لوندۇندىكى قەشقەر كوچىسى
ئوبراز ۋە مەۋجۇتلىقىمىزدىن سۆز ئاچقاندا،بۈگۈنكى قەشقەر بىلەن لوندۇننى بىردەك ئېسىدىن چىقىرىپ قويۇشقا باشلىغان سەلتەنەتلىك بىر تارىخنىڭ كىچىك بىر ئۇچىنى تاشلاپ ئۆتۈپ كىتەلمەيمىز.لوندۇندىكى تايمىس دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى پلامىستېد بۆلىكىگە جايلاشقان بىر كوچا بار.ئۇنىڭ ئىسمى قەشقەر كوچىسى.مەن مۇشۇنداق بىر كوچىنىڭ بارلىقىنى ئاڭلاپ،ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ كېلىشكە تىرىشتىم ۋە كۈنلەرنىڭ بىرىدە مەزكۇر كوچىنى كۆرۈش ئىستىكىم ئىشقا ئاشتى. كۆز ئالدىمدا 400 مېتىرچە ئۇزۇنلۇقتىكى بىر كوچا تىمتاس ھالەتتە سوزۇلۇپ ياتاتتى،ئايالىممۇ ماڭا ھەمرا ئىدى.ئىككىمىز كوچىنىڭ بىشىدا بىر ھازا تۇرۇپ كەتتۇق.بۇكوچا قاچان پەيدا بولغان،ئىسمىنى كىملەر قويغان،نىمە ئۈچۈن؟ دېگەندەك سوئاللار كاللامدا ھۆكۈمران ئىدى.غۇۋا تارىخ زۇۋانغا كىرىپ ئېنىقسىز بىر تەكەللۇم بىلەن شىۋىرلاشقاندەك بىلىندى.
كوچىغا ئىخلاس بىلەن قەدەم تەشرىپ قىلدۇق.كوچىنىڭ قاسنىقىدا قاتار-قاتار ئۆيلەر،ئۆيلەرنىڭ ھەممىسى ئىككى قەۋەتلىك ئىدى.ئاستا ماڭغىنىمىزچە كوچىنىڭ ئۇ بىشىغا باردۇق،ياندىكى ئۆيلەرنىڭ بىرىدىن بىرەر ئادەمنىڭ چىقىپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلدىمكى،ھېچكىم چىقمىدى.كوچىنىڭ بېشىدىكى ئۆيلەرنىڭ تېمىدا قەشقەر كوچىسى س.ئې\ دېگەن خەت بار ئىدى.بىز بۇ خەتنى ئارقا كۆرۈنىش قىلىپ سۈرەتكە چۈشتۇق.ئارىدا بىرەيلەن ئۇچرىدى،ئۇنىڭدىن سورىدىم:
- ياخشىمۇسىز،سىز مۇشۇ كوچىدا ئولتۇرامسىز؟
-شۇنداق.
سىزدىن بەزى نەرسىلەرنى سورىغۇم بار ئىدى.
- بولىدۇ،سوراڭ.
-بۇكوچىنىڭ ئىسمى نىمىشقا قەشقەر كوچىسى دەپ ئاتىلىپ قالغان؟
- بىلمەيدىكەنمەن،مەنمۇ بىنگالدىن كۆچۈپ كەلگەن كۆچمەن.
- بۇ كوچىدا قەيەرلىك كىشىلەر كۆپرەك ئولتۇراقلاشقان.
- بىلىشىمچە، شەرقى جەنوبى ئاسىيادىن كەلگەنلەر كۆپرەكقۇ دەيمەن.
- جۇڭگۇدىن كەلگەنلەر يوقمۇ؟
- تازا ئېنىق بىلمەيدىكەنمەن.
- رەھمەت سىزگە.
قارىغاندا،مۇشۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە قەشقەر كوچىسى ھەققىدە ئۇنىڭدىن ئارتۇق نەرسىلەرنى بىلمىسەم كېرەك.شۇنداق، ئۆزۈم ھەققىدە بىلمەيدىغان نەرسىلەر ناھايىتى نۇرغۇن.بىز ھەققىدىكى نۇرغۇن ئارخىپ ۋە قول يازما بېرىتانىيە،روسىيە ۋە ياۋرۇپانىڭ باشقا ئەللىرىدىكى ئارخىپ ئامبارلىرىدا، موزېيلاردا ياتىدۇ.تارىخ تارىخنى سۆزلىتىدۇ. بىلىشلەر ئاستا-ئاستا ئۆزىنىڭ قېپىنى يارىدۇ.
مەن قەشقەر كوچىسىنىڭ بۇتەرىپىگە ئۆتۈپ،كەينىمگە ئۆرۈلۈپ كوچىغا باشتىن-ئاياغ بىر قارىۋەتتىم.پەملىشىمچە،بۇ نام ئەنگىلىيە،روسىيە قاتارلىق چوڭ دۆلەتلەر قەشقەرىيەنى تالىشىدىغان چوڭ ئويۇن بىلەن مۇناسىۋەتلىكتەك تۇراتتى. ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىدا شۆكرەتلىك بولۇپ كەلگەن قەشقەر (كاشغەر)19-ئەسىرنىڭ كىيىنكى يىرىمىدىن باشلاپ بېرىتانىيە مەتبوئاتلىرىدا كۆرۈلۈشكە باشلىغانىكەن.بىر شەھەرنىڭ تەرجىمالىنى بەزىدە بىرەر پۇچۇق تەڭگىمۇ سۆزلەپ بىرەلىگەندەك، بىر دەۋرنىڭ بىرەر كوچىنىڭ نامىمۇ بايان قىلىپ بىرەلەيدۇ.گەپ كوچىلارنى تىلغا كىرگۈزەلەيدىغان تارىخچىلاردا. ئۆزبېك شائىرى مۇھەممەت يۈسۈپنىڭ‹‹كونا قۇدۇق››ناملىق داستانىدىكى مۇنۇ مىسرالار ئېسىمگە كېلىپ تۇرۇۋالدى:
قانداق گۈزەل ئىدىڭ بۇخارا،
ئاسمان ئۈپەر گۈمبەزلەر ئارا.
مەن زىيارەت قىلىپ ئاۋارە،
تاپالمىدىم بىر ساق مۇنارە.
شائىرلار قەلبىنىڭ زەمزى قوۋمى ئۈچۈن ئەرزىيەت چىكىشنى زىممىسىگە ئالغان نەبىلەرنىڭ روھىدىن ئېلىنغان بولسا،ئەلنىڭ جارچىسى بولماي قالارمۇ!؟
كۈنىمىزدە مۇساپىرەتكە ئۆزىنى بېغىشلىغان ھەربىر ئادەم بىر ئىزچى بولالىغاندىلا،تالايلىغان قەشقەر كوچىسىنى زۇۋانغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ.ناۋادا ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى ھايات سودىسىنىڭ قاينىمىدا يىتىپ كەتسە،ئۇلارنىڭ دېرىكىنى قىلىپ ئادەم ئىزدەش ئېلانى بېرىدىغانلار چىقماي قالىدۇ.
لوندۇندىكى قەشقەر كوچىسى ساناقسىز ئىزنىڭ بىرى.ئىزچىلار بىر كىشىلىك تىرىكچىلىك ئۈچۈن يىراقلارغا ئۇزاپ كېتىشتى.
...
ئۇستاز ئادۇقادىر جالالىدىننىڭ ‹‹مەۋجۇتلىق تەشنالىقى›› ناملىق ئەسىرىدىن ئۈزۇندە
2012-يىلى4-ئاي 1-نەشرى