يىـڭى ئــەزا
(غەزەل) 1 نېمە دېسەڭ شۇ ھامان تاپالمىسام ئەسكىمۇ؟ ئېرىقىڭدا سۇ بولۇپ ئاقالمىسام ئەسكىمۇ؟ ياخشى- يامان دېمەستىن ھەمدەم بولۇپ ئىشىڭغا، كەتمىنىڭنى ھارماستىن چاپالمىسام ئەسكىمۇ؟ ئېتىپ يېرتىق- ياماقنى، تەييار قىلىپ تاماقنى، ئالقىشلانساڭ تون- يەكتەك ياپالمىسام ئەسكىمۇ؟ بىللە يۈرۈپ قېشىڭدا، قوغداپ ھامان خەتەردىن، ئۇرە دېسەڭ ئوشۇقنى چاقالمىسام ئەسكىمۇ؟ توڭۇپ قالساڭ ئەگەردە، چاۋار تېرىپ جاڭگالدىن، ئىسسىتىشقا ئوت- يالقۇن ياقالمىسام ئەسكىمۇ؟ زېمىستاندا ھۆل مېۋە يېگۈڭ كەلسە ناۋادا، يۈگىرەپ چىقىپ دەرەختىن قاقالمىسام ئەسكىمۇ؟ چىقىپ قالساڭ سەپەرگە، يۈك- تاقاڭنى تەييارلاپ، سېنىڭ ئۈچۈن نان-توقاچ ياقالمىسام ئەسكىمۇ؟ نېمە دېسەڭ ياق دېمەي، قارا دېسەڭ ئاق دېمەي، ھەر چاغ كۆڭۈل رايىڭغا باقالمىسام ئەسكىمۇ؟ قىلىپ بەردىم چالاڭنى، بېقىپ بەردىم كالاڭنى، ئەمدى خوتۇن -بالاڭنى باقالمىسام ئەسكىمۇ؟ 2 پىراقىڭدا ھېچبىرجان كۆيەلمەيدۇ مەنچىلىك. پۈتكۈل ۋۇجۇد- مېھىردىن سۆيەلمەيدۇ مەنچىلىك. يۈرەلەيدۇ ياندىشىپ چارىباغدا سەيلىدە، لېكىن دەشتۇ- چۆللەردە يۈرەلمەيدۇ مەنچىلىك. ۋەدە بېرىپ توختىماي، شېرىن تاتلىق پىچىرلاپ، دىل بېتىدىن كۈي- داستان تۆكەلمەيدۇ مەنچىلىك. سوۋغات ئالار پات-پاتلا رەستىلەرنى ئارىلاپ، ساڭا ئاتاپ گۈلزارلىق ئېتەلمەيدۇ مەنچىلىك. ھەمراھ بولۇپ باھاردا، يازدا نازلاپ ئۆتسىمۇ، زېمىستاندا جۇت پەيزى سۈرەلمەيدۇ مەنچلىك. ئويۇنىڭدىن قالمايدۇ، خوپ رومانتىك خىيالى، بىراق خەتەر ئالدىدا ئۆتەلمەيدۇ مەنچىلىك. لاپ ئۇرىدۇ كېكەچلەپ، تۈكىرىكىنى چاچرىتىپ، ئەمما لەۋزى لەت بولماي كۈتەلمەيدۇ مەنچىلىك. بەختىمىز دەپ تىلەيدۇ، بەختى بولسۇن دېيەلمەي، كۆز تەگمىسۇن دەپ تۇمار پۈتەلمەيدۇ مەنچىلىك. 3 سېنىڭ دەردىڭنى تەڭ تارتىپ، يۈرەك-باغرىم قاناپ كەلدىم. چۆلۈڭنى باغ قىلىپ ئىشلەپ، تۈمەن كەتمەن چاناپ كەلدىم. بولۇپ ھەمراھ سەپەرلەردە، زەبەردەست بوپ خەتەرلەردە، ساڭا تىك باقسا گەر بىرسى گويا ئىتتەك تالاپ كەلدىم. باھار-يازدا قىلىپ سەيلە، قەھرىتان سوغۇق كۈلسە، تۇرالماي ئارامىمدا، ساڭا گۈلخان قالاپ كەلدىم. بەختىڭگە ئوقۇپ ناخشا، غېمىڭدە يېشىم ئاقسا، سېنىڭ ئويۇڭغا تىك باقماي، بولۇپ تارى-تاناپ كەلدىم. بالاڭ كۆز ئاچسا ئالەمگە، ئىسرىق سېلىپ خانەڭگە، جىمىي بايرام-كۆرەكلەرنى ئاتايىن بىر ساناپ كەلدىم. نېنىڭ ئىككى بولۇپ دوستۇم، سويۇلغاندا مېنىڭ پوستۇم، مۈشۈكتەك ئۆمىلەپ ئاستا، يارامنى ھەم يالاپ كەلدىم. 4 كايىپ يۈرمە بىراۋلارغا، ئەگەر بىر كۈن كېتىپ قالسام. تۈگەل ئۇنتۇپ سېنى ئەمدى، كىشىگە ئاش ئېتىپ قالسام. سەۋەپكارى بولۇپ قالدىم،<ئۇ>نى بۇ يولغا مەن سالدىم، دېمە ھەرگىز رەقىپلەرگە. تالا-تۈزدە يېتىپ قالسام. كۈلۈپ ئۆتكىن قىزىل گۈلدەك، قاپاق تۈرمەي غېرىپ-قۇلدەك، ئۆرتىنىپ قىيا باقما، تۈمەن غەمگە پېتىپ قالسام. كۆرۈپ ۋەيرانە ھەر يەردە، جان باقماي ھالال تەردە، ئازاپلانما بولۇپ ھەيران، غورۇر -ۋىجدان سېتىپ قالسام. مېنى تىللاپ يېقىنلارغا، سوقۇلسۇن دەپ چېقىنلارغا، ۋاپاسىز دەپ جاكار سالما، بۆلەككە كۈي قېتىپ قالسام. 5 جىمىي يەردە بولۇپ ۋاھىز، پەقەت بىزدە قۇرۇق گەپ بار. قېزىپ بىر دەمدە كارىز، پەقەت بىزدە قۇرۇق گەپ بار. بولۇپ ئارزۇغا مەستانە، سېلىپ خىيالدا ئاستانە، قويۇشقا بىر كېسەك ئاجىز، پەقەت بىزدە قۇرۇق گەپ بار. چاغلىماي ئېتىپ پونى، ئالالماي يا بىرەر خونى، باسالماي ياخشىراق بىر ئىز، پەقەت بىزدە قۇرۇق گەپ بار. بارماي ئىشقا- ئەمگەككە، چېپىپ ئاق نانغا ئەلۋەتتە، ئويمىزدا گۈزەل بىر قىز، پەقەت بىزدە قۇرۇق گەپ بار. پېلان تۈزسەكمۇ ھەر كۈن گەر، ئەمەلىيەتتە تۆكەلمەي تەر، بىرەر پەللە ئاشالمايمىز، پەقەت بىزدە قۇرۇق گەپ بار. سەپەرلەردە قڭنساق گاھ، بىرەرسىگە بولۇپ ھەمراھ، بىرەر ۋاخ چاي ئېتەلمەيمىز، پەقەت بىزدە قۇرۇق گەپ بار. 6 ۋىسالىڭغا يېتەلمەي بىر، ھىجراندا كېتەي ئەمدى. ئۆيۈڭگە ئوت قالاپ يۈرمەي، ئۆزۈمگە ئاش ئېتەي ئەمدى. ھامان تىللاپ بېرىپ قالسام، ئۆيۈڭگە بىر كىرىپ قالسام، بىھۇدە بولما ئاۋارە، كۆزۈڭدىن بىر يۈتەي ئەمدى. بىزار بولدۇم دېدىڭ نەچچە، قاراپ تۇرسام كۈلگىنىمچە، قويۇپ كۈلكەمنى بىر چەتكە، ئازاپلارنى يۈدەي ئەمدى. مەن يۈگۈرگەنچە پايپاسلاپ، يۈرىۋەردىڭ ئەجەپ نازلاپ، ھېرىپ قالغانمۇ ئوخشايمەن، ئارامىمدا ئۆتەي ئەمدى. 7 كايىما مېنى كەت دەپ، سېنى بىر شاد ئېتەي ئەمدى. سېنىڭسىز بىر سەپەر باشلاپ، مەنزىلگە يېتەي ئەمدى. كۈتۈپ يۈرگەن تالاي كۈنلەر، تالاپ كەلدى مادارىمنى، سېنى كۈتكەن جىمىي جايدىن، يېنىپ بىر- بىر كېتەي ئەمدى. بىكار ئاۋارە بولغاندىن، كىشىنى تاپ دېدىڭ نەچچە، مۇرادىڭنى قىلىپ ھاسىل، كىشىگە ئاش ئېتەي ئەمدى. پالاقلاپ مەنمۇ تالجىقتىم، تېنىمدە قالمىدى دەرمان، كۈندە ئۆتكەن مەھەللەڭدىن، ئاي- يىلدا بىر ئۆتەي ئەمدى. پايلىماس دەپ يۈرمىگىن، پايدىسى يوق قىلچىلىك، سېنى قويۇپ ياشلارغا كۈي- نەزمە پۈتەي ئەمدى. يەنە يىغلارمۇ دەپ قالما، چىدىيالماي ئۇشبۇ ھىجرانغا، كۆزۈمدىن ئاقسا بىر تامچە، يىگىت بولماي كېتەي ئەمدى. 8 كېتەي دېدىڭ ئۆزۈڭچە، كەلمەيدىغان بولۇپ كەت. نان ياقساڭمۇ بىر بۇردا بەرمەيدىغان بولۇپ كەت. سۇلسا بەخىت گۈللىرىم، پەرۋىش تاپماي پەسىلسىز، باش باھاردا گۈل- چېچەك تەرمەيدىغان بولۇپ كەت. تەڭ ئىچەرمىز ئېھتىمال، ھىجران ئاتلىق شاراپنى، كۆرۈشكەندە كەڭ قۇچاق كەرمەيدىغان بولۇپ كەت. 9 ئايرىلايلى دەيدۇ يارىم، باشقىنى تاپقانمىدۇ؟ ئاچقان كۆڭۈل ئىشىكىنى ئۈنسىز ياپقانمىدۇ؟ چىن ۋاپا ئەھلى بىز دەپ، جار سېلىپ تۇرغانلىرى، ئۆزىگە بار ، ماڭا يوق پۈتمەس سېھىر قاپقانمىدۇ؟ شەيتان لەئىل دېمەستىن بىر پەرىشتە بىلسەممۇ، ئەپسۇن ئوقۇپ كىمگىدۇر، يۈتىلەپ چۈلۈك سالغانمىدۇ؟ سېھىر- جادۇ بىلىپ نازىن، سۇمۇرغ بىلىپ غازىنى، يەنە بىر ئەخمەق يىگىتنىڭ كۆڭلىنى ئالغانمىدۇ؟ ئولجىسى ئالدانمىسا، دەسمايىسى ئاز كەپ قىلىپ، قايتا سازلاپ سازىنى سۆيگۈ كۈيى چالغانمىدۇ؟
ئىجادىيىتىم
ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 50 باھا خاتىرىسى
پاش قىلىش
سەھرانى سۆيىمەن!
تىرىشچان ئەزا
مۇھەممەد كامال
ئىنكاس يوللاش ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتىدۇ