مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3275|ئىنكاس: 16

گۈزەل دۆلەت-ھىندىستان [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

يۇرت_ئوغلانى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34400
يازما سانى: 785
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6231
تۆھپە نۇمۇرى: 226
توردا: 143 سائەت
تىزىم: 2011-3-19
ئاخىرقى: 2012-12-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-2 04:26:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

گۈزەل دۆلەت-ھىندىستان

ھىندىستان ئاسىيانىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، جەنۇبىي ئاسىيا 2-قۇرۇقلۇقىدىكى ئەڭ چوڭ دۆلەت. ھىندىستان پاكىستان، جۇڭگو،نېپال، بۇتان، بېرما ۋە بېنگال بىلەن چېگرىلىنىدۇ، بېنگال قولتۇقى ۋە ئەرەب دېڭىزىغا يېقىن، پايتەختى يېڭى دېھلى. ھىندىستاننىڭ يەر يەر مەيدانى 2 مىليون 980 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، يەر مەيدانى جەھەتتە دۇنيا بويىچە يەتتىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، نوپۇسى تەخمىنەن 1 مىليارد 160 مىليون.

ھىندىستان كۆپ مىللەتلىك دۆلەت بولۇپ، نوپۇسى كۆپرەك مىللەتتىن ئونى، نوپۇسى ئازراق مىللەتتىن نەچچە ئونى بار. بۇنىڭ ئىچىدە ھىندىلارنىڭ نوپۇسى %46.3 نى ئىگىلەيدۇ. باشقا مىللەتلەردىن تېلۇگۇلار، بېنگاللار، ماراتخىلار، تامىللار بار. ھىندىستان ئاھالىسىنىڭ تەخمىنەن %80.5 ى ھىندى دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، ئىنگلىز تىلى بىلەن ھىندى تىلى دۆلەت تىلى ھېسابلىنىدۇ.

ھىندىستان دۇنيادىكى تۆت چوڭ قەدىمىي مەدەنىيەتلىك دۆلەتنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا ھىندىستان يات مىللەتلەرنىڭ تاجاۋۇزى، كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ ئىشغال قىلىۋېلىشى ۋە مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىقى يۈرگۈزۈش قاتارلىق جەريانلارنى باشتىن كەچۈردى. 1947-يىلى پاكىستان بىلەن ھىندىستان ئايرىلغاندىن كېيىن، ھىندىستان مۇستەقىل بولدى، 1950-يىلى ھىندىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇپ، ئەنگلىيەنىڭ فېدېراتسىيەسىگە ئەزا بولدى.


ھىندىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن ئىقتىساددا خېلى زور تەرەققىياتقا ئېرىشتى، يېزا ئىگىلىكىدە ئاشلىق ئېغىر دەرىجىدە يېتىشمەسلىكتىن ئاشلىقتا ئۆزىنى ئۆزى ئاساسىي جەھەتتىن قامدىيالايدىغان بولدى؛ سانائەتتە بىر قەدەر مۇكەممەل سىستېما شەكىللەندۈردى، ھازىر ھىندىستاننىڭ ئۆزىنى ئۆزى تەمىنلەش ئىقتىدارى خېلى كۈچلۈك. 20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن بۇيان، مۇلازىمەت كەسپىي تېز تەرەققىي قىلىپ، GDP (ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى)دە ئىگىلىگەن نىسبىتى يىلدىن يىلغا ئاشتى. ھازىر ھىندىستان دۇنيا بويىچە يۇمشاق دېتال، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق مۇلازىمەت كەسپىدىكى مۇھىم ئېكسپورت دۆلىتى بولۇپ قالدى.

ھىندىستاننىڭ بايلىقى مول بولۇپ، 100 خىلغا يېقىن قېزىلما بايلىقى بار، قېزىلما بايلىقلىرى ئىچىدە چىرىمتال مىقدارى دۇنيا بويىچە 1- ئۇرۇندا تۇرىدۇ؛ كۆمۈر ۋە بارىت مىقدارى دۇنيا بويىچە 3-ئۇرۇندا تۇرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ھىندىستاندىن يەنە گەج،ئالماس،تىتان، تورىي، ئۇران قاتارلىقلار چىقىدۇ. ئورمان كۆلىمى 678 مىڭ 300 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى ٪20.64. ھىندىستاننىڭ ئاساسلىق سانائىتى توقۇمىچىلىق، يېمەكلىك پىششىقلاش، خىمىيە سانائىتى، دورا ياساش،پولات-تۆمۈر،سېمونت، نېفىت ۋە ماشىنىسازلىق قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاپتوموبىل، ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرىنى ياساش، ئاۋىياتسىيە ۋە بوشلۇق قاتارلىق يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان سانائەتلىرىنىڭ تەرەققىياتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تېز تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ.

ھىندىستان يېزا ئىگىلىك چوڭ دۆلىتى بولۇپ، يېزا نوپۇسى ئومۇمىي نوپۇسنىڭ ٪72 نى ئىگىلەيدۇ. ھىندىستان يەنە دۇنيا بويىچە ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىدىغان ئەڭ چوڭ دۆلەتلەرنىڭ بىرى، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى تەخمىنەن 160 مىليون گېكتار بولۇپ، دۇنيا بويىچە تېرىلغۇ كۆلىمىنىڭ %10 نى ئىگىلەيدۇ. ساياھەتچىلىك ھىندىستاننىڭ نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتقان كەسپى، شۇنداقلا مۇھىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ساھەسى ھېسابلىنىدۇ.

جۇڭگو بىلەن ھىندىستان قەدىمىي مەدەنىيەتلىك دۆلەت، شۇنداقلا تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەتلەر. جۇڭگو بىلەن ھىندىستان 1950- يىلى 1-ئاپرېل دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان. جۇڭگو- ھىندىستان يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئوڭۇشلۇق بولىۋاتىدۇ. 2005-يىلى ئاپرېلدا زۇڭلى ۋېن جياباۋ ھىندىستاندا زىيارەتتە بولدى، ئىككى دۆلەت تىنچلىق ۋە گۈللىنىشكە يۈزلەنگەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنى جاكارلىدى، بۇنىڭ بىلەن جۇڭگو- ھىندىستان مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاندى. جۇڭگو بىلەن ھىندىستاننىڭ ئىقتىساد-سودا مۇناسىۋىتىمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تېز تەرەققىي قىلىپ، ئىككى دۆلەت سودا سوممىسى 2005-يىلىدىكى 18 مىليارد 700 مىليون دوللاردىن 2008-يىلى 51 مىليارد 800 مىليون دوللارغا يەتتى. بۇ يىل 60 مىليارد دوللارلىق ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈشتىن ئۈمىد بار. ھازىر جۇڭگو ھىندىستاننىڭ ئەڭ چوڭ سودا ھەمراھى بولۇپ قالدى، ھىندىستانمۇ جۇڭگونىڭ 9-چوڭ سودا ھەمراھى.

مەنبە : خەۋەر تورى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   YURT OGLANE تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-2 12:28 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80054
يازما سانى: 973
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2231
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 569 سائەت
تىزىم: 2012-5-12
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-2 10:46:29 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تىمىنى ئۆتكەندە بىرسى يوللاپ بولغانغۇ  ، بۇ قانداق ئىش ئەمدى ؟

دوستىڭىزنى توغرا تاللاڭ،بىر ئۆمۈر خوشال ئۆتىسىز.جۆرىڭىزنى توغرا تاللاڭ،بىر ئۆمۈر بەخىتلىك ئۆتىسىز.كەسپىڭىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80244
يازما سانى: 1566
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1582 سائەت
تىزىم: 2014-12-12
ئاخىرقى: 2015-1-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-2 12:04:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
jangqi يوللىغان ۋاقتى  2012-12-2 10:47 AM
ھىندىستان مۇسۇلمانلىرىنى كۈرەي دىسڭىز بۇ تىمنى كۈرۈپ  ...

ھېىدەستاندىمۇ مۇسۇلمانلار خلى كۆپ ئېكەن ؟؟؟؟ مۇشۇنداق يازمىلارنى داۋاملىق!!!!!!!
يولاپ تۇرغايسىز قەلەم تۇلپارڭىز ھارمىغاي؟؟؟؟؟؟

ھەر بىر مىنۇتنىڭ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 52340
يازما سانى: 1535
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8948
تۆھپە نۇمۇرى: 894
توردا: 3165 سائەت
تىزىم: 2011-8-20
ئاخىرقى: 2014-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-2 12:09:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇسۇلمانلارنىڭ سانى ھىندىلارنىڭكىدىن كۆپ دەۋاتاتتى بۇ قانداق گەپ

كۆپرەك  دوستۇم بولسا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80054
يازما سانى: 973
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2231
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 569 سائەت
تىزىم: 2012-5-12
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-2 12:13:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
dolantograk004 يوللىغان ۋاقتى  2012-12-2 12:09 PM
مۇسۇلمانلارنىڭ سانى ھىندىلارنىڭكىدىن كۆپ دەۋاتاتتى ب ...

سىز دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارنى دەۋاتامسىز ياكى ھىندىستاندىكى مۇسۇلمانلارنى دەۋاتامسىز ؟
دۇنيادىكى مۇسۇلمانلار ئەلۋەتتە ھىندىلاردىن كۆپ ، ئەمما ھىندىستاندا ھىندىلار كۆپ .

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
xahroh + 11 پۇلىڭزنى قايتۇرۇپ بېر.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 11   باھا خاتىرىسى

دوستىڭىزنى توغرا تاللاڭ،بىر ئۆمۈر خوشال ئۆتىسىز.جۆرىڭىزنى توغرا تاللاڭ،بىر ئۆمۈر بەخىتلىك ئۆتىسىز.كەسپىڭىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79754
يازما سانى: 2392
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11120
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2775 سائەت
تىزىم: 2012-5-5
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-2 12:18:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
dolantograk004 يوللىغان ۋاقتى  2012-12-2 12:09 PM
مۇسۇلمانلارنىڭ سانى ھىندىلارنىڭكىدىن كۆپ دەۋاتاتتى ب ...

مۇسۇلمانلارنىڭ سانى جەھەتتە ھىندىستان بىرىنجى ئۇرۇندا تۇردۇ .

ئۈزىنىڭ مەدەنىيتىنى ، تارىخىنى ، ئەجدادىنى ، كىملىكىنى ، ئىتقادىنى بىلمەيدىغان ۋە ئەۋلاتلىرىغا كۈڭۈل بۆلمەيدىغان مىللەتتىنمۇ بىچارە مىللەت يوق !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64421
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3488
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 1131 سائەت
تىزىم: 2011-11-10
ئاخىرقى: 2013-7-31
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-2 12:28:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھىندىستاندا ھىندى دەپ مىللەت يوق. ھىندى دېگەن قارا دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئاساسلىق تىلى شىمالىي ھىندىستان تىلى (يەنى ئوردۇ تىلى) دەپ ئاتىلىدۇ، پاكىستاندا ئىشلىتىلىدىغان ئوردۇ تىلى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش، پەقەت دىنىي تېرمىنلار ئوخشاپ كەتمەيدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72226
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3097
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 31 سائەت
تىزىم: 2011-12-29
ئاخىرقى: 2015-1-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-2 01:51:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پانجاپ دىگەن 100مىليوندىن ئارتۇق نوپوسى بار كۆپ سانلىق مىللەتمۇ شىمالىي ھىندىستاندىكى ئاساسلىق خەلق، ئۇلارنىڭ باڭغىرا دىگەن دۇمبىقى، ئالامەت كەلتۈرۋىتىدىغان كىشى غىدىغىنى كەلتۈرىۋىتىدىغان ئۇسسۇللىرى بار. ھىندىلارغا قارىغاندا ئۇلار جاھانغا كۆپ تارالغان قاتتىق ئىشلەمچان ، سېنخ دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان خەلق.

ھەر بىر مىنۇتنىڭ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 52340
يازما سانى: 1535
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8948
تۆھپە نۇمۇرى: 894
توردا: 3165 سائەت
تىزىم: 2011-8-20
ئاخىرقى: 2014-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-2 01:53:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دىيارىم يوللىغان ۋاقتى  2012-12-2 12:13 PM
سىز دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارنى دەۋاتامسىز ياكى ھىندىست ...

ھىندىستاندىكىنى دەۋاتىمەن

كۆپرەك  دوستۇم بولسا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87795
يازما سانى: 49
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 89
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 16 سائەت
تىزىم: 2012-11-27
ئاخىرقى: 2012-12-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-2 03:23:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھىندىستان ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچىگە ئگە بولدۇم رەخمەت سىزگە.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش