پاراخۇتلارنىڭ ھەم نەچچە مىليۇن،نەچچە يۈزمىڭ ھەتتا نەچچە مىڭ ئادەمنىڭ ھەربىيلىككە بېرىشىمۇ لازىم بولمايدۇ.پەقەت ئۇرۇشىۋاتقان ئىككى تەرەپنىڭ گېن قورالىغا ئىگە بولغان تەرەپ ئۇرۇشتىن بۇرۇن قارشى تەرەپكە زەھەرلىك گېننى تارقىتىۋەتسىلا  قارشى تەرەپنىڭ ياشاش مۇھىتى ئىغىر بولغان بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىرايدۇ،بىر مىللەتنى ياكى بىر دۆلەتنى بىر پاي ئوق ئاتماي تۇرۇپ،بىر تامچە قان ئاققۇزماي تۇرۇپ بويسۇندۇرغىلى ياكى يەر شارىدىن مەڭگۈلۈككە يوقاتقىلى بولىدۇ.




  مەنبە-بەيدۇ تورى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   turantikin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-23 07:02 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
HENRY + 200

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 200   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78555
يازما سانى: 58
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3651
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 191 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2013-9-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-23 08:00:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلىۋالدۇق

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86595
يازما سانى: 248
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2143
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 66 سائەت
تىزىم: 2012-10-29
ئاخىرقى: 2013-10-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-23 08:02:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  بىلىم -كۈچ ،دېگەن شۇ، بۇ يەردە ئەزۋەيلەشنىڭ ئورنى يوق، مۇشۇ  پەن ساھەسىگىمۇ بۆسۈپ كېرىدىغان قېرىنداشلىرىمنىڭ بۇلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەلرام تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-23 08:03 PM  


دىلىڭ كۆيمىسۇن نائۈمۈتىلىك بىلەن،    يۇرۇق كۈن تۇغۇلغاي قارا كېچىدىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78627
يازما سانى: 353
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4479
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 224 سائەت
تىزىم: 2012-4-10
ئاخىرقى: 2013-8-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-23 08:06:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پەن-تېخنىكا دېگەن شۇ دە،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79754
يازما سانى: 2491
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10612
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2390 سائەت
تىزىم: 2012-5-5
ئاخىرقى: 2013-10-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-23 08:12:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنىلا نەيزە - قىلىچ ياخشى ئوخشايدۇ !

ئۈزىنىڭ مەدەنىيتىنى ، تارىخىنى ، ئەجدادىنى ، كىملىكىنى ، ئىتقادىنى بىلمەيدىغان ۋە ئەۋلاتلىرىغا كۈڭۈل بۆلمەيدىغان مىللەتتىنمۇ بىچارە مىللەت يوق !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83298
يازما سانى: 948
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16960
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1284 سائەت
تىزىم: 2012-8-1
ئاخىرقى: 2013-10-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-23 08:13:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پەن-تەخنىكىنىڭ كۈچىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ،

قىلىچنىڭ قارا دەستىسىنى تۇتۇشنى خالىمىساڭ، ئۇنىڭ ئۆتكۈر بىسىغا دۇچار بولىسەن!
(ئۇيغۇر خەلىق ماقال-تەمسىللىرى)دىن.

ئۆتمۈشكە رەخمەت ، بىزگە دۈشمەن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12462
يازما سانى: 1978
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18605
تۆھپە نۇمۇرى: 2246
توردا: 7472 سائەت
تىزىم: 2010-10-2
ئاخىرقى: 2013-10-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-23 08:16:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قايسى كۈنى مەن يازغان ھىلىقى تىما  قوغلاپ تۇتۇش فىلىمىي ۋە ئۇنىڭدىن كىيىنكى دەۋىر دىگەن تىمىنى كۆرۈپ بىقىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن . ھازىر ئىنيانىيەتنىڭ شۇنداق رەزىللەشكەن ۋاقىتلىرى بولسا كىرەك ھەرخىل گىن قۇراللىرى بارلىققا كىلىپ بولدى . بىز پەن تىخنىكىدىن بىخەۋەر  پۇل تىپىپ جاھاندارچىلىق كويىدا يۈرگەن بولساق ، ھازىر ئۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە بىزنى قاتلاپ كىتەلىگۈدەك تەرەققىياتغا ئىگە بولدى خەقلەر ...  تىما ئىگىسىگە رەخمەت

ئەقىلسىز دوستۇڭدىن ئەقىللىق دۈشمىنىڭ ياخشى ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85889
يازما سانى: 930
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 4713
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 378 سائەت
تىزىم: 2012-10-9
ئاخىرقى: 2013-10-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-23 08:42:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەگەر ئۇرۇش پارتىلاش توغرا كىلىپ قالسا ئىنسانىيەت.....................ئاللاھ بىلگۈچىدۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78863
يازما سانى: 287
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5553
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 451 سائەت
تىزىم: 2012-4-15
ئاخىرقى: 2013-10-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-23 08:58:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جانلىقلارنىڭ ھاياتلىق ئۇچۇرى DNA مولىكۇلاسىدا بولىدۇ،يەنى DNA مالىكۇلاسىدىكى ئىشقار رادىكاللىرىنىڭ ئوخشىمىغان تەرتىپ ئۆز-ئارا جۈپ تۈزىشى ئارقىلىق بولىدۇ،مەسىلەن،بىر ئادەمنىڭ چىراي شەكلىنىڭ قانداق بولىدىغانلىق،بوي ئىگىزلىكى،كۆزىنىڭ قوش قاپاق ياكى يالاڭ قاپاق بۇلىشىدىن تارتىپ مىجەز خۇلقىغىچە،ھەتتا قانداق كېسەللەر گىرىپتار بۇلۇشىنىڭ ھەممىسى DNA مولىكۇلاسىغا يېزىلغان بولىدۇ.بۇلار تۆت دانە ئىشقا رادىكاللىرىنىڭ ئۆز-ئارا ئوخشاشمىغان تەرتىپ جۈپ تۈزىشى ئارقىلىق ئىپادىلىندۇ.
  بىر مىللەت ياكى قۇۋۇمنىڭ ۋەياكى ئورتاق قان سېستىمىسىغا ئىگە كىشىلەرنىڭ DNA تەركىبى ئوخشاش بولىدۇ،مۇنداقچە ئېيتقاندا،بىر مىللەتنىڭ DNA سىگە يۇشۇرۇنغان ھاياتلىق ئۇچۇرىنى تۇلۇق يەشسە،ئاندىن گېن تېخنىكىسى ئارقىلىق گېننى قايتىدىن گۇرۇپپىلاپ كېسەللىك قوزغاتقىچى گېننى پايدا قىلىشى شۇ مىللەت كىشىلىرىگە ئورتاق بولغان كېسەلنى پەيدا قىلىش،ئەمما بۇ كېسەل باشقا قان سېستىمىسىدىكى كىشىلەرگە تەسىر كۆرسەتمەسلىكنى كۆرسىتىدۇ،بۇ گېن قورالىنىڭ بىئولوگىيىلىك ئاساسىدۇر.
  ئىنسانلار گېن گۇرپپىسى پىلانى 20-ئەسردىكى ئۈچ ئۇلۇغ پىلاننىڭ(مانخاتون پىلانى،ئاپولو ئايغا چىقىش پىلانى ۋە ئىنسانلار گېن گۇرپىسى پىلانى) بىرى سۈپپىتىدە زور ئىلگىرلەشكە ئېرىشكەن،ئالدىقنى ئەسىرلەردىلا ئىنساننىڭ نۇرغۇن گېن شىفىرلىرى يىشىلگەن ئىدى،ئەگەر ئىنسانلار گېن گۇرۇپپىسى پىلانى تىبابەتچىلىكتە ئىشلىتىلسە نۇرغۇن ساقايماس ئېرسىيەت كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ۋە داۋالىغىلى بولىدۇ،سۈپەتلىك تۇغۇشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ،ئەمما قەدىمدىن ھازىرغىچە ئىلىم-پەبدىكى ئۆتكۈر تېخنىكا ھەربىي ئىشلاردا ئىشلىتىلىپ،رەزىل سىياسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ كەلگەن،ۋاھالەنكى،ئىنسانىيەتكە بەخىت يارىتىش مەقسەت قىلىنغان «ئىنسانلار گېن گۇرۇپپىسى پىلانى)  بەخىت ئەمەس ئاپەتتىن دېرەك بېردىغان ئوخشايدۇ.ئۇنىڭ قىرغىن قىلىش كۈچى مۆلچەرلىگۈسىز يۇقىرى،ئەگەر كەلگۈسى ئۇرۇشتا ھەقىقەتەن گېن قورالى ئىشلىتىلسە ۋايران قىلىش كۈچىنى مۆلچەرلىگىلى بولمايدۇ.
  بۇ ئىنتايىن يۇقىرى تېخنىكا بولغاچقا ھەم مەغلەغ سېلىنمىسى خېلى كۆپ بولغاچقا پەن-تېخنىكىسى ئارقىدا قالغان ياكى نامرات دۆلەتلەر بۇ تېخنىكىنى ئېگەللىيەلمەيدۇ،ئاقىۋەتتە،خۇددى كۈچلۈكلەر تەرپىدىن رەھىمسىزلەرچە يوقىلىدۇ.

سەن بۇ دۇنياغا نىمە ئۈچۈن كەلد

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31520
يازما سانى: 1789
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5661
تۆھپە نۇمۇرى: 204
توردا: 655 سائەت
تىزىم: 2011-2-23
ئاخىرقى: 2013-10-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-23 09:19:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئىشلارغا ئاللا ئۆزى بىر نىمە دەيدۇ.

كىمىكى زەررچلىك ياخشلىق قىلدىكەن  ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى ئۆزى كۆرىدۇ !كىمىكى زەررچىلىك يامانلىق قىلدىكەن ئۇنىڭ جازاسىنى ئۆزى تارتىدۇ!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش