ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ جىنايەت يولىغا مېڭىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش
ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشى ئائىلە كەيپىياتىنى بىسەرەمجان قىلىپلا قالماستىن، مەكتەپ ئىنتىزامى ۋە جەمئىيەت تەرتىپىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ياشلار، ئۆسمۈرلەرنى جىنايەت ئۆتكۈزۈشتىن ساقلاش تەربىيىلەش ۋە باشقۇرۇشتىكى مۇھىم مەسىلە بولۇپ، ئۇ ئائىلىنىڭ خاتىرجەملىكى، مەكتەپ خىزمىتىنى ياخشىلاشنىڭ ئاساسى.
ياشلار، ئۆسمۈرلەر ۋەتىنىمىزنىڭ كەلگۈسى، مىللەتنىڭ كېلەچىكى. ئەمما ئۇلارنىڭ دۇنيا قارىشى، تۇرمۇش قارىشى تېخى تولۇق يېتىلمىگەچكە، ئۇلاردا مەيلى فىزىئولوگىيىلىك جەھەتتىن بولسۇن ياكى پسىخىك جەھەتتىن بولسۇن، ساغلام بولمىغان ئالامەتلەر بولىدۇ. شۇڭا، ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ پسىخىك ئالامەتلىرىنى توغرا تەھلىل قىلىپ، مەسىلە بولسا ۋاقتىدا بايقاپ، تەلىم–تەربىيە يولى ئارقىلىق ئۇلارنى توغرا يولغا باشلاش لازىم.
ياشلار، ئۆسمۈرلەردە دوراش پسىخىكىسى ئېغىر بولىدۇ. ھازىر بىر قىسىم مەكتەپلەرنىڭ ئەتراپىدا تورخانا، ئويۇنچۇقخانا كۆپىيىپ قالدى، قىسمەن ياشلار، ئۆسمۈرلەر ئاتا – ئانىسى تاماق ۋە پارچە خىراجەت ئۈچۈن بەرگەن پۇلنى مۇشۇ ئىشقا سەرپ قىلىۋاتىدۇ. ئائىلە ئىقتىسادىي كىرىمى ياخشىراق بولغان بىر قىسىم ياشلار، ئۆسمۈرلەردە يان تېلېفون، MP3 قاتارلىقلار بولغاچقا، ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى ئانچە ياخشى بولمىغان بىر قىسىم ياشلار، ئۆسمۈرلەر ئەشۇلاردەك ياشاش ئۈچۈن ئاتا–ئانىسىدىن يالغان سۆزلەپ پۇل ئالىدۇ ياكى بولمىغۇر ئىشلارنى قىلىپ پۇل تېپىشنى ئويلايدۇ. شۇڭا، ئۇلاردىكى دوراش، بەسلىشىش پسىخىك ھالىتىنى تۈگىتىشكە ئەھمىيەت بېرىش لازىم.
ياشلار، ئۆسمۈرلەر دۆلەتنىڭ كەلگۈسى خوجايىنلىرى ۋە تايانچ قوشۇنلىرى. شۇنىڭ ئۈچۈن، ياشلار، ئۆسمۈرلەرگە سىياسىي ئىدىيىۋى تەربىيە بېرىش بىلەن بىللە، پسىخىك ساغلاملىق تەربىيىسى بېرىش زۆرۈر. بۇنىڭ ئۈچۈن مەكتەپلەر تۆۋەندىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىسە:
1. ئائىلە بىلەن مەكتەپ ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەردىكى ئۆزگىرىشلەرنى ۋاقتىدا بايقاپ، ئۇلارنى پسىخىك جەھەتتىن يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، ئۇلارغا بولغان ئۆز – ئۆزىنى كونترول قىلىش، كەڭ قورساق، ئەپۇچان، سەمىمىي بولۇش جەھەتلەردىكى تەربىيىنى كۈچەيتسە.
2. ياشلار، ئۆسمۈرلەرگە ھەرخىل پسىخىك توسالغۇلارغا تاقابىل تۇرۇش ۋە بېكىنمە قاراشلاردىن قۇتۇلۇشتا باشقىلار بىلەن پىكىرلىشىش، توردا دوست ئىزدىمەسلىك، باشقىلار بىلەن ئۇچراشقاندا سەمىمىيلىكنى ئۆزىگە پرىنسىپ قىلىپ، ئۆزىنىڭ سەمىمىيىتى ئارقىلىق باشقىلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىش، گېپىدە تۇرۇش، باشقىلارغا يول قويۇش ھەم ئۇلارغا غەمخورلۇق قىلىش ھەققىدىكى تەربىيە كۈچەيتىلسە. 2. مەكتەپلەردە پسىخىك ساغلاملىق دەرسى تەسىس قىلىپ، سىنىپ مۇدىرى ئىدىيە–ئەخلاق دەرس ئوقۇتقۇچىسى بىلەن بىرلىكتە ئوقۇغۇچىلارنى ساغلام خاراكتېر يېتىلدۈرۈشىگە يېتەكلىسە، مەكتەپ قەرەللىك ھالدا «ئىدىيە–ئەخلاق دەرسلىكى»گە بىرلەشتۈرۈپ، پسىخىك ساغلاملىقىغا دائىر لېكسىيە ئۇيۇشتۇرسا، مەكتەپنىڭ تەشۋىق مۇنبىرى، زېھىن سىناش، مەكتەپ ئىچىدىكى رادىئو ئۇزىلى قاتارلىق تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلام بولغان پسىخىك يېتىلدۈرۈشىگە ياردەم بەرسە.
3. مەكتەپتە پسىخىك ساغلاملىق ئارخىپى تۇرغۇزۇپ، ئوقۇغۇچىلارغا بولغان پسىخىك ساغلاملىق تەربىيىسىنى كۈچەيتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ پسىخىك جەھەتتىكى ساغلام بولمىغان ئىدىيىلىرىنى ۋاقتىدا تۈزەتسە.
مەنبە : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
http://www.uycnr.com/fw/201210/t20121031_401402.html