شىنخۇا ئاگىنىتلىقنىڭ 2012- يىلى 9 - ئاينىڭ 28 - كۈنىدىكى خەۋىرى :
پارتىيە مەركىزى كومىتتى ، مەركىزى ئىنتزام تەكشۈرۈش كومىتىتى بىرلىكتە ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ ، مەركىزى كومىتىت سىياسىي بىيروسىنىڭ ئەزاسى ،چۇڭچىڭ شەھەرلىك پارتىكومنىڭ سابىق شۇجىسى بوشىلەينى پارتىيىدىن قوغلاپ چىقىرىش ، بارلىق ھوقوقىدىن ئىلىپ تاشلاشنى قارار قىلدى . ئۇنىڭ پارىخۇرلۇق ، ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىش قاتارلىق بىر قانچە جىنايەتلىرى توغرىسىدا ئايرىم ئەدەلىيىلىك تەكشۈرۈش ئىلىپ بىرىلىدۇ .
2012- يىلى 4 - ئاينىڭ 10- كۈنى ، مەركىزى كومىتىت سىياسىي بىيرۇسى جىددى يىغىن چاقىرىپ ، سابىق چۇڭچىڭ شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ، چۇڭچىڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋىپسزلىك ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ لىجۈننىڭ ئامرىكىنىڭ چىڭدۇدا تۇرۇشلۇق كونسولخانىسىغا كىرىۋىلىش دىلوسى ۋە بوشىلەينىڭ ئايالى بوشى كەيلەينىڭ ئەنگىلىيە پۇقراسىنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش دىلوسىنى مۇزاكىرە قىلدى ، ھەمدە بوشىلەي بۇ ئىككى ئىشنى بىرتەرەپ قىلغاندا ئىغىر خاتالىق ئۆتكۈزگەن دەپ قاراپ ، مەركىزى ئىنتزام تەكشۈرۈش كومىتىتى بوشىلەينى خىزمەتتىن توختىتىپ تەكشۈرۈشنى باشلىدى . تەكشۈرۈش ئارقىلىق بوشىلەينىڭ دالىيەن شەھىرى ، لياۋنىڭ ئۆلكىسى ۋە چۇڭچىڭ شەھىرىدە ئاساسلىق رەھبەر بولۇپ تۇرىۋاتقان مەزگىلدە ئىنتزامغا ئىغىر ھالدا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى ، ۋاڭ لىجۈن دىلوسى ۋە ئايالى بوشى كەيلەينىڭ دىلوسىدا ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىپ ، جىنايەتچىلەرنى قانات ئاسىتىغا ئىلىپ ، باشىقىلارغا بىسىم ئىشلەتكەنلىكىنى ئىنىقلاپ چىقتى ،ھەمدە پارتىيە نىزامنامىسىگە ئاساسەن ، پارتىيە 17 -قۇرۇلتىينىڭ 6- ئومومىي يىغىندا بوشىلەينى پارتىيىدىن قوغلاپ چىقىرىشنى قارار قىلدى . بۇنىڭ بىلەن بوشىلەي يېقىنقى 20 يىلدىن بۇيان پارتىيىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان ئەڭ چوڭ ئەمەلدار بولۇپ قالدى .
پارتىيە مەركىزى كومىتىتى يەنە بوشلەينىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشى پارتىمىزنىڭ چىرىكلىك ، پارىخورلىققا قارىشى تۇرۇشتىكى قەتتىي ئىرادىسىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەردى دەپ كۆرسەتتى . ( مەن بۇ گەپنى ئاڭلاۋىتىپ ، كارتتىدە بىرنى كېكىرىپ قويدۇم ).
يولداش بوشىلەينى شۇنداق قىلىپ نەس باستى ، نەس باسقاندىمۇ قاتتىق باستى . يولداش بوشىلەي ، خەنزۇ ، شەنشى ئۆلكىسىدىن ، 1949 - يىلى 7 - ئايدا تۇغۇلغان ، جوڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ خەلىقئارا ئاخبارات كەسپدە ئوقۇغان ، 1980 - يىلى 31 يىشىدا پارتىيگە كىرگەن . بوشىلەي يىڭى جوڭگونىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان يولداش بويىبونىڭ ئوغلى . بويىبو ئىلگىرى مەركىزى كومىتىت ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ، مالىيە مىنىستىرى بولغان .2007 - يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن . بوشىلەي نۆۋەتتىكى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەسئىسى ، پارتىينىڭ 2 - قۇل رەھبىرى يولداش شى جىنپىڭنىڭ ساۋاقدىسى . چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىدا ئىيتىلىشىچە ، ئوقۇغۇچىلىق دەۋرىدە بوشىلەي ھەر جەھەتتىن شى جىنپىڭدىن ئۈستۈن تۇرىدىكەن . ئائىلە شارائىتى ياخشىكەن . كىيىن ئىككەيلەن تەڭ ھۇقۇق تۇتۇپ ، تەڭ ئۆسكەن ھەمدە شى جىنپىڭ بوشىلەيدىن ئىشىپ كەتكەن . بۇ توغرىسىدا ھەر خىل مىش مىش پاراڭلار بەك كۆپ ، لىكىن كىسىپ ئىتيىشقا بولىدۇكى ، بۇ ھەرگىزمۇ ئادەتتىكى بىر پارىخۇرلۇق مەسلىسىنى بىر تەرەپ قىلىش ئەمەس ، چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرى بىردەك ھالدا بۇ ھۇقۇق تالىشىش كۆرىشىنىڭ نەتىجىسى ، بو جەمەتى بۇ كۆرەشتە مەغلۇپ بولۇپ، پۈتۈنلەي تۈگەشتى دەپ قارىماقتا ،ھەتتا بۇنى ۋىنجياباۋ زۇڭلى بىلەن بوشىلەينىڭ سىياسىي كۆرىشىنىڭ نەتىجىسى دەيدىغان خەۋەرلەرمۇ تارقالدى .چۈنكى يىقىندا پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيى ئىچىلىدۇ ، 10 يىل ھوقۇق تۇتقان 1 - قول رەھبەر ئالمشىدۇ ، بۇ ھەرگىز ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەس ، مەركەز ھوقۇقنى خاتىرجەم ھالدا كىيىنكى بىر ئەۋالادقا يەتكۈزۈپ بىرىش ئۈچۈن ، ھەر قانداق بەدەل تۆلەشتىن يانمايدۇ . ئەلۋەتتە بىز جوڭگۇلۇق بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن چەتئەل جاھانگىرلىكىنىڭ بۇنداق مىش مىش گەپلىرگە قەتتىي ئىشەنمەي ، پارتىيە مەركىزى كومىتىتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكىنى ساقلىشىمىز زۈردۇر .
مەنبە :
http://news.xinhuanet.com/legal/2012-09/28/c_113248574.htm
ئۆزلەشتۈرۈپ تەرجىمە قىلغۇچى : ئەزىزانە قەشقەردىن يۈسۈپقارى