ساقىيار ھامىنى تەننىڭ ئاغرىقى،
ساقايماس مەڭگۈلۈك كۆڭۈل ئاغرىقى.
ياخشىلار دىلىغا بەرمىگىن ئازار،
ئارىنى ھاڭ قىلار دوستلار ئاغرىقى.
ئەر دېگەن ياشايدۇ شىردەك، يولۋاستەك،
بولمايدۇ ھەرگىزمۇ يۇملاق تاۋۇزدەك.
ئەل-يۇرتنى ھەممىدىن بىلىدۇ ئەلا،
ئەقىدە، ئىمانى بولمايدۇ پۈچەك.
نامەردلەر يولۇڭغا كولايدۇ ئورا،
ھىلىسى، نەيرىڭى ھەر تۈرلۈك ،تولا.
تۇرقىدىن تۆكۈلۈپ تۇرار شۇملۇقى،
يامانلىق چىلايدۇ ئەھلى-ئاۋامغا.
چايان چاپار ھەسەتخورنىڭ ئىچىدە،
ئامەت ساڭا باقسا قەلبى خۇن-زىدە.
قىينىلىدۇ خۇددى زەھەر يۇتقاندەك،
كۆڭلى ئايان ئېيتقان ھەر بىر سۆزىدە.
يىمىگىن ئەجرىڭىز بىر بۇردا نانمۇ،
پاك ياشا بۇ دۇنيا پەقەت قونالغۇ.
ھارامدىن يىراق قاچ ، ھالالدا ئامەت،
تەمەدە ياشىماق ئادەمگە ھارغۇ.
ئامىتىم كەلدى دەپ كىرىلىپ كەتمە،
ھەقنىڭكى يولىدىن تېيىلىپ كەتمە.
پۇشايمان ئىلكىدە ياشىماي دېسەڭ،
نەپسىڭدىن غالىپ كەل ، بىرىلىپ كەتمە.