بىر تېيىنىغىمۇ ئەرزىمەسلىك
مارشال بىلەن kaLGundi تاكسى توسۇپتۇ. مارشال تاكسى شوپۇرىدىن:
خەلق مەيدانىغا نەچچىگە ئاپىرىسىز؟
ئون يۈەنگە،- دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.
مارشال يەنە:
مەن يالغۇز ئەمەس، ئىككىمىزنى نەچچىگە ئاپىرىسىز؟- دەپتۇ. تاكسى شوپۇرى تاقەتسىزلىك بىلەن:
يەنىلا ئون يۈەنگە،- دەپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان مارشال دەرھال kaLGundi گە قاراپ:
بۇرۇنلا دېمىگەنمىدىم، سەن بىر تېيىنغىمۇ ئەرزىمەيسەن، - دەپتۇ.
ھاراقكەشنىڭ تەقەززاسى
زاغرا قەھىرتان قىشنىڭ بىركۈنى دائىم ھاراق ئېچىپ يۈرىيدىغان قوشنىسى ئېمپىراتورنىڭ ئۇخلاش كىيمىلىرى بىلەنلا يولدا ئېڭىكىنى تۇنقىنىچە ئولتۇرغىنىنى كۆرۈپ:
- نېمە بولدى، يېلىڭلا ئولتۇرۇپسەنغۇ؟ - دەپ سورىدى. ئېمپىراتور ئاھ ئۇرغان ھالدا:
شۇ خوتۇننىڭ كاساپىتى بولمامدۇ، سورۇندىن بىر بوتۇلكا ھاراق ئەكېلىۋالغان، خوتۇن << يەنە ئىچەمسەن؟>> دەپ ھاراقنى مۇشۇ يەرگە تۆكۈۋەتتى، دېدى.
- زاغرا ئەمىسە نېمىگە ساقلايسەن دېسە؟
- ئېپىراتور ھارىقىم توڭلاپ مۇزغا ئايلانسا ئەكىرىپ كېتەيمىكىن دېگەن، - دېگۈدەك.
مۇكاپات چىققان ئۇكۇل
xohsanam886نىڭ سېستىرا ۋاقىتلىرىنىڭ بېرىدە، ئۇ ئىشلەيدىغان دوختۇرخانىغا a.sayrami ئاسما ئۇكۇل سالدۇرغىلى كېرىپتۇ، بىر بوتۇلكا ئاسما ئۇكۇل تۈگىگەندىن كېيىن xohsanam886 يەنە بىرنى ئالماشتۇرۇپ قويۇپتۇ. بۇ چاغدا a.sayrami ھايران بولۇپ:
دوختۇر ماڭا بىر بوتۇلكىلا كېسىپ بەرگەن، يەنە بىرنى ئېسىپ قويدىڭىزغۇ، خاتا بولۇپ قالمىغاندۇ؟ - دەپ سوراپتۇ.
xohsanam886 بولسا ئاسما ئۇكۇل بوتۇلكىسىنىڭ ئېغىزىغا سىنچىلاپ بىرنى قارىۋەتكەندىن كېيىن:
خاتا ئەمەسكەن، سىزگە يەنە بىر بوتۇلكا مۇكاپات چىقىپتۇ دېگۈدەك.
ئەمدى ھاردىڭمۇ
روھى كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى بىمارلارنىڭ قېچىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، دوختۇرخانا ئەتىراپىغا قورۇق تامدىن 100نى سېلىپتۇ. بىركۈنى كېچىسىharsanبىلەن ahsaxum دوختۇرخانىدىن قاچماقچى بولۇپ، تامدىن ئارتىلىپتۇ. ئۇلار 30-تامدىن ئارتىلىپ بولغاندىن كېيىن، ahsaxum harsan دىن سوراپتۇ:
ھاردىڭمۇ؟
ياق، قەتئىي ھارمىدىم.
شۇنىڭ بىلەن ئىككىسى داۋاملىق ئارتىلىپ مېڭىپتۇ. 60- تامدىن ئارتىلىپ بولغاندىن كېيىن، ahsaxum harsan دىن يەنە سوراپتۇ:
ھازىرچۇ، ھاردىڭمۇ؟
ۋاي ياق، ھارمىدىم.
ئۇلار 99- تامنىڭ يېنىغا كەلگەندە ahsaxum harsan دىن يەنە سوراپتۇ:
ئاغىنە، ھاردىڭمۇ؟
- ahsaxumشۇنداق ھېرىپ كەتتىم دېسە.
- harsan تۇرۇپ كېتىپ، ئۇنداقتا بولدى. كەينىمىزگە يانايلى دېگۈدەك.
جىددى ئىشىم چىقىپ قالغاچقا مۇشۇ يەرگىچە يازغاچ تۇراي، ئاخىرىنى كېيىن يېزىپ يوللا مەن.