|
|
|
|
ئانامنىڭ بۇ كىسىلىگە 15يىل بولدى.پاتىنسىن كىسىلى(پۈتۈن بەدەن خارەكتىرلىك پەي تارتىشىش ۋە تىترەش).ئون بەش يىلدىن بېرى كۆرسەتمىگەن ھىچقانداق دوختۇر قالمىدى. ئەلۋەتتە بۇنىڭ ئۈچۈن نۇرغۇن بىساتىمىزدىن ئايرىلدۇق.ئانام ئىشتىنمۇ قالدۇرۇلدى.بۇنى ئاز دەپ داداممۇ ئېغىر دەرىجىدە كۆز كىسىلىگە دۇچار بولدى.ئانام ھىچقانداق مىدىراش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولمىغانلىقتىن ھەرۋاقىت باشقىلارنىڭ ياردىمىگە مۇھتاج بولىدۇ.ئاخشىمى ئۆرۈلۈش،چوڭ-كىچىك تەرەت،تاماق يىيىش قاتارلىق ئىشلاردا ئانام ئۆز ھاجىتدىن ئۆزى چىقىشقا ئامالسىز .ھەركەت تۈگۈل گەپمۇ قىلالمايدىغان ھالەتتە.يېقىندا ئاللاھنىڭ قۇدىرتى بىلەن ئۈرۈمچىدە بۇ كىسەلنى ساقايقىلى بۇلدىغانلىقى توغۇرلۇق خەۋەرنى تۇققانلىرىمىز ئاڭلىغاندىن كىيىن ئانامنى شۇ دوختۇرخانىغا ئېلىپ باردى.(ئۈرۈمچى ھەربىي باش دوختۇرخانىسى) .دوختۇر بىزگە بۇنى ساقايتىش ئۈچۈن 200مىڭ يۇەندىن ئارتۇق پۇل كىتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.بۇنىڭ بىلەن ئانامنىڭ ۋە بىزنىڭ خوشاللىقىمىز بىردىنلا كۆپۈككە ئايلانغاندەك بولدى. لىكىن يەنىلا كۆڭلۈمىزدە ئەتراپىمىزدا بىزگە ياردەم قىلىدىغان نۇرغۇن ئاقكۆڭۈل كىشلەرنىڭ بارلىقىنى ئويلىغىنىمىزدا قايتىدىن ئىشەنچكە تولدۇق. شۇڭا مەن ئانامغا ۋاكالىتەن تورداشلارغا بىر ئىلتىماس سۇنۇپ بىقىش قارارىغا كەلدىم.ھىچ بولمىغاندا ئۆز ھاجىتىدىن ئۆزى چىقالايدىغان،باشقىلارغا مۇھتاج بولمايدىغان ھالەتكە كەلگەن بولسا ئانام سىلەردىن تولىمۇ مىننەتدار بولغان بولاتتى! بىزگە ئاز بولسىمۇ ياردەم قىلغان بولساڭلار،ئاناممۇ بۇ ئازاپتىن بالدۇرراق قۇتۇلغان بولسا.ئاخىردا ھەممەيلەننىڭ كۈنلىرىگە خاتىرجەملىك ،تىنىگە سالامەتلىك تىلەيمەن،رەھمەت. ئۇلۇغ ئاللاھ ئاتا-ئانىلىرىمىزنى سالامەت قىلغاي!
تورداشلارنىڭ دىگىنى بويىچە مەن ئانامنىڭ بىر قىسىم ئىسپاتلىرىنى يوللىدىم.
.
كىملىك :ئايشەم ئىسمايىل
652827196209090320
مىيىپلىق كىنىشكىسى نۇمۇرى:
65282719620909032041B1
پوچتا بانكىسى كارتىسى:
阿依先木·司马义
608887001201327537
ئۆينىڭ ئادىرسى:كورلا شەھەرلىك 40-ئولتۇراق رايون 8-بىنا 2-كورپۇس 101-ئۆي
تىلفۇن:15719087153
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا nurlan1111 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-16 01:43 AM
تولۇقلىما مەزمۇن (2012-12-16 10:25 AM):
كۈرۈش چەكلىمىسىنى ئۆزگەرتىپ چەكسىز قىلىپ قويساڭلار،رەھمەت
|
|
|
|
|
|