رۇبائىيلار
(1)
ئىنسان ھاياتى پەقەتلا بىر نۆۋەت ،
ئۇنىڭدا بار خۇشاللىق ھەم ئوقۇبەت .
ۋىجدان غورۇر بىلەن ياشىغىن مەغرۇر ،
تارتساڭمۇ قانچىلىك جاپا-مۇشەققەت.
(2)
ئەل ئۈچۈن ۋەتەن ئۈچۈن تۆكسەڭ سەن تەر ،
ھەر تامچىدىن خۇشپۇراق گۈللەر ئۈنەر .
ئەل- ۋەتەن غېمىدا ياشىغانلارنى ،
ھەممە تەڭ بېشىىغا ئېلىپ كۆتۈرەر .
(3)
خار بولماس جاھاندا ئىلىملىك بەندە ،
ھۆرمىتىڭ ئۈستۈندۇر كەيسەڭمۇ جەندە .
ئىلىمسىز ئۆتكەن كۈن قۇلدىن بەتتەردۇر ،
زەر-تون ئىچىدە ھەم ھەر كۈنۈڭ غەمدە .
مەنبە : ئىجادىيەت
(ئىسەنقۇت)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Eltekin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-5 11:22 AM