مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2612|ئىنكاس: 58

ئېشەكنىڭ ئاقىل پىلانى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

تۈلكىلەرگە قارا

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11678
يازما سانى: 2382
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 83252
تۆھپە نۇمۇرى: 1745
توردا: 9417 سائەت
تىزىم: 2010-9-26
ئاخىرقى: 2013-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-13 03:43:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئېشەكنىڭ ئاقىل پىلانى
شۈكران(يوچۇن ئادەم)



-دەريانىڭ ئۇ تەرپىدىكى ئوتلار دەمالەتىن ياخشى ئۆسمىگەن بىلەن، كۈنلەرنىڭ ئۆتىشى بىلەن ناھايىتى كۆكىرىپ ئاۋۇپ بارىدۇ-دىدى ئېشەك دىمىقىنى قېقىپ تۇرۇپ ئۆزىگە سوڭدىشىپ مېڭىۋاتقان ئاتقا-ئۇ تەرەپكە سەن ئىگىدارچىلىق قىلىپ ھەمرالىرىڭنى باشلاپ يۈرسەڭ، بۇ تەرەپتكى ئوتلار ھازىر شۇنداق كۆكىرىپ تۇرغان بىلەن كەلگۈسى يوق. بالدۇر ئۈششۈك تىگىدۇ. شۇڭا بۇ تەرەپكە مەن ئىگىدارچىلىق قىلىپ، ۋەزىيەتنىڭ مۇشۇنچىلىك ۋاختىدا قوي-ئۆچىكىلەرنى ئاستا ھەيدىۋەتسەك قانداق دەيسەن!
-بۇ پىكىرنى سېنىڭ ئاغزىڭدىن چىقار دەپ ئويلىماپتىمەن ئېشەك. سەن بارغانسىرى يىتىلىپ ئاقىل بولۇپ كىتىۋاتىسەن جۇمۇ! يېقىندا بىر توپ چوشقىلارنى كۆچۈپ كىلىدىكەن دەپ غۇلا-غۇلا قىلىشىۋاتىدۇ. ئۇلار كەلسە ئوت تۈگۈل يىلتىزىنىمۇ قوشۇپ يەرمىش. ئۇلارنىڭ ئېغىزى تەگگەن گىيانى ئۈنىدۇ دەپ خىيال قىلىش ئەخمىقانىلىكمىش. ئۇلارنىڭ ئەڭ مەينەت يېرى شۇكەنكى ئوت تۈگەپ كەتسىمۇ ئۆزىنىڭ پوقىنى يەپمۇ نەچچە ئاي جان باقالارمىش.
-ئۇنى دىسەڭ كالىنى قوغلىۋەتسەك دىگەن خىيالغا كىلىپ قالدىم. ئۇنىڭ دىيىشىچە تۆگە دەيدىغان بىر ھايۋان بارمىش. ئۇ بىر قوسىقىنى توقلىۋالسا نەچچە كۈنگىچە ئاچلىققا بەرداشلىق بىرەرمىش. يېقىندا ئۇلارنىڭ بۇ جاڭگالغا كۆزى چۈپتىمىش. ئۇلار تېخى يايلاقنى قوغدارمىش. ساياھەتچىلەرنى توشۇپ كىلەرمىش. يايلاقتىن قوش ئۈنۈم ھاسىل قىلارمىش. يەنە ساياھەتچىلىكنى يولغا قويسا قوي بىلەن ئۆچىكىنىڭ بازىرى چىقارمىش. ئۇ ئاڭلىسام غايەت چوڭ ھايۋانمىش.
-ۋاي شۇ تۆگىمۇ؟ -دىدى مەڭسىتمەي ئات-ئۇ دىگەن ئىنتايىن يوۋاش ھايۋان. ئۇ ئۆچىكىنىڭ كەينىدىن ماڭىدىغان ئاخماق. ئۇنى يۈگەر يىتىم ئىشلارغا سالساق بولىدۇ. يىيىشى ئاز. چىقىمى يوق.
-شۇنداقتىمۇ ئۇنى جاھاننىڭ تېنىچ ۋاقتىدا بۇ يەرگە يولىتىشقا بولمايدۇ جۇمۇ. بەك كەلسۇن دىسەڭ سەن تەرەپتە ياشىسۇن-دىدى ئېشەك سەل ئاچچىغى تۇتۇپ.
- ئۇ كىلىۋالسىلا ئىشتىن چاتاق چىقىدۇ. بولدى سەن دىگەندەك بۇ نەرسىلەرنى چاپسان ھەيدەپ، يايلاققا دىكتاتۇر يۈرگۈزەيلى. ئەمدى مۇشۇ يۈزىمىز بىلەن نەچچە يىلدىن بىرى بىرگە ياشىغان مۇنۇ بىچارىلەرنى قانداقمۇ ھەيدەرمىز. ئېۋۇ كالىغۇ بوپتۇ بىز بىلەن بوي بەستى تەڭ. ئۇنى تېپىپ-چىشلەپ ھەيدىۋەتسەك، مەغلۇپ بولغان بولۇپ كېتەر. ماۋۇ ئۆچىكە بىلەن قويغا نىمىمۇ دەرمىز؟
-بەتنام چاپلايمىز-دىدى ئېشەك پەرۋاسىزلا
-قانداق بەتنام؟-سوردى ھاڭۋېقىپ ئات.
-بەتنام دىگەننىڭ تۈرى كۆپ.ئۆچىگە دىگەن ئانچە-مۇنچە قۇيرۇق پۇرايدۇ. ئۇنى <نېمە كۆتۈمگە مارايسەن؟!> دەپ رەھىم قىلماي تېپىمىز. ماۋۇ قوي دىگەن نەرسە يىيىشتىن باشقىنى بىلمەيدۇ. سانى تولا. بۇنىڭغا قانداق بەتنام تاپساق بولا. ھە تاپتىم بۇنىڭ يېنىغا بېرىپ ئوتلايمىز. شۇنىڭ بىلەن <مەن يەيدىغان ئوتنى يېۋالدىڭ> دەپ چىشلەيمىز. بۇنداق قىلمىشنىڭ سانىنى بارا-بارا كۆپەيتىمىز. ئاخىرى چىدىماي كىتىشىدۇ.
-ھەي ئېشەك، كاللاڭ راسلا ئىشلەيدىغان بولۇپ كەتتى جۇمۇ. مېنىڭ تۇۋقۇم بەك قاتتىق. تىگىپ كەتسە ئۆلۈپ كېتىش ئېھتىمالى بار جۇمۇ! قانداق قىلىمىز؟
-بىر نەچچىسى ئۆلمەي بۇ يايلاقنى ئىگىلىگىلى بولماس.
-ئۆلسە قانداق قىلىمىز؟
-ئۆچىكە كۆپ شىكايەت قىلىدىغان نەرسە. ئۇنىڭغا <خاپا بولما، ماندالا پۇتۇمنى شىلتىپ قويسام ئۆلۈپ قالدى> دەپ قويساقلا  يىغلاپ-قاخشاپ بېسىقىدۇ. ماۋۇ قوي دىگەن يېنىدا دادىسى ئۆلىۋاتسىمۇ كارى يوق نەرسغۇ!؟
-بۇ پىلانلىرىڭدىن چاتاق چىقماس؟!
-نېمە چاتاق چىقاتتى. يۇۋاشنى بوزەك قىلمىساڭ قىيامەتتە سورىقى بار دىگەننى ئاڭلىمىغانما.
-ھە مانداق دە! بوپتۇ پۈتۈشتۈق. ئەتىدىن باشلاپ كۆچۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيلى!
        شۇنداق قىلىپ ئات دەريانىڭ تاغ تەرىپىدىكى قالقا يايلاققا، ئېشەك دەريانىڭ تۆۋىنىدىكى نەملىكى ئۆرلەپ تۇرىدىغان يېشىلچىلىق گىرەلەشكەن يايلاققا، شېرىكلىرىنى يۆتكىشىپ ئورۇنلاشتى. پىلان ئېشەك ئويلىغاندىنمۇ ئاسان پۈتىۋاتاتتى. چۈنكى ئۇلارنىڭ شېرىكلىرى <دوپپىسىنى ئال دىسە بېشىنى كىسىدىغانلار>دىن بولغاچقا چىشلەپ-تېپىپ يايلاقنىڭ ئېقىنى ئاق، قارىسىنى قارا قىلىپ،  ۋاقتىدا يايلاقنى ئىگىلەپ بولۇپتۇ. ئېشەكنىڭ بۇنداق ئاقىل پىلانى كىيىنكىلەرگە دەستۈر بولۇپ قاپتىكەنمىش.



ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
musilina + 100 تەپەككۇرى كۈچلۈك
YAZR + 90 ئاچچىق كىنايە

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 190   باھا خاتىرىسى

شەرەپتۇر مەن ئۈچۈن قاقشال دەرەخ بوپ،ئەلنىڭ ئوچىقىدا تاراسلاپ كۆيۈش!پۇراقسىز ، چىرايلىق غۇنچىسىز گۈلدىن،خۇشپۇراق،كۈلگۈنچەك ياپىراقنى سۆيۈش!!

نېمىلەرنى ئويلا

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33034
يازما سانى: 1036
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7581
تۆھپە نۇمۇرى: 343
توردا: 712 سائەت
تىزىم: 2011-3-7
ئاخىرقى: 2013-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-13 05:11:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەقىللىق ئىشەككەن !!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!11111111111

ھايات شۇنداق!!!!!!!!!!جىمى گۇناھ ئۈزەمدە!!!!!!!!!!!!

مەن ھامان پارتىلايمەن!

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82909
يازما سانى: 1502
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 7524
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 672 سائەت
تىزىم: 2012-7-24
ئاخىرقى: 2013-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-13 05:19:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىشقىلىپ ئۆزەممۇ ئىپادىلەپ بېرەلمەيدىغان ئاچچىق كىنايىنى سەزگەندەك بولدۇم ،
مۇشۇنداق يېڭىچە مەسەللەرنى يوللاپ تۇرغايسىز  

كىـشــى مــېنـى كـىــشى دېـــسە كـىـشـى مـېـنـىڭ كىـشمىــشىم، كـىشـى مېـنــى كـىـشـى دېـمـىـسە كىـــشى بــىلـەن نېمـــە ئىــشـىم .

ئۆتمۈشكە رەخمەت ، بىزگە دۈشمەن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12462
يازما سانى: 1877
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 20068
تۆھپە نۇمۇرى: 2246
توردا: 7426 سائەت
تىزىم: 2010-10-2
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-13 05:20:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالامەت كىنايە يىزىشقا ئۇستا ئىكەنسىز ، بەزىلەرنىڭ ئۆتى يىرىلىپ كىتىدۇ .

ئەقىلسىز دوستۇڭدىن ئەقىللىق دۈشمىنىڭ ياخشى ،
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73777
يازما سانى: 323
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4530
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 116 سائەت
تىزىم: 2012-1-23
ئاخىرقى: 2013-2-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-13 05:22:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72868
يازما سانى: 36
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3246
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 101 سائەت
تىزىم: 2012-1-10
ئاخىرقى: 2013-2-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-13 05:46:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇلۇغ ئاللاھ بەندىلىرىنى كىشىگە مۇھتاج قىلمىغاي !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87398
يازما سانى: 373
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 601
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 150 سائەت
تىزىم: 2012-11-18
ئاخىرقى: 2013-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-13 05:54:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئى ئۇلۇغ رەببىم بىز سەندىن باشقىغا مۇھتاج ئەمەسمىز .بىز پەقەت ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز

كونس بىر يىلنى ئۇزىتىپ يېڭى يىلنى يىڭى يىڭى نەتىجىلەر بىلەن كۈتىۋالايلى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76274
يازما سانى: 487
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5171
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 276 سائەت
تىزىم: 2012-2-20
ئاخىرقى: 2013-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-13 06:22:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ ھەقىقەتەنمۇ ئۆزىگە دۇئا قىلىپ كۆتۈرگەن قولنى قۇرۇق قايتۇرمايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ مۇنۇ سۆزىنى بىزگە يەتكۈزىدۇ (ئاللاھ ئېيتىدۇكى،) بەندەم ماڭا دۇئا بىلەن ئىككى قولىنى كۆتۈرسە، مەن ئۇ قوللارنى قۇرۇق قايتۇرۇشتىن ئۇيۇلىمەن». بۇ ھەدىيسى قۇددۇسىيدا دېيىلگەندەك، ئاللا قولنى قۇرۇق قايتۇرمايدۇ، يا دۇئانىڭ ئۆزىنى دەرھال ئىجابەت قىلىدۇ يا كېچىكتۈرۈپ ئىجابەت قىلىدۇ ۋەياكى ئاخىرەتتە ساۋابىنى بېرىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76274
يازما سانى: 487
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5171
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 276 سائەت
تىزىم: 2012-2-20
ئاخىرقى: 2013-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-13 06:23:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىمۋوللۇق گەپلەر ئىكەن....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87132
يازما سانى: 1480
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 3716
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 336 سائەت
تىزىم: 2012-11-12
ئاخىرقى: 2013-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-13 06:32:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گەپنىڭ تىگىدە گەپ باركەن .

قايغۇرماڭ ، باتۇرلارچە ياشاڭ ، ئاللاھ ھەرگىز كېرەكسىز ئادەملەرنى ياراتمايدۇ !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش