مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1041|ئىنكاس: 18

قىزىمغا دەيدىغانلىرىم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79352
يازما سانى: 44
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3195
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 81 سائەت
تىزىم: 2012-4-26
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-18 07:58:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىز ئۇ ئېچىلمىغان سىر، بېسىلمىغان ئىز. قىزلارنىڭ بايلىقى ئۇنىڭ شەرمى–ھاياسى، ئەدەپ–ئەخلاقى بىلەن خاراكتېرلىنىدۇ. قىزلارنى گۇلگە ئوخشاتساق، ئەدەپ –ئەخلاق دەل ئۇنىڭ ئۆتكۈر تىكىنى. بۇ ئۆتكۈر تىكەن ئۆزىنىڭ ئۆتكۈرلىكىنى ساقلاپ قالالىسىلا ھەر قانداق قارا قول ئۇنىڭغا چېقىلالمايدۇ. سەن مەن بەرپا قىلغان گۈزەل باغدىكى ئەڭ يارقىن ،ئەڭ خۇشپۇراق گۈل . مەن ئۇزۇندىن بېرى سېنى ھەم سېنىڭ ئۆتكۈر تىكەنلىرىڭنى تومۇز ئىسسىقتىن، جۇت–شىۋىرغانلاردىن ساقلاپ كەلدىم، ئەمدى كۆڭۈل قەسىرىڭنىڭ ئالتۇن ئاچقۇچىنى ئۆز كۈچىڭگە تايىنىپ قوغدايدىغان ۋاقتىڭ كەلدى. سەن بىر ئەرگە ئايال بولىسەن، بىر بالىغائانا بولىسەن، بىراق شۇنىمۇ ئۇنتۇپ قالما، سەن ماڭا ئوخشاش بىرئانىغا كېلىنمۇ بولىسەن. سەن مېنىڭلا قىزىم ئەمەس، بەلكى سەن سۆيگەن، سېنى سۆيگەن ئەرنى بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە قىلغان ئانىنىڭمۇقىزى. پەرزەنتنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى ئاتا–ئانىسىنى رازى قىلىش.لېكىن بۇنىڭدىنمۇ ئۇلۇغ بىر ئارزۇ ھەم بۇرچ بار،ئۇ بولسىمۇمەيلى كۈيئوغۇل بولسۈن ياكى كېلىن بولسۇن قېيناتا–قېينانىسىنىڭ رازىلىقىنى ئېلىش. سېنىڭ كۆپرەك ۋاقتىڭ شۇلار بىلەن بىرگە ئۆتىدۇ،ئۇلارنىڭ رازىلىقىسىز سەن روناق تاپالمايسەن. ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتىپ قويغان بولساڭ،ئۇلاردىن تۆۋەنچىلىك بىلەن كەچۈرۈم سورا،ئەگەر ئۇلار سېنىڭ دىلىڭنى رەنجىتىپ قويسا بەك كۆڭلۈڭگە ئېلىپ كەتمە. ئۇلارنىڭ دېگىنى توغرا بولىشىمۇ مۇمكىن، ئەشۇ بىر قېتىملىق دىل رەنجىتىشتىن سەن يېڭى بىر ھايات لوگىكىسىنى يەكۈنلەپ چىقالىشىڭ مۇمكىن.
  قىزىم، ئەدەپ–ئەخلاقلىق،شەرم–ھايالىق بولۇشتىن باشقا يەنە شېرىن سۆزلۈك،گۈزەل تەبىئەتلىك بولۇشمۇ قىزلارغا خاس خۇسۇسىيەت. مەيلى زامان قانچە تەرەققى قىلسۇن ، كىشىلەر قانچىلىك دەرىجىدە ئۆزگەرسۈن، زامان قانچە رەڭدارلاشسۇن سېنىڭ چاچلىرىڭدىكى قارىلىق، مەڭزىڭدىكى قىزىللىق، قەلبىڭدىكى ئاقلىق ھەرگىز ئۆزگەرمىسۇن. چاچلىرىڭدىكى قارىلىقنى كۆرۈپ، يولدىشىڭ ئۆزىنىڭ مىللىي غۇرۇرىنى، كۈچلۈك ئېتىقادىنى ھەرۋاقىت ئەستە ساقلايدۇ؛ مەڭزىڭدىكى قىزىللىقنى كۆرۈپ، يولدىشىڭنىڭ كۆزلىرىدە مۇھەببەت– نەپرەت ئۇچقۇنلىرى ئۇچقۇندايدۇ؛ قەلبىڭدىكى ئاقلىقنى كۆرۈپ يولدىشىڭ ئائىلە ۋە جەمئىيەتكە بولغان مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسىنى ھېس قىلىدۇ. ئۇلار يەنە پەرزەنتلىرىڭگە قانداق ياشاشنى ،قانداق ئادەم بولۇشنى،باشقىلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىشنى ئۆگىتىدۇ. سۆزۈڭ شېرىن بولسا مۇز يۇرەكلەرنىمۇ ئېرىتەلەيسەن. شېرىن سۆز،كەڭ قورساق،ئەپۇچان بولساڭ ھەممىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشەلەيسەن، قېينانا–قېيناتاڭمۇ تەبىئىيلا ساڭا ئامراق بولۇپ قالىدۇ. دۇنيادا ئۆز–ئارا كۆيۈنۈشتىنمۇ ئارتۇق مېھىر– مۇھەببەت، بەخت يوق قىزىم. سەن ئۆزئەمەلىيىتىڭ ئارقىلىق بەخت ۋە خۇشاللىق كۆزئالدىدىلا تۇرسىمۇ تۇتالمىغانلارغا ئۇنى قانداق تۇتۇشنى ئۆگىتىپ قويىشىڭ كېرەك.
  قىزىم، ئاياللارنىڭ ئانا بولغاندىن كېيىنىكى ھاياتى ئۆزى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى يولدىشىڭ ۋە پەرزەنتلىرى ئۈچۈن داۋاملىشىدۇ. شۇڭا تۇرمۇشىڭدا ھەممىدىن ئاۋۋال ئېرىڭ ۋە پەرزەنتىڭنىڭ مەنپەئىتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىشىڭ كېرەك. مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئەرنىڭ ئارقىسىدا بىر قابىل، كۆيۈمچان، كەڭ قورساق ئايال بولىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىنكى ھايات مۇساپەڭلاردا پەقەت سەنلا يولدىشىڭنىڭ بىردىنبىر قوللىغۇچىسى، ياردەمچىسى، يار يۆلىكى بولىسەن، شۇڭا سەن ئۇنىڭغا تېخىمۇ كۆپ مۇھەببەت ئاتا قىلىشىڭ كېرەك.   قىزىم، بالىنىڭ قانداق ئادەم بولۇپ چىقىشى ئانىنىڭ ئەخلاق پەزىلىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. دادىنىڭ سۆز ھەرىكىتى قانچە مۇلايىم، مەدەنىي بولسىمۇ ئانىنىڭ ئەخلاقى ياخشى بولمىسا بالىنىڭ ياراملىق ئادەم بولالىشى تولىمۇ قىيىن. سېنىڭ قىممەت باھالىق كىيىم–كېچەكلىرىڭ، ئالتۇن جابدۇقلىرىڭ زىننەت ئەمەس، بەلكى ئالغان تەربىيەڭ زىننەتتۇر.ئالغان تەربىيەڭ قانچە مول ھەم ئەتراپلىق بولسا ئۇ سېنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۇرىدۇ. قىزىم باشقىلارغا مۇلايىم، سىلىق سىپايە مۇئامىلە مۇئامىلە قىل. سېنىڭ مۇلايىملىقىڭ يولدىشىڭغا ئەرلىك خاراكتېر ئاتا قىلىدۇ. سېنىڭ ھەر بىر سۆز ھەرىكىتىڭ يولدىشىڭغا قانداق ئادەم بولۇشنى ئۆگىتىدۇ. سەن ئارقىلىق يولدىشىڭ ھۆرمەت تاپىدۇ. بۇنىڭ بىلەن سەنمۇ ھۆرمەتكە ئېرىشىسەن ،دەۋرنىڭ گۈلى بولىسەن. قېيناتا–قېيناناڭمۇئۆزىنىڭ سىلەردەك بىرجۈپ خۇشپۇراق گۈلىنىڭ باغۋىنى بولغانلىقىدىن ئىپتىخارلىنىدۇ.
  قىزىم، قىزلار سىرىنى يوشۇرغانسېرى دانالىشىدۇ، جىسمىنى يوشۇرغانسېرى گۈزەللىشىدۇ، سەن سىرىڭنى باشقىلارغا ئېيتمىساڭلا، باشقىلار ھەرگىز سېنىڭ سىرىڭنى ئوغۇرلىۋالالمايدۇ، سىرىڭ سېنى دانالاشتۇرىدۇ، سىرىڭنىڭ بارلىقى قىممىتىڭنىڭ بارلىقىنى بىلدۇرىدۇ.جىسمىڭنى ھەر ۋاقىت يات كۆزلەردىن يوشۇر، قىسقا كىيىم بەدەننى ئېچىپ قويسا، كالتە پىكىر نادانلىقنى ئېچىپ قويىدۇ.
  قىزىم ئاخىرىدا ساڭا دەيدىغىنىم ، مەيلى قانداق ئائىلىگە كېلىن بولۇپ كىرگىن ھەر ۋاقىت چوڭلارنى ھۆرمەتلە، كىچىكلەرنى ئىززەتلە،ئىشلاردا سەمىمىي، راستچىل، دادىل بول. تىلىڭ ھەر ۋاقىت شېرىن سۆزلۈك بولسۇن، ھەقنى سۆزلىسۇن،باشقىلار سېنىڭ تۇتقان ئۆيۇڭگە قاراپ ئەمەس، سېنىڭ تەربىيىلەپ يېتىشتۇرگەن بالاڭغا قاراپ ساڭا باھا بېرىدۇ. ھەر قانداق ئىشنى ئۆزۈڭدىن باشلا نەتىجىسىنى باشقىلاردىن سورا، شۇندىلا سەن پەرزەنتىڭ مەدھىيلىگەندەك ئانا، قېيناتا–قېيناتاڭ پەخىرلەنگۈدەك كېلىن، ئۆمۈرلۈك ھالال جۈپتىڭ ئىپتىخارلانغۇدەك ئايال بولالايسەن.

مەنبە <<شىنجاڭ  ئاياللار>>ژۇرنىلى
*************************************
بۇ تېمىنى  <<شىنجاڭ  ئاياللار>>ژۇرنىلىدا كۆرۈپ، ھەرقايسىڭلارنىڭ ھوزۇرىغا يوللاپ قويدۇم، توي قىلغان ۋە توي قىلىش ئالدىدا تۇرغان بارلىق قىز -ئاياللىرىمىز چوقۇم كۆرۈشكە تىگشلىك ئىكەن.



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   لەزىنە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-18 08:15 PM  


ئۇلۇغ ئاللاھتىن سېنى ۋە بەختىمنى تىلەيمەن !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5425
يازما سانى: 276
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8904
تۆھپە نۇمۇرى: 348
توردا: 110 سائەت
تىزىم: 2010-8-2
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-18 10:58:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قولىڭىزغا دەرت بەمىسۇن !ئىسىل ئىدىيە ....

مىنىڭ ئەڭ ياخشى ئىسىل ئەتىرىم بولسا:مىنىڭ تەرىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81658
يازما سانى: 73
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3510
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 121 سائەت
تىزىم: 2012-6-16
ئاخىرقى: 2013-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-18 11:16:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەدەپ–ئەخلاقنى،شەرمى–ھايانى  بىلمەيدىغان ئۇيغۇر قىزلىرىمىز كۆرگەن بولسىچۇ كاشكى...



ھەممە ئشلار كۈتكىنىڭدەك چىقىۋەرمەيدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88094
يازما سانى: 48
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 288
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 21 سائەت
تىزىم: 2012-12-4
ئاخىرقى: 2013-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-18 11:18:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  ياخشى   ئەسەركەن  ساقلىۋېلىپ    كۈندە  بىر ئوقۇپ    ئۆزىمىزگە  باھا   بېرىپ  ،ياخشى  يول  تۇتۇشقا  تىرىشساق  بولغۇدەك

زەھـــەردىـــن شـــىـــپــا كــــــۈتــمــــە،تــىـــگــى پـــەســـتىــن ۋاپا

كېرەك يوق

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63055
يازما سانى: 918
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6257
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1251 سائەت
تىزىم: 2011-10-31
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-18 11:42:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىزىم، قىزلار سىرىنى يوشۇرغانسېرى دانالىشىدۇ، جىسمىنى يوشۇرغانسېرى گۈزەللىشىدۇ.

قىزلار سىرىنى يوشۇرغانسىرى دانالىشىدۇ،جىسمىنى يوشۇرغانسىرى گۈزەللىشىدۇ

كېرەك يوق

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63055
يازما سانى: 918
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6257
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1251 سائەت
تىزىم: 2011-10-31
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-18 11:42:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىزىم، قىزلار سىرىنى يوشۇرغانسېرى دانالىشىدۇ، جىسمىنى يوشۇرغانسېرى گۈزەللىشىدۇ.

قىزلار سىرىنى يوشۇرغانسىرى دانالىشىدۇ،جىسمىنى يوشۇرغانسىرى گۈزەللىشىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88720
يازما سانى: 63
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 174
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 17 سائەت
تىزىم: 2012-12-18
ئاخىرقى: 2013-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-18 11:52:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىز ئۇ ئېچىلمىغان سىر، بېسىلمىغان ئىز


ئەجرىڭىزگە،،تەشەككۇر................

ئۆز-ئۈزىنى قەدىر

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60062
يازما سانى: 197
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4732
تۆھپە نۇمۇرى: 490
توردا: 3143 سائەت
تىزىم: 2011-10-11
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-18 11:57:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەجەپ ئىسىل يازمىكەن . كىيىنچە خۇتۇن ئالغاندا مۇشۇ تەرەپلەرنى ئوبدان ئۇقۇپ بېقىپ ئاندىن ئاسام بولىدىغان ئوخشايدا جۇما

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 62579
يازما سانى: 119
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3592
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 308 سائەت
تىزىم: 2011-10-28
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-19 01:05:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنداق ئېغىر مەسئۇلىيەتنى  كۆتۈرۈپ ماڭالايدىغان قىزلىرىمىز كۆپلەپ كۆپەيسىدى  تۇرمۇش گۈل  ،ھايات نۇر ئىچىدە ئۆتكەن بولار ئىدى،.ئەلۋەتتە شۇنىڭغا لايىق ئەرلىرىمىزمۇ كۆپەيسىكەن..!!!

چۈجىنىڭ شۇملىقىدىن  توخىنىڭ سۈتى يوق !

تـاتلىــقـىـم،دېـگــىنـە!

پائالىيەتچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 118
يازما سانى: 3841
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 29154
تۆھپە نۇمۇرى: 2206
توردا: 1909 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2013-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-19 01:24:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قايتا يوللانسىمۇ ئەسەرنىڭ قىممىتى مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ.ئەجىرىڭىزگە تەشەككۈر.

زەھـــەردىـــن شـــىـــپــا كــــــۈتــمــــە،تــىـــگــى پـــەســـتىــن ۋاپـــــا...
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش