ھىجران
يېتىپ كەلدى جۇدۇنلۇق كەچ كۈز،
تۆكۈلدى ھەم سىم-سىم يامغۇرى.
سېپىلگەندەك يارامغا شور-تۇز،
مەھكەم قىستى ھىجران ئامبۇرى.
خازان بولۇپ تۆكۈلەر ياپراق،
تۆكۈلدى ھەم گۈلنىڭ بەرگىسى.
شادلىق كەتتى كەلمەيدۇ پاتراق،
قاقاقلايدۇ ھىجران كۈلكىسى.
مىڭ ھەسرەت بار گۈلنىڭ بەرگىدە،
سۆزلىيەلمەس ئەمما دەردىنى.
خازان بولغان چوغلۇق ئەقىدە،
كىملەر بىلگەن ئۇنىڭ قەدرىنى.
خازان بولغان ياپراق ئۇنتۇلار،
بىللە كېتەر ئۇنىڭ ھەسرىتى.
ھىجرانىمدىن قاچان قۇتۇلار،
نازۇك يۈرەكنىڭ يۈتسە غەيرىتى.
باھار كەلسە سايرىغان قۇشلار،
كەچ كۈز كەلسە يىراققا كەتتى.
بىللە ئويناپ كۈلگەن شۇ دوستلار،
ئەمدى قېنى، قاياققا كەتتى؟
خازان بولغان ياپراق يىغلايدۇ،
چۇقان سالماس ئەمما يىغىسى.
يۈرىكىمنى ھىجران تىلغايدۇ،
ئاياندۇر ھەم ئازاپ تىۋىشى.
زىمىستاننى ئۆتكۈزەر جىمجىت،
ئېيتىپ باققان دەردىنى كىمگە؟
بولماس ئەمدى يۈرىكىم تىت-تىت،
كىشى دىسە مەيلى ئۆزىگە.
ئازاپلارنى قوينىغا تېڭىپ،
يۈرەك-باغرىم يىغلايدۇ قان-ياش.
بەختىم ئاڭا ئازاپنى ئېمىپ،
ئېغىر كەلدى ھىجراندا ياشاش.
مەنبە:مەن