تۇغۇلمىغان بوۋاقنىڭ چالا قالغان كۈندىلىك خاتىرىسى
تۈركچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: مەلەك
5-ئۆكتەبىر: بۈگۈن مەن پەيدا بولدۇم ، يوق ئىدىم ،ئەمدى بار بولدۇم .بەك ياخشى ئىش بولدى! مىنىڭ پەيدا بولغىنىمنى دادام ئانام تېخى بىلمەيدۇ ،بىر ئالمىنىڭ ئۇرىقىدىنمۇ كىچىكمەن ،شۇنداقتىمۇ ئىشقىلىپ مەن مەۋجۇتمەن.بەدەنلىرىم تېخى روشەن يارىتىلمىدى،يۈزۈممۇ تېخى يوق،ئەمما مىنىڭ مەۋجۇتلۇقۇم مىنىڭمۇ بىر تىرىك جان ئىكەنلىكىمنى چۈشەندۈرىدۇ.
ئىنشائاللاھ بىر قىز بوۋاق بولۇپ تۇغۇلىمەن،چىچەكلەرنى سۆيىمەن،چىچەك كەبى بىر قىز بولىمەن.
19-ئۆكتەبىر: بىر ئاز چوڭ بولدۇم،ئەمما مىدىرلىشىم مۇمكىن ئەمەس،ئانام تېخىچە بىلمىدى ،ھازىر ئۇنىڭ قېنى بىلەن چوڭ بۇلىۋاتىمەن،ئۇنىڭ يۈرىكىدىن كەلگەن ئىسسىق قان ماڭا ئېقىپ كىرىۋاتىدۇ،بۇ يۈرەكنىڭ مېنى چوقۇم بەك ياخشى كۆرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن ،ئانام مىنى كۆرسە چوقۇم بەك خۇش بولىدۇ.
23-ئۆكتەبىر: مەن كۆرەلمەيدىغان بىر غايىۋانە قول مىنىڭ ئېغىزىمنى يارىتىۋاتىدۇ،لەۋلىرىمنى،تاماقلىرىمنى.....ئويلاپ بېقىڭلارچۇ،بىر يىلدىن كىيىن بۇ ئېغىزىمدىن تەبەسسۇملار تۆكۈلىدۇ،ئەڭ ئاۋال <ئانا!!!!>دەيمەن ،ئانا گىپىمنى ئاڭلاۋاتامسەن؟بۇ ئېغىزلىرىمدا ئانامنىڭ كۆكسىدىن چىققان سۈتنى ئىمىمەن،يەنە ناننىڭ كىچىك ئۇۋاقلىرىنى يەيمەن،شۇنداقمۇ ئانا؟ ھەي تېزراق گەپ قىلالىسامتىم!
27-ئۆكتەبىر:بۈگۈن مەن بەك خۇشال،تولىمۇ ھاياجانلىنىۋاتىمەن،ھازىر بىر يۈرىكىممۇ بار بولدى،سوقۇشقا باشلىدى،ئەمدى بىر ئۆمۈر مۇشۇنداق گۈپۈلدەپ سوقىدۇ. بۇ يۈرىكىمنى سۆيگۈۋە مىھىر -مۇھەببەت بىلەن تولدۇرىمەن،خۇددى ئانامنىڭ يۈرىكىگە ئوخشاش .ئانام بەدىنىدە ھازىر ئىككى يۈرەكنىڭ سوقۇۋاتقانلىقىنى بىلسە قانچە خۇشال بوپ كىتەر ھە ؟؟؟
2-نويابىر:ھەر كۈنى ئاز -ئازدىن چوڭ بۇلىۋاتىمەن،قول-پۇتلۇرۇممۇ شەكىللىنىشكە باشلىدى،قوللۇرۇم يەنە ئازراق چوڭ بولسۇنچۇ قېنى،سېنى قانداق قۇچاقلايدىكەنمەن ئانا،شۇ پۇتلۇرۇممۇ بىر تولۇق چىقسۇنچۇ،سەن بىلەن ھويلىمىزدا قوغلىشىپ ئوينايمەن.
12-نويابىر:ۋاھ! نىمىدىگەن پەيزى،بارماقلىرىممۇ چىقىشقا باشلىدى،بۇ بارماقلىرىم بىلەن ئەڭ گۈزەل گۈللەرنى ئۈزىمەن،ئانامنىڭ قوللىرىنى چىڭ سىقىمدايمەن،قەلەم تۇتىمەن،تېخى گۈزەل شېئىرلارنى يازىمەن،ئانا ئاڭلاۋاتامسەن،قوللۇرۇڭنى تۇتۇش ئۈزۈن بەكمۇ تاقەتسىزلىنىۋاتىمەن،جېنىم ئانا.
20-نويابىر:ئۇف!ئانام ئاخىرى دوختۇرخانىغا كەلدى،مىنىڭ بارلىقىمنى ئۇقتى،دوختۇر ئاجايىپ ئالاھىدە بىر ئۈسكۈنە بىلەن مىنى كۆردى،ھەتتا رەسىمىمنىمۇ تارتىۋالدى، خۇش بولدۇڭمۇ ئانا؟ يەنە بىر يىلغىمۇ يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە دادام ئىككىڭلارنىڭ قولىدا بۇلىمەن.
25-نويابىر: داداممۇ مىنىڭ بارلىقىمنى ئۇقۇپتۇ،ئەمما قىز ئىكەنلىكىمنى تېخى بىلمەيدۇ، ئۇلارنى ھەيران قالدۇرۋېتىمەن.
10-دىكابىر:بۈگۈن يۈزۈم پۈتۈنلەي پۈتۈپ بولدى،ئىككى كۆزۈم ،كىچىككىنە بىر بۇرنۇم،مەڭزىم ۋە ئويماقتەك ئېغىزىم بار،ھى ھى ھى چوقۇم ئانامغا ئوخشايمەن .
13-دىكابىر:ھازىر ئەتراپىمغا قارىيالايمەن،توت ئەتراپىم قاپقاراڭغۇ،مەيلى شۇنداقتىمۇ يەنىلا بەخىتلىكمەن،ئاز كۈنگە قالماي قۇياش نۇرىنى كۆرەلەيمەن ،ھەرخىل رەڭلەرنى،گۈللەرنى كۆرىمەن،يەنە تېخى ھەرخىل ئوماق قونچاقلارنى ئوينايمەن....ئانو!دادو! سىلەرنىڭ چېھرىڭلارنىمۇ كۆرىمەن،چوقۇم بەخىتلىك بولىمىز.
24-دىكابىر:ھازىر قۇلاقلىرىممۇ ئاڭلىيالايدىغان بولدى،ئانا سېنىڭ يۈرەك سوقۇشلىرىڭنى ئاڭلاۋاتىمەن،مىنىڭ يۈرەك سوقۇشلىرىمنى سەنمۇ ئاڭلاۋاتقانسەن -ھە؟ مەن ھازىر ئاۋازىڭنى تۇنۇيالايمەن،ئاۋازىڭ بەك چىرايلىق ھەم تاتلىق ئانا.مەنمۇ چوقۇم ساغلام ۋە تاتلىق قىز بولىمەن،قوللىرىڭدا يۇۋاشلىق بىلەن ئۇخلايمەن،يۈزۈڭگە قاراپ ياتىمەن، تاتلىق ئاۋازىڭنى ھەر كۈنى ئاڭلايمەن،يەنە ماڭا ئەللەي ناخشىسى ئېيتىپ بىرىسەن شۇنداقمۇ ئانا؟مىنى چوقۇم تولىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسەن ئانا!!!1
28-دىكابىر: ئانا غەيرىي بىر ئىشلار يۈز بىرىۋاتىدۇ،دوختۇر ئايال غەمكىن ھالدا بېشىنى چايقاپ ماڭا قاراۋاتىدۇ، ئانا سەن نىمە بولدۇڭ،يۈرەك سوقۇشۇڭ تېزلىشىپ كەتتىغۇ؟ نىمىشقا گەپ قىلمايسەن ئانا !؟ ئانا! ئانا! يۈزۈمگە مۇزدەك سوغۇق بىرنەرسە تىگىۋاتىدۇ،ئانا!!ئانا! يۈزۈمنى كىسىۋاتىدۇ، ئانا ئۇلارغا گەپ قىل ،ئاھ!!!! پۇل قوللۇرۇمنى پارچىلاشقا باشلىدى ،جېنىم چىقىۋاتىدۇ، ئانا!ئانا! مىنى قۇتقۇزىۋال،مىنى ساڭا باغلاپ تۇرغان تومۇرنى ئۈزىۋەتمەكچى بولىۋاتىدۇ ....ئانا!! ئا....نا.....ئاھ!!!
__ مۇبارەك بولسۇن خانىم!! ھامىلە چۈشۈرۈش ئوپىراتسىيىڭىز مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا elijan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-2 02:00 PM