ئىككى شېئىر
(ئۇچقۇنى)
1
جەلىپ قىلالماس ئاچقانسىرى،
سۈنئىي يالتىراق چاچقانسىرى.
قوغلىمامدۇ يىگىتلەر دىگەن،
قىزلار ئۇيات قىپ قاچقانسىرى.
پاكلىق بىلەن تەن گۈزەللىكى،
ئاشمامدۇ ھەسسە ياپقانسىرى.
قەدىرلەنمەمدۇ سۆيگۈ،ھايا-
ئۆز قىممىتىنى تاپقانسىرى.
ئەتىۋارى بولماس ھايانىڭ،
قاش ئېتىپ كۈلۈپ باققانسىرى.
ئىپپەتكە ھەم يەتمەمدۇ نۇقسان،
ئەخلاق چەكتىن ئاشقانسىرى.
2
مەن ئۆزۈمگە ئۆزۈم قىلدىم،
ئىچ-باغرىمنى ئۆزۈم تىلدىم.
بىراۋنىڭ كاۋاپ زىخىغا،
ئۆز گۆشۈمنى ئۆزۈم ئىلدىم.
تۈز تولۇمنى داۋان قىلدىم،
كەلگۈسۈمنى گۇمران قىلدىم.
ئۆز بوينۇمغا سىرتماق سېلىپ،
كۈچۈكۈمنى قاۋان قىلدىم.
ئۆز-ئۆزۈمگە توزاق قىلدىم،
ياتلارنى تەن قوۋزاق قىلدىم.
ئاھ بۇ كۈن زەنجىر بوينۇمدا،
ئازغىنىمنى شۇ چاغ بىلدىم.