مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1583|ئىنكاس: 20

ھاراقكەش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كىملەرنىڭ ئەزىز

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45644
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4272
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 85 سائەت
تىزىم: 2011-6-25
ئاخىرقى: 2015-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-31 03:16:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                  ھاراقكەش
          ئالداپ قويۇپ ئاناڭنى پۇلنى ئالدىڭ ھاراقكەش،
          ئايالىڭنى زارلىتىپ كۆپ قاقشاتتىڭ ھاراقكەش.
          غىق مەس بولۇپ يوللاردا خەلقى ئالەم ئالدىدا،
          نۇمۇسنىمۇ قىلمىدىڭ قارغىش ئىلىپ ھاراقكەش.

          يالغان سۆزلەپ ئۆمرۈڭنى ئۆتكۈزدۈڭسەن ھاراقكەش،
          راست گەپ قىلىش ئادىتىڭ ئەمەس سىنىڭ ھاراقكەش.
          ئۇيغۇر ئەسلى بۇ يولدا ماڭماسلىقى كىرەكتى،
          ئەسلى يولنى تىپىۋال،يىنىۋالغىن ھاراقكەش.

          ئايالىڭمۇ جىق تويۇپ كىتىپ قالدى ھاراقكەش،
          ھەتتا چاشقان يامانلار بۇ ئۆيۈڭدىن ھاراقكەش.
          بالاڭ سىرتتا سەرگەردان بولۇپ يۈرەر تەمتىرەپ،
          ھىچ ھوشۇڭنى تاپمىدىڭ قانمىدىڭسەن ھاراقكەش.

          نىمە زۇلۇم كۈندۇر بۇ خوشاللىق يوق ھاراقكەش،
          زىيان تارتتىڭ نە پايدا ئالمىدىڭسەن ھاراقكەش.
          بالاڭ سىنىڭ پۇشتۇڭدۇر،بەختىنى ھەم ئويلاپ تۇر،
          ئۆز بالاڭنىڭ بەختىگە ئولتۇرمىغىن ھاراقكەش.

         كۈندە ئىچىپ تويغانسەن ھاراققىمۇ ھاراقكەش،
         ئەمدى بولدى يىغىشتۇر بۇ ئويۇننى ھاراقكەش.
         مىنىۋىلىپ يامان ئات يامان يولدا چاپتۇرۇپ،
         يىقىلمىغىن سەن بۇندا مىڭىۋىرىپ ھاراقكەش.

                   مەنبە : ئۆز قەلىمىم



ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 3902
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17690
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1560 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2014-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-31 04:31:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھاراق گۇناھى كەبىرلەرنىڭ ئەڭ چوڭى ۋە ھەممە نىجىس، پاسكىنا ئىشنىڭ ئانىسى. ھەممە گۇناھلارنى جەمئىي قىلغۇچى.

   ھاراق ئىنساننىڭ ئالدى -كەينىدىن چىققان نەرسە بىلەن ئوخشاش. كىيمگە تەگسە پاكلىمىغىچە ناماز دۇرۇس ئەمەس. ھاراق ئاداۋەتنى پەيدا قىلىپ خوتۇنىنى تالاق قىلدۇرىدۇ، ئۇنى ئۆزى ئوقمايدۇ  .


  ھاراققا بېرىلىش دۈشمەن ئايىقىغا ئۆزىنى ئاتقانغا ئوخشاشتۇر.

ھاراق ئەقىل بىلەن بىلىمنىڭ دۈشمىنى، بارلىق ياۋۇزلۇقنىڭ سەۋەبچىسى، ئۆمۈرنى نابۇت قىلىپ، كۆرىدىغىنى رەسۋاچىلىق.


   ھاراق ئىچىپ مەس بولغۇچى مايمۇندەك قىلىقنى قىلىدۇ.  مەسلىكى كۈچەيسە ، يولۋاستەك غەزەپ قىلىدۇ. ئاندىن چوشقىدەك ئۇخلايدۇ. مەستلىكتە ئۇخلاپ ئويغانغۇچىغا غۇسلى تاھارەت ئېلىش لازىم بولىدۇ. جازانىخور، ھاراقكەش خۇدانىڭ دۈشمىنىدۇر. ھاراق ئىچكۈچى، ئەكىلىپ بەرگۈچى، ساتقۇچى، ياسىغۇچى، ياسايدىغان نەرسىنى تەييارلاپ بەرگۈچى، سورۇن ھازىرلاپ بەرگۈچى قاتارلىقلار گۇناھتا شېرىكتۇر.


قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 3902
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17690
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1560 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2014-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-31 04:33:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
[img][/img]

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

باشقلارىنى ھۆرىمەتلەشىنى ئۈگەن

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41729
يازما سانى: 4547
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 994
تۆھپە نۇمۇرى: 101
توردا: 4301 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2014-6-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-31 04:52:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھاراق ئىچدىغان ئادەم بىر بولسا : دەرتىمەن ...بىر بولسا ساراڭ

ئادەم ھامىنى ئۆلىدۇ ،بىراق شۇ ئۆمۈر چەكلىك بولغاچ خوشاللىق ۋە قايغۇ ئورتاق مەۋجۇتتۇر!

باشقلارىنى ھۆرىمەتلەشىنى ئۈگەن

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41729
يازما سانى: 4547
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 994
تۆھپە نۇمۇرى: 101
توردا: 4301 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2014-6-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-31 04:58:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھاراق ئىچدىغان ئادەم بىر بولسا : دەرتىمەن ...بىر بولسا ساراڭ

ئادەم ھامىنى ئۆلىدۇ ،بىراق شۇ ئۆمۈر چەكلىك بولغاچ خوشاللىق ۋە قايغۇ ئورتاق مەۋجۇتتۇر!
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78268
يازما سانى: 3362
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4307
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3792 سائەت
تىزىم: 2012-4-1
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-31 05:09:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
.

باشقلارىنى ھۆرىمەتلەشىنى ئۈگەن

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41729
يازما سانى: 4547
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 994
تۆھپە نۇمۇرى: 101
توردا: 4301 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2014-6-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-31 05:11:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kaLGundi يوللىغان ۋاقتى  2012-10-31 05:09 PM
توغرا.
ئىشىق مالامىتى كاللىسى چىقىپ يىغلاي دىسە يىغل ...

مۇھەببەت ئۈچۈن ھاراق ئىچسە ئۇ ساراڭ

ئادەم ھامىنى ئۆلىدۇ ،بىراق شۇ ئۆمۈر چەكلىك بولغاچ خوشاللىق ۋە قايغۇ ئورتاق مەۋجۇتتۇر!
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78268
يازما سانى: 3362
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4307
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3792 سائەت
تىزىم: 2012-4-1
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-31 05:13:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 3902
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17690
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1560 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2014-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-31 05:18:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
               سوئال: ھاراقنىڭ ئاساسلىق زىيانلىرى قايسىلار؟


    جاۋاب: تېببىي مۇتەخەسسىسلەر ھاراقنىڭ زىيانلىرىنى تەتقىق قىلىپ، مۇنداق 14 تۈرلۈك زىيىنىنى ئېلان قىلغان:
    (1) ھاراق ئىنساننىڭ يۇقىرى نېرۋا سىستېمىسىنى زەھەرلەپ، ھاراق ئىچكۈچىنى ۋاقىتلىق ساراڭ قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قالايمىقان سۆزلەپ كىشىلەرگە ئەزىيەت بېرىدۇ.
    (2) يۈرەكنى قاتتىق قوزغىتىپ، ئارقىدىن ئاجىزلاشتۇرىدۇ.  
    (3) ئىنساننىڭ كېسەللىككە قارشى كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ. ئىنساندىكى يۇقۇملۇق كېسەلگە قارشى تۇرىدىغان ئاق قان ئايلىنىشىنى ئىشلىمەس ھالغا كەلتۈرۈپ قويىدۇ.  
    (4) ھاراق ئىچىشكە ئادەتلەنگەن ئادەم سىل كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ. ئەگەر ئۇ ئۈچەي ياللۇغى كېسىلى بولۇپ قالسا، قۇتۇلۇش ئىمكانى بولمايدۇ.  
    (5) ھاراققا ئادەتلەنگەن ئادەمنىڭ ئوپېراتسىيىدە قۇتۇلۇش نىسبىتى ئىنتايىن ئاز بولىدۇ. شۇڭلاشقا سۇغۇرتا شىركەتلىرى ھاراقكەشلەرنىڭ ھاياتىنى سۇغۇرتىغا ئالمايدۇ.  
    (6) دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى دوختۇرخانىلاردا ناھايىتى چوڭقۇر تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، ساراڭلار دوختۇرخانىسىغا كىرگەن كېسەللەرنىڭ % 50 دىن كۆپرەكى ھاراق ئىچىدىغان ئادەمنىڭ بالىلىرى ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى.  
    (7) ھاراق يۈرەك بىلەن جىگەرنى كاردىن چىقىرىدۇ.  
    (8) قان بېسىمى، شېكەر سىيىش ۋە يۈرەك كېسىلى بار ئادەم ھاراق ئىچىدىغان بولسا، ئۆزىنى ئۆزى ئۆلتۈرگەن بىلەن ئوخشاش بولىدۇ.  
    (9) ھاراق بەزىلەرنىڭ گۇمان قىلغىنىدەك تاماق سىڭدۈرۈشكە ياردەم قىلمايدۇ، بەلكى ئۇ تاماق سىڭدۈرۈش ئورگانلىرىنىڭ پائالىيىتىگە توسالغۇ بولىدۇ ۋە ئاجىزلىتىدۇ.  
    (10) ھاراقنىڭ ھېچقانداق غىزا قىممىتى يوق. شۇنى بىلىش كۇپايە قىلىدۇكى، بىر بوتۇلكا ھاراقنىڭ بىر قوشۇق گۈرۈچچىلىكمۇ غىزا كۈچى يوقتۇر.  
    (11) ھاراقكەش نامراتلىققا گىرىپتار بولىدۇ. چۈنكى ئۇ بارلىق پۇلىنى ھاراققا خەجلەيدۇ. ئۇ ھاراق ئۈچۈن ئايالىنى ۋە بالىلىرىنى ئاچ قويىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئائىلە ئەزالىرى ياخشى غىزالانمىغانلىقى ئۈچۈن ھالاك قىلغۇچ كېسەللىكلەرگە دۇچار بولىدۇ.  
    (12) تېببىي ستاتىستىكىلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، جىنسىي كېسەللىككە دۇچار بولغانلارنىڭ كۆپ سانلىقى ھاراقنىڭ سەۋەبى بىلەن بولغان.  
    (13) ھاراقكەشلەردىن كۈچلۈك ئەۋلاد چىقارغان ئادەم يوق، چۈنكى ھاراق قورساقتىكى بالىنىڭ ئورگانلىرىنىڭ زەئىپ ۋە ئەيىبلىك ئۆسۈشىگە سەۋەب بولىدۇ.  
    (14) قاتناش ۋەقەسىنىڭ % 40 ى دىن كۆپرەكى ھاراق سەۋەبى بىلەن مەيدانغا كېلىدۇ. چۈنكى ھاراق خەتەرنى ھېس قىلىش ئورگانلىرىنى ئاجىزلاشتۇرغانلىقى ئۈچۈن، بىر سېكۇنت ئىچىدە ماشىنىنى توختىتىش كېرەك بولغان بىر ۋەقەدە ھاراق ئىچكەن ئادەم ئىككى سېكۇنتتىن كېيىن توختىتالايدۇ. بۇ چاغدا بولىدىغان ئىش بولۇپ بولغان بولىدۇ.

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82107
يازما سانى: 374
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1904
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 490 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 2015-1-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-31 05:31:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەلىمىىڭىز ھەقىقەتەن ئۆتكۈركەن.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش